سۇبەيرا ئابلىز
ھىجازنىڭ پايتەختى، مەككە مۇكەررەمدە دۇنياغا كۆز ئاچقان، ئېسىل نەسەبلىك مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى، راببى ئۆزى بىۋاستە ئىلىم – ھىكمىتى بىلەن تەربىيەلەپ، پۈتۈن دۇنيانى قاراڭغۇلۇقتىن يۇرۇقلۇققا، ئازغۇنلۇقتىن ھىدايەتكە ئېلىپ چىقىش ئۈچۈن، ئۇنى مۇبارەك خىزمەتكە تەيىنلىدى.
ئىسلام نۇرى، سەرۋەرى ئالەم مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاستىسى بىلەن، پۈتۈن دۇنيادا پارلىغاندىن كېيىن، ئەركەكلىرىمىزنىڭ ئىپتىخارى بولغان سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ تۈرتكىسىدە، بۇ ئەزىز تۇپراق ئىسلامى تۇپراقنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلىنىپ، بۇ يەردىكى خەلقنىڭ يۈرەكلىرىمۇ، ئىمان بۇلاقلىرى بىلەن سۇغۇرۇلغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىنلا، ۋەتىنىمىزدە ھەقىقەت، قانچە مىڭلىغان ئاۋازلارنىڭ ياڭراق ساداسىغا ئايلىنىپ، جاھالەت كىرلىرى قاپلاپ كەتكەن ئەسەبى قۇلاقلاردىن ئۆتۈپ، ئەسەبىيەتنىڭ شەقاۋەتلىرى چىرماپ كەتكەن كۆكرەكلەردىمۇ، ئاجايىپ ئەزىم ئىنقىلابىي دولقۇنلارنى پەيدا قىلغان، ۋە باتىل بىلەن بولغان كۆرەش باشلىنىپ كەتكەن ئىدى. مۆمىنگە دوۋزاق، كافىرغا جەننەت كەبى يارىتىلغان دۇنيا، بارا – بارا، ھەققانىيەت ساھىبلىرى بولغان ئاتىلىرىمىزغا، ھەرخىل سەۋەپ ۋە قىسمەتلەر تۇپەيلى تار كېلىپ، ئۇلارمۇ ئېغىر كۈلپەتلەر بىلەن سىنالدى. ئەلۋەتتە، بۇنىڭدىن بىزمۇ يېتەرلىك نىسىۋىمىزنى ئالدۇق.
ھەقىقەتتىن مەھرۇم زۇلمەتنىڭ قارا سايىسىدىن، مۇشتۇمزورلۇق بىلەن جاھىلانە ئۆچمەنلىكنىڭ ئىدىيىۋىي مەجنۇنلىقىدىن قۇتۇلۇپ كېتەلمىگەن، نە ئەخلاق، نە ئىنسانىيلىقنىڭ ئەقەللى تەبئىيلىكلىرىدىنمۇ نىسىۋىسىز قالدۇرۇلغان، زالىم بىر قەۋم، سىناقلارنىڭ ئەڭ دەھشىتى بولۇپ بېشىمىزغا چىقىپ قالدى. ئۇلار ئاجايىپ تەسۋىرسىز مەجنۇنلاركى، ھەقىقەتنى ئۆزىنىڭ كۈچىگە بەك ئىشەنگەنلىكتىن خالىغانچە بۇرمىلايتتى. ئەڭ ئەشەددىيلىك بابىدا، مىسلى گويا پىرئەۋىن ئىدىكى، تەپ تارتماستىن ئالەملەرنىڭ خوجىدارى، يىگانە ئاللاھقا جەڭ ئېلان قىلىپ، ئەخمىقانە ھالاكەتكە ئۆزىنى ئاتاتتى.
