كۇردىستاندىن تۈركىستانغا نەزەر
(ھىكايە)
تۇنيۇقۇق
(1)
1949 – يىلى خىتاي كومىنىست ھۆكۈمىتى قۇرۇلۇپ، شەرقى تۈركىستان ۋە تىبەت زىمىنىنى بېسىۋالغاندىن بۇيان، مۇرەككەپ مىللىي زىددىيەتلەر باشتىن- ئاياغ خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ باش ئاغرىقى بولۇپ كەلدى. خىتاي كومونىسىت ھۆكۈمىتى ئىزچىل ھالدا ” خىتاي مىللەتچىلىكى” ئارقىلىق ۋەتەنپەرۋەرلىك ئۇيۇشۇش كۈچىنى كۈچەيىتمەكچى بولدى. ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنىڭ خىتايدىكى ئەھۋالى تولىمۇ ئېغىر بولۇپ، سىياسىي ھوقۇقى يوق،جەمىيەتتىكى ئورنى تۆۋەن، ئىشقا ئورۇنلىشىش، مائارىپ ۋە سەھىيە ئىشلىرىدا ئېغىر كەمسىتىش ۋە قاتتىق چەكلىمىلەرگە ئۇچرايتى. قانلىق تارىخى رىئاللىق ۋەمىللىي كەمسىتىشكە ئۇچراش سەۋەبىدىن ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ مۇستەملىكىچى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئىتراپ قىلىش نىسبىتى ئىنتايىن تۆۋەن بولۇپ، يوشۇرۇن خەۋىپ پەيدا قىلغان ئىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان ئاتالمىش “تىرورچىلارغا” تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللانغان بولدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرقانداق بىر يوللۇق شەكىلدىكى ھەق- ھوقۇقىنى قوغداش ئۇرۇنۇشلىرى ” مىللىي بۆلگۈنچىلىك، تىرورلۇق دەپ قارىلىپ، قاتتىق باستۇرۇلدى. ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتلىرىنى ساقلاپ بىرىش باھانىسىدا يېغىۋالدى. شەرقى تۈركىستاندا ” ئاشقۇن ئىدىيەلەرنى تازىلاش” باھانىسى بىلەن مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنى ڧاشىسىتىك تەربىيەلەش لاگىرلىرىغا يېغىۋىلىپ، ئورگان تىجارىتى، ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزدى. 2010- يىللىرىغا كەلگەندە خىتاي ھۆكۈمىتى ھەتتا ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى دىگەن قۇرۇق نامنىمۇ مىللىي بۆلگۈنچىلىكنىڭ ئاساسىي دەپ قاراپ، ئىتراپ قىلمىدى.
2011- يىلى 11- ئايدا دىكتاتور خىتاي رەئىسىنىڭ قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئۇدا ئىككى قارار دىن ئارتۇق رەئىسلىككە سايلىنىشى، خىتاي خەلقىنىڭ قاتتىق قارشى قوزغىلاڭ يۈز بەردى. خىتاي كومونىسىت ھۆكۈمىتى قوزغىلاڭچىلارنى قانلىق باستۇرغاندىن كىيىن، قوزغىلاڭ مەملىكەت خاراكتىرلىك زورىيىپ، ئىسلاھاتچى دىموكراتچىلار بىلەن مۇستەبىت كومونىسىتلار ئوتتۇرىسىدا ئىچكى ئۇرۇش پارتىلىدى. ھىندىستان جولام ئىگىزلىكىنى ئىگەللىدى، تىبەتلەر گە چىگرانى ئىچىۋەتتى. شەرقى جەنۇبى ئاسىيادىكى دۆلەتلەر قايتىدىن خىتاي بىلەن دىڭىز تەۋەلىكى تالىشىپ، ئاراللارنى ئىگەللىدى، ئامرىكا جەنۇبى دىڭىزدا ئاۋىياماتكىلىرىنى كۆپەيىتتى. تەيۋەن، تىبەت، شىياڭگاڭدا مۇستەقىللىق كۆرەشلىرى يۇقىرى پەللىگە چىقتى. 90% ئىقتىسادى دىڭىز يولى ئىمپورت- ئىكىسپورتىغا تايىنىدىغان، نىڧىت ۋە تەبىئىي گاز بايلىقىنى ئاساسلىقى ئىمپورت قىلىشقا تايىنىدىغان دۇنياۋىي سانائەت دۆلىتى بولغان خىتايدا مال باھاسى شىددەت بىلەن ئۆرلەپ كەتتى. سىياسەت، ئىقتىساد ۋە ئىجتىمائىي جەمىيەت پۈتۈنلەي قالايمىقانلاشتى. ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن كەلتۈرۈلگەن ئەسكەرلەرنى ئۆ ئورنىغا قايتۇرۇپ مۇقىملىقنى ساقلاش، چىگرا رايونلارنى قوغداش، شەرقى تۈركىستاننى 2.6 مىلىيون بىڭتۈەن خىتاي ئەسكەرلىرىگە تاپشۇرۇش بۇيرۇقى بىلەن كۆپ قىسىم ئەسكەرلەر ئىچكىرى ئۆلكىلەر ۋە چىگرا رايونلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. كۆچمەن خىتايلار ئەھۋالنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ، “جان بولسا جاھان، ئاش بولسا قازان” دەپ، شەرقى تۈركىستاندىن ئىچكىرىگە قېچىشقا باشلىدى. يەرلەشلىكى نەچچە ئەۋلاد بولغان خىتايلارلا “قازاننىڭ قۇلىقى ھەممە يەردە تۆت” دەپ قىچىپ كەتمىدى. ئەمما ئۇلار ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردىن خىتايلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان شەھەرلەرگە كۆچۈپ كەتتى.
