ئىمان ۋە ۋەتەن
تۇنيۇقۇق
ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك بولغىنى ئىمان ۋە ۋەتەندۇر! ياراتقۇچىغا ئىشىنىش ئىنسانغا فىترەت قىلىنغىنىدەك، ۋەتەننى سۆيۈشمۇ ئىنسان تەبىئىيىتىدۇر! ئانا ۋەتەن چۆل- باياۋان ياكى ياپيىشىل باغ – ۋاران بولسۇن، قىشمۇ – ياز ئاتەش تومۇز ياكى جۇدۇنلۇق قەھرىتان بولسۇن، مول مەدەن بايلىقى ياكى ئۈنۈمسىز سايلىقى بولسۇن، ئۇرۇش بولسۇن ياكى ئەمىنلىك بولسۇن، ھەتتاكى ۋەتەن – خەلقى قوغلاپ چىقىرىۋەتكەن بولسۇن، ۋەتەن مۇھەببىتى بارلىق دۇنيالىق تامالاردىن خالىس ھالدا سۆيۈشتۇر! ھەر كىم ئانىسىنى ياخشى كۆرگەن كەبى ئانا ۋەتىنىنى ياخشى كۆرىدۇ، پەخىرلىنىدۇ، سېغىنىدۇ ۋە ھىمايە قىلىدۇ.
ئىنسان ئۆزىنىڭ كىندىك قېنى تۆكۈلگەن، تۇزىنى يەپ، سۈيىنى ئىچىپ ئۆسۈپ يېتىلگەن، بالىلىقتا گۈزەل ئەسلىمىلەرگە چۆمۈلگەن، قىرانلىقتا قەۋم – قېرىنداشلىرى بىلەن تەڭ يىغلاپ، تەڭ كۈلگەن، قەدىردان ئەجدادلىرى كۆمۈلگەن ئانا ۋەتىنىگە مۇھەببەت باغلىشى ئىنسانىي تەبىئەت، ئىلاھىي نىئمەتتۇر! ئەنە شۇنداق بولغىنى ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جاھان ئەھلىنىڭ پىسەنتىگە چۈشمەيدىغان ئەرەب چۆللۈكىدىكى كىچىككىنە كەنت مەككىدىن مەدىنىگە ئايرىلار چاغدا:” ماڭا سەندىن ياخشى ۋە سۆيۈملۈك يۇرت يوقتۇر! ئەگەر قەۋمىم مېنى سەندىن چىقىرىۋەتمىگەن بولسا، باشقا جايدا تۇرمىغان بولاتتىم” دېگەن (تىرمىزى رىۋايىتى). شۇنداق ئاللاھتائالاھ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ۋەدە بېرىپ:” ساڭا قۇرئاننى پەرز قىلغان زات سېنى ئەلۋەتتە قايتىدىغان يەرگە( يەنى مەككىگە) قايتۇرىدۇ] (قەسەس:85) دېگەن ئىدى.
مۇسا ئەلەيھىسسالام مىسىردا بىر قىبتىنى ئېھتىياتسىزلىقتىن ئۆلتۈرۈپ قويۇپ، قېچىپ چىقتى ۋە مەديەنگە كەلدى. ئاندىن شۇئەيىب ئەلەيھىسسالامنىڭ قىزىغا ئۆيلىنىپ، قىلغان ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىپ مەديەندە [ئۆز – ئارا كېلىشكەن ( ئون يىللىق ) مۇددەتنى توشقۇزغاندىن كېيىن، ئايالىنى ئېلىپ (مىسىرغا قاراپ) يولغا چىقتى]( قەسەس:29). بىلسەك، بۇ ۋاقىتتا مۇسا ئەلەيھىسسالام تېخى پەيغەمبەر بولمىغان بولۇپ، مىسىرغا قاراپ يولغا چىقىشى پەيغەمبەرلىك مەجبۇرىيەت ئەمەس، ۋەتىنىگە مۇھەببەت يۈزىسىدىن ئىدى. مىسىرغا قايتسا يەرلىك قىبتىنى ئۆلتۈرۈپ قويغانلىقى ئۈچۈن جازالىنىشى مۇمكىن بولسىمۇ، ھەزرىتى مۇسا قورقماستىن ئانا يۇرتى تامان يول ئالغان ئىدى.
ئانا ۋەتىنىنى تەرك ئېتىپ ياقا يۇرتلاردا سەرمۇ – سەرگەردان بولۇش ئۇرۇغ – تۇغقان، قەۋىم – قېرىنداشلىرىدىن ئايرىلغاندىنمۇ مۇشەققەت سىناق بولغىنى ئۈچۈن قۇرئان كەرىمدە مۆمىنلەرنى ماختاپ:[ ئىمان ئېيتقانلار ۋە ھىجرەت قىلغانلار] دېگەن ئايەتلەر كۆپلەپ ئۇچرايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەسلەپكى ساھابىلىرى بولغان مۇھاجىرلارنىڭ ئەنسارلارغا قارىغاندا ئەۋزەللىكى: مۇھاجىرلار دىنى، جېنى، مېلى ۋە كىشىلىك ھۆرمىتىنى قوغداش ئۈچۈن ئانا ۋەتىنى مەككىدىن ئايرىلىپ چىقىشقا مەجبۇر بولغانلىقى ئۈچۈندۇر.
قۇرئان كەرىمدە يەنە ۋەتەننى سۆيۈش ئۆز جېنىنى ئەزىز كۆرۈش بىلەن تەڭداش زىكىر قىلىنىپ:[ ئەگەر بىز ئۇلارغا:” ئۆزۈڭلارنى ئۆلتۈرۈڭلار ياكى يۇرتۇڭلاردىن چېقىپ كېتىڭلار” دەپ ئەمىر قىلغان بولساق ئىدۇق، ئۇلارنىڭ ئازغىنىسىدىن باشقىسى بۇنى ئىجرا قىلمايتتى](نىسا:66) دەيدۇ. ئاللاھ يەنە:[ سىلەر بىلەن ئۇرۇش قىلمىغان ۋە سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارمىغانلارغا كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلاردىن، ئۇلارغا ئادىل بولۇشۇڭلاردىن سىلەرنى توسىمايدۇ، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئادىللارنى دوست تۇتىدۇ] (مۇمتەھىنە:8) دەيدۇ.
ھەقىقىي مۇسۇلمان ۋەتىنىگە ۋاپادار بولىدۇ، ۋەتىنىنى ۋەتەن بولغىنى ياخشى كۆرۈش بىلەن ئۈستىگە، ئۇنىڭ ئىسلام دىيارى بولغىنى ئۈچۈن ۋەتەن – خەلقىنى ئىمان بىلەن ياخشى كۆرىدۇ. ۋەتىنىدە ئاللاھنى ئۇلۇغلايدىغان، دىننى سۆيىدىغان، سۈننەتكە ئەگىشىدىغان مۇسۇلمانلارنىڭ بولغىنى ئۈچۈن ھەسسىلەپ ياخشى كۆرىدۇ ۋە ئۇنى قوغداشنى ۋاجىب، ئۇنىڭ يولىدا جان بېرىشنى شېھىتلىك دەپ بىلىدۇ. ئىنسان تەبىئىتى ۋە ئىسلام ئەقىدىسى ئۈستىگە قۇرۇلغان ئەنە شۇنداق ۋەتەن سۆيگۈسى مۇسۇلمان ئۈچۈن ئىمانغا ئوخشاش ئەڭ قىممەتلىك، ئەڭ مۇھىم، ئەڭ پاك سۆيگۈلەر قاتارىدىن سانىلىدۇ. بۇ ۋەجىدىن، ئەقلى ساغلام، قەلبى پاكىز، ئىمانى ھەققانىي كىشىلىرىمىزگە، ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننى جان – دىل بىلەن سۆيۈشنىڭ ئىنسانىي تەبىئەت، شەرىئەت قوللىغان ۋە قوغدىغان ئىلاھىي نېئمەت ئىكەنلىكىنى ئارتۇقچە سۆزلەش بىھاجەت بولسا كېرەك.
مەسىلە شۇكى، بىزنىڭ ئىنسانىي فىترەت ۋە ئىمانىي خىسلەت بولغان بۇ ۋەتەنپەرۋەرلىك تۇيغۇمىز تولىمۇ يۈزەكى ئىپادىلىنىۋاتىدۇ. قايناق ھېسسيات ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلانمايۋاتىدۇ. ئەمەلىي ھەرىكەت بولسا ئىلمىي خىزمەتكە ئايلىنالمايۋاتىدۇ. ئىلمىي خىزمەت قىلىۋاتقانلار بولسا يېتەرلىك قوللاپ – قۇۋۋەتلەشكە ئېرىشەلمەيۋاتىدۇ!
