ئاپتورى: كۆك
شۇنداق قىلىپ، ئۇزۇن ۋاقىتلىق تەييارلىق قىلىش ۋە پىلانلاش نەتىجىسىدە بۇ قېتىملىق نامايىش زوراۋانلىقسىز، زىددىيەتسىز ۋە مەسىلىسىز غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى.
نامايىش جەريانىدا، نامايىشقا قاتناشقۇچىلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. ھاياجان ئىلكىدە بۇ مىللەتنىڭ بىرلىك، باراۋەرلىككە ئىگە ئىكەنلىگىنى تونۇپ يەتكەن بولدۇقٜ، قەلبىمىزدە ئىشەنچ پەيدا بولدى. ئۇيغۇرنىڭ چېچىلىپ كەتمىگەنلىگىنى، يالغۇز ئەمەسلىگىنى، ھەر يەردە خىتتاينىڭ دېگىنى ھېساپ بولمايدىغانلىقىنى بىلىپ يەتكەنمۇ بولدۇق.
نامايىش مەيدانىدا، خىتتاينىڭ بىر نەچچە ئىشپيون غالچىلىرىنىڭ تۇتۇلىشى، خىتتاينىڭ يۈزىگە تەستەك بىلەن ئۇرۇلغانلىق ۋە خىتتايغا بېرىلگەن بىر سىگنال ئىدى.
لېكىن، كۈنلەردىن بېرى تور دۇنياسىغا قارايدىغان بولساق، نامايىشقا ئورۇنلاشتۇرغان رەھبەرلەرگە بولغان تەنقىدى پىكىرلەر كۆپىيىپ، ئۇلارنى “خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىمىگەن، ئاۋۇ ئانداق بولۇپ قالدى، ماۋۇ ماندا بولۇپ قالدى” دېگەندەك رەنجىشلەر، پىكىر تەلەپلەر، ھەتتا ئۇلارنى ھاقارەتلەيدىغان، زىتىغا تېگىدىغان ئىنكاسلار پەيدا بولۇشقا باشلىدى.
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا، شۇ خىلدىكى تەنقىدىي پىكىرلەرنى ياغدۇرۇۋاتقان ئانالىزچىلىرىمىز ” مەن نېمە قىلدىم؟ ئۇلار قىلمىغان ئىشلارنى مەن نېمىشقا قىلمىدىم؟” دېگەن سوئاللارنى ئۆزلىرىدىن سوراپ باققانمىدۇ؟…
بۇ قېتىمقى نامايىشتا، بىزنىڭ ھەققىمىزدە خەۋەر ئىشلەيدىغان ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ كەمچىللىكى، بۇ پائالىيىتىمىزنىڭ مۇھىم ئاخبارات ۋاستىلىرىدە تىلغا ئېلىنمىغانلىقى ئاساسلىق تەنقىدلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ” رەھبەرلەر نېمە ئىش قىلۋاتىدۇ؟ ئۇلار خىزمەتنى ياخشى قىلمىدى؟ ئاخبارات ۋاستىلىرىغا ئۇقتۇرماپتۇ؟…” دېگەندەك تەنقىدىي سوئاللار تۇشمۇ – تۇشتىن سورالماقتا. ھەتتا بەزىلىرىمىز ئۇلارنى “بىكارغا نان يەيدىغان نان قېپى، بىكارغا پۇل خەجلەيدىغان خائىنلار” دەپ تىللاشقىمۇ ئۈلگۈردۇق.