خەلقئارا سىياسىي ۋەزىيىتىدىن ئايانكى، مىللىي زىددىيەت ئالاھىدە گەۋدىلىك بولغان دۆلەتكە نىسبەتەن، دۆلەت ئىچىدە قالايمىقانچىلىق كۆرۈلگەندە جەمىيەت مۇقىملىقى، ئىقتىسادىي ۋە جەمىيەت تەرەققىياتى مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ ئىچكى ئۇرۇشقا سەۋەب بولغاندا، مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەر پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىدۇ. ئىچكى ئۇرۇش پارتىلاشتىن ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى ” مىللىي بۆلگۈنچى، تىرورچى” دەپ قاراپ، ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى تۈگۈل ياشاش ھوقۇقىنىمۇ ئاساسىي جەھەتتىن تارتىۋالغانىدى. خىتاي ئىچكى ئۇرۇشى دەسلەپكى مەزگىلىدە، شەرقى تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمەلىي كۈچى ئاجىز ، تاشقى كۈچلەرنىڭ قوللىشى كەمچىل بولغاچ، ئۇلارنىڭ سىياسىي مۇددىئاسىمۇ كىشىلىك ھوقۇقتىن ھالقىپ كىتەلمىدى. ئۇلار بىر تەرەپتىن خىتاي كومونىسىت ھۆكۈمىتىگە دۈشمەن كەپيپىياتتا بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي دىموكراتچىل ئۆكتىچى كۈچلىرىگە ئىشەنمەيتى. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردا بولسا ئىچكى جەھەتتىن ئۇيۇشۇش بوشاڭ، خىتايدىكى توپىلاڭدىن توغاچ ئوغۇرلاش تەدبىرلىرى كەمچىل ئىدى. خىتايدا ئىچكى ئۇرۇش كەسكىنلەشكەندىن كىيىن، ئىچكى قارشىلىق كۈچلەرنى ئازايتىش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتا سىياسىي بىسىمنى تۆۋەنلىتىپ، ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرگە يۈكسەك ئاپتونومىيە ھوقۇقى بىرىشكە مەجبۇر بولدى. ئەمما ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىغا قويغان ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى ۋە ياكى مۇستەقىللىق تەلىپىگە قارىتا ھىچقانداق ئېنىق ئىپادە بىلدۈرمىدى. 2012 – يىلى 8- ئايدا خىتاي ھۆكۈمىتى ” سىياسىي پارتىيە قانۇنى” ئىلان قىلىپ، يىڭى پارتىيەلەرنىڭ قۇرۇلۇشىغا رۇخسەت قىلدى. ئەمما بۇ پارتىيەلەرنىڭ خاراكتىرى دىنىي پارتىيە ياكى مىللىي پارتىيە ياكى رايون خاراكتىرلىك سىياسىي پارتىيە بولۇپ قالسا چەكلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
(2)
شەرقى تۈركىستان خەلقى بۇلارنىڭ پەقەت قەغەز يۈزىدىكى گەپلەر ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ قولىدا مىللىي مەنپەئەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان مىللىي پارتىيە، مىللىي ئاپتونومىيەلەرنىڭ مەڭگۈ ئەمەلىيلىشىپ بولالمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى. شۇنداقتىمۇ ئۇلار خىتاي ئىچكى ئۇرۇش پاتقىقىغا پېتىپ قالغان پەيىتنى قەتئىي قولدىن بىرىپ قويماسلىقنى چوڭقۇر چۈشەندى. ئۇيغۇرلار خەلقئارانىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش، خىتاي دىموكراتچىلارنىڭمۇ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلىنىپ قلماسلىق ئۈچۈن دەسلەپكى قەدەمدە دىموكراتىك ئەلراي پارتىيىسى قۇردى.
قۇرۇلۇش جەھەتتىن ئەلراي پارتىيىسى قانۇنىي نوپوزغا ئىگە، ئۇلار مىللىي مەنپەئەتنى قوغداش، قەھرىمانلار ئوبرازىنى تىكلەش، تاشقى دۈشمەن تەھدىتىنى ئاساسلىق كىرىزىس كۆرسىتىش ئارقىلىق مىللىي بىرلىك ۋە سىياسى مايىللىق ھاسىل قىلىپ، سىياسىي يۆلىنىش بەلگىلىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ بارغانسىرى مۇستەھكەملىنىۋاتقان مۇستەقىللىق قەدەملىرى خىتاي ئىچكى ۋەزىيىتىنى قالايمىقان قىلىۋەتتى. ئۇيغۇرلار بىر تەرەپتىن خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن توقۇنۇشسا، بىر تەرەپتىن خىتاي ئۆكتىچى قوشۇنلىرى بىلەن قارشىلىشاتتى. خىتاي ئۆكتىچىلىرى كومپارتىيە ھۆكۈمىتىنى ئۆرۈپ ئاتالمىش دىموكراتىك دۆلەت قۇرۇشنى مەقسەت قىلسىمۇ، بىراق بۇ خىتاي دىموكراتچىلار خىتاينىڭ مەۋجۇد ئاپتونۇم رايون باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى ھەرگىز قوبۇل كۆرمەيدۇ. ھەتتا ئۇيغۇرلارنى خىتاي دىموكراتىك ئىسلاھاتىغا قارشى كۆرسەتتى. ئۇيغۇرلار بولسا “خىتاي ئۆكتىچىلىرى ئەگەر ئەڭ ئەقەللىي دىموكراتىيەگە بولسىمۇ ھۆرمەت قىلسا، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل بولۇش ھوقۇقىنى ئىتراپ قىلىشى كىرەك” دەپ قارايدۇ. ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن، ھازىرقى ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇش كومپارتىيەنى تەخىتتىن چۈشۈرۈشلا بولۇپ قالماستىن، يەنە خىتاينىڭ مەۋجۇد سىياسىي تۈزۈلمىسىدە كەڭ كۆلەملىك ئىسلاھات ئىلىپ بىرىشنىمۇ كۆزدە تۇتىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ئۆكتىچىلىرى بىلەن بولغان سىياسىي ئىختىلاپى خىتاي ھۆكۈمىتى، خىتاي ئۆكتىچىلىرى ۋە ئۇيغۇرلاردىن ئىبارەت ئۈچ بۇرجەكلىك قارشىلىش مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۈرگەن. ھەرقايسى تەرەپلەردىكى چوڭقۇر ئىختىلاپ خىتاي كىرىزىسىنى سىياسىي يول بىلەن تىنىچ ھەل قىلىش يولىنى ناھايىتى قىيىنلاشتۇرىۋەتكەن ئىدى.
