
شەرقىي تۈركىستان خىتتاينىڭ غەرب تەرىپىگە ۋە ئورتا ئاسىيانىڭ ئوتتۇرا قىسىملىرىغا جايلاشقان بۈيۈك تۈركىستاننىڭ شەرقىي پارچىسى بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى» دەپ ئاتىلىدۇ. دېمەك، خىتتاي تېرېتۇرىيىسى ئىچىدىكى ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ ئەسلىي ئىسمى «شەرقىي تۈركىستان». ئۇنىڭ پايتەختى ئۈرۈمچى شەھىرىدۇر.
شەرقىي تۈركىستان جەنۇب تەرەپتىن تېبەت، جەنۇبى شەرق تەرەپتىن خىتتاينىڭ چىڭخەي ۋە گەنسۇ ئۆلكىلىرى، شەرق تەرەپتىن مۇڭغۇلىستان، شىمال تەرەپتىن رۇسىيە، غەربى شىمال تەرەپتىن قازاقىستان ۋە غەرب تەرەپتىن بولسا قىرغىزىستان، تاجىكىستان، ئافغانىستان، پاكىستان ۋە ھىندىستان ئىستىلاسى ئاستىدىكى كەشمىر رايۇنى قاتارلىق 10 دۆلەت بىلەن چېگىرىداش.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى ئۆزىنىڭ 1.664.897.17 كېلومېتىر كەڭلىكتىكى يەر كۈلىمى بىلەن خىتتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەڭ چوڭ ئاپتۇنۇم رايۇنى ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، خىتتاي ئۇمۇمى تېرىتۇرىيەسىنىڭ بەشتە بىرىنى تەشكىل قىلىدۇ. شەرقىي تۈركىستاننىڭ پايتەختى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رەسمىي تىلى ئۇيغۇرچە ۋە ئۆلچەملىك خىتتايچىدۇر. (www.bilgebilir.com )
شەرقىي تۈركىستان ئىسمى، تۈرك ۋەتىنى دېگەن ھەقىقەتنى ئىپادىلەيدىغان بولغاچ، خىتتاي دۆلىتى بۇ ئىسىمغا «ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا ئېلىپ بارىدۇ» دېگەننى باھانە قىلىپ قەتئىي قارشىلىق كۆرسۈتۈپ كەلمەكتە. ئەسلىدە بۇ زېمىنلار ئەزەلدىن تۈرك ئىرقىغا مەنسۇپ مىللەتلەرنىڭ ئانا ماكانى بولۇپ، بۇ زېمىنلاردا بىرىنچى كۆكتۈرك دۆلىتى يىقىلغاندىن كېيىن توققۇز ئوغۇز ئايماقلىرىدىن كېلىپ چىققان ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ دۆلىتى قۇرۇلىدۇ. ئىككىنچى كۆكتۈرك دۆلىتى قۇرۇلغاندا مەزكۇر ئۇيغۇرلار ئىككىنچى كۆكتۈرك دۆلىتىنىڭ تەۋەلىكىگە ئۆتىدۇ ئەمما ئۇ دۆلەتمۇ ئاجىزلىغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ھەرىكەتچانلىغىنى ئاشۇرغان ھالدا مۇستەقىل بىر دۆلەت سۈپىتىدە تارىخ سەھنىسىدىن ئۇرۇن ئالىدۇ. 751- يىلى تۈركىستان دىيارىغا باستۇرۇپ كەلگەن خىتتايلارنىڭ يولىنى توسقان تۈركلەر بىلەن خىتتايلار ئوتتۇرىسىدا تالاس رايۇنىدا يۈز بەرگەن ئۇرۇشتا، مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان خىتتاي ئەسكەرلىرى تەرەپ – تەرەپكە قېچىشقا باشلايدۇ. خىتتاي تەرەپنىڭ ئاجىزلىشىشى ۋە شۇ زاماندىكى سىياسىي بوشلۇقتىن پايدىلانغان ئۇيغۇر تۈركلىرى ئەزەلدىن تۈركلەرنىڭ ئانا ماكانى بولغان تارىم ۋادىلىرىغا يەنى ھازىرقى شەرقىي تۈركىستان زېمىنلىرىگە يەرلىشىدۇ. شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئەمەۋىيلەر خەلىپىلىرىدىن ئابدۇلمەلىك ئبنى مەرۋان زامانىدا ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلغان بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندىمۇ قەشقەردىكى ھېيتكاھ جامەسى، ھامىي دۆلىتى ھۇي مىللىتى پادىشاھىنىڭ مازارلىقى، سۇكۇڭ ئەسەرلىرىگە ئوخشاش ھەرخىل ئىسلام تارىخىغا ئائىت تارىخىي ئەسەرلەر شەرقىي تۈركىستان زېمىنلىرىدا تېپىلىدۇ. كۆپۈنچە ئۇيغۇرلار دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولسىمۇ ئۇلارنىڭ پاختا تېرىقچىلىقى جەھەتتىكى ئالاھىدە تەجرىبىلىرىنى تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ. يەنە ئۇلار گىلەم ۋە باشقا يېپەك سانائەتلىرى بىلەن خېلى مەشھۇر بولۇپ، ئۆز تەۋەلىكىدە مۇھىم ئۇرۇننى ئىگەللەيدۇ.