400 يىل قۇللۇقتا ياشىغان ئىسرائىل قەۋمى فىرئەۋىننىڭ زۇلمىدىن قۇتۇلۇپ، ۋەدە قىلىنغان شەھەر قۇددۇسقا كىرىشكە بۇيرۇلغاندا، ئۇلار سىپىل ئىچىدىكى بەستۇ – قامەتلىك ئەمالىقەلەردىن قورقۇپ، مۇسا ئەلەيھىسسالامغا:[ ئى مۇسا! مادامىكى ئۇلار مۇقەددەس يەردە ئىكەن، بىز ھەرگىز ئۇ يەرگە كىرمەيمىز، سەن پەرۋەردىگارىڭ بىلەن بېرىپ ئىككىڭلار ئۇرۇشۇڭلار، بىز بۇ يەردە ئولتۇرۇپ تۇرايلى] دەيدۇ. ئەنە شۇ سۆزى ئۈچۈن ئاللاھ تائالا:[ ئۇلارنىڭ مۇقەددەس يەرگە كىرىشى 40 يىلغىچە ھارام قىلىندى، (بۇ جەرياندا) ئۇلار زېمىندا ئادىشىپ يۈرۈيدۇ. پاسىق قەۋىم ئۈچۈن قايغۇرمىغىن](مائىدە: 24~26) دەيدۇ. 40 يىلدىن كىيىن، سىنا چۆلىدە ئادىشىپ قالغان ئىسرائىل قەۋمى يۇشە ئىبن نۇننىڭ يېتەكلىچىكىدە سىنا چۆلىدىن چىقىپ، مۇقەددەس زېمىنغا كىرىدۇ.
بىزلەرنىڭ ھالىمىز ئەنە شۇ ئىسرائىل قەۋمىگە ئوخشايدۇ. كۆپىنچىمىز تاكى ئۆتكەن يىلىغىچە كۆزىمىزگە زور كۆرۈنگەن خىتتايلاردىن قورقۇپ، خىتتايغا قارشى قىلىچ ئەمەس ئۈنۈمىزنى چىقىرالمىدۇق. يۈرىكىمىزدە ھېلىھەم قورقۇنچ بار، چۈنكى جاسارەتكە چۇشلۇق ئۈمىد يوق. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاغزىمىزدا دائىم ئاللاھنىڭ بىزگە ھامان نۇسرەت بېرىدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلساقمۇ، شۇ ئىشەنچىمىزنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەمەلىي ھەرىكەت يوق. بىز گويا ۋەتەننىڭ ئازات بولىشىنى ئاللاھ بىلەن بىر قىسىم پىداكارلارغا ئىتتىرىپ قويۇپ،” سىلەر ۋە پەرۋەردىگارىڭلار بېرىپ كۆرەش قىلىڭلار، بىز بۇ يەردە ئولتۇرۇپ تۇرايلى” دېدۇق. ئىسرائىل قەۋمىدە 40 يىلدىن كېيىن جەڭگىۋار يېڭى بىر ئەۋلاد بارلىققا كېلىپ مۇقەددەس زېمىنغا كىرگەن بولسا، بىزنىڭ ئىچىمىزدىن 70 يىلدا ئىككى ئەۋلاد ئالماشتىيۇ، ئارىمىزدىن يۇشە ئىبن نۇن كەبى ۋەتىنىمىزنى ئازاد قىلىدىغان بىر يېتەكچى قوماندان چىقمىدى. ئەمما ئىگە – چاقىسى يوق خەلقىمىزنى تۇيۇق يولغا باشلاپ، ئالتۇندىن بۇت ياساپ بېرىدىغان سامىرىيلار ھەر زامان، ھەر ماكان كەم بولمىدى!