2013 – يىلى 11- ئاينىڭ 12- كۈنى ئەلراي پارتىيىسى ئۆزلىرى كونتىرول قىلغان رايونلاردا يۈكسەك ئاپتونومىيە جاكارلىدى. قورغاس – قازاقىستان چىگرىسى، قونجىراپ- قىرغىزىستان چىگرىسى، ۋاخان- قەشقەر چىگرىسىدىن “تۇيۇقسىزلا” مىڭلىغان قۇراللىق كۈچلەر شەرقى تۈركىستان چىگراسىدىن سوقۇنۇپ كىردى. 2014- يىلى نورۇزدا، “ئۇيغۇر يۈكسەك ئاپتونومىيە رايونى چىگرا ساقلاش، مۇقىملىقنى قوغداش” ئۈچۈن سابىق مىللىي ئارمىيە 5- كورپۇسنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، 15،000 كىشىلىك مىللىي ئارمىيە تەشكىللىدى. ئۇيغۇر قۇراللىق كۈچلىرىنىڭ ئۇيۇشۇشچانلىقى ۋە جەڭگىۋارلىقى ئۇلارنىڭ مىللىي، دىنىي كىملىك بىرلىكى ئۈستىگە قۇرۇلغان بولغاچ، بىرلىك ئىدىيىسى كۈچلۈك بولغان مىللىي ئارمىيەنىڭ جەڭگىۋارلىقىمۇ ئىنتايىن كۈچلۈك بولدى.چىگرا ساقلاشقا قالدۇرۇلغان بىڭتۈەننىڭ 2 مىليون ئالتە يۈزمىڭ ئەسكىرىي كۈچى بولسا پەقەتلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى مۇئاش، كاتتا ئىتىبار سىياسەتلىرى بىلەن زورىغا تۇرىۋاتقان بولۇپ، يولى بارلىرى پۇرسەت بولسىلا ئىچكىرىگە قاچاتتى. ئۇلار گەرچە ئاتاقتا ئەسكەر بولسىمۇ ئەمەلىيەتتە 30%تىلا ھەقىقىي ئەسكىرىي تەلىم قوبۇل قىلغان، باشقىلار يىلدا 2 ئاي ھەربىي مەشىق قىلغان ئىشچى- دىھقانلار ھىسابلىناتتى. تەمىناتى ئۈزۈلگەن بىڭتۈەننىڭ كۆپ قىسىم ئەسكەرلىرى ھەقىقىي ھەربي تەلىم كۆرمىگەن، ئىنتىزام جەھەتتىن بوش، جەڭگىۋارلىقى تۆۋەن بولۇپ، ياشاش ئۈچۈن ئۆلۈمگە تەييار تۇرغان، ئۇرۇش مەيدانلىرىدا سىنالغان شەرقى تۈركىستان خەلقى ۋە مىللىي ئارمىيە بىلەن روبىرو ئۇرۇش قىلىشتىن قورقۇپ، خىتاي شەھەرلىرىدىكى گازارمىلاردىن چىقالماي يىتىشاتتى.
ئەلراي پارتىيىسى مىللىي ئارمىيە تەشكىللەش جەريانىدا ئىزچىل تۈردە سىرتتىن خەلقئارا ئۇيغۇر دىموكراتچىلار پارتىيىسىنىڭ مەخپى يىتەكلىشىنى قوبۇل قىلاتتى. ئامرىكا ئۇزۇندىن بۇيان خىتايدىن يوشۇرۇن ھالدا مىللىي ئارمىيەگە سىياسىي ۋە قانۇن جەھەتتىن نۇقتىلىق ھالدا ياردەم بىرىپ كىلىۋاتاتتى. شۇڭا خىتايلار مىللىي ئارمىيە ۋە مىللىي ھۆكۈمەتنى ئامرىكىنىڭ كەشپىياتى دەپ قارىدى ۋە ئىتراپ قىلمىدى. مىللىي ئارمىيە دەسلەپتە ئۆز كۈچىنى ساقلاش ئۈچۈن بىر تەرەپتىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى ئۇرۇشىغا ئارىلىشىپ قىلىشتىن ئۆزىنى تارتسا، يەنە بىر تەرەپتىن تىرورچىلار بىلەن تىلى بىر دەپ ئاتىلىپ قىلىشتىن ئەنسىرەپ، شەرقى تۈركىستان ئىسلام ئارمىيىسىنىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلىشتىن باش تارتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار خىتاي بىلەن ئاپاق- چاپاق دىگەن بەدنامغا قالدى.
