مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ چەتئەللەردىكى شەرقىي تۈركىستانلىق ۋەتەنداشلارغا تۇنجى خىتابى
(1937-يىلى كابۇل)
بسم الله الرحمن الرحيم
ئەزىز ۋەتەنداشلار! شەرقىي تۈركىستان پەرزەنتلىرى!
سۆيۈملۈك ۋەتىنىمىز ۋە ئولۇغ مىللىتىمىزنىڭ ھازىرقى پاجىئە ۋە پالاكەتكە دۇچار بولغانلىقىنىڭ سەۋەبلىرىنى ئېيتىپ، بۇنى ئۇنىڭغا-بۇنىڭغا نىسبەت بېرىپ ئەپسۇس ۋە نادامەتلەر قىلىپ يۈرگەننىڭ ھېچبىر پايدىسى يوق. بەلكى بۇ ئەپسۇس ۋە نادامەتلەر كۈندىن – كۈنگە ئوتتۇرىغا چىقىپ تۇرغان دەھشەتلىك خەۋەرلەر بىلەن قوشۇلۇپ، نەتىجىدە ئۈمىدسىزلىك كەلتۈرۈپ چىقىدۇ.
ئۈمىدسىزلىك ئىنساننى، ھەر ۋەتەن پەرزەنتى ۋە مىللەت پەرزەنتىنىڭ ئۈستىگە ۋاجىپ بولغان مىللەت ۋە ۋەتەن خىزمىتىدىن مەھرۇم قالدۇرىدۇ. بۇ ئۇلۇغ خىزمەتنىڭ تەرك ئېتىلىشى سەۋەبى بىلەن دۇنيادا خورلۇق ۋە مىسكىنلىككە مۇپتىلا بولۇپ، ئاخىرەتتە ئاللانىڭ ئەمرى بولغان جىھادنى تەرك ئەتكەن شەقىلەر قاتارىدا بولىدۇ. (ئايەت كەرىمىدە بىلدۈرۈلگىنىدەك: «دۇنيادا ۋە ئاخىرەتتە زىيان تارتقۇچىلار» دىن بولىدۇ)
ئىنسانلارنى ھەر مەقسىتىگە يەتكۈزىدىغان يالغۇز بىرلا ۋەسىلە – ئۈمىددۇر. يەنى ئۈمىدنىڭ نەتىجىسى بولغان تېرىشىش ۋە غەيرەتتۇر. ئوچۇقراق قىلىپ ئېيتقاندا: مۇۋەپپىقىيەت ئۈمىدى بىلەن، مۇمكىن بولغان ۋەسىلىلەر ۋە ۋاسىتىلارغا مۇراجىئەت قىلىش ۋە ئىمكان يەتكەن دەرىجىدە تىرىشىپ كۈرەش قىلىشتۇر. ھەر قېتىم ۋە ياكى بىرقانچە قېتىم مەقسەتنىڭ ھاسىل بولمىغانلىقى بىلەن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشتىن ۋاز كەچمەسلىك، مەقسەتنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدىكى توسالغۇلارغا قاراپ غەيرەت ۋە ھىممەتنى قولدىن بەرمەسلىكتۇر. چۈنكى، دۇنيا ۋەزىيەتلىرى دائىم بىر ھالدا تۇرمىغان ۋە تۇرمايدۇ. بىر زاماندا ئۇنىڭغا ھېچكىم تەڭ كېلەلمەيدىغان قۇۋۋەت يەنە بىر زامان كەلگەندە ئاجىزلىشىدۇ ۋە بەلكى دۇنيا سەھىپىسىدىن يوقىلىپ كېتىدۇ. بۈگۈنكى ئاجىز ئەتە كۈچلىنىپ ھەرقانداق كۈچكە قارشى كېلەلەيدىغان دەرىجىگە يېتىپ قالىدۇ. بۇ ھەقتە شاھىد ئىزدەپ قەدىمكى تارىخلارغا مۇراجىئەت قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. بەلكى شۇ يىگىرمە يىل بۇ تەرىپىدىكى تارىخىي ھادىسىلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەن كىشى بۇنىڭ مەنىسىنى شەكسىز تەستىقلاپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ قىيىنچىلىقىنىڭ خېلى ئاسان ھەل بولىدىغان بىر مەسىلە ئىكەنلىكىگە ئىشەنچە قىلىدۇ. بولۇپمۇ دۇنيانىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتىنى چۈشەنسەك، شەرقىي تۈركىستاننىڭ سائادەتكە ئىرىشىدىغانلىقىغا كۆپ ئۈمىد ھاسىل قىلىدۇ.