ئۇيغۇرلار، قارلۇق تۈركلىرى بىلەن بىرلىكتە 880 – يىلى قەشقەرنى مەركەز قىلغان قاراخانىيلار دۆلىتىنى قۇرغان بولسىمۇ، كېيىنچە ئورخۇن ئۇيغۇرلار خانلىقى (846-1218) ۋە تۈرك مۇڭغۇل ئېمپىراتۇرلىقى ھاكىمىيىتى تەۋەلىكىگە كىرىپ ياشاشقا مەجبۇر بولىدۇ (1218-1759 ).
شەرقىي تۈركىستان زېمىنلىرىدا 1750- يىلى تۇنجى قېتىملىق خىتتاي ئىستىلاسى باشلىغان بولۇپ،1862 – يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا 42 نۆۋەت خەلق قوزغىلىڭى باستۇرۇلىدۇ. 1863– يىلىغا كەلگەندە مۇھەممەت ياقۇپ بەگ قەشقەرنى مەركەز قىلغان تۈركىستان دۆلىتى قۇرۇشتا غەلىبە قىلىدۇ. ئۇ دۆلەت شۇ زاماندىكى ئوسمانىيلار خەلىپىسى سۇلتان ئابدىلئەزىزخاندىن ئىستىگەن ياردەملىرىنىڭ ھەممىنى ئالىدۇ. مۇھەممەد ياقۇپ بەگ ئەڭ كۆپ ياردەمنى ئىككىنچى ئابدۇلھەمىدخاندىن ئالىدۇ.
ئاشۇنداق ياردەملەرگە ئېرىشكەن بولسىمۇ يەنىلا مەزكۇر دۆلەتنىڭ ئۆمرى ئۇزۇنغا بارمايدۇ، چۈنكى 1877- يىلى ياقۇپبەگ بەدۆلەت سۈيقەست بىلەن ئۆلتۈرىلىدۇ. خىتتاي تەرەپ شەرقىي تۈركىستانغا قاراتقان ھۇجۇملىرىنى قايتىدىن كۈچەيتىدۇ. 1878-يىلى 18- ماي كۈنى پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان زېمىنى، خىتتايلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىدۇ. 1884- يىلى 18- نويابىر كۈنى خىتتاي ئىمپىراتۇرىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئىسمى شىنجاڭ (يېڭى زېمىن) دېگەن ئىسىمغا ئۆزگەرتىلىپ، شۇ زاماندىكى خىتتاينىڭ 19 – ئۆلكىسى سۈپىتىدە بىۋاستە خىتتاي ئېمپىراتۇرلىقىغا باغلىنىدۇ.
