ھەسەن مەخسۇمدىن ئابدۇقادىر ياپچانغىچە
ئىلاۋە : مەزكۇر ماقالە 2009- يىلى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ياپونىيەگە زىيارەتكە كىلىشى ئۈچۈن، خانىمغا كىپىللىك بەرگەن ياپونىيەلىك تەتقىقاتچى نائوكو مىزۇتانى خانىمنىڭ 2015- يىلى يازغان “تۈركىيە، سۈرىيە، ئاڧغانىستان رايونلىرىدىكى خىتايغا قارشى ئۇيغۇر غازىلىرى” ناملىق ماقالىسىگە ئاساسەن تەرجىمە قىلىندى.
—————————————–
ناھايىتى كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلار خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى كۆرەش قىلىپ، مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن، ئەلقائىدە تەشكىلاتىنىڭ سۈرىيەدىكى تارمىقى ” نۇسرەت ڧىرونتى”غا قاتنىشىپ، ھەربىي تەلىم قوبۇل قىلىپ، پارتىزانلىق ئۇرۇشى قىلماقتا. بۇ ماقالە مۇھاجىر ئۇيغۇر قۇراللىق تەشكىلاتلىرىنىڭ 1990- يىلىدىن بۇيانقى ئۆزگىرىشلىرى بىلەن تۈركىيەدىكى ئەمەلىي تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە بىرلەشتۈرۈپ، كەلگۈسى تەرەققىيات ئەھۋالىنى مۇنازىرە قىلىدۇ.
كىرىش سۆز:
يەرشارى گىزىتىنىڭ 2015- يىلى 1-ئاينىڭ 21- كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي ج خ مىنىستىرلىكى مۇئاۋىن مىنىستىرى مىڭ خۇڭۋىي ۋە مالايسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەھمەد زاھىد ھامىدىنىڭ تىلغا ئىلىشىچە:” 300دىن ئارتۇق خىتاي پۇقراسى مالايسىيەنى ئوتتۇرا بىكەت قىلىپ ئۈچىنجى دۆلەتكە بىرىپ، ئاندىن سۈرىيە ياكى ئىراقتىكى ئىسلام دۆلىتىگە( دائىش) قاتناشقان. مىڭ خۇڭۋىي ئىيىتقان ” خىتاي پۇقرالىرى” بولسا شەرقى تۈركىستانلىق ئۇيغۇرلار. ئۇيغۇرلار بولسا تۈركىي مىللەتلەرگە تەۋە، كۆپ قىسمى مۇسۇلمان، ئۇلار ياشاۋاتقان شەرقى تۈركستان 18- ئەسىرنىڭ ئايىغىدا چىڭ سۇلالىسى تەرىپىدىن بىسىۋىلىنغان. ئۇيغۇرلار تىل، مەدەنىيەت ۋە دىن جەھەتتىن خىتايدىكى ئاساسلىق مىللەت خەنلەر بىلەن زور پەرقلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي جەمىيىتىگە سىڭىپ كىرىشى مۈشكۈل بولۇپ، يىقىنقى يىللاردىن بۇيان ھۆكۈمەتكە قارشى ھەرىكەتلەر كۆپلەپ يۈز بەرگەن. ئۇندىن باشقا، يىقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا پاسپورت ئىشلەپ بىرىشى تەسلەشتۈرۈشلگەچ، ئۇيغۇرلار خەتەرگە قارىماستىن خىتاي بىلەن چىگرىداش شەرقى جەنۇبى ئاسىيا دۆلەتلىرى ئارقىلىق چىگرادىن يوشۇرۇن ئۆتۈپ، خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان مۇھىم تەھدىتكە ئايلانغان.
خىتايدىن قىچىپ چىققان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى ئەمەلىيەتتە ئىسلام دۆلىتىگە قاتنىشىشنى خالاپ ئەمەس، تۈركىيەدە ئولتۇراقلىشىپ قىلىشنى خالايدۇ. تۈركىي مىللەت بولغان ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن تىل ۋە دىن جەھەتتىن ئۇيغۇرلار تۈركلەرگە ئوخشاش. تۈركىيەلىكلەرمۇ شەرقى تۈركىستاننى تۈركلەرنىڭ بۆشۈكى دەپ قارايدۇ، شۇڭا ھىسداشلىق قىلىدۇ ۋە ئەمەلىي ھەرىكەت بىلەن چەتئەلگە قاچقان ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىدۇ. ئەنقەرەدىكى ھاجەتتەپە ئۇنىۋىرسىتى ئۇيغۇر پىراڧڧىسورى ئەركىن ئەكرەمنىڭ دىيىشىچە:” تۈركىيەدە تەخمىنەن 30 مىڭ ئۇيغۇر بار]. بۇ سانلىق مەلۇماتنى ئون يىل بۇرۇنقىغا سىلىشتۇرغاندا، سان جەھەتتىن بىراقلا 2 تۈمەن ئاشقان.
خىتاي ج خ مۇئاۋىن مىنىستىرى مىڭ خۇڭۋىي ئىيىتقان” 300 نەپەر ئۇيغۇر دائىشقا قاتناشتى” دىگەن سۆزمۇ ئەمەلىيەتتە ھەقىقىي سانلىق مەلۇمات ئەمەس. ئۇ يوشۇرۇن بىشارەت بىرىپ، ” دائىش كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنى مىللىي بۆلگۈنچى، تىرورىسىت قىلىپ تەربىيەلەۋاتىدۇ” دىگەن ئۇقۇمنى خەلقئارا جەمىيەتنىڭ ئەس- خاتىرىسىگە سىڭدۈرمەكچى. ئەمەلىيەتتە دائىشقا قاتناشقان ئۇيغۇرلار نىسبەتەن ئاز، كۆپ قىسىم ئۇيغۇر جەڭچىلەر سۈرىيەدىكى نۇسرەت ڧىرونتى ياكى ھۆر سۈرىيە ڧىرونتىغا قاتنىشىپ، دائىشقا قارشى سەپتە تۇردى. تۈركىيە ھۆكۈمىتىمۇ جەنۇبى چىگرادا دائىشقا قىتىلماقچى بولغان ئۇيغۇرلارنى تۇتۇپ قالدى ياكى نازارەت ئاستىغا ئالدى. بىراق، خىتاي دائىرىلىرى بۇ تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى تىلغا ئالمىدى.
مەن ئۇزاق يىل كۆزەتتىم، كۆپ قىتىم تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر مەھەللىلىرى ۋە ئۇيغۇر دىنىي ئۇستازلىرىنى زىيارەت قىلدىم. نۇسرەت ڧىرونتى ۋە دائىشقا قاتناشقان ئۇيغۇرلارنى، سىياسىي مۇستەقىللىقنى نىشان قىلغان شەرقى تركىستان ئىسلام پارتىيىسى، تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىدىكى ھەرخىل كۈچلەرنى تەكشۈردۈم، ئۇلارنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم.
1- دائىشقا قاتناشقان ئۇيغۇرلار
2015- يىلى 2- ئاينىڭ 26- كۈنى، مەن ڧەيىسبۇكتا ئۆزىنى ئاكتىپ دائىش ئاتىۋالغان بىر ئۇيغۇرنى بايقىدىم. ئۇ ئۇيغۇر تىلىدا شەخسىي پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئەمما يازما تىزلا ئۆچۈرىۋىتىلدى. ياردەمچىم ماڭا مەزمۇنىنى تەرجىمە قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھازىرقى تەرەققىيات ئەھۋالىنى خۇلاسىلەپ بەردى. يازمىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:
تۈركىستان ئىسلام پارتىيسى( ت ئ پ )نىڭ ھازىرقى ئورنى دائىش كونتىروللۇقىدىكى رايوندا ئەمەسكەن. ت ئ پ نىڭ شام تارمىقى (سۈرىيە تارمىقى) ۋە باشقا رايونلاردىكى تارمىقى تىزدىن ئىسلام دۆلىتىنى ئىتراپ قىلىشى كىرەككەن. مىللەتچىلىكككە قارىغاندا، ئىسلامىيەتنى مۇھىم بىلىپ، خەلىپە تۈزۈمىنى ھىمايە قىلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئىسلام دۆلىتىنىڭ جەڭچىلىرى بىلەن شەرقى تۈركىستاننى ئازات قىلىدىكەن.
ئۆزىنى دائىش ئۇيغۇر جەڭچىسى ئاتىۋالغان كىشىنىڭ يازمىسىدىن مەلۇمكى:
1- خىتايغا قارشى ئۇيغۇر قۇراللىق تەشكىلاتلىرى( ت ئ پ، شەرقى تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىدىن ئايرىلىپ چىققان تەشكىلات، كىيىن تونۇشتۇرۇلىدۇ) دائىش بىلەن قارمۇ- قارشى مۇناسىۋەتتە ئىكەن. 2- تۈركىستان ئسلام پارتىيىسىنىڭ پانتۈركىزىم ئىدىيىسى بىلەن دائىشلار كۆپتۈرىۋاتقان ئىسلام سۈننى مەزھىپى خىلاڧەت تۈزۈمى ئۆز-ئارا قارشى ئىككى خىل ئىدىيەكەن. 3- ئىسلام دىنىغا ئىتىقاد قىلىدىغان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار تۈركىيەدە تۆت خىل كۈچ ھاسىل قىلىپتۇ: تۈركىستان ئسلام پارتىيسىى، شەرقى تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى، تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىدىن ئۆزىنى چەتكە ئالىدىغانلار،( ئۇلارنىڭ سۈرىيەدە ھەربىي مەشىق ئىلپ بىرىشىنى قوللىمايدىغانلار) ۋە دائىشچىلار.