مەقسەت:
يۇقىرىدا ئېيتىلغان سائادەت كۈنلىرىگىچە شەرقىي تۈركىستان پەرزەنتلىرىنىڭ ئۆزىنى تەييارلاپ، كەلگۈسىدە ئاللا بېرىدىغان ئازاتلىق نېمىتىنى ئۆز جايىدا سەرپ قىلىشقا، ھەرقانداق تاجاۋۇزچى ۋە يامان نىيەتلىكلەردىن بۇ نېمەتلەرنى مۇھاپىزەت قىلىشقا ۋە ئۆز ئېھتىياجلىرىمىزنى مۇمكىنقەدەر تەمىن قىلىشقا قابىلىيەت پەيدا قىلىشىمىز كېرەك. چۈنكى، قابىلىيەتسىز ۋە ئەخمەق مىللەت قولىغا كەلگەن ئازاتلىق ۋە ئىززەتنى تۇتالمايدۇ. ئۆز ئىچىدىكى دۈشمەنلەرنىڭ ھىلە – مىكىرلىرى ۋە ئىچكى جەھەتتىكى يامان ئىرادە قاتارلىق خەتەرلەرگە ئۇچراپ ئاللا بەرگەن شەرەپ ۋە ئىززەتتىن مەھرۇم بولىدۇ. بۇنىڭغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ بۇ ئىنقىلابىدىكى ۋەقەلەر ئوچۇق دەلىل بولالايدۇ.
ئەزىز مىللىتىم!
ئىستىقلال تەلەپ قىلغان ھېچبىر مىللەت، بىزگە نېسىپ بولغاندەك پۇرسەتنى ئۇچراتقانلىقى تارىختا كۆرۈلمىگەن. ئەگەر بۇ پۇرسەتتە شەرقىي تۈركىستاننىڭ نوپۇزلۇق كىشىلىرىدىن ئەقەللى قىرىق – ئەللىك لاياقەتلىك كىشى، يەنى دۇنيا سىياسىتىگە ۋاقىپ بولغان، تەجرىبىلىك، ھەقىقىي ۋەتەن سۆيەر ۋە ھەر ئىشنىڭ مەۋقە ۋە دەرىجىسىنى بىلىدىغان، شەخسى غەرەزلىك بولمىغان ۋە ئەھلى غەرەزلەرنىڭ ھىلە – مىكىرلىرىگە بېرىلىپ كەتمەيدىغان كىشىلەر بولسا ئىدى، ھازىرغىچە شەرقىي تۈركىستان دۇنيانىڭ مۇستەقىل بىر دۆلىتى بولۇپ تونۇلاتتى. گەرچە شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئومۇمەن ۋەتەندوست بولسىمۇ، ئەمما، كۆرىنىشتىكى بىلىمسىزلىك ۋە تەجرىبىسىزلىكنىڭ تەسىرى بىلەن شۇنداق ياخشى پۇرسەت قولدىن كەتتى.
ئەزىزلىرىم! پۇرسەت قولدىن كەتتىمۇ!
بۇ سوئالغا پىكرى قىسقا، دۇنيا تارىخىدىن خەۋەرسىز ۋە دۇنيا سىياسىتىنى ئۇقمىغانلار پۇرسەت قولدىن كەتتى، ئەمدى بىز مەھرۇم بولدۇق دەيدۇ. ئەمما بۇ ساددا ۋە يۈزەكى بىر جاۋاب. ئەقلى بار، دۇنيا سىياسىتىدىن ۋە تارىخىدىن ئازغىنە بولسىمۇ خەۋىرى بار كىشىلەرنىڭ جاۋابى تۈۋەندىكىچە بولىدۇ:
«شۇنىڭغا جەزمەن ئىشىنىمىزكى، پۇرسەت قولدىن كەتمىدى. چۈنكى، دۇنيا ھاۋادىسلار ۋە ئۆزگىرىشلەر ئالىمىدۇر. بۇ دەپتەرنىڭ ھەممە سەھىپىلىرى ئوخشاش بىر رەڭدە ئەمەس. بەلكى بىر سەھىپىسى قارا بولسا، يەنە بىر سەھىپىسى تامامەن ئاقتۇر! غەم كېچىسىنىڭ خۇشاللىق كۈندىزىگە ئايلىنىدىغانلىقىدا شەك يوقتۇر. مۇقەددەس قۇرئان كەرىمنىڭ : «بىز كۈنلەرنى ئىنسانلار ئارىسىدا دەۋرى قىلدۇرۇپ تۇرىمىز» ۋە «… ئەگەر ئاللاھنىڭ ئىنسانلارنىڭ بىر قىسمىنى، بىر قىسمى بىلەن دەپئى قىلىشى بولمىغان بولسا ئىدى، يەر يۈزى چوقۇم پاساتقا ئۇچرايتتى» دېگەن ئايەتلىرى ۋە بۇنىڭدىن باشقا ئىلاھىي بىشارەتلەرنىڭ ھەممىسى بەرھەقتۇر. ئىنسانلىق تارىخى مۇنداق ئۆزگىرىشلەر بىلەن تولۇپ تاشقاندۇر. ئەلۋەتتە ياخشى ۋە پارلاق پۇرسەتلەر بار ۋە بۇ پۇرسەتلەرنىڭ ۋاقتى يېقىن دەپ ئۈمىد قىلىمىز» دەيدۇ.
