جەنۇب ئىستىراتىگىيەسىدە مەۋجۇتلۇقىمىز
تۇنيۇقۇق بىلگە
11- ئاينىڭ 15- كۈنى پاكىستان خىتتايدىن كېلىدىغان قىممىتى 140 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى سۇ توسمىسى قۇرۇلۇشى ئىقتىسادىي ياردىمىنى بىكار قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. سەۋەبى، بۇ توسما پاكىستانغا قاراشلىق كەشمىر رايونىدا، كەشمىر ھىندىستان بىلەن تالاشتىكى جاي، چاتاق چىقسا دۆلىتىمىز مەنپەئەتىگە توغرا كەلمەيدۇ، شۇڭا ئۆزىمىز پۇل جەملەپ ئۆزىمىز قىلىمىز” دېيىش بولدى. شۇنىڭ بىلەن ھەرقايسى خەۋەرلەردە ئەزەلدىن خىتتاينى ئاكام دەپ كېلىۋاتقان سادىق غالچا پاكىستاننىڭ بۇ قىلىقى خەلقئارادا زور دىققەت تارتقان ئىدى. بۇ ئەھۋالدىن خۇش بولۇپ كەتكەن ھىندىستان ۋە باشقا غەرب دۆلەتلىرى بولسا بولىشىغا غۇلغۇلا قوزغىغان بولدى.
12 – ئاينىڭ 8 – كۈنى تۈنۈگۈن فىرانسىيە رادىئوسى ۋە باشقا خەۋەرلەردە پاكىستاندىكى خىتتاي كونسۇلىنىڭ جىددى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، پاكىستاندىكى تىرورچىلارنىڭ پاكىستاندىكى خىتتاي ئورگانلىرى ۋە خادىملىرىغا ھۇجۇم قىلىشىدىن ئاگاھلاندۇردى. پاكىستاندا بىر ئايدىن بۇيان قالايمىقانچىلىق چىقىۋاتقىنى راست. پاكىستان ئىچىدىكى قۇراللىق كۈچلەر ئانچە- مۇنچە خىتتايلارنى بۇلاپ – تالاپ، قاقتى – سوقتى قىلىپ تۇرىدۇ. قىزىق يېرى فىرانسىيە رادىئوسى بۇ خەۋەرنى ئېلان قىلىش بىلەن بىرگە، مۇنداق ئىككى ئېغىز سۆزنى قوشۇپ قويغىنى ئالاھىدە تۇيۇلدى.
“خىتتاي بىلەن پاكىستان 2008 – يىلى ئەركىن سودا كېلىشىمى ھازىرلىغان، خىتتاي پاكىستاندا ئۈزلۈكسىز ئاساسىي ئەسلىھە تۈرلىرىگە قۇرۇلۇش ياردىمى بېرىپ كەلگەن، شۇنداقلا يەنە پاكىستاندىن ئەرەب دېڭىزى ۋە پارس قولتۇقىغا قارايدىغان چوڭ پورتى گىۋادار پورتىنى ئىجارىگە ئالغان. بۇ ئارقىلىق خىتتاي ئوتتۇرا شەرقتە تەسىر كۈچىنى كېڭەيتمەكچى. خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، كەلگۈسى 40 يىل ئىچىدە گىۋادار پورتىدىن كىرىدىغان پايدىنىڭ %91 نى خىتتاي ئىگەللىسە، ساھىب دۆلەت پاكىستان ئارانلا %9 پايدا ئالىدىكەن. بۇ پاكىستانلىقلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان”. فىرانسىيە رادىئوسىنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى ئۆزۈڭلار بىلىۋالساڭلار بولىدۇ.
مۇشۇ گىۋادار پورتى توغرىسىدا دېيىشەيلى.
گىۋادار پورتى پاكىستاننىڭ ئەڭ جەنۇبىغا جايلاشقان، ھىندى ئوكيان/ ئەرەب دېڭىزى/ پارس قولتۇقى قاتارلىقلارغا چىقىشتىكى مۇھىم پورت ئېغىزى. خىتتاي ئۈچۈن ئامېرىكا يىتەكچىلىكىدە كورىيە، ياپونىيە، تەيۋەن، فىلىپپىندىن شەكىللەنگەن c شەكىللىك دېڭىز يولى زەنجىرى ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلۇشتىكى مۇھىم چىقىش يولى ئىدى. بۇ پورت ئوتتۇرا شەرقتىكى نېفىت دۆلەتلىرىگە يېقىن، 100 مىڭ توننىلىق نېفىت پاراخوتلىرى توختىيالايدۇ.
