ھەبىبۇللا ئابلىمىت
ئىستىسەڭ ھەققە يەتمەكنى،
ھۈنەر ئەيلە كۆڭۈل ئالماقنى.
ئويلىما سارايدا مەرمەر بولماقنى،
تۇپراق بول، ئۈستۈڭدە گۈللەر ئېچىلسۇن!
-مەۋلانا
جالالىدىــن رۇمــى بىــر تەســەۋۋۇپچى، شــائىر، داڭلىــق ئىســلام ئالىمــى بولۇپــلا قالمــاي يەنــە ئىنســانپەرۋەرلىك روھىغــا ئىگــە ئۇلــۇغ شەخســتۇر. جالالىدىــن رۇمــى تەڭــرى بــۇ زېمىنغــا ئاپىرىــدە قىلغــان بارلىــق ئىنســانلارنى تەڭ-بــارارۋەر دەپ تونۇيــدۇ. مەيلــى ئــۇلار مۇســۇلمان بولســۇن، مەيلــى يەھــۇدىي، مەيلــى خىرىســتىيان، مەيلــى دىنســىز بولســۇن ھېچقانــداق دىــن ئايرىمىچىلىقــى قىلمــاي ۋە مىللــەت، ئىــرق ئايرىمچىلىقــى قىلمــاي ھەممىســىنى بىــر بــەدەن دەپ تونۇيــدۇ. مۇھىــم بولغىنــى ھــەر ئىنســاننىڭ تەبىئىتىــدە بولىدىغــان «ئۆزىنــى بىلىــش» ئارزۇســىدۇر.
كەل، كەل، كەل نېمە بولساڭ يەنە بىزگە كەل،
كاپىر، بۇتپەرەس، ئاتەشپەرەس بولساڭمۇ كەل.
بىزنىڭ دەرگاھىمىز ئۈمىدسىزلەر دەرگاھى ئەمەس،
يۈزمىڭ قېتىم توۋا بۇزغىنىڭمۇ يەنە كەل…
جالالىدىــن رۇمــى بۇندىــن ســەككىز ئەســىر مۇقــەددەم «كەل! كىــم بولســاڭ كــەل، يەنــە كــەل» دەپ پۈتــۈن دۇنياغــا مۇھەببەت بىلــەن خىتــاب قىلىــپ، بارلىــق ئىنســانلارغا ئىللىــق قۇچــاق ئېچىــپ، گۇمانىزىملىــق ئىدىيىســىنى نامايەنــدە قىلىــدۇ. جالالىدىــن رۇمــى «بىــز بىرلەشــتۈرۈش ئۈچــۈن كەلــدۇق، ئايرىــش ئۈچۈن ئەمــەس» دەپ بارلىق ئىنســانلارنى ئىتتىپاقلىشىشــقا چاقىرىــدۇ. جالالىدىــن رۇمــى ئىنســانپەرۋەرلىك ۋە ئۇلــۇغ تۇيغۇلىرىنــى ئادەتتــە ئەمەلگــە ئېشــىش مۇمكىنچىلىكــى بولمىغــان بىر ســاددىلىق ۋە ئاڭلىقلىــق ئىچىــدە مۇنــداق قۇرلارنــى يازغــان:
قاچانمۇ بۇ ھېساپ-كىتاب قىلىشتىن ۋاز كېچىمىز، قاچان؟
جــان مەجلىســىنىڭ ھوزۇرىغــا قاچــان ھەممىمىــز كىرىــپ ئولتۇرىمىــز؟
لەۋلىرىمىزگە يالغۇز قەدەھنى تەككۈزمەستىن،
قاچــان بۈيــۈك دوســتىمىزنىڭ ھوزۇرىــدا جــان شــارابىنى ئىچىمىــز؟
قاچان ئىچىمىز، قاچان؟
قاچان دەيمىز جان ساقىسىگە ئۇزات قولۇڭنى دەپ،
بىز بۇ تەرەپكە كۆچتۇق ئەمدى، ھەدىيەلەرنى ئەكەلدۇق ساڭا.
قاچان دەيمىز جان ساقىسىگە نېمىگە تۇرىمىز؟
باغلىنىپ قالدۇق، قولۇڭغا چۈشتۇق.
غۇربەت ئەللەردە مۇزلىدۇق، توڭلاپ قالدۇق.