ئەمما مەن يەنە تەكرارلايمەنكى، بۇ پۇرسەت كەلگۈچە تېرىشىپ تەييارلىق قىلىش، ئىتتىپاقلىشىش، ئىسلاھ يولىنى تۇتۇش لازىم. بۇ تەييارلىق ھەر زاماننىڭ ۋەزىيىتىگە، سىياسىتىگە، ھەر مەملىكەتنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنىغا، ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا، ھەر مىللەتنىڭ مەدەنىي ئىھتىياجىغا، دىنىي ئۇسۇللىرىغا، مىللىي ئادەتلىرىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك. ھەر مىللەتنىڭ سىياسىي، ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي ئىشلىرى شۇ مىللەتنىڭ ئۆز ئەۋلادى بولغان. پۈتۈن مەقسەت ۋە ئارزۇلىرىنى ۋەتەن ۋە مىللەت ئۈچۈن پىدا قىلىدىغان، ھىممەت ئىگىلىرىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىلىرى بولۇشى بەك زۆرۈر ۋە ئىنتايىن مۇھىمدۇر. بۇنداق بولمىغاندا ۋەتەن ۋە مىللەتنىڭ تەقدىرى غەرەزلىك كىشىلەرنىڭ بۇزۇق غەرەزلىرىگە ئۇچراپ بەربات بولۇشتىن باشقا نەتىجە چىقمايدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن ئەزىز ۋەتەنداشلىرىمغا بۇ تەييارلىقنىڭ يوللىرىنى بىر ئاز تەپسىلىي بايان قىلىپ تەقدىم قىلىمەن. چۈنكى، بىر مىللەتنىڭ ئىستىقلالىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە ئۇنى قوغداپ قېلىش، ئىچكى – تاشقى سىياسەت ۋە ئىدارە ۋەزىپىلىرىنى ئۆز جايىدا، شەرىئەت ۋە مەقبۇل ئۇسۇللارغا ئۇيغۇن ئىجرا قىلىش، شۇ مىللەت كىشىلىرى كۆپچىلىكنىڭ قاتنىشىشى ۋە ئىتتىپاقلىشىشى بىلەن ھاسىل بولىدۇ. ھەر بىر كىشى ئۆزى قىلىدىغان ئىشنى بىلىشى لازىم. چۈنكى، بىلمىگەن ئىشنى ئىجرا قىلىش مۇمكىن ئەمەس. گەرچە ۋەتىنىمىزدە ئۆلىما ۋە فىقھىي ئالىملىرىمىز تولا. ئەمما، ئۇلار پەقەت دىنىي ۋە ئەدلىيە ئىشلىرىنىلا بىلىدۇ. سىياسىي، ھەربىي، سانائەت، مىللەتنىڭ ۋە مەملىكەتنىڭ مۇداپىئەسى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم بولغان زۆرۈر ئىشلار ھەققىدە مەلۇماتلىرى ئاز بولغانلىقتىن بۇ پەزىلەتلىك ئالىملارنىڭ ئازلىق قىلىشى ھەر بىر كىشىگە مەلۇم.
