ئىستانبۇلدىكى بالىلار ئۇنىۋېرسال سىنىپى دەرس باشلىدى
ئۇيغۇر نىداسى تور رادىئوسى خەۋىرى:
ئارتۇچ بۇغرا شىركىتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن، ئىستانبۇلنىڭ زەيتۇنبۇرنۇ رايونىدىكى «ئايبىلىگ» قىزلار مەكتىۋىدە، 2017 – يىلى 9 – ئاينىڭ 16 – كۈنىدىن باشلاپ، شەنبە، يەكشەنبىلىك «بالىلار ئۇنىۋېرسال سىنىپى» دەرس باشلىدى.
دەرس بالىلارنىڭ مىجەز ۋە پىسخىكىسى ئاساس قىلىنىپ توۋەندىكى مەزمۇنلاردا ئۆتىلىدۇ:
1.ۋەتىنىمىزنىڭ جۇغراپىيەلىك ئومۇمى ئەھۋالى سۆزلىنىپ «ۋەتەن» ئۇقۇمى سىڭدۇرىلىدۇ.
2.تەبىئەتكە دائىر مەزمۇنلار يەنى توت پەسىل، قار، يامغۇر، شامال، بوران، كەلكۈن، ھەسەن – ھۈسەن، چاقماق قاتارلىقلار سۆزلىنىپ بالىلارغا تەبىئەت بىلەن ئىنسان ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت بىلدۇرىلىدۇ.
3.«دىنىمنى ئۆگىنىمەن»، «ئوسمۇر ساھابىلەر» دېگەن كىتابلاردىن بالىلارغا ماس كېلىدىغان مەزمۇنلار تاللاپ سۆزلىنىپ، پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئەقىدىسىنىڭ ساپ، سۈزۈك يېتىلىشىگە ئاساس سېلىنىدۇ.
ئىگەللىشىمىزچە بۇ سىنىپ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئوقۇتۇشنى پىلانلىغان بولۇپ، بالىلارنىڭ تەپەككۇرىنى ئانا تىلىدا يېتىلدۇرۇش؛ بالىلارنى كىچىگىدىن ئانا تىلىغا، ئىسلام دىنىغا ، ۋەتىنىگە ئىگە چىقالايدىغان لاياقەتلىك ئۇيغۇر پەرزەنتى قىلىپ تەربىيىلەش ئۈچۈن دەرس سۆزلەشكە، تەجرىبىلىك كەسپى ئوقۇتقۇچىلار سەپلەنگەن ئىكەن. ئارتۇچ بۇغرا ھەسسىدارلىق شىركىتى، بالىلارغا ماس كېلىدىغان ئوقۇتۇش كىتابلىرىنى نەشر قىلىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، مۇھاجىرەتتە ئوسۈپ يېتىلىۋاتقان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئەتراپلىق تەربىيىلىنىشى ئۈچۈنمۇ شارائىت ھازىرلاپ بەرمەكتە.
كۇرسقا داۋاملىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ.