مۇھاجىرەتتىكى نامايىشتىن ئويلىغانلىرىم
ئارتۇچ بۇغرا
بۈگۈن مەن بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا تەشكىلاتنىڭ نامايىش ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسەن بەلگىلەنگەن ئورۇنغا قاراپ يولغا چىقتىم.
يولدا ماڭغاچ ئۆزەمنىڭ ۋەتەندىكى ۋاقتىمدا، ۋەتەن سىرتىدىكى ھەر قانداق چوڭ -كىچىك نامايىشلارنى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدىن ئاڭلىغىنىمدا ھاياجانلىنىپ روھلىنىپ كېتەر ئىدىم.
ھاياجانلىنىش بىر قانچە كۇن داۋام قىلاتتى. ھەتتا ئۆزەم شۇ نامايىشقا قاتنىشىپ كەلگەن كىشىدەك ئىدارىدىكى خىتايلارنى تېخىمۇ مەنسىتمىگەن ھالەتتە قاراپ، ئۇلارنى زەھەردەك سۆزلەر بىلەن گەپتە چېقىشىمغا تۈرتكە بولاتتى.
چەتئەلگە سالامەت چىقىۋالغاندىن كېيىنكى تۇنجى ئىشىم نامايىشقا قاتنىشىش بولدى. ئۆزەمنىڭ ئارزۇسىنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىدىن ئاللاغا كۆپلەپ ھەمدۇلەر ئېيتتىم.
بۈگۈنكى بۇ نامايىش خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلغانلىقىنىڭ 64يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن نارازىلىق نامايىش ئىدى .خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى مەيدانىمىزنى ئېنىق ئىپادىلەيدىغان ھازىر شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان تۇتقۇن قىلىش، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىش، كۆچمەن خىتايلارنى ھەر خىل بانالار بىلەن يۆتكەش ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقان، شەرقىي تۈركىستاننى خىتاينىڭ 19ئۆلكىسىگە سېتىپ بېرىپ، خەلقىمىز تېرىلغۇ يەرلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتقان، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ھەرىكەتلەرنىڭ بۇ يىل بېشىدىن باشلاپ، تا بۈگۈنگىچە توختاۋسىز داۋاملىشىۋاتقان، ھىجاپلىق قىز- ئايال ۋە ساقاللىق ئەرلەرگە بولىۋاتقان، «دىننى كەيپىياتنى يوقىتىمىز» دەپ ھەر خىل شەكىلدىكى بېسىمنىڭ چەكتىن ئېشىپ بېرىۋاتقاندەك مۇشۇنداق بىر كۈنگە توغرا كەلگەن ئىدى.
نامايىش بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا باشلاندى.قوللىرىمىزغا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلارنى ئېلىپ، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى سۆزلەر يېزىلغان لوزۇنكا،«5-ئىيۇل»ۋەقەسى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن رەسىملەرنى چىقارغان ئىدۇق.
بۈگۈن نامايىشقا كەلگەنلەر كۆپ ئەمەس بولۇپ، ئىش كۈنى بولغاچكىمكى نامايىش سېپىمىز خېلىلا شالاڭ ئىدى. يېڭىدىن سېپىمىزگە قېتىلغان قېرىنداشلار بار ئىدى.بىزنىڭ چەتئەلدىكى سانىمىزنىڭ چەكلىككىگە بېقىپ كەلگەن-كەلمىگەنلەرنى، يېڭىدىن كەلگەنلەرنى پەرقلەندۈرگىلى بولاتتى.
نامايىش باشلاندى. نامايىش تەشكىللىگەن ئورۇننىڭ رەئىسنىڭ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى باياناتى ئوقۇلدى.
ئاندىن خىتاي ئەلچىخانىسىغا قاراپ، غەزەپلىك شوئارلار بەس-بەستە ياڭراشقا باشلىدى.
