نەسرىن
بارغانسىرى چەكتىن ئېشىۋاتقان شەرقىي تۈركىستاندىكى قىرغىنچىلىقلار ھەممىمىزگە ئايان بولغىنىدەك،
بۇلارغا قوشۇلۇپ يېقىندىن بۇيان يۇرتلىرىمىزدىكى، مىللى ۋە دىنى كىملىكىمىزنىڭ، مەدەنىيىتىمىزنىڭ يارقىن ئىپادىسى ۋە قەدىمى مىراسلىرىمىزدىن بولغان قىممەتلىك مەسجىدلىرىمىزنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراپ چېقىلىشى ۋە ئىلگىرى بولۇپ باقمىغاندەكلا يوق قىلىۋېتىلىشى كونىراپ قالغان يارىمىز ئۈستىگە شاكىراپ تۆكۈپ، تارىختىن ئۆچۈرۈلۈپ كېتىش خەۋپىگە، تەھتىدىگە دۇچ كەلگەن بىر مىللەت ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىمىزنى يەنە بىر پەللە يۇقۇرى كۆتۈرمەكتە.
ئىككى ئاي ئىلگىرى توردا، يۇرتۇم شىخو شەھىرىنىڭ چوڭ مەسجىد ئەتراپىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر پارچە سۈرىتىنى ئۇچرىتىپ قالدىم،
سۈرەتتىن مەلۇم بولۇشىچە، شىخو شەھىرىنىڭ تۇڭگان مەھەللىسىگە جايلاشقان بۇ مەسجىد ئورنى تۈزلىۋىتىلگەن بولۇپ، شەھەر ئاھالىسگە ئاتا كەبى يۈرەك بولغان مەسجىد مۇنارلىرى ھېچ كۆرۈنمەيتتى.
كۆزلىرىمگە ئىشەنمەي قايتا – قايتا ئۆرۈپ -چۆرۈپ قارىدىم، مەسجىدنىڭ ئىككى يېنىدىكى بەكمۇ تونۇش دۇكانلار شۇ پېتى، ئەمما مەسجىد ئۆز ئورنىدا يوق تۇراتتى. بۇ كۆرۈنۈش ماڭا نىسبەتەن خۇددى، بىر ئانىنىڭ يۈتۈپ كەتكەنلىك خەۋىرىگە ئوخشاش ۋەھىمىلىك ۋە ئازابلىق بولۇپ، كۆز ئالدىمدىكى بۇ رىئاللىقنى قوبۇل قىلامدىم ياكى رەت قىلامدىم؟ بىلەلمەستىن ھاڭ – تاڭ قالغىنىمچە قېتىپ تۇرۇپلا قالدىم. ياشلىرىم مەسجىدسىز سۈرەت ئۈستىگە تۆكۈلۈپ كېتىۋاتاتتى …
تىلىم، يۈز يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە مەسجىدىمىزنى، ئەزەلدىن بولۇپ باقمىغاندەكلا يوقىتىۋەتكەن زالىم، نىجىس خىتتايغا لەنەت ئېيتىش بىلەن پىچىرلايتتى.
ئىلگىرى قىممىتىنى بۇ قەدەر ھېس قىلىپ باقمىغان مەسجىدىمىزدىن پۈتۈنلەي ئايرىلغىنىمىزنى تەن ئالغان چېغىمدا، مەسجىد سۈرىتىنى گوگۇلدىن جىددى ئىزدەشكە باشلىدىم .
ئىزدەپ تاپقىنىمدا بولسا، مەسجىدنىڭ ئىلگىرىكى سۈرىتى بىلەن ھازىرقى تۈزلەنگەن سۈرىتى ئوتتۇرىسىدىكى ھېچلەر بىلەن تولدۇرغىلى، تەسەللى تاپقىلى بولمايدىغان سېلىشتۇرمىلىق زور پەرق ۋە بىرلا ۋاقىتتا مىڭەمنى قورشاپ ئالغان سۇئاللار ئىسكەنجىسىدىكى كەيپىياتىم، بارماقلىرىمنىمۇ كونتىرول قىلىشتىن ئاجىز كەلدى بولغاي، تېلېفونۇم قولۇمدىن چۈشۈپ كەتتى.
