رۇسىيەدە ياشاۋاتقان «ئېلشات فوندى» نىڭ قۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى ئەنۋەر ئابباسۇف ئەپەندىم، 5 – ئاينىڭ 17 – كۈنىدىن 22 – كۈنىگىچە موسكىۋا شەھىرىدە، شەرقىي تۈركىستاندا بىگۇناھ ئۆلۈپ كەتكەن شەھىدلىرىمىزنى ياد ئېتىش نامىدا، شۇ جايدىكى مۇسۇلمانلارغا ئۇدا بەش كۈن 600 كىشىلىكتىن ئىپتارلىق بەردى.
ئەنۋەر ئابباسۇف ئەپەندىم ئورتا ئاسىيادا ياشاۋاتقان ۋەتەن سۆيەر، ساخاۋەتچى ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرىمىزنىڭ بىرى بولۇپ، يىللاردىن بېرى قىرغىزىستان، روسىيە قاتارلىق جايلاردا، ئىزچىل چوڭ تىپتىكى خەيرى ساخاۋەت پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى خەلقىمىزنىڭ ھال ئەھۋالىنى، شۇ يەردىكى مۇسۇلمانلار بىلەن ئورتاقلىشىپ كەلدى.
ئەنۋەر ئابباسۇف ئەپەندىمنىڭ 7 مىليوندىن ئارتۇق مەبلەغ چىقىرىپ، قىرغىزىستاننىڭ بېشكەك شەھىرىگە « مەھمۇد قەشقىرى» نامىدا بىر مەسچىت سالدۇرغانلىقى، ئۇنىڭ ھەر ۋاقىت يېتىم – يېسىر، ئاغرىق – سىلاق، ياشانغانلارنىڭ يېنىدا بولۇپ، خەيرى – ساخاۋەت ئىشلىرى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىدەك ئىش – ئىزلىرى، شۇ يەردىكى خەلقلەر ئارىسىدا ئېغىزدىن – ئېغىزغا كۆچۈپ سۆزلەنمەكتە.
بەش كۈنلۈك ئىپتار جەريانىدا، موسكىۋا چوڭ مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئەسقەت ھەزرەت ئىپتارغا كەلگەن مېھمانلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، ئۆرپ – ئادەتلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتتى ھەمدە ئىپتار ئىشتىراكچىلىرى بىلەن بىرلىكتە، شەرقىي تۈركىستاندا ياشاۋاتقان خەلقىمىزنىڭ تېنچ – ئامانلىقىنى تىلەپ، شەھىدلىرىمىزنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئالاردا بولدى.