ســالام بــەر، ئەھۋالىمىزنــى ســورا، قۇچــاق ئــاچ،
ئىســىت بىزنــى، بىزگە قىزىل شاراپ سۇن.
قاچان بىزگە جاۋاب بېرىدۇ ئۇ، قاچان؟
قاچان دەيدۇ نېمەم بولسا سىلەرنىڭ،
قېنى ئافىيەتلەر بولسۇن دەپ.
جالالىدىــن رۇمــى يالغــۇز تــۈرك، ئىســلام دۇنياســىنىڭلا ئەمــەس، بەلكــى پۈتــۈن دۇنيانىــڭ، بارلىــق ئىنســانلارنىڭ ئــەڭ كۈچلــۈك گۇمانىزمچىســى ۋە جەمئىيەتشۇناســىدۇر. ئــۇ ھــەر ۋاقىــت مۇتەئەسســىپلىك، ئۆزۈمچىلىــك، كونىلىققــا قارشــى تــۇرۇپ ئىلغارلىقنــى، تەرەققىياتنــى تەشــەببۇس قىلغــان زاتتــۇر. ئۇنىــڭ نەزىرىدىكــى بــۇ دۇنيــا، بــۇ ھايــات داۋاملىــق تەرەققىيــات، ئىلگىرلــەش، كونىنىــڭ ئورنىنــى يېڭــى ئېلىــش جەريانىدىــن ئىبــارەت. كونــا چۈشــەنچە، كونىلىقلارنىــڭ ئورنىنــى يېڭــى ئىلغــار پىكىرلــەر ئالىــدۇ دەپ قارايــدۇ. شــۇڭا ئــۇ مۇنــداق دەيــدۇ:
ھەم بار ھەم يوق بولغان دۇنيادا،
بىر بىرلەپ يوقلار كەتتى، بارلار كەلدى.
كونا ماللارنى ساتقانلارنىڭ زامانى كەتتى،
بىز يېڭى نەرسىلەر ساتىمىز.
بۇ بازار ئەمدى بىزنىڭ بازىرىمىز.
گۇمانىزملىــق قــاراش دۇنياغــا ھېــچ يېيىلمىغــان ۋە ھەتتــا ھېــچ بىلىنمىگــەن، قۇللــۇق تــۈزۈم تېخــى يوقالمىغــان، ھەممــە يەرنــى موڭغۇللارنىــڭ دەھشــەتلىك زۇلۇمــى قاپلىغــان قاباھەتلىــك بىــر زامانــدا قەتئىيلىــك بىلــەن ئوتتۇرىغا چىقىــپ ئىنســانپەرۋەرلىكنى تەشــەببۇس قىلىــدۇ ۋە ئەســەرلىرىدە بۇ تەشەببۇســلىرىنى شــەرھىلەپ دۇنيــا ئەدەبىياتىــدا ئــەڭ بۈيــۈك گۇمانىســت ئەدىبلەردىــن بىــرى بولــۇپ قالغــان. گۇمانىــزم ئىنســاننىڭ ئــاڭ ۋە مــاددا بارلىقىنىــڭ ئالەمدىكــى ئورنىنــى تەتقىــق قىلىدىغــان بىــر پۈتــۈن مەدەنىيــەت ھەرىكىتىدۇر. گۇمانىزملىــق ئىدىيــە پۈتــۈن دۇنيــا ئېتىــراپ قىلىدىغــان بارلىــق ئىنســانلارنى تــەڭ بــاراۋەر كۆرۈدىغــان ئۇلــۇغ بىــر روھتــۇر. گۇمانىــزم بارلىــق ئىنســانلارنىڭ قەدىــر – قىممىتىنــى قىلىــدۇ، ھەممىســىگە ئوخشــاش ھۆرمــەت كۆرســىتىدۇ. بارلىــق ئىنســانلار بىــر بىرىدىــن قېلىشــمايدىغان ئۆزىگــە چۇشــلۇق ئالاھىدىلىكلەرگــە ئىگــە دەپ قارايــدۇ. ئۇنىــڭ نەزىرىــدە ئــەڭ ئەســكى ئادەمنىــڭ ئىچىدىمــۇ چوقــۇم ياخشــىلىق، ئىنســانلىق ئۇرۇقىنىــڭ بــار بولىدىغانلىقىنــى، ئۇنىــڭ ئۈچــۈن ئۇلارنــى ياخشىلاشتۇرۇشــنىڭ ئىمكانىنىــڭ بارلىقىنــى تەشــەببۇس قىلىــدۇ. ئىنســاننىڭ ئەســلىدىلا بــار بولغــان ياخشــىلىق ئۇرۇقىنــى، گۈزەللىكىنــى يېتىشتۈرۈشــنى، راۋاجلاندۇرۇشــنى نىشــان قىلىــدۇ. ئىنســانلارغا ياخشــى ئالاھىدىلىكلىرىنــى جــارى قىلدۇرۇش پۇرســىتىنى ســۇنۇش ئىلگىــرى ســۈرىلىدۇ. ئۇ بۇ توغرىسىدا مۇنداق دېگەن:
چىچەكلىگەن ئانار باغدا گۈلدەك تۇرىدۇ،
ئەرلەر بىلەن سۆھبەتتە بولساڭ ئەردەك بولۇر.