نېمىلا بولمىسۇن بۇ رىئاللىق ئىدى. تۈرۈلگەن قوشۇمام ئاستىدىكى كۆزلىرىمنى ماڭا چوڭ ئۆيۈمدەك تونۇش بولغان شۇ سۈرەتكە تىككىنىمچە:« ئى ئاللاھ، ھەممىگە شاھىدسەن، بۇ ئىنتىقامىمىزنى ئېلىش ئۈچۈن بىزگە يېتەرلىك ئىرادە ۋە كۈچ بەرگىن، دەۋايىمىزدا بەردەم بولغۇچىلاردىن قىلغىن، يوقاتقانلىرىمىز ئورنىنى ئۇنىڭدىن ياخشىسى بىلەن تولۇقلاپ بەرگىن، ئامىن.» دەپ دۇئا قىلغاچ، سۈرەتنى تېلېفونۇمنىڭ ئېكران تەگلىكى قىلىپ تەڭشىۋالدىم.
بۇ خەۋەرنى بىلگەندىن بۇيان مەسجىدنىڭ قاچان چېقىلغانلىقى توغرىلىق مەلۇماتقا ئىگە بولۇش زېھنىمگە كىرىۋالدى. ئىمكانىيىتىم يەتكىنىچە سۈرۈشتە قىلىش ئارقىلىق،2017 – يىلى مەسجىدنىڭ چېقىلىپ كەتكەنلىك ئۇچۇرىغا ئېرىشتىم، بۇ ۋاقىت مېنىڭ مىسىر ئەزھەرئۇنۋىرىستېتىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمغا ۋە خىتتاينىڭ دادامنى «سورايدىغان مەسىلە بار »لىقىنى باھانە قىلىپ تۇتقۇن قىلغان، ئاپام ۋە ئاكا – سىڭىل، ئۇرۇق -تۇققانلىرىمنىڭ مەندىن ئېھتىيات قىلىپ، مېنى ئۈندىدارىدىن يۇيۇۋەتكەن ۋاقىتلىرىغا توغرا كېلەتتى.
شىخو شەھىرى ( ئويمان دۆڭ)تەڭرى تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە، جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ غەربى جەنۇپ تەرىپىگە جايلاشقان،
شەرقتە قاراماي، قاراسۇ ( كۈيتۈن)شەھەرلىرى ۋە ساۋەن ناھىيەسى بىلەن جەنۇپتا نىلقا، غەرپتە تۆرسۇ ( جىڭ)، شىمالدا تولى ناھىيەلىرى بىلەن تۇتىشىدۇ. كۆلىمى 14مىڭ 392كۋادىرات كىلومېتىر. ئاھالىسى 2003 يىلدىكى سىتاتىستىكىدا 206 مىڭ 708دېيىلگەن.
شىخو شەھىرىدە، 1945 – يىلى شەرقي تۈركىستان مىللي ئارمىيەسى بىلەن، گومىنداڭنىڭ زامانىۋى قۇراللار بىلەن قۇراللانغان مىللي ئارمىيەسى قانلىق ئېلىشىپ، 800 نەپەر مۇجاھىتنىڭ شەھىد بولۇشى بىلەن، خىتتاي ئارمىيەسىنىڭ ئۈرۈمچى مۇداپىئە سېپىنى يېرىپ تاشلاپ، مۇستەقىللىق ئۇرۇشىنىڭ ئالەمشۇمۇل غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن ( ئىپتىخار يىلدىرىم تۈزگەن « شەرقي تۈركىستان جۇغراپىيەسى »دىن ئېلىندى ).
مەن ئۈچۈن « چوڭ مەسجىد» دەپ ئاتىلىدىغان ئۇشبۇ مەسجىد ئەقلىمنى بىلسەم، ئەسلىمىلىرىم بىلەن بىر گەۋدە بولۇپ كەتكەن قىممەتلىك ماكان ئىدى. ئېيتىلغان ئەزان ئاۋازى ئوچۇق ئاڭلىنىپ تۇرۇلىدىغان، مەسجىد بىلەن ئۆيىمىزنىڭ ئارىلىقى 500 مېتىرمۇ كەلمەيدىغان يېقىن بىر ئارىلىق بولۇش ئىمتىيازى بىلەن، مەيلى مەكتەپكە بېرىپ كېلىشىمدە بولسۇن ۋە باشقا باردى – كەلدىلىرىمدە بولسۇن، ھەر كۈنى ئالدىدىن نەچچە قېتىملاپ ئۆتەتتىم. مەسجىد ئەتراپى كىچىككىنە بازار ھالىتىدە شەكىللەنگەن بولۇپ، ئاشخانا، ناۋايخانا، ماگىزىن، موزدوز، سەيپۇڭخانا، ماروژنىخانا، مىۋە -چىۋە، كۆكتاتقىچە ھەممە تېپىلاتتى.