دائىشنىڭ ئەسلى گەۋدىسى بولسا ئاشقۇن ئىسلام تەشكىلاتى ئەلقائىدەنىڭ ئىراقتىكى تارمىقى. ئۇلار ئىلگىرى ئىراققا ساياھەتكە بارغان ياپونىيەلىك ياش —– نى تۇتقۇن قىلىپ ئۆلتۈرىۋەتكەن. ئۇلارنىڭ پاسىبانى زەرقاۋى 2006- يىلى ئامرىكىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىدا ۋاپات بولغان، ئاندىن باغدادىنى خەلىپە دەپ جاكارلىغان ۋەئىسمىنى ئىراق ئىسلام دۆلىتىگە ئۆزگەرتىپ، قايتىدىن جانلانغان. ئەسلىدە ئوتتۇرا شەرقتىكى بىر رايون خاراكتىرلىك تەشكىلات يىقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلار ۋە باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەن مۇسۇلمان ياشلارنى تىز سۈرئەتتە ئۆزىگە جەلىپ قىلغان. بۇنىڭ ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبى دائىش ئوتتۇرىغا قويغان ” خىلاڧەت تۈزۈمىنى تىرىلدۈرۈپ، ئىسلام سۈننىي مەزھىپىنى خەلقئارالاشتۇرۇش”. ئۇلار سۈننىي مەزھىپى باشقا مەزھەپلەرگە قارىغاندا ئەلا، مەۋجۇت دۆلەتلەر ۋە خەلقلەر ئارا چىگرالارنى بىكار قىلىپ، خەلىپە ھۆكۈمرانلىقىدىكى يىڭى دۇنيا بەرپا قىلىشنى تەكىتلەيدۇ. بۇ تۈزۈم سىلىشتۇرما قىلساق، يۈز يىل ئاۋال سوۋىت ئىتتىپاقى ئوتتۇرىغا قويغان كومونىزىم بايرىقى ئاستىدىكى باراۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق دىگەنلەرگە ئوخشايدۇ. ئەينى يىللىرى ياشلار سوۋىت ئىتتىپاقىغا كىرىشنى ئارزۇ قىلغىنىدەك، ھازىرقى مۇسۇلمان ياشلارمۇ ئارقا- ئارقىدىن دائىشقا قاتناشماقتا.
قانداق ئۇيغۇرلار دائىشقا قاتنىشىدۇ؟
يەرشارى ۋاقىت گىزىتى 2015- يىلى 5- ڧىۋرال خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا:” ئۆتكەن ئالتە ئاي ئىچىدە، ئاشقۇن تەشكىلات دائىش ئالدى- كەينى بولۇپ 120 نەپەر چەتئەللىك جەڭچىگە ئۆلۈم جازاسى بەرگەن. بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىراق ۋە سۈرىيەدىن قىچىپ كەتمەكچى بولغان جەڭچىلەر ئىكەن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا 3 نەپەر خىتايدىن قىچىپ چىققان ” شەرقى تۈركىستان ئۇنسۇرلىرى” بار. ئىراقنىڭ شىمالىدىكى كۇرد خەۋپسىزلىك ئەمەلدارىنىڭ ” يەرشارى ۋاقىت گىزىتى”گە ئاشكارىلىشىچە:” ئۈچ كىشىنىڭ ئارىسىدا بىرى ياش بالا تۈركىيەگە كىلىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا سۈرىيەدىكى دائىشقا قىتىلغان. ئەمما ئۇ ئەمەلىي ئەھۋالدىن قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەندىن كىيىن، تۈركىيەگە قايتىپ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇماقچى بولغان. ئويلىمىغان يەردىن ئۇنىڭ سەپداشلىرى يۇقىرىغا چىقىپ قويغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ قولغا ئىلىنىپ، ئۆلۈم جازاسى بىرىلگەن. باشقا ئىككى خىتاي گىراژدانى قۇراللىق كىشىلەر بولسا 2014- يىلى ئىراق چىگراسى ئىچىدە باشقا 6 دۆلەتتىن كەلگەن 11 نەپەر ئەزا بىلەن بىرگە كاللىسى ئىلىنغان، ئۇلارنىڭ جىنايىتى دۆلەتكە ئاسىيلىق بولغان.
تۈركىيەدە ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇر ئابدۇلئەزىزنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دائىشقا قاتناشقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئالاھىدىكىكى دەل ” يەرشارى ۋاقىت گىزىتى”دە ئىيتىلغاندەك نۇرغۇن ياشلار ھىچقانداق چۈشەنمەستىن، دائىشقا مۇنداقلا قاتنىشىپ قالغان. ئاندىن ئەمەلىي ئەھۋالدىن ھەم ئۈمىدسىزلەنگەن ھەم قىچىپ قۇتۇلالمىغان.
ئۇيغۇرلارنىڭ دائىشتىكى ئورنى قانداق؟
2015- يىلى 1- ئاينىڭ 26- كۈنى، ئامرىكا ھاۋا ھۇجۇمىنىڭ ياردىمىدە، كۇرد ھەربىي قىسىملىرى مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا دائىشلارنىڭ قولىدىن سۈرىيەنىڭ شىمالىنى قايتۇرىۋىلىپ، تۈركىيەدىكى ئاساسلىق ئولتۇراقلاشقان رايونى كىبانىغا يىقىنلاشتى. تۈركىيە ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار توپلاشقان مەھەللىلەردە، بۇ قىتىمقى ئۇرۇشتا دائىشقا قوماندانلىق قىلغىنى ئۇيغۇر ھەربىي ئەترىتى ئىكەن دىگەندەك سۆزلەر تارقىلپ يۈردى. دائىش ھەربىي قىسمىنىڭ قوماندانى نۇردۇن دىموررا، 40 ياشلار ئەتراپىدا، ئايالى ۋە ئۈچ بالىسى ئىستانبۇلدا تۇرىدۇ. ئۆسەك سۆزلەرگە ئاساسلانغاندا نۇردۇن كۇرد ئارمىيىسىنىڭ ھۇجۇمىدا ئەسىرگە چۈشكەن، بۇ خەۋەرنى نۇردۇننىڭ قول ئاستىدىكىلەر نۇردۇننىڭ ئايالىغا تىلىڧۇن قىلىپ ئۇقتۇرغان، قومانداننىڭ كىيىنكى تەقدىرى نامەلۇم.
ئابدۇلئەزىزنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دائىشتىكى ئۇيغۇرلار دائىم ئەمەلىي جەڭدىكى ئاۋانگارتلار بولۇپ كەلگەن. دائىشتىكى ئۇيغۇرلار سۈرىيە ئىچكى ئۇرۇشىدىكى باشقا ئۇيغۇرلاربىلەن ئۆ- ئارا قىرغىن قىلىشقان، ئۇلار تۈركىيە چىگرىسىغا يىقىن سۈرىيە شىمالىدىكى ھۆر سۈرىيە، نۇسرەت ڧىرونتى گازارمىلرىىدىكى ئۇيغۇرلارغا ھۇجۇم قىلغان.
تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى( شەرقى تۈركىستان ئىسلام پارتىيسى) دىگەن نېمە؟
دائشىتىكى ئۇيغۇر ياشلارغا پەرقلىق ھالدا، ھۆر سۈرىيە ۋە نۇسرەت ڧىرونتىدا ھەربىي مەشىق قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى، شەرقى تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى ئارقىلىق، پىلانلىق، تەشكىللىك ھالدا سۈرىيەگە يوللانغان. ئۇلارنىڭ كۆلىمى دائىشقا قاتناشقانلاردىن كۆپرەك بولسا كىرەك.
تۈركىستان ئىسلام پارتىيسىنىڭ نېمىلىكىنى بىلىشتىن ئاۋال، ئۇنىڭ كىلىپ چىقىشى بولغان شەرقى تۈركسىتان ئىسلام پارتىيىسىنىڭ تارىخىنى تونۇشتۇرۇشقا توغرا كىلىدۇ.
شەرقى تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى بولسا بارىن ئىنقىلابىنىڭ باش پىلانلىغۇچىسى زەينىدىن يۈسۈپ 1989- يىلى 11- ئايدا تەشكىللىگەن تەشكىلاتنىڭ ئىسمى. بارىن ئىنقىلابى بولسا 1990- يىلى 4- ئايدا شەرقى تۈركىستاندىكى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونۇم ئوبلاستى ئاقتۇ ناھىيىسى بارىن يىزىسىدا يۈز بەرگەن چوڭ تىپتىكى قۇراللىق قوزغىلاڭ. بۇ قوزغىلاڭنى باستۇرۇش ئۈچۈن، خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى، قۇراللىق قىسىم، بىڭتۈەن خەلق ئەسكەرلىرى كوللىكتىپ ھەمكارلاشقان، ھۆكۈمەت ۋە قوزغىلاڭچىلار ھەر ئىككى تەرەپتىن ئېغىر چىقىم بولغان. زەينىدىن يۈسۈپ( 26 ياش) قوزغىلاڭدا ئىتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.
بۇ ۋەقە خىتاي كىيىن شەرقى تۈركىستاننى قاتتىق كونتىرول قىلىشى ۋە چەتئەلدىكى مۇھاجىر ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا كۆپ تەرەپلىمە تەسىر پەيدا قىلغان. مەسىلەن، بارىن ئىنقىلابى يۈز بەرگەندىن كىيىن، 1992- يىلى چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار تۈركىيەدە شەرقى تۈركىستان مىللىي ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى ئۆتكۈزۈپ، كىيىنكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئاساس سالغان.
1990- يىلى، سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى تۈركىي مىللەتلەر بىر- بىرلەپ مۇستەقىل بولۇپ، ھەرخىل مىللىي دۆلەتلەرنى شەكىللەندۈردى. ئۇيغۇرلارمۇ مۇستەقىللىقكە ئىنتىلىپ، بارىن ئىنقىلابىنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، خىتايغا ھاكىمىيىتىگە قارشى نۇرغۇنلىغان قوزغىلاڭلارنى كۆتۈردى. ئەمما ئۇلارنىڭ ھەممىسى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قانلىق باستۇرۇلدى. 1997- يىلى 2- ئايدىكى غۇلجا قىرغىنچىلىقىدا قۇربان بولغانلارنىڭ سانى بارىن ئىنقىلابىدا قۇربان بولغانلارنىڭكىدىن كۆپ بولدى.
1997- يىلى ئاخىرىدا، زەينىدىن يۈسۈپنىڭ بۇرادىرى ھەسەن مەخسۇم، ئابدۇقادىر ياپچان، ئىسمايىل قاتارلىق ئۈچ كىشى چىگرادىن ئوغۇرلۇقچە ئۆتۈپ ئاڧغانىستاننىڭ كابۇلدا تالىبانلارنىڭ داموللىسى مۇھەممەد ئۆمەردىن ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىشىنى ئۆتۈندى. ئۇلار بىلەن ئاڧغانىستان تالىبانلىرىنىڭ كىلىشىمىگە ئاساسەن، تالىبانلار ئۇيغۇرلارغا ياتاق، تاماق، تىرىلغۇ يەر ۋە ھەربىي تەلىم-تەربىيە قاتارلىقلارنى تەمىنلەيدىغان بولدى. پاكىستاندا دىنىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ۋە قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر سودىگەرلەر جەمئىي بولۇپ 120 كىشى ئاۋال پاكىستاندا يىغىلدى. ئاندىن ئۇلار ئاڧغانىستاندىكى ھەربىي مەشىق بازىسىغا بىرىپ، مەشىقلەندۈرۈلدى. ئۇلار ئۈچى زەينىدىن يۈسۈپنى خاتىرەلەش ئۈچۈن، يىڭىدىن قۇرۇلغان تەشكىلاتنى يەنىلا ” شەرقى تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى” دەپ ئاتىدى.
