ئىمانىمغا خىلاپ ئىشنى ھەرگىز قىلدۇرالمايسەن
(4)
ئارتۇچ بۇغرا
باھادىر تەربىيىلىنىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئۇ بارىدىغان يەرلىرىگە بېشىغا قارا لاتا كەيدۈرۈلۈپ، خۇددى جىنايەتچىلەرنى ئېلىپ ماڭغاندەك ئېلىپ بېرىلدى.
نەزەر بۇنىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئەسكەرتىپ تۇراتتى.
باھادىرغا بېرىلىدىغان دەرسلەر ناھايىتى زىچ ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئۇنىڭغا نەزەردىن باشقا خىتتايلار يەنە، ئىستىخباراتقا دائىر دەرسلەر، سىياسىي ئاكتىپلارنىڭ كەينىگە قانداق چۈشۈش، ئۇلارنى قانداق شەكىلدە نازارەت قىلىش، تېلىفۇن ۋە ئۆيىدىن ئاۋازلارنى قايسى ئۇسۇللاردا ئېلىش، ئۇلار بىلەن قانداق مۇناسىۋەت ئورنىتىش، ئۇلارنىڭ يېقىنلىرىنى قانداق قولغا كەلتۈرۈش قاتارلىق تەرەپلەردە ئەتراپلىق تەربىيەلەش ئېلىپ بېرىلدى.
كۆپىنچە دەرسلەر خىتتاي تىلىدا بولغاچقا، باھادىر ئامال بار خاتىرە قالدۇرۇشقا تىرىشاتتى. باھادىر بۇنداق قىلىش ئارقىلىق، دەلىل – ئىسپات قالدۇرۇۋېلىشنى مەقسەت قىلغان ئىدى.
دەرس شۇ تەرىقىدە بىر ھەپتە داۋاملاشتى. بىر كۈنى نەزەر باھادىرغا، بۈگۈن كەچتە ئۇنى بىر يەرگە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى، ئارام ئالدۇرۇپ كېلىدىغانلىقىنى، كەچتە ياتاققا ئالغىلى كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ باھادىر بىلەن خۇشلاشتى.
باھادىرنىڭ بېشىغا غەم چۈشتى. «بۇ لاتا ئەمدى مېنى قانداق ئىشقا يولۇقتۇرار. ھاراق – شاراپ، مەينەت نايناقلىنىڭ يېنىغا ئاپىرىپ كوڭلۈمنى غەش قىلارمۇ؟ ئۇنداق ئىشلىغا زورلانسام قانداق قىلارمەن ئەمدى. دەرسلەرنى ئامالسىز، بۇ بەدبەخلەرنىڭ ھىيلىسىنى بىلىش ئۈچۈن ئېلىۋاتقىنىم بىلەن، ئەمما كەچتە بارىدىغان يېرىمدە، ئىمانىمغا خىلاپ ئىشلارغا زورلانسام قانداق قىلارمەن ئەمدى، ئاللاھ ئۆز پاناھىڭدا ساقلىغايسەن…» باھادىر ئىچىدە ئاللاھقا يېلىنىپ، كۆپ دۇئا قىلدى.