كىشىلەرنىڭ ئەزان چىققان ھامان مەسجىدكە تەرەددۇدلىنىۋاتقان ۋە مەسجىدتىن بەش ئالتىدىن توپلىنىپ قايتىپ چىقىشىۋاتقان، مەسجىد ئالدىدا پاراڭ سېلىشقاچ بازار كەيپىگە جۆر بولۇشقان كۆرۈنۈشلىرى دائىم كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى.
قۇربان ھېيت ۋە روزا ھېيت كۈنلىرىدە بولسا، ناغرا ئاۋازى بىلەن تەڭ پۈتۈن خەلققە يەتكۈزۈلىدىغان خۇشاللىق تەنتەنىسى مۇشۇ مەسجىد ئىشىكى ئالدىدا قىلىناتتى.
تېخى مەكتەپكە كىرمىگەن چاغلىرىم بولسا كېرەك، بىر كۈنى دادامنىڭ ئاپامغا :”چوڭ مەسجىد ئىمامى بۇراۋىدىن قارىم ۋاپات بوپتۇ. بۇ شىخو خەلقىگە قانچە چوڭ يوقۇتۇش ھە؟ شۇ كىشىنىڭ جۈمە كۈنىدىكى خۇتبىسىنى دەپ شىخونىڭ ناھىيە – يېزىلىرىدىن ۋە ئەتراپتىكى يېقىن شەھەر كۈيتۈن مايتاغلاردىن ئادەملەر كېلىپ، جۈمە كۈنى مەسجىد بار كوچىنىڭ خېلى يېرىگىچە ئادەم توشۇپ كېتەتتى، بۈگۈن يەنە ئوخشاشلا جىنازىسنى كۆتۈرۈپ ماڭغاندىمۇ كوچىلارغا ئادەم سىغىشماي قالدى، جىنازىسنى كۆتۈرۈشنى تالىشىپ ھەممەيلەن بىر – بىرىنى ئىتتىرىشەتتى. ئاللاھ ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان بەندىسىنى ھەقىقەتەنمۇ ئەزىز قىلىدىكەن.” دەۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدىم.
مۇشۇنداق مەسجىدكە ئادەم لىق تولغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە، دادامنىڭ:” قىزىم، مەسجىدتە قىز – ئاياللارغا خاس ئورۇن يوق ھەم ئادەم بەك جىق قولايسىز بولىدۇ” دېيىشىگە قارىماي، ” سىز بىلەن مەسچىتكە چىقاتتىم” دەپ يىغلاپ تۇرۇۋالغىنىمدا، مۈرىسدە كۆتۈرۈپ، مەسجىتكە ئېلىپ كىرگىنى ھېلىھەم ھازىرقىدەك ئىسىمدە تۇرۇپتۇ. بۇ ھاياتىمدىكى تۇنجى قېتىم مەسجىدكە كىرىشىم ئىدى. قىپقىزىل گىلەم بىلەن توشقۇزۇلغان مەسجىد، مىھراپ ۋە يېقىن تىزىلىپ ئولتۇرۇشقان كىشىلەرنىڭ خۇتبە ئاڭلاۋاتقان ھالىتى ۋە قۇرئان تىلاۋىتى… قاتارلىقلار قوشۇلۇپ، مەن نېمە ئۈچۈن پەيدا بولغانلىقىنى ئېيتىپ بېرەلمەيدىغان، مەسجىدكە مۇھەببەت ۋە مەسجىدكە مۇھەببەتتىن تۇغۇلغان دىنىمىزغا مۇھەببەت تۇيغۇسى شەكىللەندۈرگەن ئىدى. بۇ تۇيغۇنى ھېچ ئىككىلەنمەستىن « شەكىللەندۈردى»دەپ ئېيتالىشىم، مەن شۇ قېتىملىق مەسجىدكە كىرگىنىمدىن كېيىن، دىنى ئەركانلارغا ۋە دىنى كۆرۈنۈشلەرگە ئالاھىدە قىزىقىدىغان بولۇپ قالغان ئىدىم.