مەدەنىيەت، تەرەققىيات، سىياسەت ۋە ھەربىي ئىلىملەر، ئومۇمىي مائارىپ، سەھىيە ۋە باشقا سانائەتنىڭ ئىسلاھى ۋە تولۇقلىنىشى بولسا قەدىمدىن تارتىپ باشقىلاردىن ئۆگىنىش ۋە تەجرىبە قىلىش بىلەن ھاسىل بولىدۇ.
بۇ ئىلىم ۋە پەنلەرنى ئوقۇپ ئۆگىنىشنىڭ بىر مۇنچە شەرتلىرى بار. مەسىلەن: ئومۇمىي مەكتەپلەردىكى سىنىپ ۋە دەرىجىلەردىن تولۇق ئۆتۈش كېرەك. چۈنكى، بۇ ئىلىم ۋە پەننىڭ ھاسىل قىلىنىشى ئالىي مەكتەپلەر(ئۇنىۋېرسىتىت) لەردە بولىدۇ. 12 يىل ئومۇمىي مائارىپ مەكتەپلىرىدە ئوقۇغاندىن كېيىن، ئاندىن ئالىي مەكتەپلەرگە كىرىش مۇمكىن بولىدۇ. مۇھاجىرەتتىكى ۋەتەنداشلىرىمىزنىڭ ھەممىسىدە بۇ شەرتلەر مەۋجۇد ئەمەس. تولۇق بولمىسىمۇ، بۇنىڭدىن باشقا ئاسان يوللارمۇ بار. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر كىمنىڭ كۈچى ۋە لاياقىتىگە ئۇيغۇن يولنى كۆرسىتىپ، ئەزىز ۋەتەنداشلارنى بۇ يولدا مېڭىشقا ئۈندەيمىز ۋە تەشۋىق قىلىمىز. بۇ مۇقەددەس ۋەزىپىدە چەتئەللەردىكى ۋەتەنداشلىرىمىزنى ياش، بىلىم ۋە ئىقتىساد جەھەتتىن شۇ تۆت قىسىمغا بۆلىشىمىز مۇمكىن:
(1)ئوقۇش يېشىدىكى ياشلار. (2) ئۆلىمالار ۋە تالىپلار. (3) بايلار. (4) بۇلاردىن باشقىلار.
ياشلار:
ئوقۇش يېشىدىكى ياشلارنى باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە يا ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە كېرىشكە دەۋەت قىلىمىز ۋە تەشۋىق قىلىمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن ھازىر يىراقلارغا سەپەر قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. ئومۇمىي مائارىپ دۇنيانىڭ ھەممە يىرىدە ئوخشاش بولغانلىقى ئۈچۈن قەيەردە بولسا شۇ يەردە ئوقۇسا بولىدۇ. ئالىي مەكتەپلەرگە كىرىشكە لاياقەت پەيدا قىلغاندىن كېيىن، خالىغان يەرگە بېرىپ ئوقۇغىلى بولىدۇ.
ئۆلىما ۋە تالىپلار:
ھەر كۈنى بىر – ئىككى سائەت ئىچكى ۋە تاشقى گېزىت خەۋەرلىرىنى ئوقۇسۇن. بولۇپمۇ مەدەنىي دۆلەتلەرنىڭ سىياسى. سانائەت، دىپلۇماتىيە، ھەربىي كۈچ، ئىقتىسادىي ۋە ئىلىم – پەن ساھەسىدىكى بىر – بىرلىرى بىلەن بولغان مۇسابىقىلىرىگە ئائىت خەۋەرلەرنى ئوقۇسۇن. بۇ ساھەدە كەشىپ قىلىنغان كەشپىياتلارنى ۋە بۇ ھەقتىكى پائالىيەتلەرنى دىققەت بىلەن ئوقۇپ، مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىدىغان ھەر قانداق مىللەت ۋە دۆلەتنىڭ نېمە ئىشلارنى قىلىش كېرەكلىكىنى ئۆگەنسۇن.
ئۆلىمالىرىمىز ۋە قابىلىيىتى بولغان ياش تالىپلىرىمىز تىببى فاكۇلتېتلارغا، زىرائەت فاكۇلتېتلىرىغا، سىياسەت ۋە ھوقۇق فاكۇلتېتلىرىغا، ئىنژېنىرلىق، كانچىلىق ۋە دورىگەرلىك قاتارلىق باشقا ئىلىم – پەن مۇئەسسەسەلىرىگە قوبۇل قىلىنىشى مۇمكىن. كارخانا ۋە باشقا قىسقا مۇددەتلىك كۇرسلارغا كىرىپ بىرەر پەننى ئۆگىنىپ چىقىشلىرى مۇمكىن ۋە ياكى خۇسۇسى مۇئەسسەسەلەرگە ئىشقا كىرىشلىرى مۇمكىن. ھېچ بولمىغاندا مەتبەئەگە كىرىپ، كىتابچىلىق ۋە باسما ھۆنىرىنى ئۆگىنىشلىرىدە ھېچبىر قىيىنچىلىق يوق.