مەرمەردەك كېسىلگەن قاتتىق بىر تاش،
بىر كۆڭۈل ئىگىسىنىڭ قولىدا ئۈنچە بولۇر.
ئــۇ يەنــە «ئىنســان بىــر خېمىــر تەڭلىســىچىلىكلا. ئەممــا ئــۇ ھەممــە بارلىقتىــن ئۇلۇغتــۇر»، «ياخشــلىق ئىزدىگەنــدە ئەســكىلىك قالمايــدۇ» دەپ بارلىــق ئىنســانلارنى ياخشــىلىققا، گۈزەللىككــە، توغــرا يولــدا مېڭىشــقا چاقىرىــدۇ. جالالىدىــن رۇمىنىــڭ گۇمانىزملىــق يولــى، ئىنســانلارنى تەڭبــاراۋەر كــۆرۈش، ئۇلارنــى يېتىشــتۈرۈش ۋە ئۇلارغــا ئەركىنلىــك، ياخشــى ۋە راھــەت تىرىكچىلىــك مۇھىتــى ســۇنۇپ بەختلىــك ياشىشــىغا كاپالەتلىــك قىلىشــنى ئەمەلگــە ئاشۇرۇشــنى نىشــان قىلغــان پەزىلەتلىــك بىــر يولــدۇر. جالالىدىــن رۇمــى گۇمانىزملىــق روھنــى تەشــەببۇس قىلىــش ئارقىلىــق ئىنســانلارنى نەپســانىيەتچىلىك، ئۆزۈمچىلىك ۋە بارلىــق يامــان ئادەتلەردىــن قۇتقــۇزۇپ ھەقىقىــي مەنىدىكــى روھىي ئەركىنلىككــە ئېرىشــتۈرمەكچى بولىــدۇ. ئۇنىــڭ نەزىرىــدە دەرتمەن، ئىزتىــراپ چەككــەن يوقســۇللارغا ياردەمــدە بولــۇش، ئۇلارنىــڭ ھالىدىــن خــەۋەر ئېلىــپ ھەمســۆھبەت بولــۇش، ئۇلارنــى ئــازراق بولســىمۇ خۇشــال قىلىشــنى ئىنســانپەرۋەرلىكنىڭ ئالامەتلىــرى دەپ قــاراپ مۇنــداق دەيــدۇ:
دەرتلىــك كىشــىنىڭ كۆڭــۈل ئۆيــى ئىككىلىنىــش ۋە ئەلەمگــە تولغــان بولىــدۇ. ئۇنىــڭ دەردىنــى ئــاڭلاش، ئــۇ ئۆينىــڭ دېرىزىســىنى ئېچىپ، ھاۋاســىنى ئالماشــتۇرۇش دېمەكتۇر.
گۇمانىــزم، كىشـىـلىك تۇرمۇشــتا ھــەر ۋاقىــت تۇيۇقســىزلا يــۈز بېرىدىغــان ئۇششــاق قايغــۇلار، مەيلــى ماددىــي جەھەتتىن بولســۇن ياكــى بولمىســۇن ھــەر تۈرلــۈك مەنپەئەتلــەر، ھېســابلاردا ۋاقتــى كەلگەنــدە ھېــچ ئىككىلەنمەســتىن ھــەر تۈرلــۈك پىداكارلىقلارنــى قىلىدىغــان ئىنســانلارنىڭ ئىنســانىي پەزىلىتىــدۇر. بــۇ دۇنياغــا ئىنســان بولــۇپ ئاپىرىــدە بولۇشــتىلا بىزگــە يۈكلەنگــەن ۋە ئىنســانلىقنىڭ ســاپ، پــاك يۈزىنــى نامايەنــدە قىلىدىغــان ھەقىقىــي ئىنســان تۇيغۇســىدۇر. جالالىدىن رۇمى مۇنداق دەيدۇ:
بەدەندە قايسى خۇي غالىپ بولسا ھۆكۈم ئۇنىڭدۇر، رودا ئىچىدە ئالتۇن كۆپ بولسا ئالتۇن ھېسابلىنىدۇ. مىس كۆپ بولسا مىس ھېسابلىنىدۇ، ســاۋابىڭ كــۆپ بولســۇنكى، مۆمىــن دېگــەن ھۆكــۈم بېرىلســۇن.