كېيىن باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرگەن چاغلىرىمدا، مەكتەپتىن قايتقاچ مەسجىد دەرۋازىسىدىن بوۋايلارنىڭ « كىچىك بالىلار كىرىشكە بولمايدۇ»( كىچىك بالىلار مەسجىدنى مەينەت قىلىپ سالىدۇ ،گۈل -گىياھلىرىنى سۇندۇرۇپ قويىدۇ دەپ ئاددىلا ئويلىۋالسا كېرەك) دېيىشى بىلەن قارشىلاشقاچ، ئۇلارنى ئەتەي تېرىكتۈرۈش ئۈچۈن مەسچىتنىڭ ئىشىگىدىن ماراپ قويۇپ قاچاتتىم ۋە ئىشىك ئالدىدا ئادەم يوق چاغلىرىنى تاپسام غىپپىدە ئىچىگە كىرىپ، بىر قۇر چۆرگىلەپ چىقاتتىم.
باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 4 -يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىم بولسا كېرەك،بىر كۈنى سىنىپ مەسئۇلىمىز:” لېيفىڭدىن ئۆگىنىشنى قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن، خالىغان ساۋاقداشلار، ئۆزۈڭلار قىلالايدىغان ياخشى ئىشلاردىن قىلىپ، ئىسپاتى ئۈچۈن، ئىمزا قويدۇرۇپ كېلىڭلار، ياخشى ئىش قىلغانلارنى تەقدىرلەيمىز.” دەپ ئۇقتۇرۇش قىلدى.
مېنىڭ ئېسىمگە دەرھال مەھەللىمىزدىكى ھېلىقى مەسجىدنىڭ دېرىزىسىنى سۈرتۈپ بېرىش بىلەن، مەسجىدنىڭ شۇ چاغدىكى ئىمامى، ساۋاقدىشىم مۇھەممەدنىڭ ئاكىسىغا ئىمزا قويدۇرۇپ، مەكتەپكە ئېلىپ كەلدى. بۇ پىلانىمنى ئىككى دوستۇمغا ئېيتىپ ئۇلارنى قايىل قىلىپ، مەسجىد دېرىزە ئەينىگىنى سۈرتۈش ئۈچۈن قاراپ ماڭدۇق.( ھازىر ئويلاپ باقسام، لېي فىڭ روھىدىن ئۆگىنىپ مەسجىد تازىلاش ئىدىيەرىم ئاجايىپ قىززىق – ھە،بىر يۇمۇردە بۇ ).
مەسجىد ئالدىغا كېلىپ، مەسجىدكە تۇتاش بولغان، دىنى كىتاپلار، جەيناماز ۋە تەسۋى، ھەرەمنىڭ ئىسپىرتسىز ئەتىرلىرى، قۇرئان قويغۇچ ( رېھىل)قاتارلىق مەھسۇلاتلار سېتىلىدىغان، مەسجىد ئىمامى پىركازچىكلىكىنى قىلىدىغان دۇكانغا كىرىپ، نېمە مەقسەتتە كەلگەنلىكىمىزنى ئېيتتۇق. مەسجىد ئىمامى رەھمەتلىك بۇراۋىدىن قارىمنىڭ چوڭ ئوغلى ئۇبۇلقاسىم قارىم ئىدى. مەن ئۇ قارىمنىڭ بىزنى رەت قىلىۋەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئەڭ كىچىك ئىنىسى ساۋاقدىشىم مۇھەممەدنى سالاچىلىق قىلىشىپ بەرگىلى بىللە ئېلىپ كىرگەن ئىدىم. مۇھەممەد 10-11ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان بىر بالا تۇرۇقلۇق قۇرئاننى يادا ئېلىپ بولغان بالا ئىدى.
دېگەندەك، بىز بۇ پىلانىمىزنى ئېيتقان چېغىمىزدا، مەسجىد ئىمامى ئوبۇلقاسىم قارىمدىكى ئىككىلىنىش ۋە رەت قىلىۋىتىشكە يېقىن تۇيغۇلارنى، مۇھەممەدجاننىڭ:” ئاكا، پاك – پاكىزە قىلىۋىتىدۇ بۇ قىزلار، ھېلىمۇ بەك توپا بولۇپ كېتىپتۇ.” دېيىشىپ بېرىشلىرى يېڭىپ چىققان ئىدى.