1931- يىلى قۇمۇلدا خىتتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى باشلانغان مۇستەقىللىق ئىنقىلاپلىرىنىڭ غەلىبىلىرى نەتىجىسىدە 1933- يىلى 12- نويابىر كۈنى قەشقەردە «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» ئېلان قىلىنىدۇ. مەزكۇر دۆلەت قەشقەر شەھىرىنىڭ كۆنچى مەھەللىسىدە خەلق ۋە مىللىي ئەسكەرلەرنىڭ بىرلىكتە داغدۇغۇلۇق مۇراسىملىرى بىلەن ئېلان قىلىنىدۇ. مۇراسىم جەريانىدا دۆلەت مارشى ئوقۇلىدۇ، ھۆكۈمەت مەسئۇللىرى تۇنۇشتۇرىلىدۇ، ئاساسىي قانۇن ئېلان قىلىنىدۇ ۋە مىللىي مەجلىس قۇرۇلىدۇ. شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىرىنچى ۋە ئاخىرقى رەئىسى خۇجا نىياز ھاجىم بولۇپ، بۇ ھۆكۈمەتنىڭمۇ ئۆمرى بەك قىسقا بولىدۇ. 1944 – يىلىغا كەلگەندە شەرقىي تۈركىستاننىڭ شىمالىغا جايلاشقان ئىلى قازاق ئوبلاستىنى مەركەز قىلغان ھالدا «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» ئېلان قىلىنغان بولۇپ، مەزكۇر جۇمھۇرىيەت، 1949- يىلى خىتتاي قىزىل كوممۇنىست ئازاتلىق ئارمىيىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا بېسىپ كىرگەن كۈنىگىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.
1954 – يىلى خىتتاي ئەسكەرلىرىدىن تەركىپ تاپقان «شىنجاڭ سانائەت ۋە قۇرۇلۇش قوشۇنى»، شەرقىي تۈركىستاننى خىتتايلاشتۇرۇش ھەرىكىتىگە ئالاھىدە ھەسسە قوشىدۇ. 1955 – يىلى 1 – ئۆكتەبىر كۈنى، شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ خىتتايغا تەۋە بىر ئۆلكە ئىكەنلىكى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى» غا ئۆزگەرتىلگەنلىكى ئېلان قىلىنىدۇ.
بىز بۇ يەردىن باشلاپ، بۇ يۇرتنىڭ ئىسمىنى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى» ئەمەس بەلكى «شەرقىي تۈركىستان» دەپ ئاتايمىز. ھازىرغىچە بۇ يۇرتنىڭ تارىخى ھەققىدە قىسقىچە توختالغان بولدۇق، ئەمدى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ قانداق بولۇپ بۇنچە كۆپ زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقانلىقى ھەققىدە توختۇلۇشقا تىرىشىمىز.
بۈگۈنكى دۇنيادا يۈز بېرىۋاتقان ئۇرۇشلارنىڭ بىرلا سەۋەبى بار، ئۇ بولسىمۇ ئېنىرگىيە (پۇل ۋە مال) دىن ئىبارەت. ئېنىرگىيە مەنبەلىرىگە ئىگە بولغان ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرى، چوڭ سانائەت دۆلەتلىرى قاتارىدىن ئۇرۇن ئالغان بولۇپ، ئوتتۇرا شەرق يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇللىرىنىڭ تىزگىنى ئامېرىكا ۋە رۇسىيەنىڭ قوللىرىدا بولغاچ، ئۇلارنىڭ ئۇ ئىككى دۆلەت تەۋەلىكىدە ھەرىكەت قىلىشى، قوراللىق ئىچكى ئۇرۇش ئارقىلىق باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشى، ھەربىي ھالەت ئارقىلىق ھۆكۈمەتلەرنى ئۆزگەرتىشى ۋە يا قورچاق مەسئۇللار بىلەن ئىچكى جەھەتتىن شىرىكلىشىپ بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش ئارقىلىق خەلقئارا ئېنىرگىيە بازىرىنى كونتىرول قىلىشقا تىرىشىشى مۇقەررەر. دېمىقى ئۈستۈن دۆلەت مەسئۇللىرى ئوتتۇرىسىدىكى بەسلىشىش مۇسابىقىلىرىنى ئۇزاقتىن كۈزىتىپ كېلىۋاتقان ۋە دۇنيانىڭ پەۋقۇلئاددە كۈچلىرىدىن بېرى بولغان خىتتاي دۆلىتىنىڭ، بۇ خەلقئارالىق بۇلاڭ – تالاڭدىن ئۆز نېسىۋىسىنى ئېلىشقا تىرىشماسلىقى مۇمكىن ئەمەس. يەنە كېلىپ ئافغانىستان، ھىندىستان ۋە پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكا كونتىرولى ئاستىدا بولۇشى سەۋەبلىك توسالغۇغا ئۇچراۋاتقان خىتتاي دۆلىتى ئۈچۈن، ئەڭ مۇھىم چىقىش يولى ۋە ئۆتەڭلىرىدىن بىرى شەرقىي تۈركىستاندۇر. يەنە بىرى بولسا (بورما) مىيانماردۇر. مىيانماردىكى مۇسۇلمانلارنى باش ئەگدۈرۈشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى بولسا ئۇلارنى ئېزىش ۋە ئۇلارغا زۇلۇم قىلىشتىن ئىبارەت.