ئىسرائىل قەۋمى پەلەستىندە دۆلەت قۇرۇپ، نەچچە ئەسىر سەلتەنەت سۈرگەندىن كېيىن بىر قېتىملىق ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ، ۋەتىنىدىن قوغلاپ چىقىرىلىدۇ. [ ئۇلار ئۆز ۋاقتىدا ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبىرىگە:” بىزگە پادىشاھ تىكلەپ بەرگىن، ئۇنىڭ بىلەن دۈشمەنلەرگە قارشى ئاللاھنىڭ يولىدا جەڭ قىلايلى” دېيىشتى. پەيغەمبەر:” سىلەرگە جىھاد پەرز قىلىنسا جىھاد قىلماي قالارسىلەرمۇ؟” دېدى. ئۇلار:” يۇرتلىرىمىزدىن ھەيدەپ چىقىرىلغان ۋە ئوغۇللىرىمىزدىن جۇدا قىلىنغان تۇرساق قانداقمۇ ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلمايلى؟” دېدى. ئۇلارغا جىھاد پەرز قىلىنغان چاغدا بولسا، ئازغىنىسىدىن باشقا ھەممىسى جىھادتىن باش تارتتى. ئاللاھ زالىملارنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر] (بەقەرە: 246).
ھالا بۈگۈنكى كۈندە، بىز 3000 يىل بۇرۇنقى ئىسرائىل قەۋمىدىنمۇ ئېغىر كۈنگە قالدۇق، بىز ۋەتىنى تۇرۇپ قايتالمايدىغان، ئاتا – ئانىسى تۇرۇپ كۆرۈشەلمەيدىغان، ئۆزىمىز ئەمىن جايدا بولساقمۇ روھىمىز كىشەندە ياشايدىغان مىسلىسىز سەرگەردانلىقتا قالدۇق. 80 يىل ئاۋالقى يەھۇدىلار ئۇچرىغان تالاپەتكە ئۇچراپ، ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا ناتسېستلارنىڭ جازا لاگىرىغا ئوخشايدىغان ” يېپىق تەربىيەلەش” تۈرمىلىرىدە يۈزمىڭلىغان قېرىنداشلىرىمىز سولاندى. ۋەتىنىمىز، ئاتا – ئانىمىز، قەۋم – قېرىنداشلىرىمىزدىن جۇدا قىلىنغان بولساقمۇ بىزدە يەنىلا:” يۇرتلىرىمىزدىن ھەيدەپ چىقىرىلغان ۋە ئاتا – ئانىمىزدىن جۇدا قىلىنغان تۇرساق، قانداقمۇ خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى كۈرەش قىلمايلى؟!” دېيەلىگۈدەك جاسارەت كەمچىل! بەلكى بىز كۆپىنچىمىز :” سىلەر ۋە پەرۋەردىگارىڭلار كۈرەش قىلىڭلار، بىز ئولتۇرۇپ تۇرايلى” دېگۈچىلەرمىز!
بۈگۈن 5- فىۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەيمىز، ئەتە 5 – ئاپرىل بارىن قىرغىنچىلىقىنى ياد ئېتىمىز، ئۆگۈنلۈككە 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنى ئەسلەيمىز! ئۇلار ۋەتەننىڭ ئىچىدە تۇرۇپ، ئۇرۇق – تۇغقانلىرى يېنىدا تۇرۇپ، قانخور خىتتايغا قارشى نەرە تارتقان شىر يۈرەك ئەزىمەتلەر ئىدى! ئۇلار قوللىرىدا شاھادەت بايرىقى كۆتۈرگەن، ھۆرلۈك ئۈچۈن شېھىت بولغانلار ئىدى. ئۇلار خىتتايغا مەجبۇرى ئىشلەشكە ئەكىتىلىپ، خىتتايلاردىن ھارام تاياق يېگەن ئۇيغۇر بالىلار ئۈچۈن قوزغىلىپ چىققان ئاجىز خەلق ئىدى! ھالبۇكى، خىتتاي ئىشغالىيىتىدە ئۇزۇن يىل ياشاپ فاشىست تۈزۈمگە كۆنۈپ كەتكەن روھىيىتىمىز، خىتتاي قورقۇنچىسىدىكى نۇرغۇن كىشىلىرىمىزنى ھۆر ئەللەردە تۇرۇپ شېھىت كەتكەنلەر ئۈچۈن شاھىد بولۇشتىنمۇ توسۇپ قويماقتا!
ئۇلار باشتا ئىستىقلالچىلارنى تۇتتى، مەن سۈكۈت قىلدىم، چۈنكى مەن ئىستىقلالچى ئەمەس ئىدىم.
ئاندىن ئۇلار دىنىي ئۆلىمالارنى تۇتتى، مەن سۈكۈت قىلدىم، چۈنكى مەن دىنىي ئۆلىما ئەمەس ئىدىم.
ئاندىن ئۇلار زىيالىيلارنى تۇتتى، مەن سۈكۈت قىلدىم، چۈنكى مەن زىيالىي ئەمەس ئىدىم.
ئاندىن ئۇلار بايلارنى تۇتتى، مەن سۈكۈت قىلدىم، چۈنكى مەن بايلاردىن ئەمەس ئىدىم.
ئاندىن ئۇلار مېنى تۇتقىلى كەلدى، ئەمدى بولغاندا مەن ئۈچۈن ئۈندەيدىغان ئادەممۇ قالمىدى.
– مارتىن نىموللىر
ئەزىز قېرىنداشلىرىم! گەرچە ھەممىمىز سىياسەت ئىچىدىكى ئىنسانلار بولساقمۇ، ھەممەيلەن سىياسەت قىلساق ياكى ئالدىنقى سەپتە كۈرەش قىلساق دېمەيمەن. ھەممىمىز خىتتايغا قارشى مەيدان ئاشكارىلاپ، خىتتايغا قارشى دۇئا – تەكبىرلەر بىلەن شۇئار توۋلىشىمىز كېرەك دەپ زورلىمايمەن. نىقاپ تاقاپ بولسىمۇ نامايىشقا چىققىن، ئانا ۋەتەن شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى كۆزلىرىڭگە سۈرتكىن، ئاسماندا لەپىلدەتكىن، يۈرۈكۈڭدە زەرداپ بولۇپ كەتكەن ئازاپ – ئوقۇبەت، زۇلۇم، مۇسىبەتلەرنى خىتتاينى تىللاپ، ئەلچىخانىسىغا چالما ئېتىپ دەردىڭنى چىقار! قۇلاقنى پاڭ قىلىۋەتكۈچە، گاللىرىڭ بوغۇلۇپ قالغۇچە خىتتاينى تىللىساڭمۇ پۇخادىن چىقمايسەن، ئۆچۈڭ تۈگىمەيدۇ، تاغنى تالقان قىلالمايسەن. ئەمما روھىيىتىڭ ئازراق بولسىمۇ كىشەندىن قۇتۇلىدۇ، قەلبىڭ ۋەتەن سۆيگۈسىدىن لەززەتلىنىدۇ، كۆك بايراقنىڭ سۆيۈملۈكلىكىنى يۈرۈكۈڭدىن ھېس قىلىسەن، ئىمانىڭغا ئىمان، ۋىجدانىڭغا ۋىجدان قوشۇلىدۇ! ئاندىن بىر ئۇخلاپ قوپۇپلا كۈۋەجەپ تۇرغان قايناق ھېسسياتلىرىڭ تاتلىققىنە بىر چۈشكە ئايلىنىپ قالمىسۇن. ئىچىڭگە پاتمايۋاتقان غەزەپ – نەپرەتنى ھەرىكەتكە ئايلاندۇر، بىر نەرسە ئۆگەن، بىلىم ئال! ئىستىقلال كۈنىمىزدە ۋەتەننىڭ تارىخىنى ئوقۇ، ئىبرەت ئال. مۇھەممەد سالىھ داموللامنىڭ ۋاپاتىغا قايغۇرغان بولساڭ بەش ۋاخ نامىزىڭنى جايىدا ئوقۇ، دۇئا قىل. 5 – فىۋرال شېھىتلىرىنى ئەسلىگەن بولساڭ، ئۇلارغا ئوخشاش ۋەتەن – خەلقنىڭ ئازاتلىقى ئۈچۈن ھەرىكەت قىل، خىزمەت قىل، كۈرەش قىل! مۇسىبەت ھەسرەتكە ئەمەس، ھەرىكەتكە تۈرتكە بولىشى كىرەك! بىز شېھىت كەتكەن مەرھۇملارنىڭ نامىنى ئەمەس، پىداكار روھىنى تەۋەرۈك بىلىشىمىز كېرەك!
