ئاۇتورى: كۈرەش ئاتاخان
ئىسىت، ئىسىت، ۋاي ئىسىت! يەرىم ئەسىرلىك جاپالىق كۈرەشنىڭ نەتىجىسى يەنە يوققا چىقتى!
مىللىي داۋايىمىزدا ئاران تەستە قولغا كەلگەن ئازراق غەلبەمۇ جاھالەت بورانلىرىدا يەنە سورۇلۇپ كەتتى. مىللىي ھەركىتىمىز 30-50 يىل ئارقىغا چەكىندى…
دۇنيا بۇندىن كېيىن ئالدىراپ بىزگە بۇرۇنقى كۆز بىلەن قارىمايدۇ ۋە ئىلگىركىدەك سەمىمىي شەكىلدە ياردەم قىلمايدۇ، بىزنى خىتاي بىلەن بىرلىكتە جازالايدۇ. ئەمدى بۇ شور پىشانە خەقنىڭ ئازغىنا كام يېرىمى خۇددى ئىلگىركىگە ئوخشاشلا بىر دۈشمەننىڭ بۇرنىنى قاناتماي توپىدەك سورۇلۇپ كەتىدىغان بولدى.
خىتايلار تۆمۈر ھەلىپىنى لى شىفۇ ۋە قەمەرخان بىلەن ئالداپ كەتتى…ھوجا نىياز ھاجىنى كۇچار خېنىمى، بىر پىكاپ ۋە يالغان مەنسەپ بىلەن ئالداپ كەتتى…مەمتىمىن بۇغرا ھەزرەتلىرىنى يالغان مۇختارىياتدىن ئىبارەت شىكەر يالىتىلغان زەھەر بىلەن ئالداپكەتتى…سابىت دەۋموللامنى قۇربانلىق قىلىپ، ئاللاھنىڭ لەنىتىگە قالغان بولغىيمىدۇق!؟
خىتايلار بۇگۈنكى نادان ئۇيغۇرلارنىمۇ ھىجرەت قىلىڭلار، ۋاشىڭتون ۋە موسكىۋادا تەھۋىد بايرىقىنى لەپىلدىتىڭلار، دەپ ئۇستىلىق بىلەن كوملاپ كەتتى…
ئانىسىنى، خوتۇنىنى ۋە قىز قېرىندىشىنىڭ نومۇسىنىمۇ قوغدىياللىغۇدەك ئەقلى، بىلىمى ۋە كۈچى بولمىغان بۇ مەزلۇملار ئەۋلاتلىرى جاھات قىلىمىز، دەپ ۋەتەننى خىتايغا ئوڭىچە تاشلاپ بەردى.
دۇنيادا بۇنىڭدىنمۇ چوڭ ئەخماقلىق ۋە ساراڭلىق بار، دېسە كىچىك بالىمۇ ئىشەنمەيدۇ.ئاجايىپ چوڭ كۈلكىلىك ئىشلار بۇ. ھەي ئالدانغانلار ئانىلىرىمىز ۋە قىز قەرىنداشلىرىمىزنىڭ نومۇسىنى، قوزىنى بۆرەنىڭ ئالدىغا ئاتقاندەك خىتايغا ئامانەت قىلغاندەك ئىش قىلدىڭلار. مىللەت يىمىگەن مانتىنىڭ پۇلىنى ھەسسىلەپ تۆلەۋاتىدۇ. بۇنىڭ جاۋابىنى ياراتقۇچى ئىگەمگە قانداق بېرەرسىلەر؟!
خىتتاي خۇددى قۇترىغان روھىي كەسەللەردەك خەلقىمىزنىڭ ئۈستىگە يۈكلەندى. قېنى، ئېيتىڭلار ئەمدى قانداق قىلىمىز؟!سىلەر ھەممىنى بىلىدىغاندەك قىلدىڭلار، ئەمما ھىچ نەرسىنى بىلمەيتىڭلار.بىلمەي تۇرۇپ ئۆزىنى بىلىدىغاندەك ھېس قىلىش بىر تۈرلۈك كوللىكتىپ پىسسىخولوگىيلىك كېسەللىك ئىدى…
گەپ قىلساق ئاڭلىماي گۇمانلىق ئادەملەرگە ئەگەشتىڭلار، تۈزۈلۈش ئالدىدا تۇرغان مىللىي ئىستىقبالىمىزنى، ئارىمىزدىن چىققان مۇناپىقلار ئۆز قولى بىلەن جەھەننەمگە ئاتتى! سىلەرنى ئالدىغانلار بىزگە دوستلۇق كۆزى بىلەن قاراپ كەلگەن غەرىپ دۇنياسىنىمۇ بىزگە دۈشمەن قىلدى.
