ئۇيغۇر نىداىسى تور رادىئوسى خەۋىرى:
خىتتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىز تەۋەسىدە سۈنئىي ئارال بەرپا قىلىشى ۋە بۇ رايوننى ھەربىيلەشتۈرىشىگە قارىتا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى كۈچلۈك جاۋاب قايتۇردى.
CNN نىڭ 1-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ گېنېرال لېيتىنانتى كېننېز مەككەنزىي 31-ماي كۈنى بۇ ھەقتە سوئال سورالغاندا مۇخبىرلارغا «مەن سىزگە ھازىرچە شۇنى دەپ قويايكى، ئەگەر ئامېرىكا ئارمىيەسى خالىسا ئۇنداق ئاراللارنى بىردەمدىلا كونتروللۇق ئاستىغا ئالىدۇ. چۈنكى بىز غەربىي تىنچ ئوكياندا ئۇششاق ئاراللارنى قولغا ئېلىشتا يېتەرلىك تەجرىبە توپلىغان،» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكىنىڭ ئىككى ھەربىي پاراخوتى ئۆتكەن ھەپتە خىتتاي تاقاۋۇزچىلىرى جەنۇبىي دېڭىزدا بەرپا قىلغان سۈنئىي ئارالغا 12 دېڭىز مىلى كېلىدىغان جايدىن ئۆتكەندە خىتتاي بۇنىڭغا كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈرگەن، ئامېرىكا بولسا بۇ رايوننىڭ ئەركىن دېڭىز قاتنىشى تەۋەلىكى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۆزلىرىنىڭ پۈتۈنلەي قانۇنلۇق دېڭىز سەپىرى قىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى. ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى مۇشۇ مەسىلىنى چۆرىدىگەن مۇنازىرە تېخىچە داۋام قىلىۋاتقاندا ئامېرىكا گېنېرالىنىڭ يۇقىرىقىدەك سۆزنى قىلىشى خەلقئارانىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى.
«ھەپتىلىك خەۋەرلەر» گېزىتىنىڭ 1-ئىيۇندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، گېنېرال مەككەنزىي بەش بۇرجەكلىك بىنادىكى ئالىي قوماندانلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى زور سالماققا ئېگە، دەپ قارالماقتا ئىكەن. ئۇ بۇ ھەقتىكى مەسىلە ھەققىدا سۆز بولغاندا ئېنىق قىلىپ، «ئامېرىكا ئارمىيەسى ئا ق ش نى ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداشقا تەييارلىنىپ بولدى. بىز دېڭىز قاتنىشى ئەركىنلىكىنى داۋاملىق قوغدايمىز ھەمدە قىلىۋاتقان ئىشلىرىمىزنى داۋام قىلىۋېرىمىز،» دېگەن.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى