مىسىر ئەزھەردىن قايتقان ئوقۇغۇچىلار خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن ئۈزلۈكسىز جازالانماقتا
ئۇيغۇر نىداسى تور رادىئوسى خەۋىرى:
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى مىسىردا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى قايتۇرۇپ ئېلىپ كېتىش ئۈچۈن 2016-يىلى 5-ئايدا جىددى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، « 5-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن بۇرۇن قايتىپ كىرسە مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنمايدۇ» دېگەن ھەمدە بەزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنى گۆرۈگە ئېلىپ بېسىم قىلغان گەرچە بۇنىڭغا ئاۋاز قوشۇپ بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار قايتقان بولسىمۇ، يەنىلا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن ئېغىر جازالانغان.
يېقىندا رادىئومىزغا ئېلخەت ئارقىلىق يوللانغان ئۇچۇرلاردا مەلۇم بولىشىچە، مىسىردىن قايتىپ بارغان ئاتۇش نوپۇستىكى 35نەپەر ئۇيغۇرغا يۇقىرىسىغا 20يىللىقتىن تۆۋىنىگە 4يىللىق قاماققا مەھكۈم قىلىنغان.
بۇلاردىن ئاتۇش سۇنتاغ يېزىسىغا قاراشلىق شورۇق كەنتىدىن مەريەمگۈل بەختى 8يىل ، مەريەمگۈل( كىچىك) 8يىل، يارمۇھەممەت ئابدۇسەمى 8يىل، رەيھاننىسا 8يىل، ئابدۇغاپپار غوپۇر 20يىل، باياخۇن تۇرسۇن 8يىل، 14ياشلىق تەۋھىدە ئابدۇرۋارىسنىمۇ «مىسىردا ئوقۇغان » دېگەن جىنايەت بىلەن 4يىللىق، مۇھەممەت ئابدۇشۈكۈر8يىل، ئەلى قارى8يىل، ئازاق يېزا بۆگەن كەنتىدىن ئىلھام مەمەت 8يىل، دىلمۇرات ئابدۇغېنى 8يىللىقتىن قاماققا مەھكۈم قىلىنغان.
بۇلارنىڭ ئىچىدە يەنە ئىبراھىم ئىسمائىل (پاسپورتىدىكى ئىسمى ئىبراھىم مەمەت)، ئايشەمگۈل ھاجىمۇ تۇتقۇن قىلىنغان بولسىمۇ ئۇلارنى قانچە يىل كېسىلگەنلىكى مەلۇم ئەمەس.
ئۇچۇردا يەنە مىسىردا تۇرۇپ 2010-يىلى ئاتۇشقا قايتىپ كەتكەن ھەسەن قارىنى «قانۇنسىز تىجارەت قىلغان » دەپ بەش يىل كېسىلگەن. ھەسەن قارى بولسا مەريەمگۈل بەختىنىڭ يولدىشى بولۇپ، مەريەمگۈل بەختى 2014-يىلى بالىلىرىنى ئېلىپ ئاتۇشقا قايتىپ كىيىم تىكىش دۇكىنى ئېچىپ، تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان بولسىمۇ «مىسىردا ئوقۇغان»دېگەن جىنايەت ئارتىپ جازالاۋاتقان سىياسىي ھەركەت باھانىسىدا مەريەمگۈل بەختىنى 8يىللىق قاماققا ، يولدىشى ھەسەن قارىنى بۇرۇن مىسىردا ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن يەنە تۇتقۇن قىلىنغان.
ئازاق يېزا بۆگەن كەنتىدىن ئىلھام مەمەت ۋە دىلمۇرات ئابدۇغېنىلار، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ قايتىپ كېلىش چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، قايتىپ بارغان بولسىمۇ تۇرۇشلۇق خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئۇلارنىڭ قولىغا سائەتتەك ئوغۇرلۇقچە ئاڭلاش ئەسۋابىنى تاقاپ «سىلەرنىڭ ئورنىڭلارنىڭلارنى بىلىپ تۇرىشىمىز ئۈچۈن، توكى تۈگسىمۇ قولۇڭلاردا تۇرۇپ زەرەتلەيسىلەر ھەرگىز ئالمايسىلەر »دەپ تاپىلىغان.ئۇلار خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويۇنچە ئىش قىلسىمۇ، ئاقىۋەتتە 8يىللىق قاماققا مەھكۈم قىلغان.