ھازىر خىتتاينىڭ 3/2 ئۈلۈش نېفىتى ئىمپورت قىلىشقا تايىنىدۇ، بۇنىڭ %80 قىسمى ئوتتۇرا شەرقتىن كېلىدۇ. ئىلگىرى ئوتتۇرا شەرقتىن نېفىت يۆتكەش ئۈچۈن چوقۇم مالايسىيەنىڭ مالاكا دېڭىز بوغۇزىدىن ئۆتۈش كېرەك ئىدى. ئۇندىن باشقا دۇنيا زاۋۇتى بولغان خىتتاينىڭ%60 ئىمپورت – ئىكىسپورت ماللىرىمۇ مۇشۇ يول ئارقىلىق يەتكۈزۈلەتتى. خىتتاي ئوتتۇرا شەرق ۋە ئافرىقىدىن مال يۆتكەش ئۈچۈن بۇ يەردىن ئۆتسە ئاۋال ھىندىستان دېڭىز تەۋەلىكى، ئاندىن مالايسىياغا قارايدىغان مالاكا دېڭىز بوغۇزى، ئاندىن سىنگاپورنىڭ تۈۋىدىن ئۆتىدۇ. سىنگاپوردا بولسا ئامېرىكىنىڭ ھەربىي قىسمى بار. ئەگەر شۇنداقلا بىر ئىش بولۇپ قالسا، ئامېرىكا ياكى بۇ يولنى قامال قىلىپ، خىتتاينىڭ پاراخوتلىرىنى كونتىرول قىلالايدۇ. ھېچبولمىسا تەكشۈرۈش نامىدا ئۇزاق مەزگىل توختۇتۇپ قويالايدۇ. گىۋادار پورتىنى بۇرۇن ئامېرىكا تالاشقان بولسىمۇ، پاكىستاننىڭ باھاسىغا چىقىش قىلالمىغان، شۇنداقلا ئۇ ئوتتۇرا شەرق بىلەن ئالدىراش ئىدى، ھازىر بولسا بارمىقىنى چىشلەپ قىلىۋاتىدۇ.
ئەمما گىۋادار پورتى خىتتاي ئىچىۋالغاندىن كىيىن، خىتتاينىڭ مالاكا بوغۇزىدىن ئۆتۈشكە ئانچە ھاجىتى قالمىدى. خىتتاي ئۆزىگە ئېھتىياجلىق نىفىت، كان بايلىقى، خەلقئارا سودا ئىشلىرىنى گىۋادار سودا پورتى ئارقىلىقلا پۈتتۈرۈپ، خىتتاي سەپ بەرگەن نېفىت تۇربىسى ياكى تۆمۈر يول ئارقىلىق بىۋاسىتە قەشقەرگە توشۇپ ئەكىرەتتى. قەشقەردىن باشلانغان 1200 كىلومېتىرلىق قاراقۇرۇم يولى: قاراقۇرۇم، ھىندىقۇش، ھىمالايا تاغ تىزمىلىرى ئارىلىقىدىن ئۆتۈپ، جۇڭگو – پاكىستان چېگرا ئېغىزى قونجىراپتىن چىقىپ، ئۇدۇل پاكىستاننىڭ شىمالىغا تۇتۇشىدۇ. بۇ يولنى خىتتاي 2030- يىلى گىۋادارغىچە تۇتاشتۇرۇش پىلانىنى ماقۇللاپ بولدى. بۇنداق بولغاندا خىتتاي ئەسلىدىكى چىقىمنى ئوبدانلا تېجەپ قالالايدۇ. خىتتاينىڭ پىلانىدا 2022 – يىلىغا بارغاندا گىۋادار پورتىنى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ پورتلاردىن بىرىگە ئايلاندۇرۇش بار. 2013 – يىلى پاكىستان گىۋادار پورتىنىڭ 43 يىللىق ئىشلىتىش ھوقۇقىنى خىتتايغا ئىجارىگە بەردى. 2015 – يىلى 11 – ئايدا رەسمىي ئۆتكۈزۈپ بەردى. بۇ قەدەمنىڭ ئۇتۇقلۇق بولغىنى خىتتاينىڭ بىر بەلۋاغ بىر يول ئىستىرادىگىيەسىدە بەكمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ.