(3)
بۇ مەزگىلدە 2014- يىلى 7- ئايدا ئاڧغانىستاندىكى دائىشلارنىڭ قالدۇق كۈچلىرى ئوتتۇرىغا چىقارغان “خۇراسان ئىسلام دۆلىتى” تەشكىلاتىنىڭ كۆتۈرۈلۈپ چىقتى. خۇراسان ئىسلام دۆلىتى، بازا، تالىباندىن ئىبارەت ئۈچ قۇراللىق تەشكىلات ئاڧغانىستاندا ئۆز- ئارا پۇت تېپىشتى. بۇ ئەھۋال ئاڧغغانىستاننىڭ قوشنىسى بولغان شەرقى تۈركىستاننىڭ بىخەتەرلىكىگە قاتتىق تەھدىت پەيدا قىلدى، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر قۇراللىق كۈچلىرىنىڭ كۈچىيىشىگە پۇرسەت يارىتىپ بەردى. ئامرىكا بىلەن روسىيەنىڭ سۈرىيەدە ئوينىغان “تىرورىزىمغا قارشى” ئۇرۇشلىرىدىن ئىبرەت ئالغان تۈركىستان ئىسلام ئارمىيىسى قەشقەرىيە چىگراسىغا يېقىن بەدەخشان ئۆلكىسىدىكى خىتاي ھەربىي گازارمىسىنى يوقىتىپ، 5 مىڭ كىشىلىك ئەسكىرىي كۈچ بىلەن ۋاخان كارىدورىدا پۇرسەت كۈتىۋاتقان ئىدى. “خۇراسان ئىسلام دۆلىتى” قوزغىغان خاۋارىجلار ئۇرۇش ئوتىنىڭ شەرقى تۈركىستانغا تۇتۇشۇپ، شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ خاۋارىجلارنىڭ قۇربانى بولۇپ كىتىشىدىن قوغداش ئۈچۈن، تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى خۇراسان ئىسلام دۆلىتىگە قارشى ئۇرۇشتى. بازا تەشكىلاتى ئۇلارغا ياردەمدە بولماقچى بولغاندا، ئۇلار روھىنگا – ئەرەكان مۇسۇلمانلىرىدىن ئۈلگە ئىلىپ:” بۇ بىزنىڭ ۋەتەن قوغداش ئۇرۇشىمىز، شەرقى تۈركىستاننىڭ خەلقئارا “تىرورىزىمغا قارشى ئۇرۇش” مەيدانىغا ئايلىنىپ قىلىشىنى خالىمايمىز” دەپ رەت قىلدى. ئۇلار ھىزبۇتتەھرىر، بازا، دائىشلارنىڭ ئاقىۋىتىدىن دۇنياۋى ئىسلام خەلىپىلىكى قۇرۇش دەۋاسىنىڭ نە خەلقئارا ۋەزىيەت، نە خەلقئارا قانۇنغا ماس كەلمەيدىغان، ئۇلۇغۋار ئەمما ئىنتايىن سەزگۈر شۇئار ئىكەنلىكىنى ھىس قىلغان ئىدى. 2015- يىلىدىن باشلاپ، تۈركىستان ئىسلام ئارمىيىسى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئاڧغانىستاندا ئەسكەر مەشىقلەندۈرۈش، ئىقتىسادىي مەبلەغ توپلاش، پىدائىي ئەۋەتىش قارتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، مەخپى ھالدا مىللىي ئارمىيەنى قوللىدى. مىللىي ئارمىيە بىلەن تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى قويۇق ھەمكارلىق ئورنۇتۇپ، بىرى ئىچىدىن، بىرى تىشىدىن ۋەتەننى قوغدايدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى. خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ۋە خۇراسان ئىسلام دۆلىتىدىن مۇداپىيەلىنىش ئىستىرادىگىيەسىدە تۈركىستان ئىسلام ئارمىيىسى شەرقى تۈركىستان مىللىي ئارمىيىسىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ھەرىكەت قىلدى. ئۇيغۇر قۇراللىق كۈچلىرىنىڭ خۇراسان ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا قارشى ئۇرۇشتا ئارقىمۇ- ئارقا غەلىبە قىلىشى بىلەن، ئۇيغۇر قۇراللىق كۈچلىرى خەلقئارانىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگىمۇ كۈچلۈك ھىسداشلىقنى قولغا كەلتۈردى. ئامرىكا ۋە روسىيەدەك كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي ياردەملىرىگىمۇ ئىرىشتى.
ئامرىكا باشچىلىقىدىكى شى ئا ئە ت خۇراسان ئىسلام دۆلىتى بىلەن قارىغۇ ساچقان ئويۇنى ئويناۋاتاتقان بولۇپ، جىننىڭ قەستى شاپتۇلدا ئىدى. ئامرىكىنىڭ بۇ ئويۇندا ئافغانىستاندىن كۈنسىرى زورىيىۋاتقان خىتاي، روسىيە، ئىراننىڭ تەسىر كۈچىنى سېقىپ چىقىرىش ۋە ئۇلارنى ئىسكەنجىگە ئىلىش، يىپەك يولى ئىستىرادىگىيەسىنى ئۈزۈپ تاشلاش ئاساسىي مەقسەت، خىتاي ۋە روسىيە قوللاۋاتقان تالىبانلارنى ۋە ئۆزلىرىگە دۈشمەن ئەلقائىدە تەشكىلاتىنى خۇراسان ئىسلام دۆلىتى بىلەن بىرگە يوقىتىش ئىككىنجى مەقسەت ئىدى. شۇڭا ئامرىكا نامدا ” خۇراسان ئىسلام دۆلىتىنى يوقىتىش”، ئەمەلىيەتتە خىتاي ۋە روسىيەگە قارشى كۈچ توپلاش ئۈچۈن ئۇزۇندىن بۇيان ئافغانىستاندا شى ئا ئە تنىڭ ئەسكىرى كۈچىنى ئاشۇردى، تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنى قوللىدى ھەمدە ئۇلارنى خەلقئاراغا ” ۋەتىنىنى تىرورىزىمدىن قوغداۋاتقان قەھرىمانلار” ئوبرازىدا تەشۋىق قىلدى.
