كەلگىن دۇنيا بەرگىن قولۇڭنى!
چوغلۇق
كەلگىن دۇنيا، بەرگىن قولۇڭنى،
كەلگۈسىگە ئاتلانسۇن قەدەم!
قورقۇنچ ھەم ئەندىشىلەرگە،
جاۋابىمدۇر قەيسەرلىكىم ھەم!
كەلگىن دۇنيا، تۇتقىن قولۇمدىن،
دۇنيايىمغا سىڭگىن بىر نەپەس.
تەلمۈرتمىگىن شۇنچە يىراقتىن،
ئاھلىرىمغا قۇلاق سال بىر پەس!
تەلمۈرتمىگىن مىسكىن كۆزلەرنى،
ھەققىمىز بار ئۈمىدلەردە ھەم.
ئۈمىدلەردىن تۇغۇلسا مەشئەل،
يانالايمىز چوغ بولۇپ ھەردەم!
كەلگىن دۇنيا، تۇتقىن قولۇمدىن،
مەشئەل بولۇپ يانسۇن بۇ ئالەم.
يورۇسۇن ھەم يورۇلسۇن ھەممە،
زۇلمەتلەردە قالمىسۇن ئادەم!
2017.12.10