يەنە شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، قەشقەرنىڭ مۇقىملىقى گىۋادار پورتىغا تۇتاشقان بۇ ئىستىراتىگىيەدە ئىنتايىن مۇھىم تۈگۈن، ئۆتەڭلىك رولىنى ئوينايدۇ. لەنىتى خىتتايلار شۇڭا قەشقەرنى ئامبۇردا قىسقاندەك چىڭ تۇتىۋاتىدۇ. بۇلارنى ئويلاپ كۆزلۈرۈمدىن ياش قۇيۇلدى، كۆڭلۈم بەك يېرىم بولدى! خىتتاي ناھايىتى، ناھايىتى تېز قەدەمدە ئىلگىرىلەۋاتىدۇ، ئانا ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننى، ئەزىز ماكان قەشقەرنى خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئەنە شۇنداق يۇتۇپ كەتمەكتە. ئانا ۋەتەن كوھىقاپ ئېغىزىغا كەپ بولدى. خىتتاينىڭ شۇ پىلانلىرى ئەمەلگە ئاشسا، بىزنىڭ ۋەتەننىڭ كۆرىدىغان كۈنى تېخى ئالدىدا. بىز بولساق، بۇ ئاشكارا قارا قوللارنىمۇ كۆرۈپ يېتەلمەي، بىلسەكمۇ پەرۋاسىز، يا بىرلىشەلمەي، يا ئامال قىلالماي، ئامال قىلالمىساقمۇ خىتتاينىڭ رەزىل نىيەتلىرىنى بىلىش ۋە بىلدۈرۈش ئۈچۈنمۇ تۈزۈك ھەرىكەت قىلماي يۈرمەكتىمىز!
11 – ئاينىڭ 15 – كۈنى پاكىستان سۇ ئېلىكتىر ئىنشائاتىنى بىكار قىلغان بىلەن، 11 – ئاينىڭ 24 – كۈنى خىتتاي بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدا يەنە ” جۇڭگو – پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى” كېلىشىمى ئىمزالاندى. بۇ كېلىشىم بويىچە گىۋادار پورتى، ئېنىرگىيە، قاتناش، ئاساسىي قۇرۇلۇش، سانائەت ھەمكارلىقى قاتارلىقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلغان ھالدا ھەمكارلىق ئورناتتى. دېمەك، يېقىندىن بۇيان پاكىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ئۇششاق جىدەللەردە، پاكىستان مېنىڭچە خىتتايدىن كۆپرەك مەنپەئەت تەلەپ قىلىۋاتىدۇ، بىراق يۈز ئۆرۈشى ناتايىن. ئۇندىن باشقا، پاكىستان خىتتاينىڭ دىدىكى بولۇپ قىلىشتىن ئەنسىرەيدۇ. پاكىستان نامرات ۋە تېخنىكا كەمچىل دۆلەت بولغاچ، خىتتاينىڭ بىكارلىق يول ياساپ بېرەي دېگىنىگە ماقۇل دەيدۇ. خىتتاينىڭ بۇ قۇرۇلۇشلىرى پاكىستاندا 2 مىليون خىزمەت ئورنى ھازىرلايدىغانلىقى مەلۇم. ئەمما دۆلەتنىڭ جان تومۇرى بولغان قۇرۇلۇشلارنىڭ ھەممىسىدە خىتتايغا يۆلىنىپ قېلىپ، ئىگىلىك ھوقوقىنى يوقىتىپ قويۇشىدىن ئەنسىرەيدۇ.
خىتتاي يەنە پاكىستانغا يېقىن بىر نەچچە دۆلەت – بىرما ۋە بىنگال بىلەن تۈزگەن ئىقتىسادى كارىدور كېلىشىمىمۇ خىتتاينىڭ گىۋادار پورتى بىلەن ئۈچبۇلۇڭلۇق مۇناسىۋەت شەكىللەندۈرىدىغان مۇھىم تايانچ نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ. خىتتاي يۈننەن – كۈنمىڭ – رۈيلى بويلاپ تۆمۈر يول، تاشيول ئارقىلىق بىرماغا كىرىپ، بىرمادىن ھىندى ئوكياندىكى بىرما دېڭىز قولتۇقىغا چىقالايدۇ. بۇ يولدىن خىتتاي نېفىت ۋە تەبىئىي گاز توشۇيدۇ. كۈنمىڭدا خىتتاينىڭ نېفىت پىششقلاپ ئىشلەش بازىسى بار. خىتتاي بۇ رايوننىڭ تىنچ بولۇشىنى خالايدۇ. خىتتاينىڭ 19 – قۇرۇلتايدا بىرمانىڭ روھىنگادىكى مۇسۇلمانلارنى قانلىق قىرغانلىقىنى قوللىشى بىكار ئىش ئەمەس. بۇ قوللاش بىر تەرەپتىن يەنە ئەگەر ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرمۇ روھىنگا مۇسۇلمانلىرىدەك غەۋغا چىقارسا ئاياپ ئولتۇرمايمىز دېگەن ئۇچۇرنىمۇ بېرىدۇ. خىتتاي بىرمانىڭ دۆلەت ئەركانلىرى، مۇھىم ئەربابلىرىنى يېنىغا تارتىپ، خىتتايپەرەس كىشىلەرنى ئالدىن بايقاپ ۋە يۆلەپ تۇرغۇزۇپ، مال – دۇنيا، ساھىپجامال نازىنىن ئارقىلىق خىتتايغا قارشى بارلىق كۈچلەرنى بۇلغاش ياكى ئالاھىدە ئىمتىياز بېرىش بىلەن قولغا كەلتۈرۈۋاتىدۇ. يېقىندا ئاۋىستىرالىيەنىڭ تاشقى سودا مىنىستىرىمۇ خىتتايدىن زور مىقداردا پارا ئالغانلىقى ئاشكارىلىنىپ، قولغا چۈشتى.
