ئىمانىمغا خىلاپ ئىشنى ھەرگىز قىلدۇرالمايسەن
(1)
ئارتۇچ بۇغرا
ئايرىم ئىشخانا جىمجىتلىققا چۆمگەن ئىدى. باھادىر بېشىنى سەل كۆتۈرۈپ ئەتراپقا بىر قۇر سەپ سالدى. باياتىندىن بېرى ئۇنى قىينىغان ئىككى خىتتاي بىخەتەرلىك ساقچىسى چىقىپ كەتكەن ئىدى.
ئۇ تۆمۇر ئورۇندۇققا، قول – پۇتى ئالدىغا قىلىپ كىشەنلەنگەن ھالەتتە ئولتۇرغۇزۇلغان ئىدى.
ئۇ تۈركىيەدە ئاڭلىغانلىرى بىلەن ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرى ئارىسىدىكى پەرقنىڭ زورلىقىنى تونۇپ يەتتى. ساۋاقداشلىرىنىڭ «خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى دېگەن تاجاۋۇزچى، ئۇنىڭدىن رەھىم – شەپقەت كۈتۈشكە بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار دىنسىز، ئاتىزىمچى مەخلۇقلار. ئۇلار سېنى قىيىن – قىستاققا ئالمىغان تەقدىردىمۇ، بوش قويۇۋەتمەسلىكى مۇمكىن. چۈنكى، خىتتاي جاسۇسلۇق ئورگانلىرىنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق تەدبىرلىرى بار. بىزنىڭ ئاجىزلىق نۇقتىلىرىمىزنى 8 سائەت مۇقىم ئولتۇرۇپ تەتقىق قىلىدىغان خادىملىرى بارمىش، بىزنى ھەر تەرەپتىن تەتقىق قىلىپ، ئالدىغا بېرىپ قالغان سەن، بىزدەك ئۇيغۇرلارنى كۈچىنىڭ يېتىشىچە ئۆزىنىڭ تەرىپىنى ئالغۇزۇشقا تىرىشىدۇىكەن» دەپ ئەسكەرتكەنلىرىنى ئېسىگە ئالدى.
ئەمما باھادىر، ئۆزىدەك تۈركىيە گىراژدانلىقىغا ئۆتۈپ بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ، شەرقىي تۈركىستانغا تۇققان يوقلاش، ھەر خىل تىجارەت ۋە باشقا ئىشلار بىلەن خاتىرجەم بېرىپ – كېلىۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ۋە ئۇلاردىن سۈرۈشتۈرگىنىدە، خىتتاي بىخەتەرلىك ئىدارىسىدىكى خادىملارنىڭ رەسمىيەت يۈزىسىدىن نورمال، ئادەتتىكىچە سوئال سوراپ قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدى. ھەمدە ئۇلارنىڭ ھېچ ئىش يۈز بەرمىگەندەك يۈرۈشلىرىگە قاراپ، ئۆزىنىڭمۇ ئەينى ۋاقىتتا تۈركىيەگە خىتتاي پاسپورتى بىلەن قانۇنلۇق چىققانلىقىنى، ئوقۇش ۋە خىزمەت ھەلەكچىلىگىدە، سىياسىي پائالىيەتلەردىن ئۆزىنى تارتىپ كەلگەنلىكىنى، رەسىمگە ۋە ۋىدىئولارغا چۈشۈپ قېلىشتىن ھەر ۋاقىت ئېھتىيات قىلىپ تۇرغانلىقلىرىنى ئويلاپ، خاتىرجەم ئىدى.
يەنە بىر تەرەپتىن، ئۆزى تونۇيدىغان، خىتتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلاردا بايراق كۆتۈرۈپ ۋاقىراپ – جاقىراپ ھەممىنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغان بەزى ئىشەنچىلىك كىشىلەرنىڭمۇ، ۋەتەنگە نورمال بېرىپ – كېلەلىگەنلىگىنى كۆپ ئاڭلىغان ۋە ئۇلارغا، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلات ۋە ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلەرنى سېتىپ خەجلىگەنلىكى ئۈچۈن، خىتتاينىڭ يېشىل چىراق يېقىپ بەرگەنلىكىدەك مىش – مىش گەپلىرىنى ئاڭلىغان بولسىمۇ، ئىشەنمىگەن ئىدى.
