(6) ئامېرىكىنىڭ 1991-يىلىدىكى ئىراق ئۇرۇشى جۇڭگونى قاتتىق چۆچۈتكەن بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن جۇڭگو ئالدىنقى 20 يىلدەك ۋاقىت ئىچىدە ئۆزىنىڭ ھەربىي كۈچىنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە تەرەققىي قىلدۇردى. بۇ ئىشتا جۇڭگو تەيۋەن بوغۇزىدىكى توقۇنۇشنى ھەممىدىن مۇھىم ئورۇنغا قويدى. گەرچە جۇڭگو يېڭىدىن قولغا كەلتۈرگەن ھەربىي تەرەققىياتلار ئامېرىكىنىڭ جۇڭگو ئەتراپىدا ھەربىي ئىش-ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشى ئۈچۈن بىر قىسىم خەتەرلەرنى پەيدا قىلغان بولسىمۇ، جۇڭگو ھازىرمۇ تەيۋەننى تولۇق قورشاۋ ئىچىگە ئالالمايدۇ، ھەمدە ئۇنىڭغا تولۇق دائىرىدە ھۇجۇم قوزغىيالمايدۇ. يەنى، جۇڭگونىڭ ھازىرقى ھەربىي كۈچى تەيۋەننى قورال بىلەن ئىگىلىۋېلىشقا يېتىشمەيدۇ. ئارقا سەپ ياردىمىنىڭ كەمچىل بولۇشى جۇڭگو دېڭىز ئارمىيىسىنى جەنۇبىي ئاسىيانىڭ سىرتىغا بېرىش ئىمكانىيىتىگىمۇ ئىگە قىلمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، جۇڭگو تېخىچە توغرا نىشانلاش ئۇچۇرلىرىنى توپلاپ، ئۇلارنى ھەربىي قوشۇنلارغا ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ بېرىپ، جۇڭگونىڭ قېشىدىكى 1-ئارال زەنجىرىنىڭ، يەنى ياپونىيە، تەيۋەن ۋە فىلىپپىننىڭ سىرتىدىكى دېڭىزدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئەمەس.
ئومۇمىي بايلىق، تېخنولوگىيە ۋە ئۇرۇش تەجرىبىسى جەھەتتە جۇڭگو ھازىرمۇ ئامېرىكىدىن خېلىلا ئارقىدا. يۇقىرى تېخنولوگىيەلىك قوراللار ۋە سەزگۈچلەر جەھەتتە جۇڭگو ئامېرىكىدىن كەم دېگەندە 20 يىل كېيىن تۇرىدۇ.
جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچلۈك دۆلەت ئەمەس. دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچلۈك دۆلەت بولۇشنىڭ ئىككى شەرتى بار. ئۇنىڭ بىرى، ھەر قانداق ۋاقىتتا ۋە دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىدە كەڭ-كۆلەملىك يادرو بومبىسى ۋەيرانچىلىقى پەيدا قىلالايدىغان بولۇش. ھازىر ئۇنداق ئىشنى قىلالايدىغان دۆلەتتىن دۇنيادا پەقەت ئىككىسىلا بار. ئۇنىڭ بىرى ئامېرىكا، يەنە بىرى بولسا رۇسىيە. جۇڭگونىڭ ئۇنداق ئىقتىدارى يوق. ئۇنىڭ يەنە بىرى بولسا، ئەنئەنىۋى ھەربىي قوشۇنلارنى ئىنتايىن يۇقىرى توغرىلىق بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىگە يۆتكەپ، ئۇلارنى شۇ يەردىكى ھەربىي توقۇنۇشقا قاتناشتۇرۇش ئىقتىدارى بار بولۇش. مەيلى بىز قوللايلى-قوللىمايلى، ئامېرىكىلىقلار بۇنداق ئىشلارنى ئىزچىل تۈردە قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. يەنى، ھازىر پەقەت ئامېرىكىلا ئاشۇنداق ئىقتىدارغا ئىگە بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئۇنداق ئىمكانىيىتى يوق.