بۇ پەسكەش خىتتاينىڭ نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان قوللىنىپ كېلىۋاتقان ئۇسۇلى بولۇپ، ھونلار، تۈركلەرگىمۇ شۇنداق قىلغان ئىدى. ئوكىسفورد ئۇنىۋىرسىتىنىڭ داڭلىق تارىخ ئوقۇتقۇچىسى، دۇنياغا داڭلىق :” يىپەك يولى” دېگەن كىتابنى يازغان پىتىر فىرانكوپان كىتابىنىڭ بىرىنچى بابىدا مۇنداق دەيدۇ:” خىتتايلار ھونلارنىڭ يىپەك رەخىتلەرگە ئامراقلىقىنى، ھونلارنىڭ مەدەنىيىتىدە يۈز بېرىۋاتقان ئۆزگىرىشلەردىن غەلىبىنى كۆرۈپ يەتكەن ئىدى. بىر خىتتاي ئەمەلدارى ھونلارنىڭ قەبىلە باشلىقىغا :” ئەمدى سىلەر خىتتاينىڭ ماللىرىدىن ئايرىلالمايسىلەر!” دېگەن ئىدى نەتىجىدە خىتتاي ھونلارنى غەربى يۇرتتىن ھەيدەپ چىقاردى”.
كۆك تۈرك خانلىقىنىڭ شاھزادىسى كۆل تىكىن (731- يىلى ت) كۆلتىكىن مەڭگۈ تېشىدا: ” خىتتاي خەلقىنىڭ گېپى تاتلىق، سوۋغىسى ئېسىل ئىكەن. تاتلىق سۆزى، ئېسىل سوۋغىلىرى بىلەن يىراقتىكى خەلقلەرنىمۇ ئۆزىگە شۇنچە يېقىنلاشتۇرىدىكەن. ئۇلارغا يېقىنلاشقاندىن كېيىن، ئۆزلىرىنىڭ يامان ھىيلىلىرىنى چىقىرىدىكەن. ياخشى، ئەقىللىق كىشىلەرنى، ناھايىتى باتۇر كىشىلەرنى ئىلگىرى كەلتۈرمەيدىكەن. بىر كىشى خاتالاشسا، ئۇنىڭ ئۇرۇغى، قەۋمى ۋە بۆشۈكىگىچە روناق تاپقۇزمايدىكەن. ئۇلارنىڭ تاتلىق سۆزىگە، ئېسىل سوۋغىلىرىغا ئىشىنىپ، نۇرغۇن تۈرك خەلقى ئۆلدۈڭلار. تۈرك خەلقى ھالاك بولغاندىن كېيىن، قالغانلىرى جەنۇبتىكى چوغاي تېغىغا توپلىنىپ، يايلاقتا ئولتۇراقلىشايلى دېسە، يامان نىيەتلىك كىشىلەر تۈرك خەلقىنى شۇ يەردە ئۆلسۇن دەپ، ئەگەر خىتتايغا يىراق بولساڭلار، ناچار سوۋغا بېرىدۇ. يېقىن يولىساڭلار، ياخشى سوۋغا بېرىدۇ دەپ قۇتراتقۇلۇق قىپتۇ. بۇ ھىيلىنى بىلمىگەن كىشىلەر ئۇ سۆزلەرگە ئىشىنىپ، خىتتايغا يېقىن بېرىپ، نەتىجىدە نۇرغۇن كىشى ئۆلدۈڭلار. خىتتايغا يېقىن تۇرساڭلار ، تۈرك خەلقى ئۆلىسىلەر” دەپ مەڭگۈ تاشلارغا مەڭگۈلۈك پەندى – نەسىھەت قالدۇرغان ئىدى. ھىچ ئىبرەت ئالمايمىزغۇ – تاڭ!
