ئىنقىلاپچىلار غەزىلى
ئىقبال
بولماس بىزگە ئەمنلىك بەرپا بولماي ئادالەت،
ئادالەتنىڭ يىلتىزى شەرىئەت ۋە شاھادەت.
شۇھۇدالار قىنىدا پارلىغاي ھەقنىڭ نۇرى،
ھەق نۇرىدا ئەمىنلىك، ئىككى دۇنيا سائادەت.
بىرلىكسىز بىز ھۆرلۈككە بولالمايمىز مۇيەسسەر،
ھۆرلۈك ئۇلى ئەقىدە، بىرلىكتە بار قۇت زەپەر.
باغلىساق بىز مۇھەببەت ئاللاھنىڭ جامالىغا،
بىزگە نىسىپ بولغۇسى قايتىدىن يەنە قەشقەر.
بىز ئاللاھنىڭ ئەسكىرى ھەق ئۈچۈن ئىنقىلابىمىز،
ئىسسق جاننى ئاتاپ قۇيدۇق مۇستەقىللىق غايىمىز.
يا ئادالەت يا شاھادەت ھەر ئىككىسى سائادەت،
شەرقىي تۈركىستان بىزنىڭ شانۇ ـ شەۋكەت تاجىمىز.
زالىم خىتتاي كۈچەيسە، ئۈمىد ئۈزمە ئۇيغۇرۇم،
سەددىچىننى سوقتۇرغان ئەجداد بولسۇن غۇرۇرۇڭ.
ساتۇقلار بار، سادىرلار بار، تۇغۇلماقتا سابىتلار،
زەيدىن يۈسۈپ، ئۆلمەس جانلار بولغۇسى ئىمان نۇرۇڭ.
تەڭرىتاغ ۋە قاراقۇرۇم، تارىم ۋە تەكلىماكان،
كۆك بايراق ۋە تەكبىرلەردىن تىترىگەن يەر ۋە ئاسمان،
ئادالەتنىڭ كۈرىشى دەپ بىر بولايلى، ئۆم بولايلى،
ئىسلام بىلەن ياشنايدۇ قايتا شەرقىي تۈركىستان.