ھازىرچە جۇڭگو پەقەت بىر يەرلىك ھەربىي كۈچ بولۇپ، ئۇنىڭ ھېچ قانداق ھازىرقى زامان ئۇرۇش تەجرىبىسى يوق. ئۇنىڭ ھەربىي تەلىمات، ئىنسان مەبلىغى ۋە ھەربىي مەشىق ساھەلىرىدە ئېغىر دەرىجىدىكى ئاجىزلىقلىرى بار بولۇپ، بىرلەشمە ئۇرۇشنىڭ مۇرەككەپلىكى ۋە ئەمەلىيىتىنىمۇ تولۇق بىلمەيدۇ. جۇڭگو ئارمىيىسى ئۆزىنىڭ 25 پىرسەنت ۋاقتىنى ماركسىزم-لېنىنىزم ئاساسىدىكى سىياسىي ئۆگىنىش بىلەن ئۆتكۈزۈپ، قىممەتلىك مەشىق ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىدۇ. ھەربىي قوماندانلار ئۇلارنىڭ ھەربىي ئىشلاردىكى مۇستەقىللىقى ۋە ئىجادكارلىقىغا ئاساسلىنىپ ئەمەس، ئۇلارنىڭ پارتىيىگە بولغان سادىقلىق دەرىجىسىگە ئاساسەن ئۆستۈرۈلىدۇ. جۇڭگونىڭ ھەربىي تېخنولوگىيە سەۋىيىسى بىر قەدەر تۆۋەن، ھەمدە ئۇنىڭ چەت ئەل قورال مەنبەسى پەقەت رۇسىيە بىلەنلا چەكلەنگەن بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ھەربىي تەرەققىياتىدا ھازىرمۇ ئېغىر دەرىجىدىكى چەكلىمىلەر مەۋجۇت.
(7) جۇڭگودا پارتىيىنىڭ ھەربىي ئىشلارغا ئارىلىشىۋېلىش مەسىلىسى ئېغىر دەرىجىدە مەۋجۇت. ئاۋسترالىيەدە دۆلەت ئارمىيىسىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى دۆلەتنى قوغداش. ئەمما جۇڭگودا ئۇنداق ئەمەس. جۇڭگودا خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى ج ك پ نى قوغداش. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە، سوۋېت ئارمىيىسىنىڭ پارتىيىدىكى رولى بىلەن تەسىرى ھەرگىزمۇ جۇڭگو ئارمىيىسىنىڭكىدەك چوڭ ۋە كۈچلۈك بولۇپ باققان ئەمەس. 1989-يىلى جۇڭگو رەھبىرى دېڭ شياۋپىڭ تيەنئەنمېنگە تانكىلىق ئەسكەرلەرنى ئەۋەتىپ، ئۇ يەردىكى ئوقۇغۇچىلارنى باستۇرغاندا، مەن ئامېرىكىنىڭ مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى (CIA) نىڭ باش شتابىدا ئىدىم. ئۇ يەردە ھەممە ئىشلاردىن تولۇق خەۋەردار بولۇپ تۇردۇم. شۇ چاغدىكى بۇيرۇقنىڭ بىۋاسىتە دېڭ شياۋپىڭدىن كەلگەنلىكى بىر ھەقىقەت بولۇپ، ئۇنىڭدا ھېچ قانداق گۇمان يوق. ئۇ چاغدا دېڭ شياۋپىڭ دۆلەت رەئىسى سالاھىيىتى بىلەن ئەمەس، پارتىيە سېكرېتارى سالاھىيىتى بىلەنمۇ ئەمەس، بەلكى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولۇش سالاھىيىتى بىلەن بۇيرۇق چۈشۈردى.