توغرا، ھەر قانداق ئىش بىر مەسئولىيەتنى ھۇل قىلىپ تۇرۇپ ۋۇجۇتقا كېلىدۇ. بىر نەچچە يىل ئىلگىرى، باشلانغۇچ مەكتەپ ئۇقۇغۇچىلىرىنى بېلگىيەدىن شۋىتسارىيەگە دالا پائالىيىتىگە ئېلىپ ماڭغان بىر ئاپتوبۇس، شىۋىتسارىيە دائىرىسى ئىچىدىكى بىر تونېلدا قازاغا يولۇقۇپ، قازادا ئاپتوبۇستىكى پۈتۈن ئۇقۇغۇچىلار ۋە شوپۇر قازا قىلغان ئىدى. شۇ يىل بېلگىيە ئۈچۈن بىر ماتەم يىلى بولدى. ۋەقەدىن كېيىن، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار مەسئۇلىيەتنى شۇ ھامان شوپۇرغا ئارتمىدى. بۇ ۋەقە تەخمىنەن بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن، ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبىنى بېلگىيە ۋە شۋىتسارىيە ھۆكۈمىتى ئوچۇق ئېلان قىلدى. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، شوپۇرنىڭ ئارىلىقتا توختاپ، قىسقا ۋاقىت ئارام ئېلىپ ماڭماي، ئۆزىنى چارچىتىپ قويغانلىقىنى سەۋەبلىك دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرەلمەي، دەل ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرالمىغانلىقى تۈپەيلى شوپۇرغا يېرىم مەسئولىيەت ئارتىلغان؛ قالغان %50 مەسئولىيەت پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورۇن ياكى مەكتەپنىڭ زاپاس شوپۇر ئىشلەتمەسلىگى سەۋەبلىك دەپ ئەيىبلەنگەن. دېمەك، گەرچە ۋەقەنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى يالغۇز شوپۇر بولسىمۇ، ئەمما ۋەقەدىكى مەسئۇلىيەت بىرلا شوپۇرغا ئەمەس، بەلكى بىر قانچە ئادەملەرگە ياكى ئورۇنلارغا چېتىلغان.
خوش، ئۆزىمىزگە كېلەيلى. 5000 كىشىلىك نامايىشنى ئورۇنلاشتۇرغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، نامايىش كۈنى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ مەيدانغا ئاز كېلىپ قېلىشىدىكى تولۇق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. مەسئۇلىيەتنىڭ يېرىمىنى نامايىشقا قاتناشقۇچىلار، بېلگىيەدە ۋە قوشنا دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈستىگە ئېلىشى كېرەكٜ .چۈنكى DUQ رەھبەرلىرى بۇ نامايىشنى پەقەتلا ئۆزىنىڭ ۋەتەندىكى ئۇرۇق – تۇققانلىرى ئۈچۈنلا ئۇيۇشتۇرمىغان. بەلكى پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن، شۇ نامايىشقا قاتناشقۇچىلارنىڭ ئاتا – ئانىسى، ئۇرۇق – تۇققانلىرى، قاماقتىكى مىليون خەلقنىڭ ئەركىنلىگى خۇلاسىلىگەندە، ۋەتەننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرغان. بۇ يەردىكى مەسئولىيەتتە، ھەممىمىزنىڭ ئۈلۈشى بار. چۈنكى، بىزمۇ شۇ ۋەتەننىڭ بىر پارچىسى، ئۆزىمىزنى شۇ ۋەتەننىڭ بىر دانىسى دەپ ئاتاشقا ھەققىمىز بولغىنىدەك، ۋەتەن دەۋاسىدا تېگىشلىك مەجبۇرىيەتلىرىمىزمۇ بار ئەلبەتتە.
مەن رەھبەرلەرگە تۆت كۈنلۈك ھەمرا بولۇش جەريانىدا، ئۇلارنىڭ قانچىلىك ئالدىراش ئىكەنلىگىنى، قولىدىكى خىزمەتلەرنىڭ قانچىلىك كۆپلىگىنى، بىر سائەتتە 10 نەچچە قېتىمدىن ئارتۇق تېلىفۇن تاپشۇرۇۋالىدىغانلىقىنى، خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، تور ئارقىلىق ئۇچۇر ئالاقە قىلىۋاتقانلىقىنى ئوز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. ئايروپىلاندا بىر ھەپتە ئىچىدە 10 نەچچە مىڭ كىلومېتىر ئۇچقانلىقىغا شاھىت بولدۇم. ئۇلار خۇددى ئۆز ئائىلىسىنى ئۇنتۇپ قالغاندەكلا. بۇنىڭ ھەممىسى شۇ مىللەت ئۈچۈن، شۇ 30 مىليون خەلق ئۈچۈن.
