ئىستانبۇلنىڭ سافاكوي رايونىدا ئۇيغۇرچە كىتابخانا ئېچىلدى
ئۇيغۇر نىداسى تور رادىئوسى خەۋىرى:
ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتقان، مەرىپەت سۆيەر كىشىلىرىمىزنىڭ مەبلەغ سېلىشى بىلەن، ئىستانبۇلنىڭ سافاكوي رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇرچە كىتابلارنى سېتىۋېلىشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، « ئىسلام باھارى كىتابخانىسى» ئېچىلدى.
بۇ كىتابخانا تىجارەت باشلىغان ئۈچ ئايدىن بۇيان، شۇ رايوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئىستانبۇلدا نەشر قىلىنغان ھەر خىل مەزمۇندىكى ئۇيغۇرچە كىتابلاردىن 200 خىلدىن كۆپرەكنى بازارغا سېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى كىتابلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئانا تىلدا تەربىيىلىنىشى ئۈچۈن، ئۇلارغا ماس ھالەتتىكى كىتابلارنىمۇ بازارغا سېلىپ، پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئانا تىلدا تەربىيىلىنىشىگە شارائىت يارىتىپ بەرمەكتە.