كېچەلمەيمەن سېنىڭدىن ۋەتەن (2-)
گۈلشەن ئابدۇقادىر
كەتتى دەپ رەنجىپسەن ۋەتەن،
كەتكىنىم كەچكىنىم ئەمەس.
قەدەم كەتتى بەدەن كەتتى،
روھ ۋە يۈرەك سەن بىلەن ھەمنەپەس.
يۈرۈيمەن ئۆزۈم تورونتو، ۋاشىنگىتون، ئىستانبۇل، پارىژدا،
ھاپاش قىلىپ سېنى ۋەتەن يۈرەك تومۇرلىرىمدا.
ھېسلىرىم، روھلۇرۇم پىچىرلىشار سەن بىلەن،
ئاڭلا ۋەتەن كەتكىنىم، كەچكىنىم ئەمەس.
ۋەتەندىن كەتكەنلىك كەچكەنلىك ئەمەس،
جۇدالىق چەكمىگەن ئاشىقلىق ئەمەس.
لەڭمەن يېمىگەنلىك كەچكەنلىك ئەمەس،
مۇقامسىز ياشىماق تانغانلىق ئەمەس.
ۋاپاسىز يار دىمەڭ بىزنى،
ئۆزگە يۇرتقا ۋاپا ئىزلەپ كەتكەنلەرنى.
ئاھ دوستلار خەير-خوش.
گەر كەتمەنلەنسەم ئۆزگە تۇپراقتا،
نەۋرەم يا چەۋرەم بارىدۇ بىر كۈن.
ۋەتەن ئانام دەپ…
گەر كەتمەنلەنسەم ئۆزگە تۇپراقتا،
كەتتى دەڭلار…
ھەرگىز كەچتى دېمەڭلار.
ئاي شارىغا بېرىش بېلىتى ئاپتىكەن،
يەر شارىغا قايتىش بېلىتى يوقكەن دەڭلار.
باھار ھىدى قاپلىغاندا ۋەتەننى،
روھلىرىمنى تەشتەكلەرگە كۆچۈرۈپ قويۇڭلار.
كەتتى قەدەم، كەتتى تەن، كەتتى بەدەن ئۇزاققا…
ۋەتەن روھ، ۋەتەن يۈرەك قالدى تۇپراقتا.
توساقلار توسىيالماس ئىككى روھنىڭ پىچىرلىشىشىنى،
شۇڭا ۋەتەن تىلەيمەن روھى ئەمىنلىك يىراقتا.
ئۇزۇن تار بىر يولدا كېتىۋاتىمەن كۈندۈز – كېچە،
مەن ئۆزەمدىن ئۇزاق، مەنزىلىم يۇلتۇزلار قەدەر ئۇزاق.
ئەگەر جان ۋەتەن كەتتى دېمەي كەچتى دېسەڭ،
ئۈمۈتلىرىم توزۇيدۇ ،
دۈنيا بولۇر ماڭا بىر دوزاق.