ئارىدىن نامايىشمىزنى كۆزىتىپ تۇرغان بىر چەتئەللىك ياش دىققىتىمنى تارتتى. بىزنى بىر ئاز كۆزەتكەندىن كېيىن يىنىمىزغا كېلىپ يېنىمدا تۇرغان 15 ياشلاردىكى بىر ئوغۇل بالىدىن نامايىش قىلىشتىكى سەۋەبنى سورىدى.
ئۇ ئوغۇل بالا راۋان بولغان ئىنگلىز تىلدا نامايىش قىلىشتىكى سەۋەبىنى قايىل قىلارلىق ئاڭلاتتى.
«ئاللا سەندىن رازى بولسۇن!!!»دىدىم ئىچىمدە ئۇ ئىنىمغا قاراپ مەسلىكىمدە:«سېنى تەربىيىلىگەن ئاتا-ئاناڭغا رەھمەت…»يېشىڭ كىچىك بولسىمۇ ئەقلىڭ كىچىك ئەمەس ئىكەن. بۇگۈنكى نامايىشقا قاتنىشىش ئۈچۈن داداڭغا ھەمرا بولۇپ،200كېلومېتىر يولنى بېسىپ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا بولغان نارازىلىقىڭنى ئىپادىلەپ كەلدىڭ. بۇنچىلىك يىراقتىن كەلمىسەڭمۇ سەندىن ۋەتەن مىللەتمۇ ئاغرىنىمايتى. ھازىرقى ۋەزىپەڭ بولمىسمۇ، لېكىن سەن كېلەچەكتىكى ۋەزىپەڭنى ئالدىن تونۇيسەن……
لېكىن سەندەك تونىيالمىغان ۋە تونۇشنى ئويلاشمىغان ئاكا-ھەدىللىرىڭ تېخى نۇرغۇن ئۇلار تېخى بىلەلمىدى، بىلەلمەيۋاتىدۇ…مەن تۆۋەندە بىر ۋەتەندىكى قېرىندىشىم مەلۇم بىر تور بەتكە يازغان ئىنكاسىدا مۇنداق دېگەن: «ئىھ ئۇلۇغ رەببىم، ئۇلارنىڭ تېزراق ھۆرلۈككە چىقىشىغا ياردەم قىلغايسەن . چەتئەللەردە ۋە ۋەتىنىمىزدىكى ئۇيغۇر ئۈچۈن، ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆرلىكى ئۈچۈن تىنىمسىز خىزمەتتە بولۇۋاتقان ، بارلىق زىيالىلىرىمىزغا ۋە قېرىنداشلىرىمىزغا ۋەتەن ئىچىدىن ئوتلۇق سالاملار بولسۇن . سىلەر بىز ۋەتەندىكىلەر مەڭگۈ ياد ئېتىمىز ۋە قوللايمىز ، شۇنى ئۇنۇتماڭلاركى ، بىزنىڭ قولىمىز كىشەنلەنگەن ، بويۇنلىرىمىز ئېگىلگەن ۋاقىتلاردا ھەر ۋاقىت سىلەرنى ۋە سىلەرنىڭ قىلغان كۈرەشلىرىڭلارنى ۋە ئەركىنلىك ئۈچۈن قىلغان قۇربانلىقلىرىڭلارنى كۆرگەندە ئۆزىمىزنى تولىمۇ ئەركىندەك ھېس قىلىمىز ، بىز سىلەردىن ھەر ۋاقىت پەخىرلىنىمىز !!!!!»دېگەن نىدالىرى كېلىۋاتسا بۇنى ئاڭلىماسقا سېلىۋاتساق، پاناھلىنىپ رۇخسىتىمىز چىققۇچە زادى تاغنى تالقان قېلىۋېتىدىغاندەك نامايىشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە بايراق لەپىلدىتىپ، رۇخسەت چىققاندىن كېيىن ئەمدى ۋەتەنداشلىق چىقسا «ۋەتەنگە بېرىپ كەلمىسەك بولمايدۇ»دەپ ئەمدى نامايىشلاردا ۋە باشقا سىياسى پائالىيەتلەرگە ئارىلاشماي سالامەت ۋەتەنگە «ياۋروپادىن كەلدۇق جۇمۇ بىز»دەپ دوسىت