ئەمما بىرما خەلقى خىتتاينى ئانچە ياقتۇرمايدۇ، خىتتاي مۇستەملىكە تارىخىدىن باشقا يەنە بىرمادا ئىلگىرى خىتتاينى قوغلاپ چىقىرىش، بۇلاڭ – تالاڭ قىلىشتەك ئېغىر قانلىق ۋەقەلەرمۇ يۈز بەرگەن. بۇ يەردە خىتتايغا قارىغاندا بەكرەك قارشى ئېلىشقا ئېرىشىۋاتقىنى 50 يىلدىن بۇيان بىرما خەلقىگە ھەقىقىي مەنپەئەت يەتكۈزىۋاتقان ياپونىيە. 50 يىلدىن بۇيان، ياپونىيە بىرمالىقلارغا يول ياساپ بېرىش، توك ئۇلاپ بېرىش، مەبلەغ سېلىپ، كارخانا قۇرۇپ خىزمەت ئورنى يارىتىش، ياپونىيە ئالىي مائارىپىدا ھەقسىز ئوقۇتۇش دېگەندەك خەلقچىل ئۇسۇل بىلەن كۆڭلىنى ئۇتۇۋاتىدۇ. بىرمادا خىتتايغا قارشى يۈرگۈزۈلگەن نامايىش، خىتتاي بىلەن قۇرۇلۇش ھەمكارلىقى ئورناتماسلىق قاتارلىق پاسسىپ ئىپادە بىلدۈرۈشلەرنىڭ كەينىدە ياپونىيە ۋە ياپون مەستانىلىرى بار. شۇڭا بىرما خىتتايدىن رازى بولغۇدەك مەنپەئەتكە ئېرىشمىسە، خەلقىمىز قوللىمىدى دەپلا رەت قىلىۋەتكەن ئىشتىن نەچچىسى بار. ئامېرىكا بولسا باشتا بىرمىدا ئامېرىكىغا مايىل كۈچلەرنى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ، خىتتاينىڭ يولىنى كەسمەكچى بولدى. بىرما ئارمىيىسى نەچچە قېتىم ئامېرىكىنىڭ كۈشكۈرتىشىدە خىتتاي چېگراسىنى ” ئۇقۇشماي” خاتا پارتىلىتىپ قويدى. بۇ ئارقىلىق خىتتاينىڭ تۆمۈر يول، تاشيول، نېفىت تۇربا قۇرۇلۇشلىرىنى توختىتىپ قويدى. ئەپسۇس، بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى بىرماغا ئاكاڭ مەن دەپ كاپالەتنامە بېرىلمىگەچ، بىرما يەنىلا خىتتاينى تاللىدى. بىرمامۇ بىر بەلۋاغ، بىر يول ئىستىراتىگىيەسىگە قاتنىشىپ خىتتايغا يېقىنلاشتى. ئېنىقكى، بىرمادەك نامرات دۆلەت ئامېرىكا، ياپونىيە، خىتتاي، ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ قايسىسى مەنپەئەت بەرسە شۇنىڭغا كۈچۈكلىنىپ جان باقمىسا كۈن ئالمىقى تەس.
ترامپ شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭدىن بولىشىغا پۇل سۇغىرىۋىلىپ كېتىپلا، يەنە دۈشمەنلىكىنى باشلىدى. بۇ يىل 11 – ئايدا ياپونىيە، ھىندىستان، ئاۋستىرالىيە قاتارلىقلار بىلەن تىنچ ئوكيان، ھىندى ئوكيان ئىستىراتىگىيەسىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. ياپونىيەمۇ ھىندىستان بىلەن بىرلىشىپ خىتتايغا قارشى تەدبىرلەرنى قوللىنىۋاتىدۇ. خىتتاينىڭ قۇرۇلۇش سۈرئىتى ناھايىتى تېز بولۇۋاتىدۇ. يېرىم يىل ئىچىدە، يىل ئىچىدە نۇرغۇن پىلان بويىچە چوڭ قۇرۇلۇشلارنى پۈتتۈرۈپ مېڭىۋاتىدۇ. ئەگەر ھىندىستان پۇل بىلەن كۈچ چىقارسا، ياپونىيە تېخنىكا چىقارسا، ئامېرىكا قوللاپ ۋە قوغداپ بەرسە ئاران – ئاران خىتتاينىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ يېتىشەلەيدۇ.
[ شۇنىڭغا ئوخشاش، قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن زالىملارنىڭ بەزىسىنى بەزىسىگە ئۈستۈن قىلىمىز] (ئەنئام:129)