ھەسەن مەخسۇم قاتارلىق كىشىلەر سىياسىي سەۋەبتىن شەرقى تۈركىستاندىن قىچىپ چىققان بولماستىن،ئاڧغانىستان ۋە پاكىستاندا ھەربىي تەلىم ئىلىشنى ھىجرەت دەپ تونىغانلىقى ئۈچۈن چىققان ئىدى. توپلانغان ئۇيغۇرلارمۇ ئۆزلىرىنى مۇجاھىد دەپ ئاتايتى. ھىجرەت بولسا ئىسلام دىنىنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلار مەككىدە زۇلۇمغا ئۇچرىغاندىن كىيىن، مەككىدىن مەدىنىگە كۆچۈپ بىرىش ئۇزۇن سەپىرى ئىدى.
مۇھاجىر مۇجاھىدلىق ئەنئەنىسى 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدىمۇ يۈز بەرگەن. 1933- يىلى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا قەشقەر ۋە خوتەندە شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇپ، يىرىم يىل ئۆتمەي مەغلۇپ بولدى. مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا قاتارلىق كىشىلەر كەشمىر ۋە ئاڧغانىستان چىگرا رايونلىرىغا قىچىپ چىققان. ئۇلار ئىلگىرى —- تاغلىق رايونلىرىنى ھەربىي مەشىق گازارمىسى قىلغان.
ھەسەن مەخسۇم قاتارلىق كىشىلەر ئاڧغانىستان تالىبانلىرى ھەربىي بازىلىرىدا تۇرۇش جەريانىدا، ئۇسامە بىن لادىن باشچىلىقىدىكى ئەلقائىدە تەشكىلاتى ۋە مىسىر جىھادىي تەشكىلاتلىرىدىكى ئەرەبلەر بىلەن تونۇشۇپ، ئوتتۇرا شەرق مۇجاھىدلىرى بىلەن ئۇچراشقان. 2001- يىلىدىكى 11- سىنتەبىر ۋەقەسى يۈز بىرىپ، ئامرىكا كابۇلغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغاشتىن بۇرۇن، نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلار ئاڧغانىستاندا ھەربىي تەربىيە ئالغان.
ئامرىكا تىرورلۇققا قارشى ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىغاندىن كىيىن، ئاڧغانىستاندىكى تالىبان ھۆكۈمىتىنى قاتتىق بومباردىمان قىلغان. ئۇيغۇرلار ئاڧغانىستاندىن پاكىستاندىكى ۋەزىرىستانغا كۆچۈپ پاناھلىنىپ، قايتىدىن تەشكىللىنىش مەزگىلىدە،2003- يىلى 10- ئايدا ھەسەن مەخسۇم پاكىستان ئارمىيىسىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىدا قازا تاپقان. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئىسمايىل ئۆزبىكىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ، مەجبۇرى ھالدا خىتايغا قايتۇرىۋىتىلىپ، 2005- يىلى 11- ئايدا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان. ئاڧغانىستان تالىبان ھۆكۈمىتى بىلەن ئەڭ دەسلەپ كىلىشىم تۈزگەن ئۈچ كىشىدىن پەقەت ئابدۇقادىر ياپچانلا ساق قالغان.
ھەسەن مەخسۇم بىلەن ئابدۇقادىر ياپچان ھەر ئىككىسى قەشقەر يىڭىساردىن. ياپچان 1958- يىلى تۇغۇلغان، ھەسەن مەخسۇم ئۇنىڭدىن 4 ياش كىچىك. ئىكىكسى بىرلىكتە ئىسلام مەدرىسىدە ئوقۇپ، 1990- يىلىدىن 1996- يىلىغىچە تۈرمىدە تەڭ ياتقان. ئۇلار تەشكىلاتنى قانداق باشقۇرۇش مەسىلىسىدە ئىختىلاپلاشقان بولۇپ، ئاخىرىدا ياپچان ئايرىلىپ كىتىپ، سەئۇدى ئەرەبىستان، سۈرىيە، مىسىرلارنى چۆگىلەپ تۈركىيەگە كەلگەن. ھازىر بولسا ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر ياشلارغا قۇرئان ئۆگىتىدۇ.
3: 1990- يىلىدىكى چەتئەل قۇراللىق كۈچلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى: شەرقى تۈركىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى ۋە شەرقى تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى
1997- يىلىدىكى غۇلجا قىرغىنچىلىقىدىن 2001- يىلى 11- سىنتەبىر ۋەقەسى تىرورلۇققا قارشى ئۇرۇشى مەزگىلىگىچە، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا ئۇيغۇلارنىڭ ئاساسلىق ئىككى قۇراللىق تەشكىلاتى مەۋجۇت ئىدى. بىرى ھەسەن مەخسۇم باشچىلىقىدىكى شەرقى تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى، يەنە بىرى بولسا مەمتىمىن ھەزرەت قۇرغان شەرقى تۈركىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى. مەمتىمىن ھەزرەت خوتەن قاراقاشتا تۇغۇلغان بولۇپ، ئازاتلىق تەشكىلاتىغا ئەمەلىي قوماندانلىق قىلىدىغان كىشىنىڭ ئىسمى ئابلىمىت تۇرسۇن. ئازاتلىق تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇش سەۋەبى غۇلجا قىرغىنچىلىقى بولۇپ، ئۇلار ئىلگىرى قازاقىستان تاغلىق رايونلىرى ۋە كەشمىردە ھەربىي بازىلارنى قۇرغان.
بۇ ھەر ئىككى تەشكىلات خىتاي ھاكىمىيىتىگە قۇراللىق قارشى تۇرۇشنى تەكىتلەيدۇ. 1990- يىلىنىڭ ئايىغىدا، ئازاتلىق تەشكىلاتى بىر ئاز ئەۋزەللىككە ئىگە بولۇپ، ئاۋامنىڭ قوللىشىغا بەكرەك ئىرىشكەن. دەسلەپتە ئىككى تەشكىلات ئۆز- ئارا ھەمكارلاشقان، ئەمما كىيىن جىھادقا قارىتا كۆز قارىشى ئوخشىمىغاچ، ئىختىلاپ كۆرۈلگەن. مەمتىمىن ھەزرەتنىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى ئەسلى خىزمىتى سەھنە ئەسىرى مۇھەررىرى بولۇپ، زىيالىي ھىسابلىنىدۇ. ئۇ روسچە، خىتايچە بىلىدۇ، ئىلمىي پىكىر قىلىدۇ، دىن بىلەن ھاكىمىيەت ئايرىلغان دىموكراتىك دۆلەت قۇرۇشنى خالايدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى جەڭ قىلىپ ئۆلگەن كىشى جىھاد قىلىپ شىھىت بولغان كىشى ھىسابلانمايدۇ. ئەمما ئىسلام پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى ھەسەن مەخسۇم ئىسلام شەرىئەت دۆلىتى قۇرۇشتا چىڭ تۇرىدۇ، شۇ سەۋەبتىن ئىككى تەشكىلات ئوتتۇرىسىدا قارمۇ- قارشىلىق شەكىللەنگەن. 2007- يىلى، مەن ئىستانبۇلدا مەمتىمىن ھەزرەتنى زىيارەت قىلغاندا، ئۇ:” ئادەمنى مۇسۇلمان ۋە كاپىر دەپ ئايرىش، ئاندىن دىن نامىدا يات دىندىكىلەرگە ئۇرۇش ئىچىش دۇرۇس ئەمەس” دىدى. نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بۇ ئىككى تەشكىلاتنىڭ داۋاملىق ھەمكارلىشىشغا كۈچىگەن بولسىمۇ، ئۇتۇقلۇق بولمىغان. ياپچاننىڭ قارىشىچە: مەيلى دىموكراتىك دۆلەت قۇرسۇن، مەيلى ئىسلام دۆلىتى قۇرسۇن بۇ مەسىلىنىڭ تۈپ نىگىزى ئەمەس. مۇھىمى بۇ دۆلەتنى چوقۇم ئۆزىمىز قۇرغان بولىشى كىرەك. بۇ دۆلەت دىموكراتىك بولسىمۇ بولىدۇ، ئىسلامىي بولسىمۇ بولىدۇ، ھەتتا كومىنىستىك دۆلەت بولسىمۇ مەيلى. ئەمما بۇ دۆلەتتە چوقۇم ئۇيغۇرلار ئاساسىي ھوقۇقنى قولغا ئالغان بولىشى كىرەك. بايراقنىڭ شەكلى قانداق بولىشىمۇ مۇھىم ئەمەس.
بۇ ئىككى تەشكىلاتنىڭ پائالىيەت چىقىمىنى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر سودىگەرلىرى تەمىنلىگەن. بىراق ئۇ سودىگەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئىختىيار قىلىپ ئىئانە قىلغان بولماستىن، بەلكى تەھدىت سېلىنغاندىن كىيىن، ئامالسىز پۇل چىقىپ قوللاشقا مەجبۇر بولغان، بۇ نۇرغۇنلىغان قارشىلىقنى قوزغىغان. ئازاتلىق تەشكىلاتى 1998- يىلى قۇرا ئەتكەسچىلىكى قىلىپ شەرقى تۈركىستانغا قايتىشتا، قازاقىستان قورغاس چىگرىسىدا بايقاپ قىلىنغان. مال توشۇشقا مەسئۇل جىنايەت گۇماندارى شۇئان تۈرمىگە سولانغان، كىيىن تەشكىلات بارا- بارا پارچىلىنىپ يوقاپ كەتكەن. بۇ ئىككى تەشكىلات قاقتى- سوقتى قىلغان پۇللارنىڭ كۆپ قىسمى قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەك بازىرىدىن كەلگەن. بۇ بازار 2000- يىلىدىكى زور ئوت ئاپىتىدە پۈتۈنلەي ۋەيران بولغان. پۇل مەنبەسىدىن ئۈزۈلۈشمۇ تەشكىلاتنىڭ ئاجىزلىشىشىنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى.
خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر قۇراللىق كۈچلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىگە ئىزچىل تۈردە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلگەن. 2001- يىلى، خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن ” شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرغان بولۇپ، مەقسىتى دەل ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا ھەربىي تەلىم ئىلىشىنى چەكلەش، شەرقى تۈركىستانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئارقىلىق ياۋروپاغا قىچىپ بىرىش يولىنى ئۈزىۋىتىش ھەمدە چىگرادىن يوشۇرۇن ئۆتكۈچىلەر بايقىلىپلا قالسا دەرھال خىتايغا قايتۇرۇش ئىدى. شۇنىڭدىن كىيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئارقىلىق چەتئەلگە قىچىش يولى ئۈزۈلۈپ، شەرقى جەنۇبى ئاسىيا ئارقىلىق قىچىش باشلاندى.