خەلقىمىز ئارىسىدا، ھېچقانداق ئىقتىسادىي مەنپەئەت قوغلاشماي مىننەتسىز مېھنەت قىلىۋاتقانلار نۇرغۇن، كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ئۈن – تۈنسىز خىزمەت قىلىۋاتقانلار نۇرغۇن. ئەمما بۇ خىزمەتلەرنىڭ بىردىنبىر مەنپەئەتلەنگۈچىسى بولمىش ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ قوللاپ – قۇۋۋەتلەش قىزغىنلىقىنىڭ تولىمۇ تۆۋەنلىكىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز. ئوتتۇرىغا چىقىپ قالغانلار قىلدىن قېيىق كەتسە ئىلمىي تەنقىدتىن ھالقىپ، تاپا – تەنىلەرگە، ئورۇنسىز جىدەللەرگە قېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرىۋاتىمىز. بەزىلەر يۇنۇس ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاش پەندىيات دېدى، يەنە بەزىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاش چىرايلىقچە سەبىر قىلماقتا. يۈسۈپ ئەلەيھىسسالام ئۆزىنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇپ قۇدۇققا تاشلىۋەتكەن، مىسىردا قۇل بولۇپ سېتىلىپ، قەدىردان دادىسىنىڭ يۈسۈپنىڭ پىراقىدا يىغلاپ ئەما بولۇپ قېلىشىغا سەۋەب بولغان قېرىنداشلىرىنىڭ ئۆز قىلمىشلىرىدىن تېنىۋىلىشىغا قارىماستىن، ئۇلارنى ئەپۇ ئەتكەن ۋە گۇناھىنى يۈزىگە سالمىغان. يۈسۈپ ئەلەيھىسسالام :[ قېرىنداشلىرىم بىلەن مېنىڭ ئارامنى شەيتان بۇزغاندىن كېيىن سىلەرنى سەھرادىن بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىش بىلەن ماڭا ئېھسان قىلدى] دەپ ئۆگەي قېرىنداشلىرىنىڭ قىلمىشىغا شۇ قەدەر چىرايلىق ئۆزرە قويغان. ئەگەر سەن قېرىنداشلىرىڭغا ئۆزرە قويمىساڭ ياكى ئۆزرىسىنى قوبۇل قىلمىساڭ ئۇلارغا چىرايلىقچە تەكلىپ بەرگىن، تەنقىد بەرگىن، تۈزەتكىن، ئىسلاھ قىلغىن ئەمما كىرىشىۋالما، ئىززەت – ئابرويىغا چىقىلىپ مەسخىرە قىلما. [مەسخىرە قىلىنغان قەۋم مەسخىرە قىلغۇچى قەۋمدىن ياخشىراق بولىشى مۇمكىن](ھۇجرات: 11). ئەگەر ئىلمىي تەنقىدنىمۇ قاملاشتۇرالمىساق ياكى ئىلمىي تەنقىد قوبۇل قىلالمىساق ” سىلەر ۋە پەرۋەردىگارىڭلار كۈرەش قىلىڭلار، بىز ئولتۇرۇپ تۇرايلى” دېگىنىمىز تېخىمۇ ئەۋزەلدۇر!
شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر خەلقى خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىق ۋە ئاسسىمىلاتسىيە يۈرگۈزۈش تۆمۈر تاپانلىرىدا جان تالىشىۋاتقاندا، ۋەتەننى ھەقىقىي سۆيۈش جېنى ۋە مېلى بىلەن توختاۋسىز پىداكارلىق قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ۋەتەننى سۆيۈش خەلقىمىزنى توغرا يولغا يېتەكلەيدىغان ئىلىم ۋە ئەمەلنى، زىيا چاچىدىغان دەپتەر ۋە قەلەمنى، قۇۋۋەت بېغىشلايدىغان ھەمكارلىق ۋە ياردەمنى ھازىرلاشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۆملۈك ۋە بىرلىكنى، ھېممەت ۋە نۇسرەتنى تەلەپ قىلىدۇ. ياكى كەبىنى بىنا قىلغان ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام كەبى ئۆزىمىز بەرپا قىلايلى، ياكى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام كەبىنى بىنا قىلغاندا دىيەك بولغان مەقامى ئىبراھىمدەك دەستەك بولايلى، ياكى كەبە قايتا بىنا قىلىنغاندا ھەممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ھەجرەتۇل ئەسۋەدنى جايىغا سالغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدەك تەدبىرلىك بولايلى. ئەمماكى [ پىششىق ئىگىرگەن يىپنى چۇۋۇپ پارچە- پارچە قىلىۋەتكەن خوتۇندەك بولماڭلار] ( نەھىل:92).
2018- يىلى 2- ئاينىڭ 5- كۈنى