ئىنســان ئىچىدىكــى ئىنســانپەرۋەرلىك تۇيغۇلىرىنىــڭ جۇشقۇنلىشىشــى ئۈچــۈن ئالــدى بىلــەن ئۆزىنى بىلىشــى، نەپســىنى يېڭىشــى، يامــان ئادەتلىرىدىــن، خۇمارلىرىدىــن، قايغۇلاردىــن، ئەندىشــىلەردىن ۋە ھــەر تۈرلــۈك مەنپەئــەت چۈشــەنچىلىرىدىن مۇستەســنا ھالــدا ۋە شــۇنداقلا بارلىــق ئۆزۈمچىلىــك بېســىملاردىن قۇتۇلۇشــى لازىــم دەپ قارايــدۇ. شــۇنداقلا ئــۆز ئــارا يــاردەم، ســۆيگۈگە تولغــان كۆڭــۈل، ئــۆز ئــارا چۈشــەنچە ھاســىل قىلىدىغــان، ئــۆز ئــارا ئورتاقلىشــىدىغان كەيپىيــات بىلــەن بىرلىك باراۋەرلىــك ئىچىــدە ياشــاش دەپ قارايــدۇ. ئەممــا بۈگۈنكــى كۈنــدە ئىنســان دېگــەن بــۇ بارلىقنىــڭ جالالىدىــن رۇمىــدەك بىــر تۇيغۇغــا كېلىشــى بەكمــۇ تــەس. بۇنــداق يېتىشــمەك، بــۇ يولــدا ماڭمــاق ئۇنــداق ئاســان ئەمەس. ئۇنىــڭ ئۈچۈنمــۇ جالالىدىــن رۇمــى ھەقىقىــي بىــر گۇمانىزمچىــدۇر. ئــۇ بارلىق ئىنســانلارنىڭ دەرتلىرىنــى، ئەلەملىرىنى، خۇشــاللىقلىرى ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىرىنــى ئوخشــاش تۇيغــۇ ئىچىــدە ۋە ھېــچ بىــر ئايرىمچىلىــق كۆرســەتمەي ئوچــۇق كۆڭۈللــۈك بىلــەن مۇئامىلــە قىلغــان ئىنســان. جالالىدىن رۇمى مۇنداق دەيدۇ:
شــۇنى ئېنىــق بىلىشــىڭلار لازىمكــى، بارلىــق ئىنســانلار يوشــۇرۇن كۈچىنــى جــارى قىلــدۇرۇپ، ئەمەلىيەتتــە ھەقىقىــي ئىنســانپەرۋەر بولغاندىــلا ئاندىــن ئۆزىنىــڭ ئىنســان ئىكەنلىكىنــى تونــۇپ يېتىــدۇ.
يەنــە ئــۇ «يازغــان خېتىڭنىــڭ ســىياھى ســۇ، قەغىزى شــامال بولســا، نېمــە يازســاڭ يــاز قىممىتــى بولمايــدۇ.» دەيدۇ.