نەزەر بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا باھادىرنى ئالغىلى كەلدى ۋە ماشىنسىغا سېلىپ ، ئۇنى ئۈرۈمچىدىكى ئەڭ كاتتا «كوڭۈل ئېچىش » مەيدانىغا ئېلىپ كەلدى. ئۇلارنى بىر كۈتكۈچى قىز يول باشلاپ ئايرىمخانىدىن بىرسىگە ئورۇنلاشتۇردى. بۇ ئايرىمخانىدا نەزەر بىلەن باھادىردىن باشقا يەنە مۇلازىمەت قىلىدىغان ھەمرا خىتتاي تەتەيلەرمۇ بار ئىدى. نەزەر ناھايىتى خۇشال كەيپىياتتا گەپ باشلىدى:
– قارا باھادىر. سېنى بۇ بىر ھەپتىدىن بۇيان دەرس ئېلىپ چارچاپ كەتتى دەپ، سېنى بىر مېھمان قىلىپ ھاردۇقىڭنى چىقىرىپ قويۇش ئۈچۈن، بۈگۈن مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدىم. بۇ يەردە كۆڭۈل خۇشى قىلىپ بولۇپ، ھور مۇنچىغا بارىمىز، ئۇ يەردە قالغان ھاردۇقىڭنى چىقىرىمەن – دەپ سەت ھىجايدى. باھادىرنىڭ تەنلىرى شۈركەندى:
– بەك ئاۋارە بولۇپ كېتىپسەن. ماڭا نېمە ھاردۇق چىقىرىش دەيسەن، شۇنداق ياخشى دەرسلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇپ تۇرۋاتىسەن، ئۈمىدىم، قايتىپ بېرىپ، تېزراق ئىشقا چۈشسەم بولاتتى – دەپ، ئۆزىنىڭ خىزمەت قىلىشقا نەقەدەر ئالدىراۋاتقانلىقىنى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەشكە تىرىشتى.
يۇقىرى ئاۋازدا قۇيۇلغان مۇزىكا، نايناق تەتەيلەرنىڭ سېسىق تەر ئارىلاش ئەتىر پۇراقلىرى، سۇيىنى چىقىرىپ غىلجىڭلاشلىرى، نەزەرنىڭ خىتتاي تىلىدا، ئۇلار بىلەن ئاللىقانداقتۇر ئويۇنلارنى ئويناشلىرى باھادىرنى بىئارام قىلماقتا ئىدى.
باھادىر ئامالسىز نەزەرنىڭ مەستلىكتىن تېخىمۇ سەتلەشكەن چىرايىغا قاراپ، يېنىدىكى تەتەيلەرنىڭ گەپلىرىگە تۈركچە جاۋاپ قايتۇرۇپ، ھېچنىمە چۈشەنمىگەن قىياپەتتە ئولتۇراتتى.
نەزەرنىڭ كەيپى تەڭشەلگەن چېغى، ئايرىمخانىدىكى قىزلارنى چىقىرىۋېتىپ، مۇزىكىنى ئۆچۈرۈپ، باھادىرنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇرۇپ گەپ باشلىدى:
– ئاداش، ساڭا بۇ سورۇننى خىتتاي پەدىسى قىپتىمەن. تۈرك پەدىسىدە قىلسام بوپتىكەن -ھە! – دەپ، ئۆزىچە شاڭخو كەلتۈرگەن بولدى.
– سەت بولدى باھادىر، چاقچاقمۇ قاملاشمىدى؟ ساڭا ئېيتسام، مەن ئۇيغۇر بولۇپ قالغانلىقىمدىن ئۆكۈنىمەن جۇمۇ، مېنى مەست بولۇپ قالدى دەپ قالما، راست نومۇس قىلىدىغان بولۇپ قالدىم مۇشۇ كۈنلەردە. ئۇيغۇرلاردا بىر ماقال تەمسىل بارغۇ، «ئېشەك جېنىدا پۇتى بىر قېتىم كىرىپ كەتكەن كۆۋرۈكتىن ئىككىنچى قېتىم ئۆتمەيدۇ»دەپ بىز ئۇيغۇر پۇتىمىز ئون قېتىم كىرىپ كەتسىمۇ، ئۆتېۋېرىدىكەنمىز ئەمەسمۇ.
نەزەر ھاراقنىڭ كۈچى بىلەن ئوبدانلا تەڭشەلگەن ئىدى. باھادىرمۇ، ئۇنى گەپكە سالىدىغان پۇرسەتنىڭ كەلگەنلىكىنى بىلىپ، چېلىشقا باشلىدى:
-ھە، قانداق دەيسەن نەزەر. سەن نېمىنى كۆزدە تۇتۇپ بۇنداق دەيسەن – دەپ ياندۇرۇپ سوئال قويدى نەزەرگە.
