ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا ياشاۋاتقان خەلقىمىزنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىگى قاتتىق چەكلىمىگە ئۇچراۋاتقان، مەسچىدلەر چېقىلىپ، قۇرئانلار كۆيدۈرۈلۈۋاتقان، روزا تۇتۇش چەكلەنگەن ھەتتا روزا تۇتقانلار جازالىنىۋاتقان بۈگۈنكىدەك كۈندە، ئىستانبۇلدىكى خىتتاي كونسۇلخانىسىنىڭ 27 – ماي، تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئىپتارلىق بېرىدىغانلىقى ھەققىدىكى، پائالىيەت ئورنى ئېنىق بولمىغان بىر ئىپتار چاقىرىقى 21 – مايدىن ئېتىبارەن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىلىشقا باشلىدى.
مەزكۇر خەۋەر چىققاندىن كېيىن، ئىستانبۇلدىكى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە شۇ جايدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار جىددى سەپەرۋەرلىككە كېلىش ئارقىلىق 26 – ماي ئىپتارلىق بېرىلىدىغان ئورۇننىڭ ئىستانبۇل بېشىكتاشتىكى « شاڭگىرىللا مېھمانخانىسى» دا ئىكەنلىگىنى جەزىملەشتۈردى.
27 – ماي شەرقىي تۈركىستان مىللىي مەجلىسىنىڭ رەئىسى سىيتتۇمتۈرۈك ئەپەندىنىڭ چاقىرىقى بىلەن مائارىپ جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى، شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە تەرەققىيات مەركىزى، شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئىتتىپاقى، بۈيۈك تۈركىستانلىقلار جەمئىيىتى،مەھمۇت قەشقىرى تەلىم تەربىيە مەركىزى قاتارلىق جەمئىيەت رەھبەرلىرى، ئەزالىرى ھەمدە ئاممىدىن تەشكىللەنگەن 100 دىن ئارتۇق كىشى، خىتتاينىڭ دۇنيا جامائەتچىلىگى ۋە تۈركىيە خەلقى ئالدىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ كۆز بويامچىلىقىغا قارىتا قارشىلىق كۆرسىتىش نامايىشى ئېلىپ باردى.
خىتتاي ئۆتكەن يىلقى رامىزاندىمۇ، ئوخشاش شەكىلدە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ئىپتارغا چاقىرغان بولۇپ، ئەينى چاغدىمۇ تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرىغان ئىدى.
بۇ قېتىملىق نامايىشقا قاتناشقۇچىلار بەس – بەستە، خىتتاينىڭ بۇ ئاشكارا يالغانچىلىقىغا قاتتىق نارازىلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
