كەلگۈسىنىڭ نۇزۇگۇملىرى

ئابدۇۋەلى ئايۇپ

س ن ن مۇخبىرلىرى بىر جۈپ دادىسىدىن مەھرۇم قىز ۋە مۇساپىر ئانا ئۈچۈن ئىستانبۇلغا كەلدى، ياق ئۇلا ئەمەس، ئۇيغۇرنىڭ كۆز ياشلىرى ئۈچۈن، مىسلىسىز ئازاپلىرى ئۈچۈن كەلدى. ئۇ مارتنىڭ سوغۇق شاماللىرى ئىستانبۇلنى شۈمشەرتىپ تۇرغان بىر كۈنى ئىدى. لاگىردا تارتىلغان سىندىن يولدىشىنى تېپىۋالغان ئانا ھەجەر خانىم ئامېرىكا س ن ن قانىلىنىڭ داڭلىق مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى ئىككىلىنىپ تۇرۇپ قوبۇل قىلدى. ئۇ بۇرۇن بىر قانچە قېتىم گېرمانىيە د ۋ قانىلىنىڭ ۋە گېرمانىيەدىكى بىر رادىيو ئىستاسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئىدى. زىيارەتلەر قىلىندى، فىلىملەر ئىشلەندى، بىراق ئىككى ئوماق قىزنىڭ دادىسى، ھەجەر خانىمنىڭ ئۆمۈرلۈك ھەمراھى ئابدۇغوپۇر تۇراپتىن ھېچ بىر خەۋەر يوق ئىدى.
مەن ھەجەرنىڭ بالىلىرى تارقاتقان گۇۋاھلىق ۋىدىيوسىدىن بۇ ئائىلىنىڭ پاجىئەسىدىن خەۋەر تاپقان ئىدىم. فېيىسبۇكتىن ئىككى سەبىينىڭ دادىسىنى ئىزدەپ بەرگەن گۇۋاھلىق سىنىنى كۆرگەندىن كېيىن ئانا بىلەن ئۇچۇرلاشتۇق. ھەجەر خانىم بەك دىلىغۇللۇق ئىچىدە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشۈشكە قوشۇلدى. ئۇلارنىڭ رۇخسىتى بىلەن فىلىمنىڭ مەزمۇنىنى قىسقىچە ئېنگىلىزچىگە تەرجىمە قىلىپ مۇخبىرلارغا يوللاپ بەردىم.
ئەڭ ئاۋال ھەجەر خانىمنىڭ دەردىنى ئاڭلاتقىنى مەن ئىستانبۇلدا تونۇشۇپ قالغان مۇستەقىل مۇخبىر، ئامېرىكىلىق قىز دۇررى بولدى. ئۇ بۇ خەۋەرنى گېرمانىيەنىڭ بىر رادىيۇسىدا ئېلان قىلدى. ئۇزاق ئۆتمەي گېرمانىيەدىكى چوڭ قاناللارنىڭ بىرى بولغان د ۋ بۇ ھەقتە بىر ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەشكە قوشۇلدى. ئەمما مۇخبىر ئەۋەتەلمەيدىغانلىقىنى، خالىسام ماڭا سۇئاللارنى ئەۋەتىپ بېرىپ بىر ئاپىراتور ياللاپ بېرىدىغانلىقنى ئېيتتى. ھۆججەتلىك فىلىمگە ئىستانبۇلدىن بالىسىنى ئىزدەۋاتقان تۇرغۇنجان، ئائىلىسىنى ئىزدەۋاتقان ئىشقىيارنىڭ كەچمىشلىرىمۇ قوشۇلىدىغان بولدى.
د ۋ ھۆججەتلىك فىلىمنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن ئۇزاق ئۆتمەي خۇشخەۋەر كېلىشكە باشلىدى، ئالدى بىلەن ئىشقىيارنىڭ ئاتا-ئانىسى لاگىردىن ئۆيگە قايتىشقا رۇخسەت قىلىندى. ئىشقىيار بۇ خەۋەرنى ھاياجان بىلەن يەتكۈزگەندە ئىچىمدىن بىر «ئۇھ!» دېگەن سادا چىقتى. بۇ ھارغىنلىقنىڭ ئېشىپ كېتىشىمۇ ياكى ھارغىنلىقنىڭ چىقىپ كېتىشىمۇ بىلمەيمەن. ئىشقىيار ئۈچۈن، غۇلجا قىرغىنچىلىقىدا كېسىلىپ كەتكەن بىگۇناھ دادا، بالىلارنى دادىسىز چوڭ قىلىپ، ئەمدى ئۇھ دەپ قاماقتىن چىققان ئېرىنى كۈتىۋالغان، ئەمما ئۇزاق ئۆتمەي يەنە مەھرۇم قالغان ئانا ئۈچۈن خۇش بولدۇم. ئەمما خۇشلۇقۇم يېرىم، ھاياجانلىرىم مەزگىللىك ئىدى، چۈنكى ئېكرانلاردا گۇۋاھلىق بەرگەن يۈزلىگەن دادا، ئانىلار، بالىلار ۋە ئىنى سىڭىللار كۆزلىرىمگە قاراپ جاۋاب كۈتۈپ تۇراتتى.
رامىزان كىرگەندىن كېيىنكى تۇنجى خۇشخەۋەرنى ھەجەر خانىمدىن ئاڭلىدىم. ئۇنىڭ يولدىشى، نەزىرە ۋە نەئىيمەلەرنىڭ قەدىردان دادىسى قويۇپ بېرىلىپتۇ. خۇددى رامىزان توۋلاپ چىقىپ كەمپۈت بىلەن تارتۇقلانغان كىچىك بالىدەك سەكرەپ كەتتىم. «پايدىسى بولامدۇ» دەپ ھەر بىر سورىغاندا مىڭ قىينىلىدىغان رەھىمسىز سۇئالغا، ھەجەرگە ئاخىرى بىر نەتىجىلىك جاۋاب بەرگەن بولدۇم.
ھەجەر ئەخمەت خانىم ئىككى قىزى بىلەن ئېرىنى ئىزدەش داۋاسىدا ئىككىلەندى، ئەمما ئۈمىدسىزلەنمىدى، ئىزچىل داۋا قىلدى، تىرىشتى، ئاخىرى نەتىجىسى چىقىپ يولدىشىنى قۇتقۇزۇپ قالدى. ھەر قېتىم، مۇخبىرلار سىزنى ئىزدەيدۇ، دېسەم «ئۇلار ئېرىمنى چىقىرىپ بېرەمدۇ؟» دەپ سورايتتى. مەن ھەئە دەي دېسەم تېخى ئۇنداق بولۇشى ناتايىن، ياق دەي دېسەم «بولدى كۆرۈشمەيمەن، پايدىسى يوق ئىشنى قىلمايمەن» دەپ قالارمۇ دەپ يۈرەك پوك – پوك ئىدى.
ھەجەر ماڭا بۇ خۇشخەۋەرنى يەتكۈزگەندە ئابدۇغۇپۇر ئۈچۈن، ئۇنىڭ نەزىرە ۋە نەئىيمە دېگەن ئىككى قىزى ئۈچۈن خۇش بولدۇم. بۈگۈن بۇ ئانىلار بايرىمىنى ئانىسى بىلەن ئۆتكۈزىۋاتقان، مېنى قىزلىرىمدەكلا ياقتۇرۇپ قالغان، قىزلىرىمدەك قۇچاقلىغان نەزىرە ۋە نەئىيمەگە شۇنى دېگۈم كەلدى: «قىزلىرىم، ئانىلار بايرىمىدا ئاناڭلاردىن پەخىرلىنىڭلار، ئۇ سىلەرنى يالغۇز بېقىپ، داداڭلارنىڭ داۋاسىنى قىلىپ غەلىبە قىلدى، قىزلىرىم سىلەر ئۆزۈڭلاردىن پەخىرلىنىڭلار، سىلەر داداڭلارنى ئازات قالدىڭلار، سىلەر جاسارەتنىڭ، ھەق داۋادا چىڭ تۇرۇشنىڭ، ھەققانىيەت ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنىڭ مىۋىسىنى تېتىدىڭلار، سىلەر قىزلىرىمغا ۋە بارلىق ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىمىزگە قورقماس، ئاقىل، قەيسەر ۋە جەسۇر بولۇشنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلەپ بەردىڭلار، ماڭا كەلگۈسىنىڭ نۇزۇگۇملىرىنى ئەسلەتتىڭلار، رەھمەت سىلەرگە!»

2019-يىلى 12-ماي، رامىزان

تور بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى ھويلام تورىغا مەنسۇپ. ھويلام تورى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى ئۈچۈن يېڭى بىر ماكان ھازىرلاپ بېرىش ئۈچۈن تىرىشقۇسى.