2003- يىلى ھەسەن مەخسۇم ۋاپات بولغاندىن كىيىن، شەرقى تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىنى 1990- يىلى ھەسەن مەخسۇم بىلەن ھەمكارلاشقان بىر ھەربىي ئابدۇلھەق ئۆتكۈزۈۋالدى. ئۇ پاكىستاننىڭ ۋەزىرىستاندا تەخمىنەن يۈز نەپەر ئۇيغۇر جەڭچىنى يىتەكلەپ يۈردى. 2001- يىلى ئامرىكا تىرورغا قارشى ئۇرۇش باشلىغاندىن كىيىن، نۇرغۇن كىشىلەر ئوتتۇرا ئاسىيادىن مەجبۇرى ئايرىلدى. ئەسلى خىتاي بىلەن كۆرەش قىلماقچى بولغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىمۇ بۇ رايوندىن ئايرىلىپ، تۈركىيەگە يۆتكىلىشكە باشلىدى.
2002- يىلى، ئىسلام پارتىيىسى ئىچىدە ئىسىم ئۆزگەرتىش چاقىرىقلىرى پەيدا بولۇپ، تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى دىگەن ئىسىمغا ئۆزگەرتىشنى مۇھاكىمە قىلىشتى. تۈركىيەنىڭ پانتۈركىست مىللەتچى سىياسىيونلىرى ياۋرو- ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى تۈركىي دۆلەتلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، ئوسمانىيلار ئىمپىرىيەسىنىڭ ئۆتمۈش شەۋكىتىنى قايتىدىن تىرىلدۈرمەكچى ئىكەنلىكىنى كەڭ تەشۋىق قىلغاندىن كىيىن، بۇ خىل پانتۈركىست ئىدىيە ئۇيغۇر مۇستەقىللىق ھەرىكىتىگە تەسىر قىلىپ، ئۇلارنىڭ تۈركىيەگە كۆچۈشىنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى ئىدى. ياۋروپا تارىخچىلىرى چارروسىيە تىرىتورىيەسىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيانى غەربى ئاسىيا، چىڭ سۇلالىسى تىرىتورىيەسىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيانى بولسا شەرقى تۈركىستان دەپ ئاتىغان. ئەمما دەسلەپتە تۈركىيە خەلقىگە “شەرقى تۈركىستان” دىگەن ئىسىم ناتونۇش بولغاچ، ئۇلار ئاسانلا بۇ ئىسىمنى شەرقى تۈركىيە، تۈركىيەنىڭ شەرقىدىكى كۇردلار ئولتۇراقلاشقان رايونلار دەپ چۈشىنىۋالاتتى. ھەتتا بەزىلەر شەرقى تۈركىستان ھەرىكىتىنى كۇرد مۇستەقىللىق ھەرىكىتى بولسا كىرەك دەپ چۈشىنىۋىلىپ، ئۇقۇشماسلىق كىلىپ چىققان. شۇڭا، كىيىن ئۇلار تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى دىگەن ئىسىمغا ئۆزگەرتكەن.
تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنىڭ يۇقىرى- تۆۋەن ئىنتىزامى بوشراق، تەشكلات قۇرۇلمىسى مۇكەممەل ئەمەس بولۇپ، پەقەتلا بىر ئورتاق تەۋەلىك چەمبىرىكى شەكىللەندۈرگەن. ئىسلام پارتىيىسىنىڭ سۈرىيەدە شام بىرگادىسى بار، ئاڧغانىستاندىمۇ بىر بىرگادىسى بار. بىراق تۈركىيەدە بىرگادا تەسىس قىلمىغاچ، تۈركىيەگە بۇ تەشكىلاتنى ئىتراپ قىلىش- قىلماسلىقتەك ئاۋارىچىلىقنى تۇغدۇرمىغان.
2008- يىلى ئوتتۇرا ئاسىيادا تۇرۇپ قالغان ت ئ پ ئەزاسى سەيڧۇللاھ توردا بىيجىڭ ئولىمپىك پائالىيىتىدە بۇزغۇنچىلىق پەيدا قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. 2012- يىلى، بۇ كىشى پاكىستاندا ئامرىكىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى تەرىپىدىن پارتىلىتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. شۇندىن باشلاپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ت ئ پ كۆلىمىمۇ كىچىكلەپ كەتكەن. لىكىن يىقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان خىتايدىن قىچىپ چىققانلارنىڭ كۆپىيىشى بىلەن، بۇ رايوندىكى ت ئ پ ئەزالىرى يەنە قايتىدىن جانلانغان ھادىسە كۆرۈلگەن.
4: تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى ۋە سۈرىيە نۇسرەت ڧىرونتى
شەرقى تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى ۋە تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى ھەر ئىككىسىنىڭ سۈرىيەدە ھەربىي ھەرىكەت ۋە مەشىق ئىلىپ بارغان ئەزالىرى بار. ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى تۈركىيە ئارقىلىق سۈرىيەگە كىرىشنى پىلانلىغان. بىراق ئۇلارنىڭ پائالىيەت ئۇسۇلى ئىككىگە بۆلۈنىدۇ: بىرى سۈرىيەگە بىرىپ ھەربى تەلىم ئىلىپلا قايتىپ كىتىش. يەنە بىرى بىۋاستە جەڭگە قاتنىشىپ، ئۆكتىچىلەر بىلەن بىرگە سۈرىيە ئەسەد ھۆكۈمىتىگە قارشى كۆرەش قىلىش.
ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ مەھەللىسىدە مەن ئون نەچچە ئۇيغۇرنى زىيارەت قىلدىم. ئۇلارنىڭ ھەممىسى جەڭگە قاتنىشىپ باققان ياكى نۇسرەت ڧىرونتى ۋە ھۆر سۈرىيە ئارمىيىسىگگ قاتنىشىپ ھەربىي تەلىم ئالماقچى بولغانلار. ئۇلارنىڭ ئوي خاتىرىسى مۇنداق:
” قايسى ھەربىي بازىغا بىرىپ، قايسى تەشكىلاتقا قاتنىشىشقا كىتىدىغان چىقىم ۋە شارائىت پەرقلىق. 2014- يىلى يازدا، ئاۋال ۋاستىچىغا بەش ئايلىق ھەربىي مەشىق ئۈچۈن 500 دوللار پۇل تاپشۇرسا، ئۇلارنى تولۇق جابدۇب مەشىقلەندۈرگىلى ئىلىپ بارىدىكەن.
ئۇلار تۈركىيەنىڭ ھاتاي رايونىدىن، تۈركىيە تىلىڧۇن سىگنالى تارتالىغۇدەك جايلاردىن ئۆتۈپ، ھەر ئىككى تەرەپ تۈركىيە تىلىڧۇنلىرى ئارقىلىق ئالاقىلىشىپ، ئاندىن چىگرادىن ئۆتىدىكەن. چىگرا سىرتىدا ئۇلارنى كۈتىۋالىدىغانلار يىتەكلەپ، چىگرادىن مەخپى ئۆتۈپ سۈرىيەگە بارىدىكەن. ھەربىي گازارمىدا سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە قاتاردىن كەلتۈرۈلگەن يىمەكلىك ۋە كۈندىلىك بويۇملارنى، ئەرەبچە خەت يىزلغان كورۇپكىلار بولۇپ، ھەربىي بازىنىڭ بۇ دۆلەتلەر بىلەن مۇناسىۋىت بارلىقى كۆرۈنەرلىك. ئۇلار 15~20 ئادەم بىر كىچىك ئەترەت بولۇپ ھەربىي مەشىق قىلىدىكەن. ھەر سەھەر بەش بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، بىر سائەت ئۇزاققا يۈگۈرەش مەشقى قىلغاندىن كىيىن، نامازغا تۇرىدىكەن. ھەر ھەپتىدە بىر – ئىككى كۈن يەنە دالىدا جان ساقلاش ماھارەتلىرى ئۆگۈتۈلىدىكەن. گاھى يىرىم كىچىدە جىددىي يىغىلىپ، جىددىي ھەرىكەت قىلىپ ھەربىي مەشىق قىلىدىكەن. ھەربىي مانىۋىر قىلغاندا كۆچمە تىلىڧۇن ئىشلىتىش چەكلىنىدىكەن. ئۇلار ئادەتتە روسىيە ياسىغان 47AK قۇرالنى ئىشلەتكەندىن باشقا يەنە M16، M4 قاتارلىق ئامرىكا، مىسىر ۋە خىتاي ئىشلەپ چىقارغان قۇراللارنىمۇ كۆرۈپ بىقىپتۇ. ھەر كۈنى تەخمىنەن تۆت سائەت قۇرال ئىشلىتىش، چۇۋۇش، ئاسراش، قارىغا ئىتىشلارنى مەشىق قىلىدىكەن. ھەربىر ۋاق تاماقنى ئۆزى تەييارلايدىكەن. مەشىق جاپالىق بولغاچ، ھەر كۈنى كەچ بالدۇرلا ئۇخلايدىكەن. مەشىق كوماندىرى ئۇيغۇر بولۇپ، ئەرەب ئۇستازدىن بىرى قۇرئان ئۆگىتىدىكەن.
” سۈرىيەدە ئەرەبلەر بىلەن پاراڭلاشقاندا، سۈرىيەلىك ئاز سانلىق مىللەت تۈركمەنلەر تەرجىمە قىلىپ بىرەتتى. تۈركمەنلەرنىڭ ئانا تىلىمۇ تۈركى تىلى، ئەرەبچىگىمۇ ئۇستا، شۇڭا تىل ئالاقىسى ئاساسىي جەھەتتىن مەسىلە ئەمەس.
” نۇسرەت ۋە ھۆر سۈرىيەنىڭ مەشىق بازىلىرىدا يەنە باشقا دۆلەتتىن كەلگەن پىدائىي جەڭچىلەر بار. مەشىق ئەترىتى ئاساسەن دۆلەت تەۋەلىكى، تىل تۈركۈمى بويىچە ئەترەتلەرگە بۆلۈنىدۇ. ئۇيغۇرلار باشقا دۆلەتلەردىكىلەر بىلەن ئارىلاشتۇرۇلمايدۇ.مەشىق ئەسلىھەلىرى ۋە تۇرالغۇلىرىمۇ ئايرىلغان بولۇپ، ھەرقايسى ئەترەتتىكىلەر قالايمىقان چۆگىلەپ يۈرۈشكە، باشقا ئەترەتتىكىلەر بىلەن توقۇنۇشۇپ قىلىشقا قەتئىي بولمايدۇ.