بۇنىڭدىن قاتتىق غەزەپلەنگەن خىتايلار ئامرىكىنى تىرورچىلارنى قوللىدى دەپ ئەيىبلىدى. ئامرىكا بولسا “بۇ پەقەت ۋەزىيەت ئىھتىياجى، خۇراسان ئىسلام دۆلىتىنى يوقىتىپ بولۇپلا ئۇلارغا قارىتا ھەربىي ياردەمنى توختىتىمىز” دىدى. خىتايلار شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى ئىشقا سىلىپ، ئاڧغانىستان، پاكىستان، تاجىكىستان ھۆكۈمەتلىرىنى بەدەخشاندىكى ئۇيغۇرلارنى يوقىتىشقا چاقىردى. خىتاي ھەتتا ئون نەچچە يىلدىن بۇيان پەپىلەپ كۆندۈرىۋالغان ئەرمەك ئاسراندى تالىبانلار نىڭ ھاكىمىيەت تۇتشىغا ياردەم بىرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىپ، ھەربىي قۇرال- ياراق، ئىستىخبارات بىلەن تەمىنلەپ، تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىگە قارشى ئۇرۇشقا سالدى. ئەمما بۇ رايونلارنىڭ ئەمەلىي كونتىرول ھوقۇقى ئاساسەن ئامرىكا بىلەن روسىيەنىڭ قولىدا ئىدى. پاكىستان ئۆزىنىڭ چىگراسىنى قوغداش بىلەن ئالدىراش، ھىندىستان تىبەتلەرنى قوللاۋاتقان، قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان چىگرانى بوش قويىۋەتكەن ئىدى. روسىيە خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۈزلۈكسىز زورىيىۋاتقان ئىقتىسادىي قارا قوللىرى، تاجىكىستاندىن 1000 كىۋادىرات كىلومىتىر زىمىنىنى ئىگەللىۋالغانلىقى، ئاڧغانىستان ۋە جىبۇتىدا بازا قۇرغانلىقىدىن كۈچلۈك تەھدىت ھىس قىلاتتى. خىتاينىڭ روسىيەنى ئەگىپ ئۆتۈپ كىتىدىغان يىپەك يولى ئىستىرادىگىيەسى، تۆمۈر يوللىرى، ئوتتۇرا ئاسىياغا سالغان مەبلىغى روسىيە ئىقتىسادىغا ئېغىر رىقابەت پەيدا قىلغانلىقىدىن، خىتاينىڭ شۇم نىيىتىنى بۇرۇنلا ھىس قىلغان ئىدى. روسىيە مۇمكىن بولسا خىتاي ۋە ئامرىكىنى ئوتتۇرا ئاسىيادىن سېقىپ چىقىرىپ، تەڭرىتاغنىڭ شىمالىدىكى نىڧىتلىك ۋە تەبىئىي گاز بايلىقلىرىنى ئىگەللەپ، خىتاينى روسىيەگە بېقىندى قىلسام، 100 يىل ئاۋالقى روسىيەنىڭ شەۋكىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرسەم دەيتى. روسىيە ھىچبولمىغاندا شەرقى تۈركىستاننىڭ، تۈركىستان ئىسلام ئارمىيىسىنىڭ ئۆزىگە بېقىندى بولىشىنى ئۈمىد قىلاتتى. شۇڭا خىتاي ھىچقانداق ئەمەلىي ياردەمگە ئىرىشەلمىدى.
2015 – يىلى 1- ئاينىڭ 30- كۈنى، ئۇيغۇرلار ئۆ ئالدىغا “شەرقى تۈركىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى” قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى. 9- ئاينىڭ 25- كۈنى شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىقىنى ئومومىي ئاۋازغا قويۇپ، 92% خەلقنىڭ قوللىشىغا ئىرىشتى. ئامرىكا بىلەن ھىندىستان بۇ مۇستەقىللىقنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. قەدەم- باسقۇچلارغا بۆلۈنگەن مۇستەقىللىق يولىدا يۈكسەك ئاپتونومىيە ھوقۇقى بىر ىنجى قەدىمى، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ئىككىنجى قەدىمى، تولۇق مۇستەقىللىق ئۈچىنجى قەدىمى ئىدى. گەرچە ئەلراي پارتىيىسى مۇستەقىللىق ئەمەس، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ئىلان قىلغان، قارىماققا زىمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلغاندەك كۆرۈنسىمۇ ئەمەلىيەتتە كەلگۈسىدە پۈتۈنلەي مۇستەقىل بولۇپ كتىشنىڭ تەييارلىقىنى قىلىۋاتقانلىقى ھەممىگە ئايان ئىدى. بۇ خىتاينىڭ سەۋىر قاچىسىنى چاقتى. خىتاي ھۆكۈمىتى:” ئۇيغۇرلار ئۆز ئالدىغا ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت جاكارلىۋالسا بولمايدۇ، ئۇ چوقۇم خىتاي خەلقىنىڭ ئومومىي ئاۋازغا قويۇشىدىن ئۆتىشى كىرەك. ئەگەر ئۇلار جاھىللىق بىلەن ئۆز بىشىمچىلىق قىلسا، ئەھۋال تېخىمۇ ناچارلىشىدۇ” دەپ بايانات ئىلان قىلدى. بۇ ۋاقىت خىتايدا ئىچكى ئۇرۇش ئەۋجىگە چىققان، ھەربى قىسىم كونتىروللۇقنى يوقاتقان، غەرب دۆلەتلىرى خىتاي دىموكراتچىلارنى كۈچلۈك قوللاپ قاتتىق ئوتقۇيرۇقلۇق قىلىۋاتقان مەزگىل ئىدى. شەرقى تۈركىستاندىكى قانۇنىي كۈچگە ئىگە ئاپتونومىيە ھىمايىسىدىكى ھۆكۈمەت ۋە ئارمىيە تېخى ئاشكارا مۇستەقىللىق جاكارلىمىسا، ئۇرۇش قوزغاپ قويۇپ پاسسىپ ئەھۋالغا چۈشۈپ قىلىشتىن ئىھتىيات قىلاتتى. ئۇلار ئۈچۈن بىر ئىشنىڭ كۆپەيگىنىدىن ئازايغىنى ئەۋزەل ئىدى.