-بىزنىڭ تارىخقا قاراپ باقسام، يېقىنقى نەچچە يۈز يىل ئىچىدە ھېلى بۇ كېلىپ بوزەك قىلىپ، ھېلى ئۇ كېلىپ بوزەك قىلىپ ئىسيان كۆتىرىپتۇق مەغلۇپ بوپتۇق. تارىختىكى تومۇر خەلپە ئۆزى كېلىپ تۇتۇلۇپ خىتتاينىڭ قولىدا ئۆلدى، شۇنىڭ قولىدا تەربىيلەنگەن خوجىنىياز ھاجىممۇ ئوخشاش ئۆزى كېلىپ خىتتاينىڭ قولىدا ئۆلدى.ھەر قانچە قىلسمۇ مۇشۇنداق بولامدۇ ھەي…..بەك دوت ھەي بىز…
-ئېچىنىمەن بۇ ئۇيغۇرلارغا مۇشۇنداق نەچچىگە بولۇنۇپ ياشاپ بىر-بىرىمىزنى ياراتماي، بۇرۇنقى زاماندا ئاق تاغلىق -قارا تاغلىق دەپ تەرەپ ئايرىپ، يېقىنقى يىللاردا يۇرتۋازلىق، مەھەللىۋازلىق قىلىپ، ماۋۇ چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار بىر نەرسە بىلەمدىكىن دەپ ئويلىسام ئۇلارمۇ تەرەپ ئايرىپ ماۋۇ خىتتاينىڭ ھىلىسىگە چۈشۈپ قورال ئالغانلىرىمۇ نەچچە گورۇپىغا بولۇنۇپ، قورالسىز تەشكىلاتلارمۇ تېخى بىر -بىرسى بىلەن ھوقوق ۋە كۇچ تالىشىپ ئاۋارە دە، بۇ گەپلەرنى قىلسام مېنىڭ ھازىرقى سالايىتىمگە توغرا ئەمەس. شۇ خىتتاينىڭ مەقسىتى ۋە ئارزۈسى شۇ تۇرسا نېمىشقا يەنە شۇ كۆرۈككە پۇتىنى تىقىۋېرىدۇ دەيمەندە.
-توغرا دەيسەن دەپ گەپ باشلىدى باھادىرمۇ، ئۆتكەن ھەپتە ئۆتكەن دەرسىلەر مەزمۇنىدىمۇ شۇ ئۇيغۇرلارنى ياخشى تەتقىق قىلغان خىتتاي مۇتەخەسىسلەر دەرىس ئۆتىتى. ئۇلارنىڭمۇ ئەسكەرتىشىدە ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان بەزى تاكتىكىلارنى قوللانغان خادىملار ئۆزگەرگەن بىلەن تاكتىكىلارنىڭ ئاساسى جەھەتتىن ئۆزگەرمىگەن ھالەتتە داۋام قىلىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلارنى دىننىي ۋە پەننىي جەھەتتىكى ئالىملارنى ھەر خىل سەۋەپ بىلەن تۇرمىگە قاماش ۋە ياكى ئۆلتۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارنى يوق قىلىش بۇنداق بولغاندا يېڭى بىر نەسلىنىڭ يېتىشىپ چىقىشىدا ۋاقىت جەھەتتىن ئۇتۇپ، ئۇلارنى دىننىڭ ئەسلىنى ئېنىق رەۋىشتە چۈشىنىشتىن مەھرۈم قىلىش، خاتا ياكى بۇرمىلانغان ئىسلام دىنى ئەقىدىلىرىنى كەڭرى يېيىش بۇ ئارقىلىق ئۇلارنى ئۆز-ئارا زىدىيەتلىشىپ تەرەپ ئېلىشقا، دۇشمەننى خىتتايلاردىن ئەمەس، بەلكى ئەڭ ئاۋال ئۆزىدىن ئىزدەشكە ھەلەك قىلىش دەپ سۆزلىگەن ئىدى.
نەزەر يەنە گەپ باشلىدى.
-ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسىم دىننىي تالىپلىردىچۇ دىننىي ئىلمى بولغان بىلەن پەننىي ئىلىمى يوق، پەننىي ئىلىمىي بولغانلارنىڭ دىننىي ئىلمىي يوق، بۇنىڭلىق بىلەن بۇ ئىككى تەبىقە ئارىىسدا زىدىيەتلەر ئاسان كېلىپ چىقىدىكەن بۇنىڭ پايدىسىنى بىز بەك كۆردۇق جۇما، بۇلارنى كۆپ كاللا سوقۇشتۇرۇپ ئوينىدۇق. مەن ساڭا دەي ھازىر خىتتاي ھۆكۈمىتى بارغۇ مۇشۇ چەتئەللەردىكى تەشكىلاتلارنى ئىجتىمائى ئۇچۇر ۋاستىلىرىدىن پايدىلىنىپ زىدىيەت قىلىپ ئاز قالدى بۇلارمۇ ، 20 يىلنىڭ ئالدىكى پاكىستان ۋە قازاقىستاندىكىدەك بىر-بىرگە قورال كۆتىرىشىپ ئېتىشىدىغان ۋەزىيەتكە كېلىپ قالدى.
-باھادىر بىلمىگەن بولۇپ، قىزىققان قىياپەتتە سورىدى قانداق دەيسەن ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا قانداق كاللا سوقۇشتۇردۇق دەيسەن؟
-ھە،قىزىق بۇ ئىشلار ساڭا دەرس قىلىپ ئۆتىمىز ئالدىمىزدا شۇنداق بولسىمۇ ئازراق دەپ بېرەي، چەتئەلدىكى بولۇپمۇ قوراللىق ئۇيغۇر تالىپچاقلار بارغۇ ئۇلارنىڭ ھەر ئىككى تەرەپ ھازىرقى «تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى» ۋە «ئىسلام دۆلىتى» دەيمىز ئۇلارنىڭ ئالاقە توپلىرى بار، ئۇلارنىڭ قىلغان ئاۋازلىق خەتلىك ئۇچۇرلار شۇ توپ ئىچىدىكى قۇلاقلار ئارقىلىق بىزگە يېتىپ كېلىدۇ شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ ئىدارىدە ئۇچۇرنى توپلايدىغانلار ئايرىم، توپلانغان ئۇچۇرلارنى ئانالىز قىلدىغانلار ئايرىم، ئۇ ئۇچۇرلارنىڭ قانداق شەكىلىدە ئۆزگەرتىپ ياساپ پىتنە-پاسات تارقىدىغانلار ئايرىم، ھەر خىل ئىجتىمائى ۋاستىلاردا بېلىق تۇتىدىغانلار ئايرىم، شۇنىڭ بىلەن نەچچە ئاي ئالدىدا تۈركىستان پارتىيىسى ئۇنداق دەپتۇ ۋاي دۆلەتكە قارشى مۇنداق دەپتۇ، سەن ئىتنىڭ كۈچىكى دىسە، ۋاي سەن كاپىر ،خاۋارىچ دەپمۇ ئىشقىلىپ بىر-بىرىسىنى ئەرەپچە بىر نىمىلەرنى تىلشىپ ئىككى تەرەپ رەسمى ئاۋازلىق ۋە خەتلىك ماقالە يېزىپ، خىتتاي ھۆكۈمىتى 5000ئەسكەر چىقىرىپ ئۇرۇش قىلىپ كەلتۇرەلمەيدىغان جەڭ نەتىجىسىنى پىتنە -ئىغۋا، تىل ئاھانەتلەر بىلەن قولغا كەلتۇردۇق.
يەنە تېخى يېقىندا تۈركىيەدىكى ئولىمالار بىرلىكى بىلەن مۇھاجىرەتتىكى بەزى زىيالىلار ئوتتۇرسىغىمۇ پىتنە سېلىپ، ئۇلارنى كاللا سوقۇشتۇردىغان بىر -بىرسىگە تىل سالدىغان كەمسىتىدىغان يازما ۋە شېئىرلارنى كۆپلەپ تارقىتىپ ئۇلارنى ئۆز-ئارا كاللا سوقۇشتۇرۇشقا سورۇن ھازىرلايمىز دەپ سەت ھىجايدى.
داۋامى بار.