ھىندىستان بىلەن پاكىستاننىڭ توقۇنۇشى خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنى ساراسىمىگە سالدى
ئۇيغۇر نىداسى تور رادىئوسى خەۋىرى:
يېقىنقى كۈنلەردە ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى جەڭ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى. 16- يانۋار كەشمىر رايونىدا يۈز بەرگەن ھىندىستان ئارمىيىسى بىلەن پاكىستان ئارمىيىسى ئوتتۇرىسىدىكى جەڭ ئىنتايىن كەسكىن بولۇپ، ھەر ئىككى تەرەپتىن ئەسكەر ۋە پۇقرالارنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى كەلمەكتە.
خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئاخباراتلىرىدا، ھىندىستاننىڭ، پاكىستان بىلەن خىتتاينىڭ دوستلۇقىنى بىلىپ تۇرۇپ، يەنىلا پاكىستانغا كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم باشلىغانلىقى، ترامپنىڭ ئۆتكەن يىلى ئوتتۇرىغا «تىنچ ئوكيان ستراتېگىيە» سىنىڭ باشلىنىش قەدىمى ئىكەنلىكى، يېقىنقى كۈنلەردە ئامېرىكا، ياپونىيە، ئاۋستىرالىيە، ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ،جەنۇبىي دېڭىز ئاراللىرىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەربىي مەشقلىرىنىڭ، خىتتاينىڭ دېڭىزدا كېڭىيىشىگە قارىتا ئېلىنىۋاتقان تەدبىر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئانالىزچىلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى پاكىستان قورچاق ھۆكۈمىتىگە ئارقا سەپ تەمىناتى، قورال – ياراق ۋە ئەسكەر جەھەتتىن ياردەم بېرىدىغانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ بۇ قېتىملىق توقۇنۇشتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، خىتتاينىڭ نۇخلىسىنى تارتىپ قويۇش پىلانىنىڭ بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
بىر ئىنكاس
ئابدۇل ئەزىز
باشقا يىڭى ىەۋەرلەر يوقمۇ. ئامىركىدىكى تۇپان بالاسى . ئىراندىكى نامايشلا قانداق بولدى