مىللىتىمىزنى خاتا يولغا باشلىغانلار مۇسۇلمانلار بىلەن تۈرۈكلەرنى بىزدىن نومۇس قىلىدىغان يەرگە كەلتۈردى.ئىسلامىي مەسەلىلەرنى ھۈر دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار، تۈرۈكلەرنىڭ كەلىچىگىنى ھۈر دۇنيادىكى تۈرۈكلەر ئۆزلىرى بىر تەرەپ قىلالايتى. بىز ئىشغال ئاستىدىكى بىر مەزلۇم خەلىق بولغاچقا ئۇلارنىڭ ئىچكىي ۋە تاشقىي ئىشلىرىغا ئارلاشمىساق تېخىمۇ مەنالىق بولاتتى. ھازىر ئۇيغۇرلار چېپىلمىغان ئىش قالمىدى.بۇ ئىشلارنىڭ ئالدىرماي ھېسابى بولىدۇ.
تۈرۈكلەرنىڭ ھەممىسى ئەمدى بىزگە ئالدىراپ ئىلگىركىدەكلا تولۇق ھىسداشلىق ۋە ياردەم قىلمايدۇ. قېرىنداشلار، دۇنيا نىمە ئۈچۈن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان دەھشەتلىك زۇلۇمىغا ئىنكاس قايتۇرمايدۇ، دېمەڭلار! دۇنيا بۇ ئىشنى بىلىپ تۇرۇپ خىتايلار بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ. چۈنكى خىتايغا سېتىلغانلار بىزنى ئەزىز دىنىمىز ئىسلام ئارقىلىق ئازدۇرۇپ كەتتى.
ئارىمىزدىن چىققان خايىنلار خىتاي يارىتىپ بەرگەن قۇلايلىقلاردىن پايدىلىنىپ، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرىتىدا ھەمكارلىشىپ خەلقىمىزنى خىتاينىڭ ئىستىراتىگىيسىگە ئاساسەن دۇنيا دۈشمەنلىرىنىڭ لاگىرىغا باشلاپ كىردى.بۇ خۇددى دۈشمەن گېنىرالى “مۇسۇلمان” لى شىفۇنىڭ قۇران تۇتۇپ قەسەم قىلىپ، تۆمۈر خەلىپەنى ئالدىغاندەكلا بىرىش ئىدى. شۇ سەۋەپتىن خىتاي ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى خەلقاراغا قانۇنلۇق قىلىپ كۆرسۈتىۋاتىدۇ!
خەلقارا جەمىيەت ئۇيغۇرلار قۇرغان بىرە يېرىم تەشكىلاتنى ئەمەس، بەلكى بىر پۈتۈن خەلقىمىزنى ئاللابۇرۇن رەسمىي شەكىلدە خەتەرلىك دەپ قارالغان تالىبان ۋە دايىشقا ئوخشاش خەلقارا تېرورىستلارنىڭ سېپىگە ئىتتىرىۋەتتى.
ئەشۇ مەڭىسىنى قۇرۇت يەپكەتكەن ماڭقۇرتلار بىچارە بىگۇنا خەلقىمىزنى بەدىلىنى يۈز يىلدامۇ تۆلەپ بولغىلى بولمايدىغان غايەت زور زىيان ۋە مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتتى!
ئاللاھىم بۇ خەلىق ۋە بۇ مەزلۇم مىللەت ئۆزەڭگە ئامانەت! بىز بەخىتسىزلەرنى توغرا بىر قۇرتۇلۇش يولغا باشلىغايسەن!
03.05.2017