شۇنداق قىلىپ مەسجىدكە ئۈچ قىز ۋە مۇھەممەتدجان، قىزىل كىچىك سۇلياۋ چىلەكلىرىمىزنى كۆتۈرۈپ كىردۇق. ئالاھەزەل بىر يېرىم سائەت ئەتراپىدا دەرىزە ئەينەكلىرىنى سۈرتۈپ بولۇپ، كەمپۈتكە ئوخشاش پۇرايدىغان، شۇ چاغدا نامازخانلار ئىشلىتىپ ئومۇملاشقان، ئىسپىرتسىز قويۇق ئەتىر ھىدى بىلەن ئورالغان، قىپقىزىل گىلەملىك بۇ مەسجىدتىن چىققۇمىز كەلمەي، ئىچىدىكى ھەر نەرسىگە قىزىقىپ قارىشىۋاتاتتۇق. بىردىنلا كۆزۈم مىھراپ ئالدىدا تۇرغان مىكروفونغا چۈشۈپ قالدى. كۆزلىرىمدىن يۇلتۇز چاقىنىغاندەك بولۇپ، مىكروفون ئالدىغا يۈگۈرۈپلا باردىم. ئارقامدىن مۇھەممەدجان :” ھاي …” گېپىنىڭ ئايىغى ئۈزۈلۈپ بولغىچە، مىكروفۇننى ئېچىپ، دادام يېڭىدىن ئۆگۈتۈپ قويغان « سۈرە فىل »نى دادامنىڭ قىرائەت ئاھاڭى بويىچە ئوقۇشقا باشلىدىم.
سۈرە ئاخىرلاشماي تۇرۇپلا، ئىككى چوڭ داداش كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ كىرىپ كەلدى. چۈنكى مىكروفۇن كوچا تەرەپتىكى ئاۋاز ياڭراتقۇغا ئۇلانغان ئىدى.
مەنمۇ يانماي ئاخىرىنى تاماملىۋەتتىم. بالىلىقتىكى تۇيغۇم بويىچە، ئۇ قەدەر گۈزەل مەسجىدتە، مىھراپ ئالدىدا قىرائىتىمنى مىكروفۇندا ئوقۇش قانچىلىك ھاياجانلىق ئىدى – ھە !
شۇنداق قىلىپ، مەسجىد ئىمامىغا ياخشى ئىش قىلغانلىقىمىز ئىسپاتى بولغان ئىمزانى قويدۇرۇپ يېنىپ چىقتۇق.
ئەلھەمدۇلىللاھ، شۇ مەسجىدتە شۇ قەدەر گۈزەل ئەسلىمىلەرنى قالدۇرۇشقا نېسىپ قىلغان ئاللاھقا مەدھىيەلەر بولسۇن.
يىللىرىمىز مەسجىد بىلەن تەڭ ئۆتۈۋاتاتتى، 2008 – يىللىرىدا مەسجىدنى
رېمونت قىلىش ۋە يېڭىلاش توغرىلىق خەۋەرنى، دادامنىڭ ئاكىلىرىغا دەۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم:
-بۈگۈن جۈمە نامىزىدا، خەلقتىن ياردەم توپلاش توغرىلىق گەپ بولدى، بۇنىڭ ئۈچۈن مەسجىد ھويلىسىغا مەخسۇس ساندۇق بېكىتىلىپتۇ، قادىر بولغىنىمىزچە كۈچەپ باقايلۇقمىكىن.
يۇرتۇمدىن ئايرىلىپ بىر نەچچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن، تەخمىنەن 2012 – يىللىرى بولسا كېرەك، شىخو چوڭ مەسجىدىنىڭ ئىككى قەۋەتلىك بولۇپ پۈتكەنلىكىنى، مەسجىد ئەسلىھەلىرى ۋە مۇھىتىنىڭ پۈتۈنلەي يېڭىلانغانلىقىنى كۆرۈشكە مۇۋەپپەق بولغان چېغىمدا، بۇ كۆرۈنۈشنى دادامغا شۇنچە قىسىنىپ كەتتىم. ( دادام بۇ چاغدا « دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنغان»قالپىقى بىلەن، سىياسى مەھبۇس بولۇپ قاماقتا ئىدى)
ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، چەتئەلگە چىقىپ كەتتىم ۋە بۇ مەسجىدنى قايتا كۆرمىدىم…
مانا بۈگۈن «شەھىدلىكىم» مازىرى بار تارىخى يۇرتۇم شىخودىكى بۇ مۇقەددەس مەسجىدنىڭ تۈپتۈز قىلىۋېتىلگەنلىكىدەك، ئاچچىق قىسمەتكە شاھىد بولۇپ تۇرۇپتىمەن.
بىر مىللەتنى مەسخىرە قىلىش، غورۇرىغا تېگىش، خارلاش بۇنىڭدىن ئارتۇق بولمىسا كېرەك.