(4)
ئىچكى ئۇرۇش سەۋەبىدىن كۆپ ئاجىزلاشقان، شەرقى تۈركىستاننىڭمۇ قولدىن چېقىپ كىتىشىدىن ئەنسىرەپ قالغان خىتاي ھۆكۈمىتى ئامالسىز تۆۋەنچىلىك بىلەن روسىيەنى ياردەمگە تەكلىپ قىلدى. روسىيە 2015- يىلى 9- ئاينىڭ 30- كۈنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنى باشلاپ، ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇنلۇق مەنپەتى ۋە رايون بىخەتەرلىكىنى قوغداش باھانىسىدا “تىرورچىلارغا قارشى” ئۇرۇشقا كىردى. روسىيە ئۇرۇشقا كىرىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا چوڭ غەلىبىگە ئىرىشىپ، خۇراسان ئىسلام دۆلىتى ۋە ئەلقائىدە گازارمىلىرىنى قاتتىق بومباردىمان قىلدى. ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ۋە تالىبانلارنى كۈچەيتىپ، ئۆكتىچى كۈچلەرگە قارشى قۇراللاندۇردى. قەندەھار ئۇرۇشى پۈتۈن ئۇرۇشنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قالدى. روسىيە بىر يىل ئىچىدىلا ئەلقائىدە ۋە خۇراسان تەشكىلاتلىرى ئاساسىي جەھەتتىن يوقۇتۇپ، ئامرىكىنىڭ قوينىدىكى تورغاچنى ئوغۇرلاپ كەتتى.
2016 – يىلى خىتايدىكى ئىچكى ئۇرۇش توختاپ، دىموكراتچىلار بىلەن كومونىسىتلار بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇردى. ھۆكۈمەتنى دىموكراتچىلار تەشكىلىدى، ھەربىي ھوقۇق كومونىسىتلارنىڭ قولىدا بولدى. ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن شەرقى تۈركىستانغا خىرىس پەسىيىپ قالمىدى. خىتايغا نىسبەتەن ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنى ئەلراي پارتىيىسى قۇرغان، ئەلراي پارتىيىسى بولسا قانۇنسىز تەشكىلات خەلقئارا ئۇيغۇر دىموكراتچىلار پارتىيىسىنىڭ شۆبىسى دەپ قارىلىپ ئىتراپ قىلىنمىدى. شەرقى تۈركىستان مىللىي ئارمىيىسى بولسا “تىرورچى تەشكىلات” تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى بىلەن قويۇق ئالاقىسى بولغانلىقى ئۈچۈن ئوخشاشلا قانۇنسىز ئىدى. خىتاي ئارمىيىسى تۇرپان، قۇمۇل شەھەرلىرىگە توپلاندى. ۋەزىيەتنىڭ بارغانسىرى كەسكىنلىشىشىگە ئەگىشىپ، شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ خىتاي ئارمىيىسى بىلەن جان تېكىپ قارشىلىشىش تەلىپىمۇ كۈنسىرى يۇقىرى ئۆرلىدى، مىللىي ئارمىيە بىلەن خىتاي ئارمىيىسى رەسمىي تۈردە قۇراللىق توقۇنۇشتى. ھاكىمىيەت مۇقىملاشقاندىن كىيىن، ئۇزۇندىن بۇيان جىم ياتقان بىڭتۈەن ئەسكەرلىرىمۇ خىتاي مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ بۇيرۇقى بىلەن شەرقى تۈركىستاندىكى مەركىزىي شەھەرلەرنى مۇھاسىرىگە ئىلىشقا باشلىدى.
خىتاي بىلەن روسىيەنىڭ يېقىنلىشىپ كىتىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلغان ئامرىكا ئۇلارنىڭ ئارىسىغا سوغۇقچىلىق سېلىش ئۈچۈن خىتايغا ئەمدى ئۇيغۇرلارنى قوللىمايدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىپ، روسىيەنىڭ شەرقى تۈركىستاننى يۇتىۋىتىش قارا نىيىتى بارلىقىدىن ئاگاھلاندۇردى. يەنە بىر تەرەپتىن ئاستىرىتتىن خىتاي دىموكراتچىلىرىنى قوللاپ، كومونىسىت ھۆكۈمەتنى ئۆرىمەكچى بولدى. مەغلۇپ بولغاندىن كىيىن روسىيە بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتىنى بۇزۇش ئۈچۈن، روسىيەنىڭ باش ئەلچىسىنى خىتاي ھەربىينىڭ قولى بىلەن قەسىتلەپ ئۆلتۈرگۈزدى. ئامرىكىنىڭ سۈيقەستىنى بىلىپ قالغان خىتاي روسىيەگە تېخىمۇ چىڭ يىپىشتى. 2017- يىلى 12- ئايدا روسىيە، خىتاي، ئىران، ئافغانىستان قاتارلىقلار قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھرىدە ئىتتىپاقلىشىپ ئافغانىستاندىكى ئىچكى ئۇرۇشنى توختىتىپ، تىرورچىلارغا مەركەزلىك ھۇجۇم قىلىشقا پۈتۈشتى. ئافغانىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستان چىگرالىرىنى قامال قىلدى.
(5)
ئامرىكا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى پىلانىدا ئوڭۇشسۇزلۇققا ئۇچرىغاندىن كىيىن، 2018- يىلى 1- ئايدا شەرقى تۈركىستان چىگرا تۈگۈنىگە جايلاشقان بەدەخشان- ۋاخان كارىدورىدا تۈركىستان ئىسلام ئارمىيىسدىكىلەرنىڭ مۇنتىزىم قوشۇن تۇرغۇزۇشىغا قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. تۈركىستان ئىسلام ئارمىيىسى 5000 نەپەر ئەسكىرى كۈچى بار بولۇپ، يەنە 10 مىڭ ئەسكەر توپلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئامرىكىنىڭ ھەربىي تەمىناتلىرى ۋە تەلىم- تەربىيەسىگە ئىرىشكەن ئۇيغۇرلار بۈگۈن يوقىتىلمىسا ئەتە چوقۇم ئۆزىگە بالا بولىدىغانلىقى، بۇ قوللاشنىڭ مەقسىتى ھەرگىزمۇ رايون بىخەتەرلىكىنى قوغداش بولماستىن، ئۇيغۇرلارنى مۇستەقىللىقىنى قوللاش ئىكەنلىكى خىتايغا مەلۇم. تۈركىستان ئىسلام ئارمىيىسىنىڭ شەرقى تۈركىستان مىللىي ئارمىيسىى بىلەن بىرلىشىپ كەلگۈسىدە بېشىغا بالا بولىشىدىن قورققان خىتاي ئامرىكىنى “تىرورچىلارنى قوللىغان” دەپ قاتتىق ئەيىبلىدى ۋە تۈركىستان ئىسلام ئارمىيىسىنى يوقاتماقچى بولدى. روسىيە بىلەن خىتاينىڭ تېخىمۇ يېقىنلىشىپ كىتىشىدىن ئەنسىرىگەن ئامرىكا:” بىز شەرقى تۈركىستان قۇراللىق كۈچلىرىنى قوللىماقچى ئەمەس، بىز پەقەت ئۇلارنىڭ خۇراسان ئىسلام دۆلىتىگە قارشى ئۇرۇشتا كۆرسەتكەن نەتىجىسىنى مۇئەييەنلەشتۈرمەكچى” دىدى. بەدەخشان رايونى تۈركىستان ئارمىيىسى بىلەن شەرقى تۈركىستان مىللىي ئارمىيسى بىرلىشىپ كىتىشتىن ئەنسىرىگەن خىتاي 1- ئاينىڭ 20- كۈنى بەدەخشاندىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتا “شاپتۇل شېخى” ھەربىي ھۇجۇمىنى ئىلان قىلدى.