ئۇلارنىڭ نېمىشقا خىتايدىن قىچىپ چىقىپ، ھەربىي مەشىققە قاتنىشىشىنىڭ سەۋەبلىرى نۇرغۇن. بىر ئۇيغۇر ياشلارنىڭ دەپ بىرىشىچە، بىرىنىڭ قىز دوستى ئۈرۈمچىدىكى 5- ئىيۇل ۋەقەسىدە ئىز- دىرەكسىز يوقاپ كەتكەن. بىرىنىڭ ئىتىزلىقىنى كۆچمەن خىتايلار تارتىۋىلىپ، تىرىكچىلىك قىلالمىغان. بىرى ساقال قويغانغا، شەخسىي مەدرىس ئاچقانغا ھۆكۈمەت تەرىپىدىن “ئۈچ خىل كۈچ” دەپ تۇتۇپ كەتكەن. بەزىسى سىياسىي جىنايەتچى تۇغقىنىغا پاناھلىق بەرگىنى ئۈچۈن خىتايلار سولاپ قويغان. ئۇلار سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق بىسىمى ۋە بوزەك قىلىشىغا ئۇچرىغانلىقتىن، ھىجرەت قىلىپ ئەسكەر بولۇپ، كەلگۈسىدە ۋەتىنىدە كۆرەش قىلماقچى بولغان. ئۇلارنىڭ دىيىشىچە، كىچىك دۆلەتكە ياكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا تايىنىپ شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىنى ھەل قىلىش مۇمكىن ئەمەس. ھەربىي مەشىق قىلىشنىڭ مەقسىتى دەل ئۇلارنىڭ ئەمەلىي جەڭ ماھارىتىنى يىتلدۈرۈپ، ۋەتىنى ئازات قىلىش يولىدا قۇربان بولۇش.
مەن بۇ ياشلاردىن خىتاينىڭ سۈرىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى ئاشقۇنلار، تىرورچىلار دەيدىغانلىقىغا قانداق قارايدىغانلىقىنى سورۇدۇم. ئۇلار:” خىتاينىڭ بىزنى تىرورچى دەپ ئاتىشىنىڭ ئىككىلا خىل ئىھتىماللىقى بار: ئۇلار بىزنىڭ قاتتىق زۇلۇم تارتىۋاتقانلىقىمىز بىلەن كارى يوق. يەنە بىر خىل ئىھتىماللىق بولسا دەل ئۇلار بىزگە زۇلۇم قىلىۋاتقانلار. بىز قارشى تۇردۇق، ئەمما بىز تىرورچى ئەمەس، دىنىي ئەسەبىي ئۇنسۇرمۇ ئەمەس. بىز سىزدەك يالاڭباش، پادىچى ئىشتان، يات دىندىكى ئايال كىشى بىلەنمۇ پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپتىمىز. قانداقسىگە ئەسەبىي تىرورچى بولۇپ قالىمىز” دىيىشتى.
ئەمما مىسىر قىرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەھبىرى سەيىد قۇتۇپ يازغان ” ئىسلام ئۈممىتىنىڭ نىشانى” دىگەن كىتابتا مۇسۇلمانلارنى ئورنىدىن قوزغىلىپ، جىھاد ئۈچۈن شىھىت بولۇشتىن يانماسلىقنى تەرغىپ قىلىدۇ. نۇرغۇن ئۇيغۇر ياشلىرى بۇ كىتابنى ئوقۇغان، ئاندىن چەتئەلدىكى ئىسلامىي تەشكىلاتلار بىلەن ئالاقىلاشقان ۋە خىتايدىن چىقىپ كەتمەكچى بولغان. بۇ كىتابنى شەرقى تۈركىستان مائارىپ، ھەمكارلىق جەمىيىتى قارمىقىدىكى سۇتۇق بۇغراخان ڧوندى تەرجىمە قىلىپ، نەشىر قىلغان. شەرقى تۈركىستاندىمۇ مەخپى ھالدا تارقىلپ يۈرگەن.
ت ئ پ ئىلگىرى مىسىر جىھادىي تەشكىلات مۇتەپەككۇرى ئابدۇقادىر بىن ئابدۇلئەزىزنىڭ ئەرەبچە ئەسىرى ” ئىسلامغا ئۇيغۇن جىھاد” دىگەن كىتابنى تەرجىمە قىلغان. كىتابنىڭ خەلقئارا ئۆلچەملىك كىتاب نۇمۇرى يوق. بۇ كىتابنىڭ ئۇيغۇرچىسى 2011- يىلى ” ئىسلام ئاۋازى تەشۋىقات مەركىزى” نامىدا نەشىر قىلىنغان بولۇپ، زوراۋان بۇزغۇنچىلىق ئارقىلىق جىھاد قىلىشنى تەرغىپ قىلغان. كىتاب ئۆز چىقىمىغا نەشىر قىلىنغانلىقىغا قارىماستىن مۇقاۋىسى توم ۋە ئىسىل بولۇپ، نەشىر ھەققى بەك قىممەت بولسا كىرەك. بۇ كىتابنىڭ تەرجىمانى ئەمەلىيەتتە دەل شەر قى تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى، ھەسەن مەخسۇم ۋاپاتىدىن كىيىنكى ئۈچىنجى ئەۋلاد داھىي، ئىلگىرى ۋەزىرىستاندا پاناھلانغان ئابدۇلھەق. كىتابنىڭ مىسىرلىق ئەسلى يازغۇچىسى بىلەن ت ئ پ نىڭ رەھبىرى ھەر ئىككىسى ئىلگىرى ئاڧغانىستان ئەتراپىدا پائالىيەت قىلغان، ئۇلار تونۇش بولۇش ئىھتىماللىقى يۇقىرى. ئېنىقكى، بۇ كىتابنى تەرجىمە قىلىشنىڭ مەقسىتى دەل خىتايغا قارشى كۆرەشنىڭ ئىدىيىۋى ئاساسىنى كۈچەيتىش، ئاندىن ئۇيغۇر ياشلىرىنى جىھادقا قىزىقتۇرۇش.
2014- يىلى 12- ئاينىڭ 3- كۈنى، سۈرىيەدىكى ئانچە مەشھۇر ئەمەس بىر جايدا، ت ئ پ شام بىرگادىسىنىڭ رەھبىرى، 30 نەچچە ياشلىق ئىبراھىم مەنسۇر تۈركىيەلىك مۇخبىر ئەردوغاننىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان، سۆھبەت خاتىرە ۋىدىيوسىمۇ يۇتۇپتا تارقالغان. ۋىدىيودا، ت ئ پ نىڭ بۇ رەھبىرى :” بىزنىڭ تەشكىلاتىمىز 2012- يىلىدىن باشلاپلا سۈرىيەگە ئادەم ئەۋەتىشكە باشلىغان، بىز سۈرىيە ئەسەد ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق ئۇرۇش قىلىمىز ” دىگەن. نۇسرەت ڧىرونتى 2012- يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ت ئ پ ئۇلارغا قوشۇلغان.
تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق بىر قىسىم ئۇيغۇرلار نۇسرەت ڧىرونتى ۋە دائىشقا قاتنىشىشقا قاتتىق قارشى تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ بەزىسى سۈرىيەگە بىرىپ تىجارەت قىلىپ باققان، يەرلىكلەرنىڭ ئۆتمۈشى ۋە تۇرمۇش ئادىتىنى ناھايىتى ياخشى چۈشۈنىدۇ. سۈرىيەدە بۇرۇن مۇسۇلمانلار، خىرىستىيانلار، پىروتاستلار ئارىلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، ئوخشىمىغان دىندىكىلەر ئارا مۇناسىۋەت ناھايىتى ياخشى ئىكەن. شۇڭا بۇ ئۇيغۇرلار سەلەپى جىھادى ئىدىيىسىنى تەرغىپ قىلىپ، سۈرىيە ئىچكى ئۇرۇشىغا قاتناشقاننىڭ ھىچقانداق پايدىسى يوق، ئۇنىڭسىزمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنىدە خىتايلار ياشاۋاتىدۇ، ئۇيغۇرلار ئۇلارنىڭ جىدىلىگە ئارىلاشماسلىقى كىرەك دەپ قارايدۇ.
ت ئ پ نىڭ قارىشىچە، شەرقى تۈركىستاندا ئىسلامى دۆلەت قۇرۇش كىرەك. بىراق تۈركىيەدە ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنى قىلىش- قىلماسلىقتا ئوخشىمىغان قاراشقا ئىگە. ت ئ پ سۈرىيە بىرگادىسىنىڭ رەھبىرىنىڭ قارىشىچە: ئۇيغۇرلارنىڭ ھەربىي مەشىق قىلىشى دەل ئۇلار دۈشمەنگە دۇچ كەلگەندە، سوغۇققانلىق بىلەن تاقابىل تۇرۇش، ۋەتەنگە قايتىپ جىھاد قىلىشقا تەييارلىك كۆرۈش. ئۇ تۈركىيەدىن ئۈمىد كۈتۈپ دىيىشىچە: ” تۈركىيە تارىختا خەلىپە تۈزۈمىنى قوللانغان، نۇرغۇن مۇسۇلمانلارغا غەمخورلۇق قىلغان. مەن تۈركىيە خەلقى بىزنىڭ جىھادىمىزنى قوللىسىكەن،بىزگە قۇرال- ياراق تەمىنلىسىكەن، بىز بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ رەھىمسىز خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى تۇرۇپ، تاجاۋۇزچىلارنى ھەيدەپ چىقارسىكەن دەيمەن. مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز- ئارا ياردەمدە بولىشى پەرىز، تۈركىيە خەلقى مىللىي مەدەنىيەت ۋە دىن جەھەتتىن بىز بىلەن ئوخشاش، بىز بىلەن قىرىنداش، ئۇلارنىڭ پۈتۈن كۈچ بىلەن بىزنى قوللىشىنى ئۈمىد قىلىمەن”.
تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھرىدە ” شەرقى تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمىيىتى” بار بولۇپ، ئۇنىڭ رەھبىرى سىيىت تومتۈرك. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر مۇجاھىدلارنىڭ تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە بۇنداق يولسىز تەلەپ قويىشى ھەقىقەتەن كىشىنى چۆچۈتىدۇ. ئۇ:” خىتايدىن جىنىنى ئالقىنىغا ئىلىپ قىچىپ چىققان ھەربىر ئۇيغۇر ئائىلىسىنىڭ ئارزۇسى تىنچ- خاتىرجەم ياشاش، ئايىغىدا تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە جەمىيىتىگە سېڭىپ كىرىش. 2009- يىلى، ئۈرۈمچى 5- ئىيۇل قىرغىنچىلىقىدىن كىيىن، 3000 نەپەر ئۇيغۇر ئوڭۇشلۇق ھالدا پاسپورتقا ئىرىشتى. ت ئ پ نىڭ قارىشى ئەمەلىيەتتە چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا ئىنتايىن ناچار تەسىر پەيدا قىلىدۇ” دىدى.