«شەھىدلىكىم» مازىرى بولسا، شىخو خەلقىنىڭ مىيتلىرى دەپنە قىلىنىدىغان قەبرىستانلىق بولۇپ، مەن يۇقىرىدا تىلغا ئالغان مىللى ئارمىيە مۇجاھىتلىرىنىڭ شۇ جايغا دەپنە قىلىنغانلىق سەۋەبى بىلەن « شەھىدلىكىم »نامىدا ئاتالغان.
شىخو شەھىرىنىڭ سايباغ رايونىغا جايلاشقان بۇ قەبرىستانلىققا، دادامنىڭ ئاتا – ئانىسنىڭ قەبرە بېشىنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن، دائىم كېلىپ تۇراتتۇق.
دادام ھەر قېتىم چوڭ ئاپامنىڭ قەبرىسىگە يېقىن يەردىكى شەھىدلەر قەبرىسىنى ئارىلاپ، دۇئا قىلغاچ توپىسىنى يۇمشىتىپ ماڭاتتى.
دادامدىن سورىدىم:
– دادا، نېمىشقا بۇ يەرنى شىتلىكىم دەيدۇ.( ئېغىز تىلىدا ھەممەيلەن شىتلىكىم دەپ ئاتايتتى)
– توغرىسى شىتلىكىم ئەمەس قىزىم، « شەھىدلىكىم»
– شەھىد دېگەن قانداق كىشى دادا؟
– ئۇلار ھەق يولدا جەڭدە ئۆلۈپ كەتكەن مۇسۇلمانلاردۇر .
– نېمىشقا جەڭ بولغان دادا؟
– ساڭا كېيىن ئالدىرىماي سۆزلەپ بېرىمەن قىزىم.
بۇ مېنىڭ « شەھىد »دېگەن سۆزنىڭ ئىزاھاتىنى تۇنجى قېتىم ئاڭلىشىم ئىدى …
بۈگۈن، ياشانغان ئاتا – ئانىلار قارانچۇقسىز قالدى.
بۈگۈن، ئەركەكلەر لاگىرلارغا قامالدى.
بۈگۈن، ھەدە -سىڭىللارنىڭ نىكاھ ھوقۇقلىرى تارتىپ ئېلىندى.
بۈگۈن، سەبىي بالىلار يېتىم بولدى.
بۈگۈن، تىلىمىز، ئېتىقادىمىز، مەدەنىيىتىمىز، قىممەتلىك كىتابلىرىمىز، مىراسلىرىمىز، ئالىملىرىمىز دۈشمەننىڭ ھۇجۇم نىشانى ۋە يەمچۈكى بولدى.
بۈگۈن، مۇقەددەس زېمىنىمىز خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىندى.
بۈگۈن، ئۇيغۇرنىڭ بارچە ئىنسانىي ھەق – ھوقوقلىرىمىز دەپسەندە قىلىندى.
بۈگۈن ئۇيغۇر، ئېنتىرنىت دەۋرىدە تۇرۇپمۇ ئائىلە – تاۋاباتلىرى، يېقىنلىرى بىلەن ھېچبىر ئالاقە قىلالمايدىغان،
تارىختا ھېچ كۆرۈلۈپ باقمىغان ئېچىنىشلىق كارتىنىنىڭ ساھىبى بولدى.
بۈگۈن ئۇيغۇر، ئۆز مىللىتىنىڭ خارلىنىشىغا، ئۆلۈپ تۈگەۋاتقانلىقىغا شاھىد بولۇپ تۇرۇشنىڭ،
چارىسىزلىقنىڭ، مەزلۇملۇقنىڭ ئاچچىق پىغانلىرىنى تېتىش نەتىجىسىدە پىسخىكىلىق كېسەللىكلەرگە دۇچار بولدى.
شۇڭا ئۇيغۇر بۈگۈن، نادانلىقتىن قورقۇشى كېرەك !شۇڭا ئۇيغۇر بۈگۈن، ئاجىزلىقتىن قورقۇشى كېرەك!
شۇڭا ئۇيغۇر بۈگۈن، مەسئۇلىيەتسىزلىكتىن قورقۇشى كېرەك!
شۇڭا ئۇيغۇر بۈگۈن، تارىخنىڭ ئۆرۈلگەن خار بەتلىرى ئۈستىدە ياشاپ تۇرۇقلۇق،
پۈتمەكچى بولغان يېڭى بەتلىرىنى تېرەن، ئوچۇق يازالماسلىقىدىن قورقۇشى كېرەك!
#NoToBeijing 2022
2019.5.14