مىسىردا تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇش سەپەرۋەرلىكى داۋام قىلماقتا
ئۇيغۇر نىداسى تور رادىئوسى خەۋىرى:
ئىككى كۈندىن بۇيان مىسىر ساقچىلىرىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆي ئاختۇرۇشلىرى داۋامىدا تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلار ھەققىدە مىسىردىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردا ئاشكارىلىنىشىچە، 4-ئىيۇل كۈنى قاھىرە 7-رايوندىن نۇرئەخمەت بورھان، ئابدۇلھەمىد، ئەنەس قارىم، شەھيدۇللاھ مۇھەممەد، ياسىن ئىبراھىم، ئابدۇلقۇددۇسلار شۇ يەر ۋاقتى كەچ سائەت 7 دە ناماز شامدىن كىيىن تۇتۇپ كېتىلگەن.
4-ئىيۇل كۈنى كەچتە، 7-رايوندىكى ئەسلەم ئۇيغۇر ئاشخانىسىدىن 30 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ، قارا ماسكىلار تاقىغان قوراللىق مىسىر ساقچىلىرى تەرىپىدىن بىراقلا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى بايان قىلدى.
ھازىرغىچە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش، رادىئومىزغا كەلگەن، قاھىرە ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇرلار تاماق يەيدىغان ئاشخانىلار ۋە ئۆيلەردىن ھەمدە قاھىرە ئايرودرومىدىن تۇتۇلغان ئۇيغۇرلار تىزىملىكىدىكىلەر سانى 70دىن ئاشقان .
بۇ ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن مۇھاجىرەتتىكى تەشكىلاتلاردىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى قاتارلىق ھەر قايسى دۆلەت ۋە رايونلاردىكى بارلىق تەشكىلات ۋە سىياسىي پائالىيەتچىلەر، ئاكتىپلار بىردەك ھالدا ئۆز ئىمكانلىرىغا تايىنىپ خەلقئارالىق ئاخبارات ۋاستىلىرى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردىكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئورۇنلار ۋە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئۇچۇرشۇپ مىسىردىكى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ ئېلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن پۈتۈن ئىمكانلىرىنى ئىشقا سېلىپ تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە.
پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار مىسىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئۆز ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلارنى سەپەرۋەر ئىقتىسادى جەھەتتىن ياردەمدە بولۇش، ئۇلارغا بىلەت ئېلىپ بېرىش، خاتىرجەم بولغان ماكانغا يەتكەندە تۇرمۇشىدىن خەۋەر ئېلىش، ۋاقىتلىق بولسىمۇ ئىجارە ئۆيلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇش، تۈرۈك تىلى ئۆگىنىش، ئونۋېرستلاردا ئوقۇش، ئىقامەت ئېلىش قاتارلىق خىزمەتلەردە پىداكارلىق رولىنى جارى قىلدۇرماقتا.
جامائەت ئەربابلىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئۆز دۇشمەنلىكىنى دۇنياغا ئاشكارىلىغان بۈگۈنكى كۈندە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دۈشمەننى ئېنىق تونۇش بىلەن بىرگە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان تۇتقۇن قىلىش، يوق قىلىش سىياسىتىگە قارشى پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ بىرلىكتە ئىمكانىيىتى يەتكەنچە قارشى تۇرۇش، بىرلىك، ئىتتىپاقلىق بايرىقى ئاستىدا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ.