(ھەجۋىي)
-يازغۇچى ئەختەم ئۆمەرنىڭ «ئۇ كەلمەسكە كەتتى» ناملىق ماقالىسىنى ئوقۇغاندىن كېيىنكى خاتىرە
بىزدە مەشھۇرلار نېمانچە كۆپ؟
ئۇلارنى كۆرمىسەكمۇ، بىلمىسەكمۇ، تىللاپ تۇرايلى، شۇنىڭ بىلەن كۆڭلىمىزنى خۇش ئېتەيلى، ئۆزىمىزگە تەسەللى بېرىپ، ‹‹دانىشمەن››بولايلى.
يايلاقتا بۆرە ھۇۋلاپ تۇرمىسىمۇ، قوي پاڭقۇش بولمايدۇ، قوتۇر بېسىپ كەتمەيدۇ. بۆرىدەك ھۇۋلاپ تۇرغانلارنى شىددەت بىلەن قارغايلى، ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن پىتنە – پاسات تېرىيلى، بولسا قاغاپ ئۆلتۈرىۋېتەيلى.
بىر مۇنچە نەرسىنى ئىچىگە سولاپ ئۇلۇغ بولۇۋىلىپ، ھۆپۈپكە ئوخشاش ئىچىدە سېسىتىۋىتىدىغان ئېتى ئۇلۇغ، سۇپۇرىسى قۇرۇقلارنى، قارىماققا ھەيۋەتلىك كۆرۈنىدىغان، ئەمەلىيەتتە جىگدىچىلىك مېۋىسى يوق قاپاق تېرەكتەك كارغا يارىماسلارنى ماختايلى، بېشىمىزغا ئېلىپ كۆتۈرەيلى. كىمكى سورۇنلارنى بېشىغا كىيىپ، خەقنىڭ بېشىنى ئايلاندۇرۇپ قۇرۇق لاپ ئۇرسا، بىر تۇخۇم تۇغۇپ قويۇپ ئالەمنى بېشىغا كىيسە، ئۆزىنى ماختاپ، ئۆزىنى ئۇلۇغلاپ، ئۆزىدىن باشقىنى ئاساسسىز ئىنكار قىلىپ سېسىتسا، خەلققە قۇرۇق پىتنىدىن باشقا تۈزۈك نەپ بەرمىسە، شۇنداقلارنى ئۇلۇغلايلى.
مەشھۇرلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلىشنى، مەشھۇرلارنى تىللاپ سېسىتىشنى، قۇرۇق گەپ قىلىپ ھاراق ئىچىپ، سورۇن قوغلىشىپ قاتار چاي ئويناپ، كۈننى ھارام ئۆتكۈزۈپ ئۆلۈپ تۈگەشنى ئۆگىنەيلى، مەشھۇرلارنى تىللاپ – قارغاپ، يۇقىرى – تۆۋەن قاتراپ مەشھۇرلارنى چېقىشنى، پىتنە قىلىشنى تازا ئۆزلەشتۈرۈپ، ‹‹كەسپىي پىتنىچى››لەردىن بولۇپ يېتىشىپ چىقايلى. ئۆز ئارا گەپلەشسەكمۇ، سالاملاشساقمۇ ھالال نىيەت بىلەن ئەمەس، بەلكى مەشھۇرلار ھەققىدە بىرەر غەيۋەت ئۇچۇرىغا ئىگە بولۇش مەقسىتىدە گەپلىشەيلى، سالاملىشايلى. مەشھۇرلارنى تىللاش، سېتىش، قەدىر – قىممىتىنى يەرگە ئۇرۇش، خورلاش، ھاقارەتلەش ئارقىلىق تۇغۇلغانغا، ئۇيغۇر بولۇپ يارىلىپ قالغانغا “داد!…” دېگۈزۈپ ئۆلتۈرەيلى.
مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچىدىكى ھەر ساھە ئەربابلىرى، چوڭ-كىچىكلەر ۋەتەننىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا بارساڭلار ئېلىپ بارىدىغان دۇئايى سالام، سوۋغاتلار ئىچىدە مەشھۇرلار ھەققىدە غەيۋەت بىلەن پىتنە چوقۇم كەم قالمىغاي. بۇ پىتنە – پاساتلار ئاندىن ھەر قايسى ۋىلايەت، شەھەر، ناھىيىلەردە ياڭيۇ كۆپەيگەندەك بىر – بىرىنى تۇغۇپ، كەڭ تارقالغاي. ھازىرغۇ تور بىزگە نۇرغۇن قولايلىقلارنى كەلتۈردى. مۇنبەر، كيۇ كيۇ توپى دېگەنلەردىنمۇ تولۇق پايدىلىنايلى. پىتنە – پاساتلارنى دەرھال تۈركۈملەپ كۆپەيتىپ تارقىتايلى.
مەشھۇرلارنى تىرىك تۇرغۇزۇپ غاجاپ، قۇرۇق ئىسكىلىت قىلىپ، ئاندىن دەپنە قىلايلى. ئۇلارنىڭ ئادەمگە خاس نۇقسانلىرىنىمۇ كەچۈرۈۋەتمەيلى. بىكار تەلەپ ھارامزادىلەر، گەپنىڭ چىرايلىقىنى، ئىشنىڭ ئەسكىسىنى قىلىدىغان خۇمسىلار، كېچىسى ئورا كولاپ، كۈندۈزى ئەلخۇمار بولۇۋالىدىغان مۇناپىقلار، بىر ئىشنى ياخشى قىلىپ، يۈز ئىشنى يامان قىلىدىغان نائەھلىلەر قىلغۇلۇقنى قىلىۋەرسۇن، كەمچىلىكىنى تۆھپىسى نەچچە ھەسسە بېسىپ چۈشىدىغان مەشھۇرلارنى يەتتە ياشتىن يەتمىش ئاشقۇچە ھەممىمىز قارغايلى.
تىرىك چېغىدا سېسىتىپ، ئۆلگەندىن كېيىن قەبرىسىگە ئېسىلىپ سېغىنىپ، ئۇلارنى يادلاپ يىغلايلى. لەنەت تاشلىرىمىزنى شەيتانلارغا ئەمەس، مەشھۇرلارغا ياغدۇرايلى.
مەنبە: ۋەتىنىم مۇنبىرى.