5: شەرقى تۈركىستان مائارىپ ھەمكارلىق جەمىيىتى ۋە تىنىچلىق يولى
تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرىسىدا، قەيسەرى شەھرىنىڭ شەرقى شىمالىدىكى ئايدىروم يىنىدا بىر ئۇيغۇر مەھەللىسى بار. ھەممەيلەن ئۇ يەرنى ” تۈرك كەنتى” دەپ ئاتايدۇ. 1960- يىللىرىدا، تەخمىنەن شەرقى تۈركىستاندىن 300 نەپەر ئۇيغۇر ئاڧغانىستاندىن ئۆتۈپ، تۈركىيەنىڭ ياردىمىدە بۇ يەرگە ئورۇنلاشقان. ئۇيغۇر كەنتىنى شەكىللەندۈرگەندىن بۇيان، كىيىن تۈركىيەگە قىچىپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى ئاۋال بۇ يەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، كىيىن ئاستا- ئاستا باشقا چىقىش يوللىرىنى تاپقان.
1990- يىللاردا مۇھاجىر ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى شەرقى تۈركىستان چىگراسىدىن ئۆتۈپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ئارقىلىق تۈركىيەگە كىلەتتى. 2001- يىلى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغاندىن كىيىن، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى چىگرادىن قانۇنسىز كىرگەن ئۇيغۇرلارنى قايتۇرىۋىتىشكە باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ يول خەۋپكە ئۇچراپ، ئۈزۈلۈپ قالدى. كىيىن جانلانغان يول بولسا شەرقى جەنۇبى ئاسىيا ئارقىلىق ئاخىرىدا تۈركىيەگە باردى. ئۇيغۇرلار يۈننەن، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونۇم رايونى چىگراسىدىكى يەرلىك بىدىكلەر ۋە ساقچىلارنى سىتىۋىلىپ، يول ئىزدەپ، چەتئەلگە قاچتى. چەتئەلگە قىچىشقا قەتئىي بەل باغلىغان ئۇيغۇرلار بارلىق مال- مۈلۈكىنى سېتىۋىتىپ، يىنىدا زور سوممىدا نەق پۇل ئىلىپ قاچقان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار دائىم قىچىش يولىدا بىدىكلەر ۋە ساقچىلارنىڭ قاقتى- سوقتى قىلىشىغا ئۇچراپ، مال- مۈلۈكىدىن ئايرىلغان. ئەمما ئۇلارنىڭ باشقا تاللاش يولى يوق، خىتاينىڭ چاڭگىلىدىن قىچىپ قۇتۇلۇش ئۈچۈن چوقۇم خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىش كىرەك.
قەيسەرىدىكى ئۇيغۇرلار 1960- يىلى قۇرغان شەرقى تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمىيىتى ئىزچىل ھالدا چەتكە قاچقان ئۇيغۇرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمەتلىرىنى قىلىپ كەلگەن. بۇ تەشكىلاتنىڭ رەئىسى سىيىت تومتۈرك ئىككىنجى ئەۋلاد تۈركىيە ئۇيغۇرلىرىدىن. ئۇنىڭ دادىسى 1961- يىلى قاغىلىقتىن تۈركىيە قەيسەرىگە كەلگەن. سىيىت تومتۈركنىڭ ئىيتىشىچە، 2009- يىلى 5- ئىيۇل ۋەقەسىدىن كىيىن، تەخمىنەن 7000 ئۇيغۇر تۈركىيەگە قىچىپ كەلگەن. مەن ئۇنىڭدىن:” بۇ تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئىتراپ قىلغان سانمۇ؟” دەپ سورۇدۇم. ئۇ جاۋاب بىرىپ :” تۈركىيە ھۆكۈمىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ قويماسلىق ئۈچۈن، ھەقىقىي سانلىق مەلۇماتنى ئىلان قىلمايدۇ. بۇ سان ئورۇنلاشتۇرۇلغان مۇھاجىر ئۇيغۇرلارنىڭ سانىغا ئاساسەن تەخمىن قىلىنغان” دىدى.
شەرقى تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمىيىتىنىڭ دەسلەپتە ياتاقلىرى ئاددى، ياتاقتا ئاستى- ئۈستى كارىۋات بار بولۇپ، قاچقۇن ئۇيغۇرلارغا ھەقسىز تۇرالغۇ تەمىنلەپ، كىيىنلىكى ئۈچۈن چىقىش يولى ئىزدىگەن. 5- ئىيۇل ۋەقەسىدىن بۇرۇن، زاپاس كارىۋات سانى يىتەرلىك بولۇپ، 5- ئىيۇل ۋەقەسىدىن كىيىن يىتىشمىگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قەيسەرى شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدە شەددەت بىلەن كۆپەيگەن قاچقۇن ئۇيغۇرلارنى شەھەر غەربى شىمالىغا جايلاشقان كونا ساقچى ئولتۇراق بىناسىغا ئورۇنلاشتۇرغان. بۇ بىنا تەخمىنەن 1000 كىشىگە يىتىشلىك بولسىمۇ، ياتاق يەنىلا يىتىشمىگەن، گاھىدا بىر ئۆيدە ئىككى ئائىلە تۇرغان. 2015- يىلى 2- ئايدا ئۇلار ئۇ يەردە مەكتەپ ئاچقان، تۈرك تىلى ۋە قۇرئان ئۆگەتكەن، بالىلار ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلى دەرسى ئۆتۈلگەن.
سىيىت تومتۈرك يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئۇ يەرلىك تۈركىيە ھۆكۈمىتى بىلەن مۇناسىۋىتى ياخشى. ئۇ ئۆزىنىڭ سىياسىي نوپوزىغا تايىنىپ، يەرلىك بىلەن ھۆكۈمەتسىز دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەڭشەپ، ئۆز- ئارا چەكلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، قاچقۇن ئۇيغۇرلارغا ياردەم بىرىدۇ. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئاساسلىق پائالىيەت مەركىزى ئامرىكا ۋاشىنگىتون، ياۋروپا ۋە ياپونىيەدىمۇ بىر ئاز تونۇلغان. ئەمما ئۇلارنىڭ تۈركىيەدە ئىش بىجىرىش ئورنى يوق، يەرلىكتىن بىلىدىغانلارمۇ بەك ئاز.
6: دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئۇيغۇر ئىسلام تەشكىلاتى – شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمىيىتى ۋە ئىستىقلال تىلۋىزىيەسى
مائارىپ جەمىيىتى ئىستانبۇل شەھەر مەركىزى، چاپا بىكىتى يىنىغا جايلاشقان. ئوتتۇرا شەرقتىكى ۋە تۈركىيەدىكى قوللىغۇچىلىرى ھەسسىلەپ ئىشىشىغا ئەگىشىپ، جەمىيەت خىزمىتى ئالدىراش بولۇپ كەتكەن. ئەگەر قوللاش ۋە پىداكارلىق سەۋىيىسىدىن ئالغاندا، مائارىپ جەمىيىتى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ چوڭ تەشكىلاتى ھىسابلىنىدۇ.
2001- يىلى ئامرىكا ئاڧغانىستاننى بومباردىمان قىلغاندىن كىيىن، بەزى پاكىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر تالىپلاردىن تەخمىنەن 100 دەك كىشى “ۋەتەنگە قايىتساق، بىزنى تىرورچى دەپ تۇتىۋالىدۇ” دىگەن مەقسەتتە تۈركىيەگە كەلگەن. 2006- يىلى بۇ بىر تۈركۈم دىنىي ئوقۇغۇچىلار شەرقى تۈركىستان مائارىپ، ھەمكارلىق جەمىيىتى قۇرغان بولۇپ، جەمىيەتنىڭ ئاساسلىق يىتەكچىلىرى ئۇزۇن يىل دىندا ئوقۇغان كىشىلەر ئىدى. مائارىپ جەمىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان پاكىستان لاھوردىكى پەنجاپ ئۇنىۋىرسىتىدا ئىسلام پەنلىرى ماگىستىرلىقىنى ئالغان. جەمىيەتنىڭ نازارەتچىسى ئابلىكىمخان مەخسۇم مىسىر ئەزھەر ئۇنىۋىرسىتىدا پەلسەپە ئوقۇغان. ئىسلامنىڭ ئىقتىسادىي مەنبەسى ئاساسلىقى قوللىغۇچىلارنىڭ قوللىشىغا تايىنىدىغان بولۇپ، 25 نەپەر خىزمەتچىسى ۋە قوشۇمچە خىزمەتچىلەر، پىدائىيلار بولۇپ نۇرغۇن ئادەم بار.
جەمىيەتنىڭ غايىسى بولسا ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۆتىدىل، ئاشقۇن، ئىلمىي، ئازغۇن، قۇراللىق، قۇرالسىز ھەر خىل ئىدىيەدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى بىرلەشتۈرۈش ئىكەن. ئۇلار تۈركىيەگە تۇنجى كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ يىڭى مۇھىتقا ماسلىشىشى، ئىقامەت ۋە ۋەتەنداشلىق تەلەپ قىلىشى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بىسىمى ۋە تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى ئاۋامنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىكەن. ئۇلار ھەر ھەپتە بىلىملىك كىشىلەرنى لىكسىيە سۆزلەشكە تەكلىپ قىلىدىكەن. جەمىيەتنىڭ باش ۋە تارماق ئورۇنلىرىدا كىچىك بالىلارغا ئۇيغۇر تىلى، ئۇيغۇر تارىخى دەرسى ئۆتىدىكەن، كىتابلارنى نەشىر قىلدىكەن. ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئۈچ رايوندا 4~6 ياشلىق بالىلارغا يەسلى ئىچىپتۇ.
1950-~60- يىللىرى تۈركىيەگە قىچىپ كەلگەن كونا ئەۋلاد ئۇيغۇرلار ئىلگىرى مائارىپ جەمىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا قارشى تۇرغان، ھەممىدىن قاتتىق قارشى تۇرغىنى رىزا بىكىن بولغانىكەن. خىتاي كومونىسىتلىرى شەرقى تۈركىستاننى بىسىۋالغاندا، رىزا بىكىن شەرقى تۈركىستاندىن قىچىپ چىققان. كىيىن تۈركىيە ئارمىيىسىگە قاتنىشىپ، شانلىق نەتىجە ياراتقان. رىزا بىكىن :” تۈركىيەدىكى يىڭى بىر ئەۋلاد ئۇيغۇرلار تۈركىيەنىڭ دىندىن خالىي جەمىيىتىگە ماسلىشىپ بولغان، ئەمدى ئۇلارنى ئىسلام دىنى بىلەن بىرلەشتۈرىمىز دەپ شۇئار توۋلاش ۋە شۇنداق بىر تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلۇشى خەتەرلىك” دەپ قارىغان.