خىتتاينىڭ بار يوق دەردى ئېنىرگىيەنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەتمۇ؟ ياق ئۇنداق ئەمەس. ئۇنچە ئۇزاققا كېتىشكە ھاجەت يوق، چۈنكى شەرقىي تۈركىستان ئېنىرگىيە ئامبىرىدىن ئىبارەت.
شەرقىي تۈركىستاندىكى نېفىت ۋە تەبىئىي گاز زاپىسى ھەققىدە ياپۇنىيەدە چىقىدىغان پۇجى سانكەج تىجارەت گېزىتىنىڭ 2004 – يىلى 9 – ئاينىڭ 7 – كۈنىدىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەردە مونۇلار بايان قىلىنىدۇ: «شەرقىي تۈركىستان زېمىنلىرىدا بار بولغان نېفىت زاپىسى 20 مىليارت 900 مىليۇن توننا، شەرقىي تۈركىستاندىكى نېفىت ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مەركەزدىكى بىر مەسئۇلىنىڭ باياناتىدا، شەرقىي تۈركىستاندىكى نېفىت زاپىسىنىڭ ئۇمۇمىي مىقدارىنىڭ، خىتتاي زېمىنىدىكى (دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇقتىكى) بارلىق نېفىت زاپىسىنىڭ يۇزدە %25دىن كۆپرەك قىسمىنى ئىگەللەيدىغانلىقىنى، تەبىئىي گاز زاپىسىنىڭ بولسا %28 ئىگەللەيدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. شەرقىي تۈركىستاندىكى جۇڭغارىيە ۋە تارىم ۋادىلىرىدىكى تەبىئىي گاز ۋە نېفىت كانلىرى بەك كۆپ بولغانلىقتىن خىتتاي باشقا ئىچكى رايۇنلاردىمۇ يېڭى- يېڭى زاپاسلارنى بايقاش ئۈچۈن ھەرخىل يېڭى پىلانلارنى ئەمەلىلەشتۈرمەكتە.
ياپۇنىيە گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇماتلار 35 مىليۇن تۈرك خەلقى ياشايدىغان ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ئانا يۇرتى بولغان رايۇننىڭ تامامەن مەدەن بايلىقلىرى بىلەن تولغان كانلار شەھىرىدىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ رايۇندا ياشايدىغان خەلقنىڭ كۆپۈنچىسىنىڭ مۇسۇلمان بولىشى، ئۆز زامانىدا مۇستەقىل بىر دۆلەت قۇرۇشى، خىتتاي دۆلىتىنىڭ ئۇلارغا قارشى تېخىمۇ رەھىمسىزلەرچە قاتتىق قوللۇق قىلىشىغا ۋە زالىم سىياسەتلىرىنى ئىجرا قىلىشىغا سەۋەبچى بولماقتا.
خىتتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانغا قاراتقان قاتتىق قوللۇق سىياسىتىنىڭ سەۋەبىنى پەقەتلا ئېنىرگىيەگە باغلاش تولىمۇ ساددىلىق بولىدۇ دەپ ئويلايمەن. چۈنكى، خىتتايلار بىلەن ئۇيغۇر تۈركلىرى ئوتتۇرىسىدا بىر نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان چىگرىداشلىق، رىقابەت ئۈستىگە قۇرۇلغان يامان قوشنىدارچىلىق، ئۈزلۈكسىز ھالدىكى ئىچكى ئۇرۇشلار ۋە قايسى تەرەپ كۈچلۈك بولسا قارشى تەرەپكە ھۇجۇمغا ئۆتۈش قاتارلىق دۈشمەنلىكلەرنىڭ كۈنىمىزگىچە ئۈزلۈكسىز ھالدا داۋام قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى ھەممىگە مەلۇم بولغان بىر ھەقىقەت بولسىمۇ، زامانىمىزدا كۈچلەر تارازىسدىكى تەڭپۇڭلۇق بوزۇلدى. كۈچ ساھىبى بولغان خىتتايلار نەچچە مىڭ يىللىق ئىنتىقام خىرىسلىرى بىلەن كۈچسىىز ۋە چارىسىز ھالغا چۈشۈپ قالغان ئۇيغۇر تۈركلىرىنى ئاساسىي نىشانغا ئالغان ھالدا ھەرىكەت قىلماقتا.
يەنە باشقا بىر ئاچچىق ھەقىقەت شۇكى، ئاتېزىمچىلىق ئىدىئولوگىيەسى ئاساسىدىكى خۇداسىز ۋە سوتسىيالىستىك خىتتاي دۆلىتىنىڭ كۆپچىلىك پۇقرالىرى كۆپ ئىلاھلارغا ئېتىقاد قىلغۇچى ۋە ئۇلارغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگۈچى بۇددىستلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرلا خۇداغا ئېتىقاد قىلغۇچى مۇسۇلمان بىر مىللەتنىڭ ئۆزلىرى بىلەن بىرگە ياشىشىنى قۇبۇل قىلالىشى مۇمكىن ئەمەس. يەنە كېلىپ بۇ مىللەتنىڭ 1930 – يىللىرى شەرقىي تۈركىستاندا قۇرغان دۆلىتىنىڭ ئىسمىنى «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيتى» دەپ ئاتىشى بىر تەرەپتىن كۆپ خۇداغا چوقۇنغۇچى بۇددىست خىتتايلارنىڭ ئىچكى نەپرىتىنى قوزغىسا يەنە بىر تەرەپتىن خۇداسىز دۆلەت مەسئۇللىرىنىڭ ئىچكى نەپرىتىنى قوزغايدۇ، نەتىجىدە ھازىرقىدەك ۋەھشى، زالىم بىر ھاكىمىيەت شەكلى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.
يۇقىرىدا بايان قىلىنغان سەۋەبلەر تۇپەيلىدىن خىتتايلار ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قاتتىق قوللۇق سىياسەتلىرىنى باشلايدۇ.
خىتتاي دۆلىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگىزىۋاتقان ئەڭ ۋەھشى زالىم سىياسەتلىرىدىن بىرى، پىلانلىق ھالدىكى ئاسسىمىلاتسىيە سىياسىتىدۇر. شەرقىي تۈركىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 25 مىليۇن ئەتراپىدا بولۇپ، خىتتاينىڭ رايۇندىكى نوپۇسى كۈندىن كۈنگە كۆپەيمەكتە. خىتتاينىڭ باشقا رايۇنلىرىدىن شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈپ كەلگەن خىتتايلارغا ھەرخىل مۇكاپاتلار بېرىلىدۇ. جۈملىدىن، ئىش ئورنى، ئۆي ۋە ماكان بىلەن بىرگە نەخ پۇل مۇكاپاتلىرى قاتارلىقلار.