جالالىدىــن رۇمــى ئەســەر، ســۆھبەت ۋە مەكتۇپلىرىــدا ئىنســانلارنىڭ ئىنســاندەك ياشىشــىنى، ئىنســان بولــۇپ بــۇ دۇنياغــا كېلىشــنىڭ پەزىلىتىنــى ئالاھىــدە شــەكىلدە تىلغــا ئالىــدۇ ۋە ئىنســانلارنىڭ ئــۆز ئــارا ھەمكارلىــق ئىچىدە ياشىشــىنى تەشــەببۇس قىلىــدۇ. ئىنســانپەرۋەرلىك تۇيغۇســى ئۆتكۈنچــى ھــەۋەس، ياســالما ھاياجانلاردىــن خالــى بولغــان كۈچلــۈك، ئۇلــۇغ ۋە تولۇپ تاشــقان بىــر ســۆيگۈگە باغلىــق دەپ قارايــدۇ. بۇنــداق تۇيغۇغــا ئىگــە زاتــلار ئۆزىنــى ئىنســانىيەتنىڭ بەختىگــە ئاتىغــان بولىــدۇ. بارلىــق ئىنســانلارنىڭ بەخت-ســائادىتى ھەقىقىــي رىئاللىقنىــڭ دەل ئــۆزى دەپ تونۇيــدۇ. گۇمانىــزم بارلىــق ئىنســانلارنىڭ ئــەڭ بۈيــۈك، ئــەڭ كۈچلــۈك ئاممىۋىــي ياردەملىشىشــىدىن مەيدانغــا كېلىدىغــان ئۇلۇغــۋار غايىنــى ئىلگىــرى ســۈرىدۇ. شــۇڭا ئىنســانغا بەخــت ئاتــا قىلىدىغــان، ئىنســان روھىنــى جۇشقۇنلاشــتۇرىدىغان تۇيغــۇ گۇمانىزمــدۇر. ھــەر بىــر شەخســكە ئىنســان بولــۇش ئالاھىدىلىكىنــى نامايــەن قىلىــدۇ. ئىنســان بولۇشــنىڭ ئــۆزى ئىنســاندەك ھېس-تۇيغــۇ بىلــەن تولغــان بولىــدۇ. ئىنســاننىڭ ھەقىقىــي ماھىيىتىنــى تونــۇش ھاياتنــى ســۆيۈپ، بەختلىــك ياشاشــنىڭ ئاچقۇچىــدۇر. جالالىدىن رۇمى مۇنداق دەيدۇ:
سۆيگۈ ۋە ئىچ ئاغرىتىش ئىنساننىڭ ماھىيىتى، غەزەپ ۋە شەھۋەت ھايۋاننىڭ ماھىيىتى. شۇڭا ئەر كىشى ياخشىلىق ئوۋلىغۇچىدۇر.
كۆچەتلــەر مېــۋە بېرىــدۇ، ئېتىزلىقــلاردا زىرائەتلــەر يېتىشــىدۇ. بۇنــداق بولۇشــىدىكى ســەۋەپ پۈتۈنلــەي ھاياتلىقنىڭ داۋاملىشىشــى ئۈچــۈن. ئۇنداقتــا بىــز ئىنســانلار نېمــە قىلىشــىمىز لازىــم؟ جالالىدىــن رۇمىنىــڭ نەزىرىدىكــى گۇمانىــزم يەنــە ئــۆز ئــارا ئەپــۇ قىلىــش، ئــۆز ئــارا چۈشــىنىش، ھېچقانــداق پايدا-زىياننــى ئويلاشــماي يــاردەم قىلىشــتۇر. جالالىدىــن رۇمــى: «مــەن مېنــى چىشــلىگەن ئىتقىمــۇ مۇنــداق دۇئــا قىلىمــەن:
يــا رەببىــم، ســەن ئۇنــى بــۇ خۇيىدىــن ۋاز كەچتــۈر. ئادەملەرنــى چىشــلىمەي خەلقنىــڭ تــاش ئېتىشــىدىن، كالتەكلىشــىدىن ســاقلىنىپ قالســۇن.»
ئەمەلىيەتتــە كۆپچىلىكىمىــز ھەرگىــز ئۇنــداق ئەمــەس. بىــز داۋاملىــق باشــقىلار تەرىپىدىــن ياخشــى كۆرۈلىشــنى، تەقدىرلەشــكە ئېرىشىشــنى، نــام چىقىرىشــنىلا ئويلايمىــز. شــۇڭا بىــز ئۆزىمىــز توغــرا دەپ بىلىۋالغــان خاتــا چۈشــەنچىلەردىن ئــازات بولۇشــىمىز لازىــم. جالالىدىــن رۇمــى بــۇ توغرىســىدا مۇنــداق دەيــدۇ:
«چۈمۈلە بىــر تــال بۇغداينــى دەپ ئۆمرىنــى خــاراپ قىلىــدۇ. ئەســلىدە ئــۇ دانغــا قــاراپ خاماننــى كۆرگــەن بولســا، بىــر تــال داننىــڭ ئالدىدا تىتــرەپ تۇرمايتتــى.»