(8) جۇڭگونىڭ سۇ ئاستى پاراخوتى ئۇرۇشىدا دۈشمەن ئۇچۇرىنى توپلاش ئىقتىدارى ھازىرمۇ ناھايىتى تۆۋەن سەۋىيىدە. گەرچە جۇڭگو دېڭىز ئارمىيىسى ھازىر سۇ ئاستى سەزگۈچ، تۇراقلىق قاناتلىق ئايروپىلان، تىك ئۇچار ئايروپىلان ۋە سۇ ئۈستى پاراخوتى قاتارلىق دۈشمەن سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ ئۇچۇرىنى يىغىش تېخنىكىسىغا مەبلەغ سېلىشقا باشلىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ سۇ ئاستى پاراخوتى ئۇرۇشى سەۋىيىسىدە ئېغىر دەرىجىدىكى ئاجىزلىقلار بار. بۇ ساھەدە ئامېرىكا باشقا بارلىق دۆلەتلەردىن كۆپ ئۈستۈن تۇرىدىغان بولۇپ، باشقىلار ئامېرىكىنىڭ سۇ ئاستى پاراخوتلىرىنى بايقاشتا ئىنتايىن قىينىلىدۇ. جۇڭگو سۇ ئاستى پاراخوتلىرىنىڭ ئاۋازى بەك يۇقىرى بولۇپ، ئۇنى ئاسانلا بايقىغىلى بولىدۇ، ھەمدە ئۇلارنىڭ سۇ ئاستىدا ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىمۇ ناھايىتى تۆۋەن. شۇڭلاشقا جۇڭگونىڭ سۇ ئاستى پاراخوتلىرى ئامېرىكا ۋە ياپونىيە دېڭىز ئارمىيىلىرى ئۈچۈن ئوڭايلا بىتچىت قىلىۋەتكىلى بولىدىغان نىشان بولۇپ قالىدۇ. دېڭىز ئۇرۇشىدا ھاۋا ۋە دېڭىز ئارمىيىلىرى ھەمكارلىشىپ ئىش ئېلىپ بېرىش جەھەتتە جۇڭگو ھازىرمۇ ناھايىتى ئاجىز بولۇپ، بۇ ساھەدە خېلى كۆپ يېڭى تېخنولوگىيىلەرنى تەرەققىي قىلدۇرماي تۇرۇپ، جۇڭگو بىرلەشمە ئۇرۇش ئېلىپ بارالمايدۇ. ھازىر ئامېرىكا ئادەمسىز سۇ ئاستى پاراخوتلىرىنىمۇ ناھايىتى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئۇ پاراخوتلار ناھايىتى يۇقىرى سەۋىيىلىك سۇ ئاستىنى تەكشۈرۈش، كۆزىتىش، ۋە سۇ ئاستىدا ئۇرۇش قىلىش قابىلىيىتىگە ئىگە. بۇ جەھەتتە جۇڭگو ھەرگىزمۇ ئامېرىكىغا يېقىن كېلەلمەيدۇ.
جۇڭگونىڭ ھاۋادىن مۇداپىئە كۆرۈش ئىقتىدارلىرىدىمۇ خېلى كۆپ نۇقسانلار بار. ئۇنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە يوشۇرۇنچە ئۇچىدىغان ئايروپىلانلارنى بايقاش ۋە توسۇش ئىقتىدارىمۇ ناھايىتى چەكلىك. ئامېرىكا ھازىر بايقاش ناھايىتى قىيىن بولغان بومباردىمانچى ئايروپىلان ۋە ناھايىتى ئۇزۇنغا ئىنتايىن يۇقىرى سۈرئەت بىلەن ئۇچۇپ بېرىپ، ئىنتايىن يۇقىرى دەرىجىدىكى توغرىلىق بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتەلەيدىغان ھەربىي ئايروپىلانلارنى ياساۋاتقان بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئۇلاردىن مۇداپىئەلىنىشى ناھايىتى قىيىنغا توختايدۇ. ئاشۇنداق ھاۋا ھۇجۇمىدىن مۇداپىئەلىنىدىغان ئاكتىپ ۋە پاسسىپ تەدبىرلەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش ئۈچۈن جۇڭگو ھەربىي خىراجەتنى ھازىرقىدىن يەنىمۇ كۆپ ئۆستۈرمىسە بولمايدۇ.
جۇڭگونىڭ ئامېرىكا ئاۋىئاماتكا پاراخوتلىرىنى تېپىش ۋە نىشانلاشقا ئىشلىتىدىغان رادار سىستېمىسىنىڭ ئانتېنناسى ناھايىتى چوڭ ۋە ئاجىز. ئۇنىڭدا تېخى ئۆزىنىڭ پاراخوتلارغا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى ئۈنۈملۈك قورالغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان تەپسىلىي ۋە نەق مەيدان نىشانلاش ئۇچۇرلىرىنى يىغىدىغان ئىقتىدار يوق. جۇڭگونىڭ يەنە دېڭىز ئۈستىدىكى ئاۋىئاتسىيە، ھەمدە قۇرۇقلۇق، دېڭىز ئۈستى ۋە ئاسماندا ماي قاچىلاش ئىقتىدارى بولمىغاچقا، ئۇ تېخىچە بىرەر رايوننى دۈشمەن ھۇجۇمىدىن قوغداش ئىمكانىيىتىگە ئىگە ئەمەس. مانا بۇلار جۇڭگو بۇنىڭدىن كېيىن تولدۇرمىسا بولمايدىغان بوشلۇقلاردۇر.