ئەمەلىيەتتە ئامرىكا ئۇيغۇرلارنى داۋاملىق قوللىسا خىتاي روسىيە بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، ئامرىكىغا قارشى تۇرىدۇ. ئەگەر ئۇيغۇرلارنى قوللىماي تاشلىۋەتسە، ئامرىكىدىن كۆڭلى سوۋۇغان شەرقى تۈركىستان روسىيەگە ئېغىپ كىتىشى مۇمكىن ئىدى. ئامرىكا خىتاي- ئافغانىستان چىگرىسىدا 300 كىلومىتىرلىق قىزىل سېزىق رايون تەسىس قىلىش تەكلىبىنى بەردى، ئەمما خىتاي قوبۇل قىلمىدى. ئامرىكا شەرقى تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللاپ قويسا خىتاينىڭ روسىيە بىلەن بىرلىشىشۋىلىشى، خىتاي بىلەن بىۋاستە تۇتۇشۇپ قىلىش ، ھەتتا ئافغانىستاندا ئىگەللەپ تۇرغان زىمىننى قولدىن چىقىرىپ قويۇشتىن قورقۇپ، ئۇزاق ئۆتمەيلا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ھۇجۇم قىلىشىنى قوللىدى. بەش بۇرجەك بىنا باياناتچىسى گەللوۋىي ئامرىكىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللىمايدىغانلىقى، ئۇلار بىلەن ھىچقانداق مۇناسىۋىتى يوقلۇقىنى ئىلان قىلدى.
خىتاي ئامرىكىنىڭ بوشىغانلىقىنى كۆرگەندىن كىيىن، تۈركىستان ئىسلام ئارمىيىسىگە ئەڭ ئاۋال ھاۋا ھۇجۇمى قىلدى. ب د ت خەۋىپسىزلىك كىڭىشىمۇ بۇنىڭغا سۈكۈت قىلدى. ئامرىكا شەرقى تۈركىستان مىللىي ئارمىيىسىگە ئاندا- مۇندا ياردەم بىرىپ قويغان بولسىمۇ، ئاساسىي ياردەمنى توختاتتى. روسىيە خىتاي ئايروپىلانلىرىنىڭ ئافغانىستانغا كىرىشى ۋە بومباردىمان قىلىشىغا بىر كۆزىنى قىسىۋالدى. خىتاي تاكى ئافغانىستان- پاكىستان چىگرىسىغىچە ھۇجۇم قوزغايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئامرىكا ۋاخانغا ھۇجۇم قىلساڭ مەيلى، ئەمما ئامرىكىنىڭ كابۇلدىكى ھەربىي بازىسىغا يىقىنلاشما دىدى. قېسقىغىنە بىر ئاي ئىچىدە 3000دىن ئارتۇق ئادىمىدىن زىيان تارتقان تۈركىستان ئىسلام ئارمىيىسى ساتقىنلىققا ئۇچرىغانلىقىنى چوڭقۇر ھىس قىلدى. ئۇلار پاكىستانغا چېكىنىپ، خىتاينىڭ گىۋادار پورتىغا تۇتىشىدىغان ئىقتىسادىي كارىدورىغا تەھدىت سىلىشنى نىيەت قىلدى.
يەكۈن
سىياسىي نىشاندىن ئالغاندا، تۈركىستان ئىسلام ئارمىيىسىنىڭ ” خۇراسان ئىسلام دۆلىتى” تەشكىلاتىنى يوقىتىش باھانىسىدا مىللىي مەۋجۇتلۇقنى نىشان قىلىشى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىقىنى تەلەپ قىلىشى مەلۇم دەرىجىدە قانۇنىي ئادالەتكە ئىگە. 2014- يىلىدىن بۇيان ئۇلار خۇراسان ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا قارشى كۆرەشكە قاتنىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ قانۇنىي ئاساسىنى كۈچەيتىپ، خەلقئارانىڭ قوللىشىغا ئىرىشكەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ خىتاي ئەسىرلەرگە تۇتقان ۋەھشىي مۇئامىلىسى خەلقئارا قانۇنغا زور دەرىجىدە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. ئەسىرگە چۈشكەن خىتايلارنى قاتتىق خورلاش ۋە بىراقلا ئېتىپ تاشلاش قىلمىشلىرى تۈركىستان ئىسلام ئارمىيىسىنىڭ خاراكتىرىنى بىكىتىشكە زور توسالغۇ پەيدا قىلىدۇ. قانۇنسىز تەشكىلاتنى قوللاش خەلقئارا قانۇنغا ماس كەلمەيدۇ. ئامرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر قۇراللىق كۈچلىرىنىڭ قانۇنىي خاراكتىرىنى بەلگىلىمەسلىك ياكى قەستەن تىلغا ئالماسلىقى، ئەمما ئۇلارنى قۇرال سۈپىتىدە ئىشلىتىشى ئەمەلىيەتتە زور مەسئۇلىيەتسىزلىك ھىسابلىناتتى.
شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىقى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئاۋازغا قويۇلغان بولسىمۇ، خىتاي بىلەن روسىيەنىڭ قاتتىق قارشى تۇرۇشى بىلەن تەستىقلانمىدى. خەلقئارا قانۇن جەھەتتىن شەرقى تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى دۇنيانىڭ ھازىرقى سىياسىي تۈزۈلمىسىگىمۇ ئېغىر سېناق ھىسابلىناتتى. ھازىرقى خەلقئارا سىستىما مىللىي دۆلەتنى ئاساسىي گەۋدە قالغان ھالەتتە قۇرۇلغان، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تىرىتورىيە پۈتۈنلىكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقى دۇنيا تىنىچلىقىنىڭ ئاساسىي ھىسابلىنىدۇ. خەلقئارا قانۇندا مىللەت ئۆزى قارار قىلىش ھوقۇقى ناھايىتى مۇھىم پىرىنسىپ ھىسابلىنىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن ئوخشاش مۇھىم بولغىنى دۆلەت زىمىن پۈتۈنلىكىنى قوغداش. مۇستەملىكە ياكى يىرىم مۇستەملىكە مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن مىللەت ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى ئىنتايىن مۇھىم قانۇنىي ئاساس بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئۇيغۇرلار بىرىنجى پىرىنسىپنى دەستەك قىلسا، خىتاي ئىككىنجى پىرىنسىپنى دەستەك قىلاتتى. شەرقى تۈركىستان خەلقى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ئىگە بولمىغان ھالەتتە، ئۆز ئالدىغا مۇستەقىللىق ئىلان قىلىشى خەلقئارا قانۇن- پىرىنسىپلارغا توغرا كەلمەيتى. خىتاي ھۆكۈمىتى:” شەرقى تۈركىستان مۇستەقىل بولماقچى بولىدىكەن، شوتلاندىيە ئومومىي سايلىمى، جەنۇبى سۇدان ئومومىي سايلىمىغا ئوخشاش مەزكۇر دۆلەتنىڭ قانۇنىغا ئاساسەن ئومومىي خەلق ئاۋازغا قويۇپ بىكىتىشى كىرەك. ھەرقانداق بىر توپلام ياكى رايون ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بولىۋالسا ياكى سىياسىي ھۆكۈمەت تەشكىللىۋالغانغا قانۇنىي كۈچگە ئىگە بولالمايدۇ. نۇرغۇن دۆلەتلەردە رايون خاراكتىرلىك ياكى مىللىي خاراكتىرلىك بۆلگۈنچى كۈچلەر بار. مەسىلەن: كانادانىڭ كۇبەك ئۆلكىسى، روسىيەنىڭ چىچىنىستان مەسىلىسى، ئىسپانىيەنىڭ كاتولىيە رايونى قاتارلىقلار بار. بۇ بۆلگۈنچى كۈچلەر دەۋاسىنى قانداقلا ياقىلىسۇن، ئاساسىي جەھەتتىن خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ. شۇڭا ئۇيغۇرلار خۇراسان ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا قارشى ئۇرۇشتا قانچىلىك غەلبىنى قولغا كەلتۈرگەن، خەلقئارا جەمىيەتنىڭ قانچىلىك ھىسداشلىقىغا ئىرىشكەن، خىتاي زىمىنىدا قانچىلىك تىرىتورىيەنى ئەمەلىي كونتىرول قىلىپ تۇرىۋاتقان بولىشىدىن قەتئىينەزەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىللىق ئىلان قىلىشىغا خەلقئارا قانۇنىي ئاساس يارىتىپ بىرەلمەيدۇ” دىدى. مۇشۇنداق بىر كۈننىڭ كىلىشىنى پەرەز قىلغان قىزىل كۆز خىتايلار شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ مىللەت ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى 1949- يىلى 10- ئاينىڭ 5- كۈنىلا يوققا چىقىرىلغان ئىدى.
———————————–
بۇ بىر ئەدەبىي ئەسەر.
يىلنامىلەر كۇردىستاندا بولغان ۋەقەلەرگە ئاساسەن ئىلىندى. ۋەقەلەر كۇردىستاندا بولدى، مەن تۈركىستانغا ئەينەك قىلدىم. چۈشىنەلمىسەڭلار، يىلنامىلەرگە 5 يىل قوشۇپ ئوقۇساڭلار چۈشىنىشلىك بولىدۇ. يىلنامە ئۆتمۈشنىڭ بولغان بىلەن، ۋەقەلەر كەلگۈسىنى ئىپادىلەيدۇ.
2018-3-2
2- 3- 2018
بىر ئىنكاس
خوتەن
چەت ئەلدىكى پارتىيە، تەشىكىلات، ۋە شەخىسلەر سىلەر شەرقىي تۈركىستاندا بىررەر قارىشىلىقنىڭ كۆتۈرىلىشىدىن قەتئىي ئۈمىد كۈتمەڭلار. ھازىر ۋەتەندە ئائىلىدە تاماق ئىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان پىچاققىمۇ ئۆي ئىگىسىنىڭ كىملىك نومۇرى ئويۇلۇپ باشقۇرۇلىۋاتىدۇ. ئۇلارغا تىكىلىپ تۇرىۋاتقىنى بولسا تولۇق قۇراللانغان خىتاي ھەربىي ۋە ساقچىللىرى. ئەت چەت يىزىدىكى چاڭگەلدىن تارتىپ ئاۋات شەھەر رايونلىرىغىچە تولۇق ئەقلىي ئىقتىدارلىق كامىرالار ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئىككى ئۇيغۇرنىڭ 30 مىنۇتىن ئارتۇق بىللە تۇرغىنى كۆرسە دەرھال قامايدۇ. قاماقتا ئازراقلا قارىشىلىق قىلسا ئۇرۇپ ئۆلتۈرىلىدۇ. ئەھۋال مانا مۇشۇ. 2018-يىل 10-ئاينىڭ 29-كۈنى يىزىلدى.