يار ئاغىنىلەر سالىدىغان داستىخاندىن قۇرۇق قالماي دەپ شەرقىي تۈركىستاندىكى زۈلۈمى كۆرمەسكە، ئاڭلىماسلىققا سېلىپ، تەشكىلاتلاردىن يىراق تۇرۇپ بىر ئىش بولسا ئۆزىمىزنى ئالدىراش كۆرسىتىپ، ھېچكىم ئىشلىمىگەن ئىشنى ئىشلەپ «ئىشلەۋاتسام» دەپ ئۆزىمىزنى-ئۆزىمىز ئالداپ يورۇيدىغان، ئادەمنىڭ كۈلگۈسىنى كەلتۈرۈپ «ۋەتەندە ئىشلەۋاتقان تۇغقانلارنى ئاۋارە قىلىدۇ» دەيدۇ،كىمنىڭ ئىشلىمىگەن تۇغقىنى يوق ،كىمنىڭ ئاتا-ئانىسى يوق ۋەتەندە ھەممىزنىڭ بار . توغرا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ بىخەتەرلىك ساقچىلىرى ئۆيىمىزگە كىرىۋاتىدۇ، ئۇلارنى بىئارام قىلىۋاتىدۇ. ھەتتا بەزى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئاتا-ئانىسى، ئۇرۇق -تۇغقانلىرىنى تۈرمىلەرگە سولىدى، قيىن- قىستاققا ئېلىپ ئېغىر ھاقارەت قىلدى. لېكىن ئۇلار ھازىرغىچە قىلىۋاتقان خىزمەتلىرىدىن بۇ سەۋەپلىك قورقۇپ توختاپ قالمىدى، بوشىشىپ قالمىدى.ياردەمنى ئاللادىن تىلەپ، ئاللا رىزاسى ئۈچۈن ياخشى خىزمەتلەردە بولىۋاتىدۇ.
نامايىشتا نامايىش رىياسەتچلىكىنى قىلغان قېرىندىشىمىز: « ۋەتەننى ھەقىقىي سۆيۈشنىڭ، ۋەتەن ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنىڭ بەدەل تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى، مىللەتنىڭ ھەر بىر ئەزاسىدا ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىدىن كېچەلەيدىغان روھ بولغاندىلا ئاندىن ۋەتەن يولىدىكى كۈرەشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈم بېرەلەيدىغانلىقىنى» تەكىتلىدى.
توغرا بەدەلسىز ھىچ ئىش ۋۇجۇدقا كەلمەيدۇ.
بەدەل ۋاقتمىزنى بىلەن بەدەل تۆلەش، ئىقتىساد بىلەن بەدەل تۆلەش، ۋاقتى كەلگەندە جېنىمىز بىلەن بەدەل تۆلەشنى تاللايمىز .قايسى خىلدىكى بەدەلنى شارائىتىمىز يار بەرگەنگە مۇيەسسەر بولۇپ تۇرساق ئىمانى ،ۋىجدانى مەجبۇرۇىيتىمىزنى ئادا قىلغان بولىمىز دەپ قارايمەن.
چەتئەلگە چىقىپ ياشاۋاتقان ۋەتەنداشلار، قانداق بولمىسۇن ئۆزىمىزنىڭ ئۈستىدىكى مەجبۇرىيەتلەرنى ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ئۇنتۇلۇپ قالمايلى.
سىز بىر شەرقىي تۈركىستانلىق ۋە ئۇيغۇر مۇسۇلمان بولۇش سۇپىتىڭىز بىلەن ھەر دائىم ئۆزىڭىزنىڭ قىلىشقا تىگىشلىك مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىشنى ئۇنتۇماڭ!!!!!
2013-يىلى 1-ئۆكتەبىر سىتوھخولۇم