دۆلەتنىڭ يىللىق كىرىم چىقىملىرىغا تەسىر يەتكۈزگىدەك بۇنچە كۆپ چىقىمنىڭ ئوچۇق – ئاشكارا مەقسىدى، پەقەتلا شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى ئاز سانلىققا چۈشۈرۈپ، ئۇلارنىڭ زېمىنلىرىنى پۈتۈنلەي خىتتايلاشتۇرۇش ۋە ئۇلارنى ئاسسىمىلاتسىيە قىلىپ تۈگىتىشتىن ئىبارەت. مەسىلەن: شەرقىي تۈركىستاننىڭ پايتەختى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كۈنىمىزدىكى ئومۇمىي نۇپۇسى 13 مىليۇن بولسىمۇ خىتتايلارغا قارىتىلغان كۆچۈش سىياسىتى سەۋەبىدىن خىتتايلارنىڭ نۇپۇسى 10 مىليۇندىن ئاشىدۇ. ئەمما يەرلىك خەلقنىڭ نوپۇسى 3 مىليۇنغا يەتمەيدۇ. شەرقىي تۈركىستان خىتتايدىن ئايرىم ۋە تولۇق ھوقوقلۇق ئاپتۇنۇمىيە ھېسابلىنىدىغان، زېمىنىنىڭ كەڭرىلىكىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا يەرلىك نوپۇس سانى بەك ئاز بولغان تۇرۇقلۇق، يەنىلا ئۇ يەردە تۇغۇت چەكلەش سىياسىتى ئىجرا قىلىنىدۇ. شەھەرلەردە 1 ۋە يېزىلاردا 2 بالىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ. خىلاپلىق قىلغۇچى ئائىلىلەرگە ئېغىر جازالار بىلەن بىرگە توغۇتقا ئاز قالغان بۇۋاقلارمۇ مەجبۇرىي ھالدا ئوپىراتسىيە ئارقىلىق چۈشۈرۋېتىلىدۇ ۋە يېڭى زاماننىڭ زامانىۋىي پىرئەۋنلۇق سېستىمى گويا نورمال بىر ئەھۋالدەك قايتىدىن جانلىنىدۇ.
خىتتاي بارلىق ئاتۇم سىناقلىرىنى بۇ رايۇندا ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ھەرخىل مېيىپ بالىلارنىڭ توغۇلىشىغا، ھەرخىل راك كېسەللىكلىرىگە ھەمدە ئىسمىنى قويۇش مۈمكىن بولمايدىغان بىر نەچچە خىل كېسەللىكلەرگە سەۋەبچى بولماقتا. 1960 – يىللىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى راك كېسەللىرىنىڭ سانى شۇنچە ئاز بولسىمۇ، 1970 – يىللىرىغا كەلگەندە راك كېسەللىرىنىڭ سانى نەچچە ئون ھەسسە ئاشىدۇ. 1998 – يىلى شەرقىي تۈركىستاندا كۈنىگە 1500 كېسەل كېلىدىغان مەلۇم بىر دوختۇرخانىنىڭ يىللىق دوكىلاتىدا، مەزكۇر دوختۇرخانىغا كېلىدىغان كېسەللەر ئىچىدە كۈنىگە ئەڭ ئاز 70 كىشىنىڭ ھەرخىل راك كېسىلىگە گىرىپتار ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ.
ئوچۇق ئاشكارا ئاسسىمىلاتسىيە سىياسەتلىرى يېتەرلىك دەپ قارالمىغان چاغلاردا كونا ئادەت بويىچە ئومۇمىيۈزلۈك قىرغىن قىلىش سىياسىتى باشلىنىدۇ .
2009 – يىلى 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى شەھىرىدە، چېكىدىن ئاشقان زۇلۇمغا قارشى تىنچلىق نامايىشى ئۈچۈن كوچىغا تۆكۈلگەن خەلق ئاممىسى خىتتاي قوراللىق كۈچلىرى تەرىپىدىن قانلىق بىر شەكىلدە باستۇرۇلغان بولۇپ، خىتتاي خەۋەرلىرىدە پەقەتلا 200 ئۇيغۇرنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ ئىشەنچىلىك مەنبەلەر ئاشۇ كىچىسى 5 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ قىرغىن قىلىنغانلىقىنى تەكىتلىشىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا مەزكۇر تىنچلىق نامايىشىغا قېتىلغان، دېگەن باھانە بىلەن ئونمىڭلارچە ئۇيغۇر ياش نەچچە ئون يىللىقتىن قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدۇ. يەنە شۇ 2009 – يىلىنىڭ ئاخىرىدا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بېيجىڭ مەسئۇللىرىدىن بىر يىل ئىچىدە ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ سانىنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ مەزكