كىتاب ۋە ئادەم ساپاسى
بىزدە «پۇل تاپقۇچە ئەقىل تاپ»،« بىلىكى بار بىرنى يېڭەر، بىلىمى بار مىڭنى» دېگەندەك ماقال – تەمسىللەر بار. دېمەك ئەجدادلىرىمىز قەدىمدىن تارتىپلا بىلىم ئىگىلەشكە ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن. بىلىمنى ئىنسانلارنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئەقىل – پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى بولغان كىتابنى ئوقۇش ئارقىلىقمۇ ئىگىلىگىلى بولىدۇ. شۇڭا كىتاب ئىنسانلارنىڭ ئىلىم – پەن ئىگىلىشىدىكى قورال، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئالغا ئىلگىرلىشىدىكى پەلەمپەي، ئۇ قاراڭغۇ دىللارنى يورۇتقۇچى قىممەتلىك ئەڭگۈشتەر.
پەن – تېخنىكا ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بىر دۆلەت، بىر مىللەتنىڭ تەرەققىي قىلغان – قىلمىغانلىقى ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ يەر كۆلىمىنىڭ چوڭ – كىچىكلىكى، نوپۇسنىڭ ئاز – كۆپلۈكى بىلەن ئۆلچەنمەستىن، بەلكى شۇ مىللەت ۋە شۇ دۆلەت كىشىلىرىنىڭ پەن – مەدەنىيەت ساپاسى، بىلىم ساپاسى بىلەن ئۆلچىنىدۇ.
شەرقىي تۈركىستاندا خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئىشغالى ئاستىدا خەلقىمىزنى ساۋادتسىز قالدۇرۇش، مائارىپىمىزنى خىتتايلاشتۇرۇش ئارقىلىق مەنىۋى جەھەتتە، بولۇپمۇ كىشىلەرنىڭ بىلىم سەۋىيىسى، پەن – مەدەنىيەت ساپاسى قاتارلىق جەھەتلەردە ئارقىدا قالدۇرماقتا. بۇنىڭ گەۋدىلىك ئىپادىسى شۇكى، ھازىرقى شارائىتتا بىزنىڭ بىر قىسىم كىشىلىرىمىزنىڭ بىلىمگە، جۈملىدىن كىتاب ئوقۇشقا بولغان قىزىقىشنىڭ يوقلۇقىدا. ماددىي جەھەتتە تويۇنغان بىر قىسىم كىشىلىرىمىزمۇ ھازىر، بىرەر پارچە كىتاب سېتىۋېلىپ ئوقۇشنى خالىمايدۇ، ئۇلارنىڭ ھەشەمەتلىك ئۆيلىرىدىن ئالىي دەرىجىلىك ئائىلە سايمانلىرى، ئوت چاقناپ تۇرغان ئېسىل گىلەم، چەتنىڭ ماللىرى ۋەھاكازالارنى بايقايسىزكى، بىرەر پارچە قىممەت باھالىق كىتاب تاپالمايسىز. بىزنىڭ بەزى ستۇدېنتلىرىمىز كىشىنى تېخىمۇ ئويغا سالىدۇ. ئۇلار شەرقىي تۈركىستانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن، جەمئىيەت، يۇرت – خەلقىنىڭ، ئاتا – ئانىسىنىڭ يۈكسەك ئارزۇ – ئۈمىدلىرىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ ئوقۇشقا بارىدۇ – يۇ، لېكىن بارغاندىن كېيىن تىرىشىپ ئوقۇمايدۇ، ئىزدەنمەيدۇ، ئۇلار قانداقتۇر بىرخىل «مەدەنىيلىك كىشىلەر»دىن بولۇش قىزغىنلىقى بىلەن ھەدەپ سورۇن تۈزۈپ، يۇرتلۇقلار ئولتۇرۇشى، تانسا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈشكە رازىكى، كىتاب سېتىۋېلىپ ئوقۇشقا، ئۆگىنىشكە رازى ئەمەس.
مەن ئالىي مەكتەپ ھاياتىدا بىر قېتىممۇ كىتابخانىغا بېرىپ بىر پارچە كىتابنى سېتىۋالمايدىغان ئوقۇغۇچىلارنى ئۇچرىتاتتىم، مەن ئۆتكەندە بىر نەچچە كىشىنىڭ ئۇنۋان ئىشى ئۈچۈن كىتاب ئالغىلى كېلىپ بىر يۈرۈش تۆت قىسىملىق 60 يۈەنلىك كىتابنى ئېلىشقا چىدىماي پىركازچىكتىن «بۇ كىتاب بەك قىممەتكەن، بىزگە ئىككىسى لازىم ئىدى، ئىككى قىسمىنى ئالساق بولامدۇ؟» دەپ سورىغىنىنى ئاڭلىدىم. بالىلار بايرىمى كۈنى بالىلارنىڭ كىتاب سېتىۋالغۇسى بولسىمۇ، لېكىن ئاتا – ئانىلارنىڭ ھەدىسىلا پۇل يوق دېگەننى باھانە قىلىپ، كىتاب ئېلىپ بەرمەيۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئەجەبا، ئۇلاردا راستىنلا پۇل يوقمىدۇ ياكى ئۇلارنىڭ نەزىرىدە بۇ كىتابلارنى سېتىۋېلىش زۆرۈر ئەمەسمىدۇ؟
مېنىڭچە، بۇ بىزدىكى ساپا مەسىلىسى. كىتاب ئوقۇش بىلىم ئىگىلەشكە بولغان كۆز قاراش مەسىلىسى. ھازىر بىزنىڭ بىر قىسىم كىشىلىرىمىز ئۆزى بىلەن باشقىلار ئوتتۇرىسىدىكى بۇ خىل ئارىلىقنى تازا تولۇق ھېس قىلالمىغان چېغى، كۈنبويى لاغايلاپ يۈرۈپ كۈن ئۆتكۈزۈشكە، تېلېفون ئويناپ قۇرۇق مەنىسى، قىممىتى يوق ئۇچۇرلارنى كۆرۈشكە، غەيۋەت قىلىشقا رازىكى، قولىغا بىرەر پارچە كىتاب ئېلىپ ئوقۇشقا، ئۆگىنىشكە رازى ئەمەس، ئۇلار ئۆز ئەتراپىدىكى مۇھىتنى، دۇنيانى چۈشىنىشكە ۋاقىت چىقىرالمايدۇ. يەنە ئاز ساندىكى كىشىلىرىمىز پۇلنى ھە دېسىلا ئويۇن – تاماشاغا، ئىسراپچىلىق بىلەن يەپ – ئىچىشكە، مودا كىيىم سېتىۋېلىشقا سەرپ قىلىپ، ئۆزىنى دەۋرنىڭ ئېقىمىغا ماسلاشقان ئاتالمىش مەدەنىيەتلىك كىشىلەردىن قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشماقتا.
بۇ خىل ھالەت كىشىلىرىمىزنىڭ ئاڭ سەۋىيىسىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ بىلىم ئىگىلەشكە بولغان تونۇشىنىڭ نۆۋەتتىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىشغالىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن بىلىم ئۆگىنىشنىڭ، قانچىلىك مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتمىگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
مېنىڭچە، بىز يالغۇز ئۆزىمىزنىڭ ماددىي تۇرمۇش شارائىتىمىزغا كۆڭۈل بۆلۈپ مەنىۋى بوشلۇقىمىزنى تولدۇرمىساق، كىتاب ئوقۇپ ئىلىم – پەن ئىگىلىمىسەك، ئۇ ھالدا قانداقمۇ تاجاۋۇزچىنىڭ زۈلۈمىدىن قۇتۇلالايمىز، بىزنىڭ كىشىلىرىمىزنىڭ ساپاسى ھەرگىزمۇ ئۇچىمىزدىكى مودا كىيىم – كېچەك، يۈرۈش – تۇرۇشىمىزنىڭ، ئۆي -جابدۇقلىرىمىزنىڭ، باشقا ئىلغار مىللەت، دۆلەت خەلقلىرىنىڭكىگە ئوخشاش بولغانلىقىدا ئەمەس، بەلكى ئەقىل – پاراسىتىمىزنىڭ جۈملىدىن، پۈتكۈل پەن – مەدەنىيەت ساپايىمىزنىڭ باشقا مىللەت كىشىلىرىنىڭكىدەك تەرەققىي قىلىشتا ئىپادىلىنىشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن بىز پۇلنى بىھۇدە خەجلىمەي، ۋاقىتنى مەنىسىز ئۆتكۈزمەي، كۆپرەك كىتاب ئوقۇپ ھارماي – تالماي ئىزدىنىپ، ئۆگىنىپ ئۆزىمىزدىكى يېتەرسىزلىكنى تۈگىتىپ، پەن – مەدەنىيەت ساپايىمىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈشىمىز كېرەك.
قۇرئان كەرىمدە «ئوقۇ» دەپ جىبرىيىل ئارقىلىق خىتاپ قىلغىننى بىلىمىز . دېمەك دىنىمىزنى، دۇنيا بىلىملىرىنى ئۈگىنىشنىڭ ئوخشاشلا پەرىزلىگىنى، ھەر ئىككىسىنى چىڭ تۇتۇپ ئۆگىنىش ئارقىلىق ساپالىق مۇسۇلمانلاردىن بولغاندىلا، ئاندىن كاپىرلارنىڭ ئۈستىدىن غەلبە قىلغىلى بولىدۇ.
شۇنى ئېتىراپ قىلىش زۆرۈركى، خەلقىمىز ئەلمىساقتىن تارتىپلا ئەقىللىق ئەمگەكچان خەلق. بۇ يەردىكى مەسىلە بىزنىڭ ھازىرقى شارائىتىمىز. جۈملىدىن، ئۆزىمىزنىڭ پۇرسەتنى تازا تولۇق چۈشىنىپ يېتەلمىگەنلىكىمىزدە، بىز ھەممە ئىشنى باشقىلاردىن، ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ قىلىپ بېرىشىنى كۈتۈپ ئولتۇرماي، ھەربىر شەخس ئۆزىمىزدىن باشلىشىمىز كېرەك.
كونىلاردا «تاما تاما كۆل بولار» دېگەن تەمسىل بار. بىز ھەممىمىز بىر نىيەت بىر مەقسەتتە تىرىشىپ ، ئسىلام دىنى بىلىملەرنى تولۇق ئۈگەنسەك، ئىلىم – پەن ئىگىلىسەك، ئىشىنىمىزكى، خەلقىمىز خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا ئەجەللىك زەربە بېرىپ، شەرقىي تۈركىستاندىن قوغلاپ چىقارالايدۇ دەپ قارايمەن.