بۇ قەدىرلىك زاتلىرىمىزنى مەن يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەن ئىلىم ۋە پەنلەرنى ئۆگىنىش ئۈچۈن تېرىشىشلىرىنى ھەممىدىن كۆپ تەرغىپ قىلىمەن. ئۇلار ھاسىل قىلغان يۈكسەك دىنىي ئىلىملىرى، ئىسلامىي ئەخلاق ۋە ئەدەپلىرى مىللىتىمىزنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىكىنىڭ ئىسلاھى ئۈچۈن چوڭ خىزمەت قىلىدۇ. بۇنىڭغا قوشۇلۇپ بۇ ئىلىم ۋە پەنگە نېسىپ بولۇپ، ۋەتەن ۋە مىللىتىمىزنىڭ ئازاتلىقى ۋە دۇنيا سائادىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلسا «نۇر ئۈستىگە نۇر» بولىدۇ ۋە «ئىنسانلارغا مەنپەئەت يەتكۈزگەن كىشى، ئىنسانلارنىڭ ياخشىسىدۇر» دېگەن ھەدىسكە ئەمەل قىلغان بولىدۇ.
بايلار:
يۇقىرىدا ئۆلىمالار سىنىپىغا تەرغىپ قىلغان يول، پۇل ۋە دەسمايىلىرى بار ۋەتەنداشلىرىمىزغىمۇ تەرغىپ قىلىنىدۇ. بۇلارنىڭ مۇئەسسەسە قاتارلىق جايلارغا كىرىشى مۇمكىن بولسۇن ۋە ياكى بولمىسۇن، باشقا ئاسان يوللار بار. ساۋاتلىق كىشىلەرمۇ گېزىت ئوقۇپ ، ئۆلىمالار سىنىپىغا ئېيتقىنىمدەك ئۆگىنىشلىرى كېرەك. ئىلىم ۋە پەننى خۇسۇسى مۇئەللىملەرگە مائاش بىرىپ ئۆيلىرىدە ئوقۇش ناھايىتى ئاسان ۋە غەنىيمەت بىر ئىشتۇر. چەتئەل تىلىنى ئۆگىنىشتە ھېچ قىيىنچىلىق يوق ۋە بۇنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ھەممە كىشى بىلىدۇ. باشقا قاتلامدىكى ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلسا، ھېچ بولمىغاندا پەرز بولغان زاكاتلىرىنى ئۆز ئىچىدىن بولغان مىسكىنلەرگە بەرسە نەچچە ھەسسە ساۋاب بولغاننىڭ ئۈستىگە ۋەتەن ۋە مىللەت خىزمىتى تارىخىدا مۇقەددەس بىر يادىگارى بولىدۇ.
بۇلاردىن باشقىلار:
ياشلىرى ئوقۇش يېشىدىن ئۈستۈن بولۇپ ئوقۇشقا كېرەلمىگەن، قولىدا دەسمايىسىمۇ بولمىغان ۋەتەنداشلىرىمىز زاۋۇت – فابرىكىلاردا ئىش قىلسا ۋە ئۇستا ھۆنەرۋەنلەرگە شاگىرت كېرىپ ھۆنەر ئۆگەنسە، ھازىرقى تۇرمۇشلىرى قامدىلىپلا قالماستىن، كەلگۈسىدە مىللەت ۋە مەملىكەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى بىر كەسىپكە ئىگە بولغان بولىدۇ.
خاتىمە
ھازىرقى زاماندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ چەت ئەللەردىكى ئەۋلادلىرى ئۈچۈن مۇمكىن بولغان ۋە ئۇلارغا ۋاجىب بولغان تېرىشىش يولى مانا بولاردىن ئىبارەتتۇر. بۇ يول گەرچە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئېھتىياجىغا قارىغاندا يېتەرلىك دەرىجىدە ئەمەس. لېكىن، ۋەتەن ۋە مىللىتىمىزنىڭ باشلانغۇچ ھاجىتىگە يارايدۇ. قالغان يېتەرسىزلىكلەرنى نۇسرەت قولغا كەلگەندىن كېيىن تولۇقلىۋېلىش ئاسان. دۇنيادا ھەر قانداق بىر ئىش ئاددى ۋە ساددا تەرز بىلەن باشلىنىپ، زاماننىڭ ئۆتىشى، مىللەت كىشىلىرىنىڭ پائالىيەت ۋە تېرىشىشى بىلەن كامالەتكە يېتىدۇ.