جۇڭگو بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئامېرىكا ئۇرۇش قىلىش مەدەنىيىتى، ۋە ناھايىتى كەڭ دائىرىلىك تاكتىكىلىق ۋە ئىستراتېگىيىلىك يادرو بومبىسىغا ئىگە بولۇپ، نوپۇس زىچلىقى ۋە يادرو بومبىسى ھۇجۇمىغا كەلگەندە جۇڭگو دۇنيادىكى ئەڭ ئاجىز دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
يۇقىرىدىكى مىساللاردىن شۇنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىكى، جۇڭگو ھازىرچە ھەربىي ساھەدىكى بىر ھۆكۈمران كۈچ ئەمەس بولۇپ، شۇنداق بولۇشقا ئۇرۇنسىمۇ ئۇنىڭدا كۆپلىگەن يېتەرسىزلىكلەر مەۋجۇت. گەرچە جۇڭگو ئۆزىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك دائىرىسىنى كېڭەيتمەكچى بولۇۋاتقان بولسىمۇ، ئۇ دۇنيا مىقياسىدا ئەمەس، ھەتتا ئاسىيانىڭ ئۆزىدىمۇ ئامېرىكىنىڭ رىقابەتچىسى بولالمايدۇ. ئەگەر بىرەر چوڭ ئۇرۇش پارتلاپ قالىدىكەن، جۇڭگو ئامېرىكا، ياپون، ئاۋسترالىيە ۋە ھىندىستان ئارمىيىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر چوڭ بىرلەشمە ئارمىيىگە تاقابىل تۇرۇشقا مەجبۇرى بولىدۇ. بىرەر چوڭ ئۇرۇش يۈز بەرمىگەن تەقدىردىمۇ، جۇڭگوغا قارشى بىر ناھايىتى كۈچلۈك ۋە تەڭپۇڭلاشقان تاشقى كۈچنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ھازىر ئاسىيادىكى، بولۇپمۇ شەرقىي-شىمالىي ئاسىيادىكى بىر ئۆلچەم بولۇپ قالدى.
(9) جۇڭگو ئارمىيىسى ھازىر بىر قۇرۇقلۇقتىكى ھەربىي كۈچ بولۇپ، ئۇنىڭ دېڭىز ئارمىيىسى كۆپلىگەن چەكلىمىلەرگە دۇچ كەلدى. جۇڭگونىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىمۇ ھازىر ناھايىتى ئېغىر ئىچكى خەۋپكە دۇچ كەلگەن بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ دېڭىز ئارمىيىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئېغىر دەرىجىدىكى ئىقتىساد چەكلىمىسىگە ئۇچراۋاتىدۇ. جۇڭگو دۆلەت مۇداپىئە ئىشلىرىغا قانچىلىك مەبلەغ ئاجراتقان بولسا، دۆلەت ئىچى بىخەتەرلىكىگىمۇ شۇنچىلىك مەبلەغ ئاجرىتىشقا مەجبۇرى بولۇۋاتىدۇ. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىمۇ ئەينى زاماندا ئامېرىكا بىلەن بولغان ھەربىي كۈچ مۇسابىقىسىدە ئوخشاش مەسىلىگە دۇچ كەلگەن ئىدى. جۇڭگونىڭ دېڭىز ئارمىيىسى ھاۋا ئارمىيە مۇداپىئەسىگە ئىگە ئەمەس بولۇپ، ئۇنىڭ يادرو-ماتورلۇق سۇ ئاستى پاراخوتلىرىنىڭ ئاۋازىمۇ بىر قەدەر يۇقىرى. جۇڭگونىڭ قۇرۇقلۇقتىن ھاۋاغا قارىتىلغان ھەربىي كۈچىمۇ شەرقىي ئاسىيادىن ئىبارەت ئۆزىگە ناھايىتى يېقىن دېڭىز رايونلىرىدا ئۈنۈملۈك ئۇرۇش قىلىشقىمۇ يېتىشمەيدۇ. جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ دېڭىز يوللىرىدىكى ئۈستۈنلۈكىگە تەھدىت سالغىدەك ۋە ئامېرىكىنىڭ شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيادىكى ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالغىدەك ئىقتىدارغا ئىگە ئەمەس.