مائارىپ جەمىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان بولسا قەشقەرلىك كاتتا تىجارەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇيغۇر تىلى، تۈرك تىلى، ئەرەب تىلى، ئوردۇ تىلى، پەنجاپ تىلى، پارس تىلى ۋە ئىنگىلىز تىللىرىنى پىششىق بىلىدۇ. خىتاينىڭ ” يەرشارى ۋاقىت گىزىتى” 2013- يىلى 8- ئاينىڭ 1- كۈنى شەرى تۈركىستان مائارىپ، ھەمكارلىق جەمىيىتىنى تىرورىزىمنى قوللىغان، شۇنداقلا بىر قىسىم كىشىلەرنى سۈرىيەدە ھەربىيلىكتە تەربىيلىنىشكە ئەۋەتكەن دەپ ئەيىبلىگەن. مەن مائارىپ جەمىيىتىنىڭ رەئىسىدىن بۇ مەسىلىگە قانداق قارايدىغانلىقىنى سورىغىنىمدا، ئۇ جاۋابەن:” كىسىپ ئىيتالايمەنكى، جەمىيىتىمىز ئۇنداق ئىش قىلمىدى. ئۇيغۇرلار بەك ساددا، ئاقكۆڭۈل ئەمما بىر ئاز نادان خەلق. ئەگەر باشقا دۆلەتلەرنىڭ ياردىمىگە ئىرىشمەكچى بولساق، شۇ دۆلەت ھۆكۈمىتى ۋە كۈچلىرىنىڭ كونتىروللۇقىدا قالىدىغان گەپ. ھەقىقەتەن بىر قىسىم ئۇيغۇرلار توساقلاردىن ئۆتۈپ، بىر قىسىم ئەرەبلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، دائىشقا قاتنىشىپ، ئانا ۋەتىنىنى بىرىنجى ئورۇنغا قويۇپ ئويلاشماي، تەتۈر ئىش قىلدى” دىدى.
مائارىپ جەمىيىتىنىڭ كۆپ قىسىم چىقىمى ” ئىستىقلال قانىلى” ۋە ” سادا ” تور تىلۋىزىيەسىنى يۈرۈشتۈرۈشكە سەرپ قىلىنىدىكەن. بۇ ئارقىلىق دىنىي نۇقتىدىن ئۇيغۇر مەسىلىسىنى مۇلاھىزە قىلىش مەقسەت قىلىنىدىكەن. قانال 2007- يىلىدىن باشلاپ ئىچىلغان بولۇپ، ھازىر ئەسلىھەلىرى تولۇق سەپلەنگەن بىر سىتودىيوسى بار. ئىستىقلال قانىلىنىڭ پىروگراممىلىرى ئاساسلىقى مىللىي، دىنىي مەسىلىلەرنى مۇلاھىزە قىلىپ لىكسىيە ئورۇنلاشتۇرۇش ئىكەن. سادا تىلۋىزىيەسى بولسا مەدەنىيەت- سەنئەت پىروگراممىلىرىنى ئاساس بولۇپ،. ئىككى پىروگرامما مەزمۇن جەھەتتىن پەرقلىق ئىكەن. ئىستىقلال قانىلى پۈتۈن دۇنيا ئۇيغۇرلىرىغا دىنىي چۈشەنچىلەر، ڧىلىملەر تارقىتىشتىن باشقا، يەنە خەۋەر، ماقالىلەرنىمۇ تارقىتىدىكەن.
تۈركىيەدە يەنە خىتايلار مەبلەغ سالغان، تۈركىيەدىكى سولچىل سىياسىي تەشكىلات باشقۇرۇشىدىكى FM قانىلى بار بولۇپ،ئىسمى يۆلىنىش رادىئو- تىلۋىزىيەسى Yon Radyo ئىكەن. بۇ قانال ھەر كۈنى ئەتىگەن، چۈش، كەچتە بىر قىتىم، ھەر قىتىمدا يىرىم سائەتتىن تارقىتىلىدىكەن. 2009- يىلى 5- ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن كىيىن ئىچىلغان بۇ قانال مەخسۇس تۈركىيەدىكى تۈركلەر ۋە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تۈرك تىلى ۋە ئۇيغۇر تىلىدا تارقىتىلىدىكەن. ئۇلارنىڭ پىروگراممىسىدا سىياسىي تەشۋىقات ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، ئاساسلىقى ” ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدا نەقەدەر بەخىتلىك ياشاۋاتقانلىقى”دەك مەسىلىلەرنى مۇنازىرە قىلىدىكەن، گاھىدا خىتايچە لىكسىيەلەرنىمۇ تارقىتدىكەن. ئىستىقلال تور تىلۋىزىيەسىنىڭ تور بىتى ئاساسلىق ئۇيغۇر تىلى، ئەرەب تىلىدا يىزىقچىلىق قىلىدىكەن. ئىنگىلىزچە ۋە خىتايچە ماتىرىياللار ناھايىتى ئاز ئىكەن. تىلۋىزىيە باشلىقى ئابدۇلئەھەد:” ھازىر پەقەت ئۇيغۇرچە ۋە ئەرەبچىلا مەزمۇنلارنى تارقىتىۋاتىمىز، تەسىرى ئانچە چوڭ ئەمەس. ئۇيغۇر مەسىلىسىنى پۈتۈن دۇنياغا تېخىمۇ بەك تونۇتۇش ئۈچۈن ئىنگىلىزچە ۋە خىتايچە تارقىتىشقىمۇ كۈچەش كىرەك. ئەمما قانىلىمىزنىڭ مەبلىغى ۋە ئادەم كۈچى يىتىشمەيدۇ” دىدى.
7: تىرورچىمۇ ياكى سىياسىي پاناھچىمۇ؟ – تايلاندىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلار
2014- يىلى 3- ئاينىڭ 8- كۈنى مالايسىيە كۇئالالامپۇردىن خىتاينىڭ پايتەختىگە ئۇچقان مالايسىيە ئايروپىلانى يوقاپ كەتتى. ئايروپىلاننىڭ قالدۇقلىرىنى كەڭ كۆلەمدە ئىزدەش جەريانىدا شەرقى جەنۇبى ئاسىيا ئارقىلىق خىتايدىن ئوغۇرلۇقچە قىچىپ چىققان ئۇيغۇرلار بايقالغان. ئۇلار خىتاينىڭ جەنۇبى چىگرىسىدىن ئوغۇرلۇقچە ئۆتۈپ، تايلاند، مالايسىيە ئارقىلىق تۈركىيەگە قاچماقچىكەن. تايلاند چىگراسىدىن قانۇنسىز كىرگەن 400 نەپەردىن ئارتۇق ئۇيغۇرلار تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقىلى بىر يىلدىن ئاشقان. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا 173 نەپەر ئايال بار ئىكەن. 2015- يىلى 6- ئاينىڭ 30- كۈنى ئۇلار تۈركىيەگە يولغا سىلىنغان، ئەمما 15 ياشتىن يۇقىرى ئەرلەرنىڭ كىتىشى چەكلەنگەن. بۇ ئاياللار تۈركىيەگە بارغاندىن كىيىن، قەيسەرى شەھرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
بۇ قاچقۇن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇن مۇددەت تۇتقۇندا تۇرۇشىدا بىر نەچچە سەۋەب بار.
ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق، ئۆزىنى شەرقى تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دەپ ئاتايدىغان ئەركىن ئەزىز ئىسىملىك كىشى تايلاندتا مۇساپىر ئۇيغۇرلارغا دائىشقا سىموۋۇل قىلىنىدىغان قارا بايراقنى تارقىتىپ بەرگەن ۋە ئۇلارغا سولاقخانىغا چاپلاپ قويۇشنى ئىيىتقان. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىش تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ دىققىتىنى تارتقان. شەرقى جەنۇبى ئاسىيادا ئەسلىدىنلا ئىسلام دىنىغا ئىتىقاد قىلىدىغان روھىنگا (ئەرەكان) مۇسۇلمانلىرى بار بولۇپ، كىشىلەر بۇ خىل مەسىلىلەرگە ناھايىتى سەزگۈر ئىكەن. ئەركىن شۇ يىلى 3- ئايدا تۈركىيەدە يەنە ئۇيغۇرلارنى دائىشقا قاتنىشىشقا دەۋەت قىلغاندىن كىيىن، تۈركىيە ساقچى تەرەپ ئۇنى تۇتۇپ سوراق قىلغان.
تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۇ مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلىپ بىر ھەپتىدىن كىيىن، تەخمىنەن 7- ئاينىڭ 8- كۈنى، ھىلىھەم تايلاند ھۆكۈمىتى تۇتۇپ تۇرىۋاتقان 109 نەپەر ئەر، 19 نەپەر ئاياللارنىڭ ھەممىسى خىتايغا قايتۇرىۋىتىلگەن. ئەينى چاغدا خىتايغا قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىنى خىتاي ھۆكۈمىتى “تىرورچى” دەپ ئاتاپ، ئۇلارنىڭ ئۇچىسىغا نۇمۇر سىلىنغان مەھبۇس كىيىملىرىنى، باشلىرىغا خالتا كەيدۈرۈپ، ئايروپىلاندا ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ ئىككى يىنىدا ئىككى ساقچى ئولتۇرۇپ خىتايغا ئىلىپ كەتكەن. ئۇلار قوپاللىق بىلەن ئايروپىلاندىن چۈشۈرۈلگەنلىكى تىلىۋىزور ئارقىلىق پۈتۈن دۇنياغا تارالغان.