ئىشىكنىڭ قوپال ئېچىلىشى بىلەن ئۇ خىيالدىن ئۆزىگە قايتتى. بۇ قېتىم ئىشخانىغا خىتتاي چىراي، بويى ئىگىز، ئۇرۇق بىرى كىرىپ كەلدى. ئۇ كىرىپلا باھادىرغا ئىچ ئاغرىتقان ھالدا گەپ باشلىدى:
– قارا بۇلارنى، سېنى مۇشۇنداقمۇ قىينىغان بارمۇ؟ سەن يا جىنايەت گۇماندارى، ياكى ۋەتەن ساتقان جاسۇس بولمىساڭ. چىرايلىق سۆھبەتلەشسە بولىدۇ ئەمەسمۇ؟ ساڭا سەل قاتتىق تېگىپ قويۇپتۇ جۇمۇ.
ئۇ قولىدىكى دەپتەرنى ئۈستەلگە قويۇپ، دەرھال باھادىرنىڭ قولىدىكى كىشەنلەرنى ئېلىۋەتكەچ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:
– بايا ئۇلار تېلىفون قىلغاندا سىرتتا ئىدىم، ”مەن بارغۇچە سوراق قىلىپ قاتتىق تېگىپ قويماڭلار“ دېسەممۇ قارا بۇلارنى. بۇ خىتتاي ساقچىلارنىڭ، خورىكى بەك ئوسۇپ كەتتى. ئۇيغۇرلارنى مۇشۇنداق بوزەك قىلىدىغان بولىۋالدى – دېگەچ كىشەنلەرنى چىقىرىپ ئۈلگۈردى. باھادىرمۇ ھەيران بولۇپ:
– سەن خىتتاي ئەمەسمۇ؟ – دەپ سورىدى.
– ياق، بۇ لالمىلار بىلەن ئىشلەۋەرسەڭ چىرايىڭمۇ مۇشۇنداق سىڭىشىپ كېتىدىكەن دېگىنە. مەن ئۇيغۇر. ئاللاھ ساقلاپ خىتتاينىڭ پۇشتىدىن قىلمىغانغا شۈكرى جۇمۇ.
باھادىر ئۇنىڭ بۇنداق گەپلىرىگە ئىشىنىپ كەتمىدى. ئىككى كۈن ئىلگىرى ئايروپورتتا تۇتۇلۇپ ئېلىپ كىرىلگەندىن بېرى، بۇلارنىڭ ئەپتى – بەشىرىسىنى ناھايىتى ئېنىق كۆرۈۋاتاتتى.
– مېنىڭ ئىسمىم نەزەر – دەپ گەپ باشلىدى ھېلىقى ساقچى، – مەن ئۆزۈمنى بىر تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي. مەن ئاپتونۇم رايونلۇق بىخەتەرلىك ئىدارىسى چەت ئەل ئىشلىرى ئىشخانىسىدا خىزمەت قىلىمەن. باھادىر، بىز سېنى يېقىندىن تونۇيمىز. سەن كەلگىچە سېنىڭ ئارخىپلىرىڭ بىزگە كېلىپ بولغان. سەن بىلەن گەپنى يېپىق شەكىلدە ئەمەس، دوستلاردەك ئوچۇق يورۇق قىلىشىلى، يېشىمىزمۇ تەڭ ئىكەن. نېمە ئىچكۈڭ بار؟ چاي، مىۋە سۈيى دېگەندەك – دەپ سورىدى باھادىردىن. باھادىر چوڭقۇر بىر نەپەس ئېلىۋالغاندىن كېيىن:
– ياق، رەھمەت.
باھادىر كوڭلىدە، بۇلارنىڭ يۇمشاق ۋاستە قوللىنىش تاكتىسىنى ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى تەخمىن قىلدى. ئۇ چاندۇرماي ئۇلارغا ئەل بولغان قىياپەتكە كىرىپ، قۇتۇلۇشنى ئويلىدى.
– نەزەر، – دەپ گەپ باشلىدى باھادىر. مېنىڭ ئارخىۋىمنى سەنمۇ كۆردۈڭ بەلكىم. تۈركىيەدە نېمە ئىشلار بىلەن شۇغۇللانغىنىم ساڭا ئېنىق. مەن ھېچ چۈشىنەلمدىم ، مېنى بۇنچىۋالا ئۇرۇپ، قىيناپ سوراق قىلىپ، سىلەرنىڭ مەندىن نېمىنى بىلمەكچى بولغىنىڭلارنى پەقەت چۈشىنەلمىدىم.