(10) جۇڭگو يېمەكلىك ۋە ئېنېرگىيە مەنبەسى جەھەتتىكى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتا خەلقئارا سودىغا تايىنىدۇ. بۇ ئەھۋال ئۇنى دېڭىز ئارمىيىسىنى كۈچەيتىشكە قىستايدۇ. ئەمما جۇڭگو قۇرۇقلۇقتا باشقا جەمئىي 14 دۆلەت بىلەن چېگرىداش بولۇپ، ئۇنىڭ قۇرۇقلۇقتىكى باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان چېگرىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى دۇنيا بويىچە 1-ئورۇندا تۇرىدۇ. شۇنداق بولغاچقا جۇڭگو يالغۇز دېڭىز ئارمىيىسىلا ئەمەس، قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرمىسا بولمايدۇ. ئاشۇنداق ئىككى خىل ئارمىيىنى كۈچەيتمەيدىكەن، جۇڭگونىڭ خەلقئارا ئىشلاردا ئوينايدىغان رولى چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ. جۇڭگونىڭ دېڭىز ئارمىيىسىگە بولغان ئېھتىياجى ئەينى ۋاقىتتا فىرانسىيە، گېرمانىيە ۋە رۇسىيەنىڭ بېشىغا كەلگەن ئەھۋال بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ئامېرىكا جۇڭگوغا ئوخشىمايدۇ. ئۇ ئۆزى خالىغان ۋاقىتتا ھەربىي ئىشلار ئۈچۈن خەجلەيدىغان پۇلنىڭ مىقدارىنى تەڭشەپ، دېڭىز ئارمىيىسىگە ئاجرىتىدىغان پۇلنىڭ مىقدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئاسىيادىكى تەرتىپىنى كاپالەتكە ئىگە قىلالايدۇ. بۇ پۈتۈنلەي ئامېرىكىنىڭ تېخنولوگىيە ياكى يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ئىش.
4. خۇلاسە
جۇڭگو ھازىر قۇرۇلما جەھەتتىكى يېتەرسىزلىك ۋە نوپۇس ستاتىستىكىسى جەھەتتىكى توسالغۇغا دۇچ كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ دۆلەت كۈچى پات يېقىندا تەرەققىياتتىن توختايدۇ. بۇ جۇڭگونىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان يۇقىرى تېخنولوگىيەلىك قورال مۇسابىقىسىدە دۆلەت مۇداپىئەسى ئۈچۈن ئاجرىتىدىغان خىراجىتىنى چەكلىمىگە ئۇچرىتىپ، ئۇ مۇسابىقىدە ئۇتۇپ چىقالمايدۇ. دۆلەت ئىچىدە كۈندىن-كۈنگە ئېغىرلىشىپ مېڭىۋاتقان ئىچكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش جۇڭگو دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىشى بولۇپ قېلىپ، ئاشۇ مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن خەجلەيدىغان پۇلمۇ داۋاملىق ئۆسۈپ مېڭىپ، ئۇ پۇل دۆلەت ئىقتىسادىي سەرپىياتى ۋە دۆلەت بايلىقىنىڭ خېلى كۆپ قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. ج ك پ رەھبەرلىكى كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىپ مېڭىۋاتقان خەلق نارازىلىقى بىلەن كۈرەش قىلىدىغان بولۇپ، ئاشۇنداق نارازىلىق ج ك پ نىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغىمۇ بىر خىل تەھدىت بولۇپ قالىدۇ. جۇڭگو ئىقتىسادىي ساھەدە باي بولدى، ئەمما ئۇنىڭ باي بولۇشى جۇڭگونىڭ ئىچكى مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئۇ ياقتا تۇرسۇن، ئىچكى مەسىلىلەرنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى. يەنى، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۇنىڭ ئىچكى مەسىلىلىرىنى ھەل قىلمايلا قالماي، بەلكى ئۇلارنى بارغانسېرى يامانلاشتۇرۇۋاتىدۇ.
جۇڭگو ئاسىيادا ناھايىتى يالغۇز قالغان بىر دۆلەت بولۇپ، ئۇنىڭ ئاسىيادا ئاساسىي جەھەتتىن باشقا دوستى يوق. تارىخىي ئەھۋاللارغا ئاساسەن، جۇڭگو ئۆزىنى ئاسىيا پىرامىداسىنىڭ ئەڭ چوققىسىدىكى بىر دۆلەت، دەپ ھېسابلايدۇ. ئەمما ئاسىيادا جۇڭگونىڭ ئۆزى ئۈچۈن تىكلىۋالغان بۇنداق ھۆكۈمران ئورنىنى ئېتىراپ قىلىدىغان دۆلەتلەر ئاساسەن يوق. ھەقىقەتەنمۇ كېڭەيمىچىلىكنى بارغانسېرى كۈچەيتىپ مېڭىۋاتقان جۇڭگوغا تاقابىل تۇرۇش يولىدا ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە ھىندىستان قاتارلىق ئەللەر بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا بىرلىكتە ئىش ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن.
ھەربىي ساھەدىكى مۇھىم تېخنولوگىيىلەر جەھەتتە جۇڭگو ئامېرىكىدىن كەم دېگەندە 20 يىل كېيىن تۇرىدۇ. جۇڭگو يۇقىرى سۈپەتلىك ئۇرۇش ئايروپىلانى ماتورىنى ياساپ چىقىش يولىدا تىرىشىۋاتقىلى 35 يىل بولدى. ئەمما ئۇنداق ماتورلارنى ياساپ چىقىش بىر ئىنتايىن قىيىن ئىش. شۇڭا جۇڭگو تېخىچە مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىدى. ئۇ ھازىرغىچە ئاشۇنداق ئايروپىلانلارنىڭ ماتورلىرىنى رۇسىيەدىن ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇ ماتورلار ئانچە ئىشەنچلىك ئەمەس. جۇڭگونىڭ زامانىۋى ئۇرۇش جەھەتتە پۈتۈنلەي تەجرىبىسىز ئىكەنلىكى، ھەمدە ئۇنىڭ ھەربىي كادىرلارنى ئۆستۈرۈشتە پەقەت پارتىيىگە بولغان ساداقەتنى ئۆلچەم قىلىدىغانلىقى جۇڭگو ئەسكەرلىرىنىڭ ئەمەلىي ئۇرۇشلاردا قەھرىمانلىق كۆرسىتەلەيدىغانلىقىغا نىسبەتەن ناھايىتى كۈچلۈك گۇمان پەيدا قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، جۇڭگونىڭ ھەربىي ساھەدە كۈچىيىشى ياپونىيە، ھىندىستان ۋە شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيادىكى باشقا بىر قىسىم ئەللەرنىڭ دېڭىز ئارمىيىلىرىنى كۈچەيتىپ، شۇ ئارقىلىق جۇڭگوغا تاقابىل تۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
قىسقىسى، جۇڭگو غەربنىڭ بازىرىغا ئېھتىياجلىق، ئۇنىڭ قوشنىلىرى جۇڭگونىڭ ئاسىيادا بىر ھۆكۈمران كۈچ بولۇشىنى قوبۇل قىلمايدۇ، ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىنكى خېلى ئۇزۇن ۋاقىت ئىچىدە ئامېرىكا ئۆزىنىڭ كۈچلۈك ئورنىنى ساقلاپ، ھەربىي ۋە دىپلوماتىك ساھەلەردە جۇڭگونى توسۇپ تۇرىدۇ.
پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:
[1] Why China Will Not Become the Dominant Power in Asiahttps://www.youtube.com/watch?v=_AvNT3vyzr0
[2] Why China Will Not Become the Dominant Power in Asia http://www.regionalsecurity.org.au/Resources/Documents/SC10-3DibbLee.pdf
ئەسلىدىكى مەنبە ئاپتورلىرىنىڭ ئىنگلىزچە تونۇشتۇرىلىشى:
Paul Dibb is Emeritus Professor of Strategic Studies in the Strategic & Defence Studies Centre, Coral Bell schol of Asia-Pacific Affairs, ANU. He was head of the Strategic and Defence Studies Centre from 1991 to 2004. Before that he held the positions of deputy secretary for Defence, director of the Joint Intelligence Organisation and head of the National Assessments Staff. He studied the former Soviet Union for over 20 years both as a senior intelligence officer and academic. He advised ASIO on certain Soviet activities. His book The Soviet Union–the Incomplete Superpower was published by the International Institute for Strategic Studies , London in 1986, reprinted 1987 and second edition 1988.
John Lee is an Australian academic working on international economic and security affairs with a focus on the Asia-Pacific. Lee is an adjunct associate professor at the Australian National University’s Strategic and Defence Studies Centre, a Michael Hintze Fellow at the Centre for International Security Studies, University of Sydney and a senior scholar at the Hudson Institute in Washington, DC. Lee is a board member of the Institute for Regional Security.