قاغىلىقتىكى تىجارەتچى ئابلىمىت ئاق خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن تۈرمىدە شېھىت قىلىندى
ئۇيغۇر نىداسى تور رادىئوسى خەۋىرى:
شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز سايرامنىڭ بىلدۇرۇشىچە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ قاغىلىق ناھىيىسى چاچقۇم بازىرىدا تۇرۇشلۇق 53ياشلىق ئابلىمىت ئاق ئۆزىنىڭ ھالال تىجارىتى بىلەن بېيىغان، كوپلىگەن يەر-زېمىنغا ئىگە ئوتتۇراھال دېھقان بولۇپ، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن 90-يىللاردا يەر ئاستى دىنى مەكتەپتە ئوقۇدۇڭ ،دىگەن سەۋەپلىك تۈرمىگە مەھكۈم قىلىنغان.
2016-يىلى بۇرۇن ئۆتكۈزگەن قىلمىشىنى مەجبۇرى تاپشۇرۇش سىياسىي ھەركىتىدە، 2016-يىلى 2-ئايدا ئۆيىدە قولغا ئېلىنغان.خىتاي دائىرىلىرى 2016-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۇنى تۈرمىدە قىيىن -قىستاقتا شىھىت قىلىپ، ئائىلىسىگە جەسىتىنى تاشلاپ بېرىپ، نازارەت ئاستىدا كومدۇرگەن.
ئاكىسىنىڭ تۈرمىدىكى تۈيۇقسىز ئۈلۈمىدىن شۇبھىلەنگەن ئىنسى ئابلەت ئاق خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئېنىقلىما بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. نەتىجىدە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئابلەت ئاق ۋە ئايالىغا « ئاشقۇن ئىدىيەدە» دىگەن جىنايەتنى ئارتىپ، 10يىللىقتىن قاماققا مەھكۈم قىلغان.