نەزەر يالغان ھىجىيىپ سۆز باشلىدى:
– توغرا، سەن تۈركىيەدە ئوقۇش ۋە ئىشلەش بىلەن بولۇپ، ھېچقانداق سىياسىي تەشكىلات ۋە سىياسىي پائالىيەتلەرگە قاتناشمىدىڭ. ئۇلارنىڭ سېنى ئۇرۇپ سوراق قىلغىنى توغرا بولماپتۇ. بەلكىم سېنى سىناپ باققان بولۇشى مۇمكىن. مەن بۈگۈنلا سېنى يۇرتۇڭغا يولغا سېلىپ قويىمەن. بېرىپ تۇققانلىرىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ، يۇرتۇڭنى كۆرۈپ 20 كۈندىن كېيىن قايتىپ كېلىسەن. سېنى يەنە ئىستانبۇلغا ئۆزۈم بىلەت ئېلىپ يولغا سېلىپ قويىمەن. مېنىڭ ساڭا تەكلىۋىم شۇكى، ئۇ يەرگە بارغاندىن كېيىن بىز بىلەن ئالاقىنى ئۈزۈپ قويمايسەن ھەم بىز تاپشۇرغان ئىشلارنى ئورۇنداپ بەرسەڭلا بولىدۇ.
باھادىرنىڭ بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ باشلىرى قېيىپ كەتتى. ئۇ كۆڭلىدە:«سەنلەرنىڭ ئالدىغا كېلىپ قالغان ئادەمگە بىكارغا ئىش يوقكەن. ئەمدى مېنى مۇناپىق بولۇپ ياشا دەيدىكەنسەن -دە، ئى ئاللاھ، مېنى بۇ مۇناپىقلارنىڭ ھىيلە – مىكرىدىن ۋە سۈيىقەستلىرىدىن ساقلىغايسەن» دەپ دۇئا قىلدى.
– ھە، بەك ئويلىنىپ كەتتىڭغۇ؟ بىز ساڭا سەن قىلالمىغىدەك ئىش بەرمەيمىز. ھەم سېنى مۇناپىقلىق قىل دېمەيمىز. سەن پەقەت بىز ساڭا ئىسمىنى تەمىنلىگەن كىشىلەرنىڭ، ئىستانبۇلدىكى ئىقتىسادى ئەھۋالى، سالامەتلىك ئەھۋالى، ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالى، ئىجتىمائى مۇناسىۋىتى، ئاندىن سۈرىيە ۋە دۆلەتكە كىرىپ كېتىۋاتقان بالىلارنىڭ تىزىملىگىنى يەنى ئۇلارنىڭ يۇرتى، رەسىمى دېگەندەك ئۇچۇرلىرىنى تەمىنلىسەڭلا بولىدۇ. – دىدى نەزەر. باھادىر نەزەرگە قاراپ:
– سەنمۇ ئۇقىسەن. مەن ئوقۇش، ئىشلەش بىلەن بولۇپ، ئۇيغۇر تەشكىلات ۋە جامائەت بىلەن تازا قويۇق ئارىلىشىپ كېتەلمىگەن تۇرسام، ئۇلارنىڭ شەخسى ئىشلىرىنى قانداق بىلىمەن؟… سۈرىيە ۋە دۆلەتكە كىرىدىغان ئۇ ساقاللىق بالىلاردىن تونۇيدىغانلىرىممۇ يوق. كىمنىڭ ماڭغان – ماڭمىغانلىقىنى نەدىن بىلىمەن؟
– بۇلاردىن خاتىرجەم بول. ساڭا ئۇچۇرلارنى قانداق ئىگەللەشنى تەپسىلى ئۆگىتىدىغان مۇتەخەسسىسلىرىمىز بار. ئۇلار سېنى بىر ھەپتە تەربىيەلەيدۇ. مەن ساڭا پەقەت 20 كۈن ۋاقىت بەردىم، سەن تۇققانلىرىڭنى يوقلاپ كەلگەندىن كېيىن، بىز سېنى ئۇ تەرەپتىن ئۇچۇرنى قانداق ئېلىش ۋە بىزگە قانداق يەتكۈزۈش قاتارلىق جەھەتلەردە سېستىمىلىق تەربىيەلەپ يولغا سالىمىز. سېنىڭ ئۇ يەردىكى تۇرمۇش، خىزمەت چىقىملىرىڭنىڭ ھەممىسى بىزدىن. مەن سېنى ھەرگىز زىيان تارتىدىغان ئىشقا زورلىمايمەن. – دەپ باھادىرنىڭ مۆرىسىگە يېنىك شاپىلاقلاپ، مىيىغىدا كۈلدى نەزەر.
داۋامى بار.
بىر ئىنكاس
Malik
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ھۆرمەتلىك ئارتۇچ بۇغرا ئەپەندىم ، (ئىمانىمغا ئىخلاپ ئىش قىلدۇرالمايسەن ) ناملىق ھىكايىنىڭ داۋامىنى كۈتۈۋاتقىنىمغا خىلى بولدى ، قاچان ئۇقۇشقا نىسىپ بۇلاركىن ؟ ئاللاھ ئىشلىرىڭلارغا ئاسانلىق بەرسۇن .