دۇنيادىكى ئەڭ قەبىھ ئاسىيلىق ۋە ئىسيان – ئاللاھ ئۆز لەنىتىنى ئايىمىغان بۇ قەۋىمدىن باشلانغان بولسا، ھەقنى سۆيۈش ۋە ئۇنىڭغا ئەگىشىش، دەل ئاتىمىز سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ، قەلبى ئىمان نۇرى بىلەن يورۇپ، قان تومۇرلىرىمۇ بۇ نىئىمەت سايىسىدىن، ئىلاھى سۆيگۈ ئۈچۈن ۋولقان بولۇپ ئاققاندەك، بىزنىڭمۇ يۈرەكلىرىمىز گۈلخان بولۇپ يېنىپ، بۇ نىجىس، زالىم قەۋىمگە بولغان ئۆچ – ئاداۋىتىمىز كۈنسىرى ئەۋجىگە چقتى، ۋە ھەقكە بولغان ئىنتىلىش تۈرتكىسىدە، نۇرغۇن ئەزىمەتلەر، ئۆز رەببىگە مۇبارەك ئامانىتىنى شەرەپ بىلەن تاپشۇرۇپ كەلدى.
ئەمما، ھاياتىنىڭ بارلىق تەرەپلىرى، ئىسلام بىلەن چەمبەرچەس باغلىنىپ كەتكەن، ئەزىز خەلقىمىزنىڭ بېشىغا كەلگەن ۋە كېلىۋاتقان سىناقلار كۈندىن – كۈنگە ئېشىپ، پەيغەمبىرىنى ئۆزىگە ئۆلگە قىلىپ، ئۇ زات ئۈگەتكەن يولدا، زۇلۇمغا قارشى ھەر ۋاقىت جېنىنى تەسەددۇق قىلغان، ئاتىلىرىمىزنىڭ شىجائەت روھى شۇنداق بىر ئاجىزلىققا مەھكۇم بوپ قالدىكى، ئۈممەت ۋە مىللەتنىڭ ئار – نۇمۇسى بولغان، ھەدە – سىڭىللىرى ۋە قىز – ئاياللىرىنىڭ ھۆرمىتىنى قوغداشقىمۇ، ئىمكانسىز قالغان ھالدا سۈكۈت قىلىدىغان دەرىجىدە.
رەببىمىز ئاللاھقا ھېسابسىز شۈكۈرلەر بولسۇنكى، مانا موشۇنداق مۇسىبەتلەر بىلەن دەرتلەنگەن بىزلەرنى يەنە، دەۋاسىز ۋە سۈكۈتلەر ئىچىگە تاشلاپ قويغىنى يوق. مۇبارەك قۇرئاندا ئاللاھ شۇنداق دەيدۇ:« ( وستعينوا بالصبر و الصلاة ان الله مع الصابرين) سەبىر ۋە ناماز ئارقىلىق ياردەم تەلەپ قىلىڭلار، ھەقىقەتەن ئاللاھ سەبىر قىلغۇچىلار بىلەن بىرگىدۇر».
ئەرەپ تىلىدىكى «سەبىر» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى، «چىداش» دېگەنلىك بولۇپ، بۇنى شەرھىلىسەك:«ئۆزى تاللىغان يولدا، بېشىغا ھەر قانداق كۈلپەت كېلىشىدىن قەتئى نەزەر، يېرىم يولدا توختاپ قالماستىن، بوشىشىپ قالماستىن بەرداشلىق بېرىپ، غەيرىتى بىلەن ئاخىرىغا چىقىش» دېگەنلىكتۇر. بۇ جەرياندا، ئېنىرگىيە تولۇقلاپ تۇرۇش ئۈچۈن كۆرسىتىلگەن ئەڭ ياخشى بايلىق، ئاللاھقا نامازلىرى ئارقىلىق ھەر ۋاقىت يېقىنلىشىش، رەببى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقىرىشتىن ئىبارەت.
قۇرئاندا تىلغا ئېلىنغان باتۇرلۇقنى پەيغەمبىرىمىز، ھۇنەين مەيدانىدا ئۆز ئەمەلىيىتى ئارقىلىق ئىسپاتلاپ بەرگەن ئىدى.