7- ئاينىڭ 12- كۈنى تايلاند ھۆكۈمىتى يەنە 8 نەپەر ئايالنى تۈركىيەگە يولغا سالغان. مەن بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كىيىن، ئۇلار تۈركىيەگە چۈشكەن ھامان ئۇلارنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن تىزدىن تۇتۇش قىلدىم. زىيارەتنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:
“مەن دەسلەپتە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 170 نەپەر ئۇيغۇرنى كۈتىۋالغانلىقىنى، ئاندىن يەنە يۈزدىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇۋىتىلگەنلىكىنى كۆردۈم، بۇنىڭغا ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ. ئۇيغۇرلار خىتايغا قايتۇرۇۋىتىلگەندە، تايلاند ساقچىسى :” ئاۋۇ ئا ئەپەندى سىلەر بىلەن بىرگە ماڭىدۇ، ئا ئەپەندى ئىزچىل بىزگە غەمخورلۇق قىلىپ كىلىۋاتقان ئۇيغۇر كىشى. ئۇ بۇرۇنلا تايلاندلىق ئايال بىلەن توي قىلغان، بانكوكتا ئۇزۇن مەزگىل تۇرغان” دىگەن. ئەمەلىيەتتە بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزنى ئالداش، بىزنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن ئىيتىلغان يالغان سۆزلەر، شۇڭا ئۇلار ئەينى ۋاقىتتا تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدىن ئايرىلغان. كىيىن بىزمۇ خىتايغا قايتۇرۇپ بىرىلىش، گول بولۇشتىن ئەنسىرەپ، تۈركىيە تاشقى ئىشلار خادىمى بىزنى ئىلىپ كەتمىگۈچە تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدىن ئايرىلماسلىقنى ئىرادە قىلدۇق. كىيىن ئۇلار راستىنلا تۈركىيە تاشقى ئىشلار خادىمىنى تەكلىپ قىلدى، بىز ئاندىن خاتىرجەم ھالدا ئەگىشىپ ماڭدۇق. خىتايغا قايتۇرۇلماقچى بولغان ئۇيغۇرلار دىن بىرسى بىزگە تىلىڧۇن قىلىپ:” ئاياللارنىڭ نەق مەيداندا كىيىملىرى پۈتۈنلەي سالدۇرۇلۇپ، مەھبۇس كىيىمى كەيدۈرۈلدى، بەزى ئەرلەر قارشىلىق بىلدۈردى” دىگەن. كىيىن ئۇلارنىڭ تىلىڧۇنى مۇسادىرە قىلىنىپ، ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالدى”.
خۇلاسە:
ئىلگىرى تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىگە قاتناشقان، ئاڧغانىستان ۋە پاكىستاندا ھەربىي مەشىق ۋە رەسمىي جەڭلەرگە قاتناشقان تەجىربىلىك ئۇيغۇرلار 40~60 ياشلار ئەتراپىدا. ھازىر سۈرىيەدە ھەربىي تەلىم ئىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تەڭدىن تولىسى 20~30 ياشلار ئەتراپىدىكى ياشلار . ئاڧغانىستان ئۇرۇشىنى باشتىن كەچۈرگەن كونا ئەۋلاد دائىم:” 90- يىللاردا خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى كۆرەش ھەرىكەتلىرى ئوق- دورا ئامبارلىرىغا ھۇجۇم قىلىش بولۇپ، قۇرالنى قولغا چۈشۈرسەكمۇ ئىشلىتىشنى بىلمەيتۇق. شۇڭا بىر ئاز ئەسكىرىي تەربىيەگە ئىھتىياجلىق ئىدۇق. بۇ مەسلىھەت يىڭى بىر ئەۋلاد ياشلارنىڭ زىممىسىگە چۈشتى.
11- سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كىيىن، خىتاي ئامرىكا باشلىغان تىرورلۇققا قارشى دۇنياۋى ئۇرۇشتىن پايدىلاندى. 2003- يىلى خىتاي بىرىنجى قىتىملقىق ئۇيغۇر تىرورچىلار تىزىملىكىنى ئىلان قىلدى، ئارىسىدا شەرقى تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى ئابدۇقادىر ياپچانمۇ بار ئىدى. ئابدۇقادىر ياپچان: ” شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى 2002- يىلى ئامرىكا تەرىپىدىن تىرورلۇق تەشكىلاتى دەپ ئىتراپ قىلىندى. ئەمما شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى دەپ بىر تەشكىلات يوق، بىز شەرقى تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى، بىراق تىرورچى تەشكىلات ئەمەس، بىز ئىنقىلابىي تەشكىلات! ” دىدى.
ئۇندىن باشقا، دائىشلارنىڭ خەلىپە تۈزۈمىنى ياقىلايدىغان ئۇيغۇرلار بىلەنمۇ ئابدۇقادىر ياپچان ياخشى مۇناسىۋەت ساقلاپ كەلگەن. ئابدۇقادىر ياپچان ھەردائىم:” بىزنىڭ ھەقىقىي دۈشمىنىمىز خىتاي، شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇش بولسا بىزنىڭ ئاخىرقى نىشانىمىز!” دەيدۇ.
تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى نۇرمەمەت، باشقىلار ئۇنى ” كىچىك سەيپۇللاھ” دەپ چاقىرىدۇ. 2015- يىلى 8- ئاينىڭ 6- كۈنى نۇرمەمەتكە ئوغلىنىڭ ئۇرۇشتا ۋاپات بولغانلىق خەۋىرى يەتكەن. 9- ئايدا مەن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە، ئۇنىڭ قول تىلىڧۇنىنىڭ ئىكرانىغا ئوغلىنىڭ رەسىمى چىقىرىغلىق ئىكەن. ئۇ ماڭا:” قۇربان بولساقمۇ جىھاد يولىدىن قايىتساق بولمايدۇ” دىدى. سۈرىيەدىكى بۇ ئۇيغۇر قوشۇنى 2015- يىلى 9- ئايدا ئۆكتىچىلەرگە ياردەملىشىپ، ئەسەد ھۆكۈمىتىنىڭ قولىدىن ئىدلىپ ئايدىرومىنى تارتىۋالغان. 10- ئايدا، ئۆكتىچى قوشۇنلار بىلەن بىرگە روسىيە كۆرەشچى ئايروپىلانلىرىنىڭ بومباردىمانغا ئۇچرىغان. 11- ئايدا روسىيە ھاۋا ھۇجۇمى سەۋەبلىك ئۇيغۇرلاردىن 30 دىن ئارتۇق كىشى قۇربان بولغان. تور مىدىيالىرى ئارقىلىق تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىدىن قۇربان بولغانلارنىڭ ھەقىقەتەن كۆپ ئىكەنلىكىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.
جەڭگە قاتناشقان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، قۇربان بولغانلارنىڭ سانىمۇ شىددەت بىلەن ئاشقان. ئۇلار نۇسرەت ڧىرونتى ۋە ھۆر سۈرىيە ئارمىيىسىدىكى ئورنىمۇ بارغانسىرى يۇقىرىلىغان. ئەمما ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا ئوخشىمىغان پىكىرلەر مەۋجۇت. ئۇلار ” سۈرىيەدىكى ئۇرۇش قۇربان بولۇشقا ئەرزىمەيدۇ. سۈرىيەدە ھەربى مەشىق قىلسا بولىدۇ، قۇربان بولىمەن دىسە چوقۇم ۋەتەنگە قايتىشى كىرەك” دەيدۇ. شۇڭا ئۇيغۇر جەمىيىتىدە تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنىڭ يىقىنقى مەزگىل تەشۋىقاتلىرىغا ئوخشىمىغان قاراشلار كۆپ. مەسىلەن بىر ۋىدىيودا بىر كىچىك قىز بالا قۇرال تۇتۇپ مەشىق قىلىۋاتقان كۆرۈنۈش بار. يەنە بىر ۋىدىيو تەشۋىقاتىدا بىر ئۇيغۇرنىڭ ئائىلىسىدىن قىچىپ، تۈركىيە تۇرمۇشىغا ماسلىشالماي، خىزمەتمۇ تاپالماي، ھەممىسى سۈرىيەگە كۆچۈپ كەتكەنلىكى تەسۋىرلىنىدۇ. يەنە مەسىلەن، 2015- يىلى ئۇيغۇرلار تايلاندتىن خىتايغا قايتۇرۇلغاندىن كىيىن، قەيسەرىدە تۇرۇشلۇق 100 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر مۇساپىرلار ئۈن- تۈنسىزلا غايىپ بولۇپ، سۈرىيەگە كەتكەن. سۈرىيەگە ئوغۇرلۇقچە ئۆتۈش ئۈچۈن نۇسرەت ڧىرونتىغا پۇل تۆلەش كىرەك ئىكەن.سۈرىيەلىك خىرىستىيان دىھقانلىرى ئۇرۇش ئوتىدىن قىچىپ كۆچۈپ كەتكەن بولسا، خىتايدىن قىچىپ چىققان بۇ ئۇيغۇرلار تاشلاندۇق يىزىلارغا رۇخسەتسىزلا كىلىپ ئولتۇراقلاشقان. ئۇلار يەرلىكلەر بىلەنمۇ باردى- كەلدى قىلمايدۇ.بۇ يىڭى كۆچمەن ئۇيغۇرلار ئەمەلىيەتتە سۈرىيەدىكى يەرلىكلەر ئارىسىدا ئېغىر ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى پەيدا قىلغان.
ئابدۇقادىر ياپچان بىلەن سەپداش كونا شەرقى تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىدىكىلەر ۋە يىڭى ئەۋلاد ئۇرۇشقا تەجىربىلىك ياشلارنىڭ تەسىر كۈچى ۋە ئورنى جىددىي ئىشىۋاتىدۇ. كەلگۈسىدە سۈرىيەدە ئىچكى ئۇرۇش توختىغاندا، ئۇيغۇر غازىلارمۇ جەڭدە پىشقان پارتىزانلاردىن بولۇپ قالىدۇ. ئۇلار ۋەتىنىگە قايتىپ، خىتايدا ھەربىي ھەرىكەت قوزغامدۇ- يوق، ئۇنىسى نامالۇم. جۇغراپىيەلىك ئورۇن جەھەتتە شەرقى تۈركىستان سۈرىيەدىن بەكلا يىراق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ شەرقى تۈركىستانغا قايتىپ بارالىشىمۇ ئۇنچە ئوڭاي ئەمەس. ئۇلار خىتايغا قارشى ھۇجۇم قىلسا قانداق ئىدىيىۋىي ئاساستا ھۇجۇم قىلىدۇ، قانداق ھەربىي نەزىرىيەنى تۈرتكە قىلىدۇ، بۇمۇ ئىنىق ئەمەس. خىتايغا ئۇرۇش قوزغىغان تەقدىردىمۇ، ھەرىكەت بىلەن نەزىرىيەنى قانداق بىرلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي قوللۇنۇش مەسىلىسىگە قارىتا، ھازىرقى تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىدە يەنىلا جاۋاب بولمىسا كىرەك.
2015- يىلى 12- ئاي
تۇنيۇقۇق تەرجىمىسى
پايدىلانغان مەنبەلەر:
ウイグル人の反中武装レジスタンス勢力とトルコ、シリア、アフガニスタン (中国リベラリズムの政治空間) — (法治と人権を巡る闘い) [in Japanese]
تەيۋەنلىك تەتقىقاتچى ۋۇ جىيەنمىننىڭ خىتايچە ماقالىسى