گۇمان قىلىمەنكى، بەزى زاتلارغا بۇ ئىش قىيىن كۆرۈنىشى مۇمكىن. ئەمما، ۋەتەنسىزلىك ۋە مىللەتتىن ئايرىلىپ كېتىش، ھەقسىزلىق، ئېتىبارسىزلىق، مۇساپىرلىق، غېرىپلىق ۋە بۇلاردىن باشقا خورلۇق مېھنەت ۋە مۇشەققەتلىك ھايات، بۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ ۋە جاندىن ئەزىز تۇققانلىرىمىزنىڭ بېشىغا كېلىپ تۇرغان قانلىق – دەھشەتلىك پاجىئەلەر ۋە دەھشەتلىك زۇلۇم خەۋەرلىرىنى ئاڭلاپ ھەسرەت چىكىپ، قان يۇتۇپ دۇنيادىن ئۆتمەكنىڭ قىيىنچىلىقىنىڭ ئالدىدا بۇ مۇقەددەس ۋەزىپىلەرنى ئۆگىنىش ۋە ھازىرقى دەھشەتلىك مەھكۇملۇقنى مىللىتىمىزنىڭ بېشىدىن كۆتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ناھايىتى ئاسان كۆرۈنىدىغان بىر ئىشتۇر. بۇلارغا بىنائەن ئۈمىد قىلىمەنكى، بۇ دەۋىتىمنى پۈتۈن ۋەتەنداشلىرىم گۈزەل ئىلتىپاتلىرى بىلەن قوبۇل قىلىپ دەرھال ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا كېرىشىدۇ.
شۇنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىش لازىمكى، بۇ ھەقتە ئاشكارا ۋە يا رەسمىي جەمئىيەت قۇرۇش، نەشرىيات ۋە مەتبۇئات تارقىتىشنىڭ ھېچ ھاجىتى يوق. بۇنداق قىلىشنىڭ پايدىسىدىن زىيىنى كۆپ بولىدۇ. بەلكى ئەزىز مىللىتىمنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىكى، دىنىي جاسارىتى ۋە تەبىئىي قابىلىيىتى ھەر بىر دىنىي پەرز ۋەزىپىلەرنىڭ ئادا قىلىنىشىغا، ۋەتەنپەرۋەرلىك چاقىرىقلىرىغا بىرىنچى دەۋەتتىلا ئاۋاز قوشۇشىغا ۋە پىداكارلىق بىلەن خىزمەت قىلىشىغا يېتەرلىكتۇر دەپ ئۈمىد قىلىمەن.
خۇداۋەندىكىرىم، مىللىتىمىزنىڭ ۋەتەندىكى ۋە چەت ئەللەردىكى ۋەتەنداشلىرىمغا ئۇلۇغ ۋەتىنى ۋە ئەزىز قەۋم – قېرىنداشلىرىنىڭ سائادىتى ئۈچۈن خالىس ۋە مۇخلىسلىق بىلەن كۈرەش قىلىشىغا تەۋپىق ئاتا قىلسۇن! ئۆز پەزلى – كەرەمى بىلەن بىچارە ئەسىر مىللىتىمىزگە نىجاتلىق نېسىپ قىلسۇن! مۇقەددەس دىن ۋە شەرىئىتىمىزنىڭ بايرىقىنى ئۈستۈن قىلسۇن! قەھرىمان، پىداكار، غازى ۋە مۇجاھىدلىرىمىزغا نۇسرەت ۋە فەتھى مۇبىين ئاتا قىلسۇن! ئامىن! ئامىن! ئامىن!
ئەزىز ۋە ھېكمەت ئىگىسى بولغان ئاللاھنىڭ كەمتەر بەندىسى مۇھەممەد ئەمىن.
ھىجرىيەنىڭ 1356- يىلى رەبىئۇل ئەۋۋەلنىڭ 6- كۈنى
(مىلادى 1937- يىلى 6- ئاينىڭ 17- كۈنى )