ئەمما بىز، ئۇ دەرىجىدە ئالدىراش ئەمەسمىز. بىزنىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرىغا ” 27 – ئاپرىل نامايىش بولىدۇ، بېرىشقا ۋاقتىڭىز بارمۇ ؟ ” دەپ بىرەر رەت تېلىفۇن قىلىشقا، ئۇچۇر يوللاشقا ياكى بىرەر پارچە ئېلخەت يوللاشقا ۋاقتىمىز چىقماي قالارمۇ؟ ھەممىمىز، ئۆزىمىز تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەردىكى ئاساسلىق ئاخبارات ۋاستىلىرى بىلەن ، ھەر كۈن ئېنتىرنىت ئارقىلىق تاراتقۇلاردا، تىۋىتىرلاردا، گېزىت – ژوزناللاردا ئۇچىرىشىپ تۇرىمىز ۋە ياخشى بىلىمىز. ئۆزىمىز بىلىدىغان، قولىمىزدىن كېلىدىغان، ھېچقانچە كۈچ تەلەپ قىلمايدىغان مۇشۇنداق ئىشنىمۇ، ” رەھبەرلەر قىلسۇن” دەپ ئارتىپ قويساق، بىز نېمە قىلىمىز؟
بۇ يەردە مەن شۇنى دېمەكچى، ھەر بىر شەرقىي تۈركىستانلىق، ئۇيغۇرنىڭ تونۇلۇشىغا، ئۇيغۇرنىڭ مەسلىسىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشقا، ئۇيغۇر دەۋاسىغا مەسئۇل بولۇشى كېرەك. چۈنكى، سىزنىڭ شەرقىي تۇركىستانلىق بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ۋەتەن، مىللەت ئۈچۈن ئۆتەيدىغان مەجبۇرىيەتلىرىڭىز ھەم بەھىرلىنىدىغان ھوقۇقلىرىڭىز بار.
تور دۇنياسىدا بولۇۋاتقان يەنە بىر كۆڭۈلسىز مەسىلە، ئىش ئۈستىدىكى رەھبىرىمىزنى “مەلۇم بىر ئاتالغۇنى ئىشلەتتى، شۇنى تىزىملىماقچى بولدى”، دەپ شۇ رەھبەر بىلەن ئايرىم كۆرۈشۈپ پىكىرىنى ئېلىپ، مەسىلىنى چۈشۈنۈپ ھەل قىلماي، تور دۇنياسىدا ئۆزىنى قالتىس ئادەم چاغلاپ، ۋىدىئو شەكلىدە بايانات ئېلان قىلىپ خەلق ئارىسىغا كۆڭۈلسىزلىك سېلىش، زىددىيەتنىڭ ئۇرۇقىنى، ئۇيغۇر ئۈچۈن بەدەل تۆلەۋاتقان ئادەمنىڭ يۈز ئابرويىنى چۈشۈرۈشكە، باشقىلارغا يامان كۆرسۈتۈشكە ئۇرۇنۇش ۋە بىلمىگەنلەرنى قايمۇقتۇرۇشقا ئۇرۇنۇش بولدى. ئاخىرىدا نېمە بولدى؟ بۇنى پۇرسەت دەپ بىلگەن بەزىبىر خىتتاينىڭ 5 مولىرى، بارماقلىرىنى ئىشقا سېلىپ زەھەرلىك ئىنكاسلارنى يېزىشتى، رەھبەرلەرنى “خائىن، مۇناپىق، ساتقۇن” دەپ شالۋاقلىرىنى ئاقتۇزدى، شۇ ۋىدىئو، ئۇلانمىلارنى ھەم بەھىرلىگەن بەزىلەر بىلىپ بىلمەي رەھبەرگە قارشى ئوينالغان پىتنە ئويۇنلىرىغا شىرىك بولدۇق ۋە بولۇۋاتىمىز.
