جەننەت بولسۇن ئانا
«73ياشلىق خەلچىخان ئانىنىڭ ئەزىز روھىغا»
روھىنى ئامانەت قويۇپ ئاللاغا،
زالىمغا قالقان قىلغىنى ئىمان.
تەرەددۇد قىلماستىن تىلەپ ياناغا،
روھىنى زۇۋانغا كەلتۈردى ۋىجدان.
شۇنداق بىر مىنۇتتا جاكارلىدى ھەق،
سۈكۈتكە چۆمگەندە تىلسىز بوپ جاھان.
زالىمنىڭ كۆكسىگە ئاتالىدى نەخ،
خىتاينىڭ ھەيۋىسى قىلىندى پايخان.
ئوغلىنى دۈشمەن سىپىدە كۆرۈپ،
ئوغلىنى چاپقانتى بىر ئۇلۇغ ئانا .*
بۈگۈن بۇ ۋەھشى زالىمنى كۆرۈپ،
تارىخقا يىڭى بىر شەن قوشتى يەنە.
-:ئاھ ئاللا دىن ئىسلام دەپسەندە دىدى،
يا رەببى خىتايدىن بىزنى قۇتقازغىن.
ئاھ ئاللا بۇ زۇلۇم جاننى قىينىدى، ،،،،
خىتاي نىجىسنى يەرگە يۇتقازغىن……………….
مۇجاھىد نەردە سەن، سەن ئەمگەن ئاناڭ……..
زالىمنىڭ ئالدىدا يىغلىماقتا قان……….
مۇجاھىد نەردە سەن قاچان كىلىسەن؟ ؟؟؟
خىتايدىن گالغىچە تويۇپ كەتتى جان………..
ئاھ مىنىڭ ۋەتىنىم شەرقى تۈركىستان.
زۇلۇمدىن يىغلايدۇ ئاتقان ھەر بىر تاڭ.
بىزگىمۇ كىلەرمۇ ھۆرلۈك ئىززىتى…..
يا رەببى بىزلەرنى ئۆزۈڭ قۇتقازساڭ …..
زالىمنىڭ ئالدىدا مەردانە تۇرۇپ،
سۆزلەيدۇ ئىمان يەتسە ۋايىغا.
دىن ئىشقى ـ ئەل ئىشقى پەرزەنىت ئىشقى …
گۇۋاھتۇر ئانىنىڭ ئاھۇ ـ زارىغا.
يۈرەك پارىلىرى زىنداندا دىن دەپ،
ھايات ئىزنالىرى سوتلاندى دىن دەپ.
بارلىقى ۋەتەندە ئاتالدى دىن دەپ ….
ۋەتەن ئەۋلادىغا ياراتتتى ئۆرنەك.
ئۇ ئانىدۇر رىزۋاننىڭ قىزى ….
ئۇ بىر ئانىدۇر نۇزۇگۇمدىندۇر.
ئۇ بىر ئانىدۇر تىللاردا داستان…..
يەكەنلىك ئۇلۇغ ئانىمىز خەلچىخان ..
بۇ بىر ئۇلۇغ ئانا يىگىتلەر ئانىسى،
ئۇ بىر جەسۇر جەڭچى، جەڭچىلەر ئانىسى.
مىليارد دۈشمەنگە ئاچالىغان جەڭ،
ئۇ بىر ئانىدۇر جەننەت ئانىسى. ……….
ئىقبال