بۈگۈنكــى دۇنياغــا ۋە ئۆزىمىزنىــڭ ئەھۋالىغــا قارايدىغــان بولســاق ئىنســانلار بىر-بىرلىرىنىــڭ قەلبىنــى چەللــەپ ئــوق ئاتماقتــا. ئۆي-ماكانلىرىنــى بومباردىمــان قىلماقتــا. مىليونلىغــان ئىنســان خانــى ۋەيــران بولــۇپ يــۇرت ماكانلىرىدىــن ئايرىلماقتــا. تىلــى، مەدەنىيىتــى، دىنىدىــن ۋاز كېچىشــكە مەجبۇرلانماقتــا. بىرســى ئورىغــا چۈشــۈپ كەتســە قۇتۇلدۇرماقتــا يــوق ئۈســتىگە توپــا تۆكمەكتــە. ئەممــا يەنىــلا ياخشــى نىيەتلىــك ئىنســانلار ئــۇ زالىملارغــا قارشــى كــۈرەش قىلماقتــا. ئەركىنلىك ۋە ئىنســانپەرۋەرلىك جەڭچىســى ســۈپىتىدە ئوتتۇرىغــا چىقىــپ كىشــىلەرنىڭ ئىجتىمائىــي، سىياســىي ھاياتىنــى ئۆزگەرتىــپ قايتــا قــۇرۇپ چىقىشــى ئۈچــۈن كــۈرەش قىلماقتــا. جالالىدىــن رۇمــى ياشــىغان دەۋرلەرمــۇ بۈگۈنكــى كۈنــدەك ھەممــە يەرنــى ئــۇرۇش ئوتــى قاپلىغــان ئىــدى. ئوتتــۇرا ئاســىيا خەلقلىــرى ئۈزلۈكســىز داۋام قىلغــان ئۇرۇشــنىڭ خانىۋەيرانچىلىقى ۋە كۆچمــەن خەلقلەرنىــڭ نامراتلىــق ھاياتــى تەســەۋۋۇپچىلىقنىڭ روھىي ئىجادىيــەت ھامىســى ســۈپىتىدە ئەركىــن پىكىــر ئىدىئولوگىيىســىنىڭ مۇھىــم بىــر ئىپادىســىنى نامايــەن قىلــدى. ئەنــە شــۇ قىيىــن شــارائىتلار جالالىدىــن رۇمــى ســۆيگۈگە تولغــان ئىنســانپەرۋەرلىك روھــى بىلــەن ئىنســانلارغا مەنىۋىــي يــار يۆلەكتــە بولغــان.سۆيگۈ ۋە ئىچ ئاغرىتىش ئىنساننىڭ ماھىيىتى، غەزەپ ۋە شەھۋەت ھايۋاننىڭ ماھىيىتى. شۇڭا ئەر كىشىنىڭ ئوۋى ياخشىلىقتۇر. ســۆيگۈ ئازاپنــى يوقىتىــدۇ. ئاچچىقنــى تاتلىــق قىلىــدۇ. چۈنكــى ســۆيگۈ ئىنســانلارنى توغــرا يولغــا يۈزلەندۈرىــدۇ. غــەزەپ تاتلىقنــى ئاچچىــق قىلىــدۇ. ئاچچىــق بىلــەن تاتلىــق قانداقمــۇ بىرگــە بولســۇن؟ ســۆيگۈ كۆڭۈلــدە ياشــايدۇ. نىھايــەت ســۆيگۈ ئىگىســى ئەســىرلىكتىن قۇتۇلىــدۇ. ســۆيگۈنىڭ ئۆزىنــى كۆرسىتىشــكە ئېھتىياجــى يــوق. چۈنكــى ســۆيگۈ نۇرىنــى پۈتــۈن كائىناتقــا يايغانــدۇر. مەرتلىكتــە دېڭىــزدەك بــول. دېڭىزدىــن بىــر كومــزەك ســۇ ئالســاڭ ســۈيى ئــازلاپ قالامــدۇ؟ ئەلۋەتتــە دېڭىزنىــڭ خىيالىغىمــۇ كىرمەيــدۇ. شــۇنداق مــەرت بولغاچقــا ســەدەپنىڭ ئىچىنــى ئۈنچــە بىلــەن تولدۇرىــدۇ.
مەنبە: “جالالىدىن رۇمىنىڭ تەپەككۇرى” ناملىق كىتاب