ئەينى چاغدا، رابىيە قادىر خانىم ھەققىدىمۇ شۇنداق ئويۇنلار ئوينالغان ئىدى.
نېمە ئۈچۈن، بىر ئادەم خاتالىق ئۆتكۈزسە، ئۇنىڭ خاتالىقىنى ئاۋام خەلققە ئەمەس، بەلكى ئايرىم يەردە ئۇنىڭ يۈزىگە سېلىپ خاتالىقىنى تۈزۈتۈشكە پۇرسەت بەرمەيمىز؟ ۋىدىئو ئېلان قىلغان شۇ كىشىلەر، ھەقىقەتەن ئۇيغۇر مەسلىسىگە كۆڭۈل بۆلسەك، نېمە ئۈچۈن شۇ رەھبەرگە تېلىفۇن قىلىپ ئايرىم سورىمايمىز؟ ۋىدىئو ئېلان قىلىشىمىزنىڭ سەۋەبى، خىتتايدىن بىزگە ئۇدۇم قالغان سېسىتىش ئويۇنىمۇ؟ باشقا مىللەتكە “ياۋايى” دەپ باھا بېرىدىغان بۇ ھوقۇقنى بىزگە كىم بەردى؟ سىز كىم؟…
تۆنۈگۈن بىر نەچچە قېرىندىشىمىز رەئىسكە تېلىفۇن قىلىپ بۇ ئىشنى سورىۋىدى، رەئىس ئۇنداق ئىشنىڭ يوقلىقىنى دېدى.
ئۇيغۇر خەلقى تارىختا دۇچ كېلىپ باقمىغان ئەڭ چوڭ قىرغىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتىدۇ، بىز پۈتۈن ئۇيغۇرلار بىرلىشىپ خىتتاينىڭ ھەرىكىتىگە قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك. بىزگە بۇنىڭدىن باشقا تاللاش يوق. قولىمىزدىن نېمە كەلسە شۇنى قىلىشىمىز كېرەك. ئىش ئۈستىدىكى ئادەملىرىمىزنى قارىلايدىغان، ئىش قىلىۋاتقانلارنى ياراتماي مەسخىرە قىلىدىغان، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كاللىسىغا كەلگەنچە ۋىدىئو ئېلان قىلىپ كونا خاماننى سورۇپ، رەھبەرلىرىمىزدىن سوئال سوراپ، ئۇلارنى “خائىن، مۇناپىق” دەيدىغان شۇ ئىنسانلار، كاللا سوقۇشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ ۋىدىئو ئىشلەۋاتقان بىچارىلەر، ئىش قىلىۋاتقانلارنى تىللاپ ھاقارەتلەپ، ئۇلارنى يامان كۆرسىتىمىز دەيدىغانلار… سىلەرگە دەيدىغىنىم – بەلكى سىز ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق دۆلەتلەرگە يەرلىشىشتىن بۇرۇن ۋە ياكى تېخى پوتلىڭىزنى ئېقىتىپ يۈرگەن چاغلىرىڭىزدا، ئۇلار ۋەتەندە ئىنقىلاپ باشلاپ بولغان ھەمدە 20 نەچچە يىلدىن بېرى ئۇيغۇر ئۈچۈن بىر كۈنمۇ بوشاشماي كۈرەش قىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. خەلق ئۇلارنى تونۇيدۇ، بىز ئۇلارنى تونۇيمىز. ئۇلار ئۇيغۇر دەۋاسى ئۈچۈن كېچە – كۈندۈز سىرتلاردا قاتىراپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا بېرىپ خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. سىز پەقەت، ئۆيىڭىزدە ئولتۇرۇپ فېيسبۇكتا ۋىدىئو تارقىتىپ، ئانچە – مۇنچە بىلگەنلىرىڭىزنى پەش قىلىپ بىلمىگەنلەرنى ئازدۇرىسىز، ئىش قىلغانلارنى “خائىن، مۇناپىق” دەيسىزٜ. سىزنىڭ قولىڭىزدىن كېلىدىغىنى شۇ. ئۇلار ئائىلىسى بويىچە بەدەل تۆلەپ، ئۇيغۇر ئۈچۈن تىنىمسىز ئىش قىلىپ “خائىن” بولسا، ئۇنداقتا سىزدەك كومپيوتېر ئالدىدا ئولتۇرۇۋېلىپ، ئۇنى – بۇنى چىشلەپ ئولتۇرىدىغان، نەشتىرىڭىزنى سانچىيدىغانلارنى نېمە دەيمىز؟ كەينىڭىزدە كىم بار؟
خەلقىمىز ئۈچۈن، بەدەل تۆلەپ ئىش قىلىۋاتقان شۇ ئەزىزلىرىمىزنى قەدىرلەيلى قېرىنداشلار. بەزى ئىنسانلار ئۆيىدە ئولتۇرۇۋېلىپ كومپيوتېر ئالدىدا كىمنى ” خائىن” دېسە، ئۇ كىشى “خائىن” بولۇپ قالمايدۇ. باشقىلارنى “خائىن” دەيدىغان شۇنداق ئىنسانلار ئۆزى كىم، بۇنى ياخشى بىلىشىمىز كېرەك. ئۆيىدىن چىقماي، كومپيوتېر ئالدىدا ئولتۇرۇپ باشقىلارغا باھا بېرىدىغان، ھاقارەتلەيدىغان ئىنسان كىم؟ ئۇ نېمە دەۋاتىدۇ؟ دېگەنلىرىنى ياخشى چۈشىنەيلى قېرىنداشلار. ئۇنداق ئادەملەرگە قويدەك ئەگىشىپ ماڭىدىغان نادان ئۇيغۇر ئەمدى قالمىدى مەنچە.
ئىش قىلىۋاتقان رەھبەرلەردىن ئايرىلساق دەۋايىمىز يول باشسىز قېلىپ، كېتىپ بارغان ماشىنىنىڭ رولىنى خىتتاي قولىغا ئالىدۇٜ. مىللىتىمىز تولدۇرۇپ بولالمايدىغان زىيانغا دۇچ كېلىدۇٜ. رەھبەرلىرىمىزنى تىللىمايلى. ئۇلار نېمە بولسا بولسۇن سىز ۋە بىز ئۈچۈن خەلقئارا سەھنىلەردە “ئۇيغۇر” دەپ توۋلاۋاتىدۇٜ. تىللىغۇڭىز، يازغۇڭىز كەلسە بۇرۇن چىققان مۇناپىقلار، خائىنلار ھەققىدە، ئاتا – ئانىڭىزنىڭ، ئايالىڭىزنىڭ، قىز دوستىڭىزنىڭ، ئېرىڭىزنىڭ، ئوغۇل دوستىڭىزنىڭ، بىر قورساق قېرىندىشىڭىزنىڭ پاسپورتلىرىنى قانۇنسىز يىغىۋالغان جاللات چوشقا چىن چۈئەنگو ھەققىدە ئۆزىڭىز بىلىدىغان چەت ئەل تىلىدا تىللاڭ، يېزىڭٜ. ۋەتەندە بولۇۋاتقان زۇلۇملارنى ئۆزىڭىز بىلىدىغان تىلدا يېزىپ تارقىتىڭ، ۋىدىئو قىلىپ ئىشلەڭ، سۆزلەڭ. چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنى بۆلمەڭٜ. خەلق دۆت ئەمەس، بىر كۈنى بىلىپ بىلمەي قىلغان بۆلگۈنچىلىگىڭىز پاش بولسا، سىز باشقىلارغا ئىشلەتكەن “خائىن” دېگەن نام ئۆزىڭىزگە قايتىپ كېلىشى مۇمكىن.
بارلىق سۈيۈملۈك شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلارغا ئامان ئېسەنلىك يار بولسۇن.
2018 – يىلى 1- ماي