ئۆز خەۋرىمىز:
شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىختيارى مۇخبىرىمىز سايرام تەمىنلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولىشىچە، قەشقەر ۋىلايتىنىڭ پوسكام ناھىيىسى سەيلى يېزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق نۇرئەلى مۇھەممەد ۋە نۇرمۇھەممەد ھېمىتنى 2014-يىلى تېلېفۇنىدىكى كۈسەنى ئۈستازنىڭ تەبلىغىنى ئاڭلىغان تېلېفۇن خاتىرىسىنى يۇيۇلۇپ كەتكەن يېرىدىن ئەسلىگە كەلتۇرۇپ، 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى ئۈرۈمچىدە قولغا ئالغان ھەمدە پوسكامغا ئېلىپ كېلىپ يېپىق سوتتا ھەرئىككىسىگە 10يىللىق قاماق جازاسى بەرگەن.
خىتاي تاجاۋۇزچلىرى ئۆزلىرى تاپالىغانلىرىنى نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا قىلغان ئىش پائالىيەتلىرى ئارقىلىق ئېغىر جازاغا مەھكۈم قىلىش بىلەن بىرگە يەنە «ئۆزلىرىڭلار مەسىلەڭلەرنى تاپشۇرساڭلار كەڭچلىك بىلەن بىرتەرەپ قىلىمىز» دەپ ئالداش سىياسىتى بىلەن قېزىپ زەربە بېرىش ھىلىسىنى ئىشقا سېلىپ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى پۈتۈنلەي يوق قىلىش سىياسىتىنى تېزلەشتۇرگەنلىكى ئاشكارا بولماقتا.
مەنبە: ئۇيغۇر نىداسى تور رادىئوسى