ھۈنەين كۈنى، جەڭ باشلىنا – باشلانماس، يامغۇردەك يېغىۋاتقان ئوقيالارنىڭ تۇنجى زەربىسىگە بەرداشلىق بېرەلمىگەن ساھابىلەر، پاتىپاراق بولۇپ ئارقىغا چېكىنىشكە باشلىغان ئىدى. بىراق، ئاسماندىن ئۆلۈم يامغۇرى يېغىۋاتقان ئۇرۇش مەيدانىدا، پاناھلانغۇدەك كىچىككىنە يەرمۇ تاپقىلى بولمايۋاتقان، ھالاكەت يىرتقۇچلارچە ئېغىزىنى ئاچقان پېتى گۆركىرەپ كېلىۋاتقان، ھەتتا ئىسلامنىڭ، قانچىلىغان قورقماس شىر يۈرەك مەرتلىرىمۇ ئامالسىز مەيداندىن يۈز ئۆرۇشكە باشلاۋاتقان، ئەنە شۇنداق ۋەھىمىلىك پەيتلەردە، پەيغەمبىرىمىزنىڭ قەدەملىرى ئۆز ئورنىدىن قىمىرمۇ قىلماي مەھكەم قادىلىپ تۇرغان ھالدا، بىر تەرەپتە، ھالاكەت كەلكۈنىنىڭ باستۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۈزىتىۋاتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتە، ئۆزىنىڭ سۇنماس قاناتلىرى ھېسابلىنىدىغان، پىداكار مۇجاھىدلارنىڭ پاتىپاراق بولۇپ قېچىۋاتقانلىقىنى كۆرمەكتە ئىدى. شۇنداقتىمۇ، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى قىلچە تەۋرىنىپ قالماستىن، يېغىۋاتقان ئوقيالار ئارىسىدا بەھەيۋەت تاغدەك قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭ مۇقەددەس جامالىدىن غەم- ئەندىشە، ھەيرانلىق دېگەننىڭ زەررىچە ئەسىرىنىمۇ كۆرگىلى بولمايتتى. دەرۋەقە، پەيغەمبىرىمىزنىڭ بۇنداق قورقماس مەردانىلىقى دەل، ھەقىقىي پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە بولغان، قەلبىدىكى قەتئىي ئىشەنچتىن باشقا نەرسىنىڭ نەتىجىسى ئەمەس ئىدى ئەلۋەتتە. بۇ ئىشەنچ، ئۇنىڭ جامالىدا پەۋقۇلئاددە ھەيۋەتلىك، تەمكىنلىكنى بەرپا قىلىپ، ھۆسنىگە ھۆسىن قوشۇۋاتقان بولسا، ئۇنىڭ جامالىدا پارلاپ تۇرغان تەڭداشسىز شىجائەتنىڭ گۈزەللىك نۇرى، مەڭگۈ يېڭىلمەس كۈچكە ئايلىنىپ، ئىمان، ئىشەنچ، سەۋىر، قانائەت، تەۋەككۈلچىلىك ھەم خاتىرجەملىكنىڭ ،ئەبەدى نۇر چەشمىسىنى شەكىللەندۈرگەن ئىدى.
پەيغەمبىرىمىز قەتئىي ئىشەنچكە تولغان ھالدا:«ئى، ئەنسارلار جامائەسى!» دەپ ئۈنلۈك توۋلىدى. ئوڭ تەرەپتىن: «مانا بىز تەييار، يا رەسۇلۇللاھ! »دېگەن پىداكارانە ئۆچمەس سادا ياڭراشقا باشلىدى.
راسۇلۇللاھ سول تەرىپىدىكى مۇسۇلمانلارنى چاقىرىۋىدى، ئۇلاردىنمۇ:« مانا بىز تەييار، يا راسۇلۇللاھ! » دېگەن ئالدىنقىدىنمۇ كۈچلۈك ،بىقارار سادا ياڭراشقا باشلىدى.
