ئۆمەر دۆڭگەل ئوغلى: «بىز شەرقىي تۈركىستانلىق مۇھەممەد سالىھ نىڭ ئىسمىنى ئوغۇللىرىمىزغا قويىمىز» دېدى
ئۇيغۇر نىداسى تور رادىئوسى خەۋىرى:
تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ تېلىۋىزور قاناللىرىنىڭ بىرى ھېسابلىدىغان قانال 7دە، ھەر پەيشەنبە ئۆتكۈزۈلىدىغان دىنىي پروگراممىغا رىياسەتچىلىك قىلىدىغان، دىنىي ئالىم ئومەر دوڭگەل ئوغلى خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرپىىدىن شېھىت قىلىنغان مۇھەممەد سالىھ داموللامنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالىنى ھەمدە خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئۆز پروگراممىسىدا ئاڭلاتتى.
ئۆمەر دۆڭگەل ئوغلى سۆزىدە: «خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ، مۇھەممەد سالىھ ئىسىملىك 82 ياشلىق بىر دىنىي ئالىمنى شېھىت قىلغان بولسا بىز بۇ تۇپراقتا، شەرقىي تۈركىستانلىق مۇھەممەد سالىھنىڭ ئىسمىنى، دۇنياغا كۆز ئاچىدىغان بارلىق ئوغۇل پەرزەنتلىرىمىزگە قويىمىز. خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى بىزنىڭ بىر مۇھەممەد سالىھنى ئالغان بولسا، بىز ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن مىڭلارچە مۇھەممەد سالىھنى يېتىشتۈرىمىز، شەرقىي تۈركىستاندا بولۇۋاتقان زۇلۇمنى دۇنيا كۈن تەرتىپىگە ئەكىلىشكە تىرىشىمىز»دېدى.
ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن، مۇھەممەد سالىھ داموللام خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن شېھىت قىلىنغاندىن كېيىن، تۈرك دۇنياسى ۋە مۇسۇلمانلار دۇنياسى شەرقىي تۈركىستان مەسلىسىنى كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كەلدى.