مۇساپىر ناخشىسىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ توۋلىغاننى ئاڭلىغاندا نىمىشقا بىلمىگەن بولغىدۇق ،مۇساپىرغا ھېيت بولمايدىكەن ،ئۇيغۇرۇم يىغىلىپ ئوپچا داستىخاندا مىھمان بولۇپ ئۆز ئارا يۈز كۆرۈشتۇق ،يۈرەكلىرىمىز يايرىدى ،ئەمما يۈرەكنىڭ چۇڭقۇر يىرىدا ئازاپلىق تولغىنىش ،كۆزىمىز كۈلىۋاتىدۇ ،ئاقىۋاتقان ياشنى توختىتىشقا ئامالسىزمىز ،ئانىمىز ،دادامىز ،ئىرىمىز، خوتۇنىمىز ،بالىلىرىمىز كۆزلىرىمىزگە كۆرۈنۈپ بۇ ھېيت ھېيت بولمىدى ،ھىچبىرىمىز كۆز ياشلىرىمىزنى يوشۇرالمىدۇق ،ئازاپلىرىمىزنى يوشۇرالمىدۇق ،ئاللاھ مۇشۇ ئۇلۇغ ئاي ئۇلۇغ كۈنلەرنىڭ ھۆرمىتىدىن بىزنىڭ ئاھلىرىمىزغا يەتكەي ،دۇئالىرىمىزنى قوبۇل قىلغاي ،مۇشۇ ھىجران ئازاپلىرىنى بىزدىن كۆتۈرۋەتكەي ،ئاللاھدىن باشقا ھىچبىر ياردەمچىمىز ،باش پاناھىمىز يوق .
ئۇيغۇرۇم ئىسىڭىزدە بولسۇنكى ھەر كىشى ئۆزىنى ئۆزى قۇتقۇزىدۇ ،ھەر مىللەت ئۆزىنىڭ تارىخىنى ئۆزى يازىدۇ ،بىزمۇ دەل شۇنداق ،ئۆز تارىخىمىزنى ئۆزىمىز يازىمىز ،ئۆز ۋەتىنىمىزنى ئۆزىمىز قۇرۇپ چىقىمىز ،بىزگە قازاق قىرىنداشلىرىمىز ،تۈرك قىرىنداشلىرىمىز ياكى باشقا مىللەتلەر ۋەتىنىمىزنى ئازاد قىلىپ ماۋۇ ۋەتەندە ياشىۋال دەپ ۋەتەن قۇرۇپ بەرمەيدۇ ،تا ھازىرغىچە باشقىلاردىن ئۈمىد كۈتۈپ تۈركلەر ئۇنى دىمىدى ،ئامرىكا بۇنى دىمىدى ،قازاقىستاندىن ئۇنى قىلمىدى دىگۈچىلەر كاللىڭىزنى سىلكىۋىتىڭ ،باشقىلار نىمىشقا سىز ئۈچۈن ئۇنچە زور بەدەل تۆلەيدۇ ،سىز ئۇلارنىڭ دادىسىما ،سىياسى ئۆزگىرىشچانلىقى كۈچلۈك بولغان ئويۇن ،ئۇنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئۆتكۈر كاللا كىرەك ،بىخودلار شاھمات تاختىسىدا پىچكا بولىدۇ خالاس ،شاھمات ئۇستىسى ئۇرۇقنى نەگە قويغىسى كەلسە شۇ يەرگە قويىدۇ ،كۈچلۈكلەر شاھمات ئۇستىسى بولسا ئاجىزلار بىر تال ئۇرۇق خالاس ،بەزى ئۇرۇق شاھ بولسا بەزىسى گەردە ،بەزىسى توپ ،بەزىسى ئات ،نىمىلا بولماڭ شاھمات ئۇستىسى ئۆز كاللىسى بىلەن ،ئۆز ئۇسۇلى بىلەن سىزنى ئۇياقتىن بۇياققا يۆتكەيدۇ ،بىر داستىخاندا تاماق يەۋاتقان شاھمات ئۇستىسىنى سىز بىرلەشكەن ھالدا ئۇرۇقنى يۆتكىگىنىنى كۆردىڭىزمۇ ،ھەر بىرسى يىڭىش ئۈچۈن شاھمات تاختىسىغا كىلىدۇ ھەرگىزمۇ رەقىبى بىلەن بىر ئۇرۇقنى تەڭ يكتكەش ئۈچۈن ئەمەس ،ھەر كىشى ئۆزىنىڭ مەنپەتىنى ئويلاپ ئاشقىنىغا باشقىلارنىڭ مەنپەتىگە ئىشىنىدۇ ،تۈرك خەلقىنىڭ بىز ئۈچۈن ساھىپ چىقىپ ئەڭ ياخشى بىر ئەنسارىلىق قىلغىنىنىڭ ئۆزىلا بىز ئۈچۈن قىلغان چوڭ ئىشى ،ئۇلار قانچىلىك بىسىمغا بەرداشلىق بىرىپ تۇرۇپ مۇشۇ ئەنسارىلىقنى قىلىۋاتىدۇ ئويلاپ باقتىڭىزمۇ ،ئارىمىزدىكى تۇزىكورلار ئۇلارنى تىللىغاندا ئىغىزلىرى كۆيۈپ ئۆلسۇن دىگۈم كىلىدۇ ،خەققە بىز ئۆتكۈزۈپ قويدۇقما ،ۋەتەننى ساقلىيالمىغان ئۆزىمىز ،ۋەتەننى تاتقۇزۇپ قويغان ئۆزىمىز ،ئاجىز بولغاچقا بايلىقلىرىمىز تالان تاراچ قىلىنىپ تالادا قالدۇق ،ئۆزىمىزنى ئىسلاھ قىلىپ ئەۋلادلىرىمىنى يىتىشتۈرۈشكە يەنىلا سەل قاراۋاتىمىز ،ياپۇنلار ئىككىنجى دۇنيا ئۇرشىدا مەغلۇپ بولغان ،گىرمانىيە ئىككىنجى دۇنيا ئۇرشىدا مەغلۇپ بولغان ،شۇنچە ئىغىر تۆلەم تۆلىگەن بۇ دۆلەتلەر قانداق قىلىپ يەنىلا دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردىكى ئورنىنى ساقلاپ قالالىدى ئويلىنىپ باقتۇقمۇ ،ئۇلار ئەلمىساقتىن بىرى ئەۋلاد تەربىيىسىگە سەل قاراپ باقمىدى ،يەھۇدىلارمۇ دەل شۇ ئەۋلاد تەربىيىسى ئارقىلىق دۇنياغا خوجا بولدى ،شۇ ئەۋلادلىرى بىرىنىڭ ئىزىنى بىرى بىسىپ ۋەتىنىنى قىنى جىنى بىلەن ساقلاپ قوغداپ تەرەققى قىلدۇرۇپ كەلمەكتە ،بىزچۇ ؟بىز نىمىش قىلدۇق ؟نىفىتى بىلەن يىتىپ يىسە خاتىرجەم ياشايدىغان ئەرەپ دۇنياسىنىڭ ھالىغا قاراڭ ،ئاللاھ مۇسۇلمانلارغا بەرمىدى ئەمەس تۆكىۋەتتى ،مۇسۇلمانلار ئۆزىمىز شۇ بايلىقلارنى باشقۇرالمىسۇق ،ئىگە بولالمىدۇق ،ئاپئاق خوجىدەك مەلئۇنلار بىر سىتىۋەتكەن ۋەتەننى ئۈچ يۈز يىلغىچە ئازاد قىلالمىدۇق ،نىمىشقا ئويلانمايمىز ،نىمىش قىلىشىمىز كىرەك نىمىشقا ئويلانمايمىز ،«تەپەككۇر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئوچۇق دەلىللەر كۆرسەتمىدۇقمۇ »دىگەن ئايەتنى تەپەككۇر قىپ باقتۇقمۇ ،كىملىكىمىز ،غورورىمىز ،ئىمانىمىز سىناققا دۇچ كەلدى ،قىرىنداشلىرىم ئەرلىرىمىز مۇجاھىد ،ئاياللىرىمىز ئالىم ،پەرزەنتلىرىمىز ئاۋانگار بولغاندا بىز باش كۆتۈرىمىز ،ئۇنداق بولمايدىكەن بىزنىڭ ھالىمىز نىمە بولارىنى ئۆزىڭىز تەپەككۇر قىلىڭ ،ئاتا بوۋىلىرىمىز ئازاد قىلالماي بىزنىڭ مۇشۇ كۈنگە قىلىشىمىزدا قانچىلىك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدىغان بولسا كەلگۈسى ئەۋلادلەرىمىزغا بىز ۋەتەننى تاپشۇرۇپ كىتەلمىسەك بىزمۇ قىيامەتتە بوۋالىرىمىزغا ئوخشاش ھالدا قوپىمىز ،بوۋايلارنىڭ يۈزىنى يورۇق قىلىشنى ئويلىشىپ ئاۋارە بولماي قىرىندىشىم ئۆز يۈزىڭىزنى يورۇق قىلىشنى ئويلىشىڭ ،پەرز ئەين بولغان بۇ جەڭ سىز ۋە مىنى يۈزىمىزچە جەھەننەمگە ئىتىشقا يىتىپ ئاشىدۇ ،مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلالمىغان ھەر بىر مۇسۇلمان ،مەيلى ئەر بولۇڭ مەيلى ئايال بولۇڭ مەيلى دادا مەيلى بالا بولۇڭ ھالىڭىزغا ۋاي ،ھەر بىرىمىز ئۆز مەسئۇلىيىتىمىز ئۈستىدە ئويلىنايلى ،قولىمىزدىن كىلىدىغاننى قىلىشنى ئويلاشمايدىكەنمىز قولىمىزدىن كەلمەيدىغانغا باشلاپ قويسا بىر ئۆمۈر بىكار ياشىغان بولىمىز جىنىم قىرىنداشلىرىم ،ھەممىمىز بىشىمىزنى مۇزدەك سۇدا راۋۇرۇس چاقىغاندىن كىيىن ئوبدان ئويلىنايلى ،ھېيت بولمىغان يىل مۇشۇ يىل بىلەن باشلىنىپ قالمىسۇن ،مۇشۇ يىل بىلەن ئاخىرلاشسىمۇ يامان بولمايدۇ .