ئەتراپىدىكى بۇ ئازغىنە ئىنسانلارنىڭ جاۋابىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئاجايىپ جۇشقۇن ھالدا ئاتتىن چۈشكەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ:« مانا مەن ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە پەيغەمبىرى! مانا مەن ئابدۇل مۇتەللىپنىڭ ئوغلى!» دېگەن ساداسى، پۈتۈن ھۈنەين مەيدانىنى لەرزىگە سالغان ئىدى.
بىز بولساق، ھۈنەين مەيدانىدىكىدىنمۇ ئېغىر ئەھۋالدىمىز. ئەمما، بىزدە كەم بولىۋاتقىنى، ھۈنەيندىكى ئەزىمەتلەرنىڭ يۈرەكلىرىدىن ئېتىلىپ چىققان جۇشقۇنلۇق، ئۆلۈم گىردابى ئالدىدا تۇرۇپمۇ، يەنىلا ھەق پەيغەمبەرنىڭ ساداسىغا پۇتۇن ۋۇجۇدى بىلەن ئاۋاز قوشۇپ، شىددەت دولقۇنىغا ئۆزىنى ئاتقان ۋاقتىدىكى شىجائەتتۇر.
بۈگۈنىمىزنىڭ رىئال سائەتلىرىنى ھۈنەينگە تەمسىل قىلغان ھالدا شۇنداق دەيمەنكى:
قېنى سىلەر، ئى، ئىسلام ئەركەكلىرى! قېنى سىلەر، ئى، ئوغوز ئەۋلادلىرى! قېنى سىلەر، ئى، پەيغەمبەر مىراسخورلىرى! ئۆتكۈنچى ئوڭايسىزلىق سىلەرنى ئۈمۈدسىزلىككە يەم قىلدىمۇ؟ ھەر كۈلپەت ۋە قىيىنچىلىقلارغا باش ئەگمەسلىكىڭلار كېرەك!
ئاللاھ بىزنىڭ مەدەتكارىمىزدۇر! ئاللاھ ياردەمچىمىزدۇر! رەببىمىز يولىدىكى ئەرزىيەتلەرگە تاقەت قىلالماي بەل قويىۋىتىش قانداقمۇ بىزلەرگە ياراشسۇن !
ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىق كۆرسىتەيلى! ئالغا ئىلگىرلەيلى! ئەنە، جەننەت كۆزلىرىمگە كۆرۈنۈپ تۇرماقتا، جەننەت بىزنى كۈتمەكتە! جەننەت بىزنى كۈتمەكتە!
ھەقىقى ئىمان، غۇرۇر ۋە ئىپپەت لىباسىدا، ئۆز مەۋجۇدلىقى ئۈچۈن قىلىنغان بۇ نىدالارغا، قانچىلىغان يۈرەكلەر «ئاللاھۇ ئەكبەر!» دېگەن ياڭراق سادا بىلەن، ئىلاھى رەھمەت ئۈچۈن شىددەتلىك دولقۇنلارغا قارشى، قەددىنى تىك تۇتۇپ، ھەقىقى ھۈنەين ئەزىمەتلىرىنىڭ روھىنى، يەنە قايتىدىن تىرىلدۈرگەن ھالدا:«لەببەي» دەپ جاۋاپ بېرەر!؟
پەيغەمبەرنىڭ يولىدا،
سابىت تۇرار بارمىدۇ.
دەشتى قىيىن بۇ يولدا،
خەدىچەلەر قايدىدۇ.
شىجائەتتە ئۆمەردەك،
ئەزىمەتلەر بارمىدۇ.
جاسارەتتە سۈمەييە،
ھۆر قىزلىرى قايدىدۇ.
سىددىق ئەبۇ بەكىردەك،
يىگىتلەرمۇ بارمىدۇ.
ھېكمەتكە باي ئائىشە،
گۈل قىزلىرى قايدىدۇ.
قېنى سىلەر يىگىتلەر!
يۈرەكتە ئوت بارمىدۇ.
ياۋغا شۇڭقار شىر كەبى،
ئىمان ئەھلى بارمىدۇ؟!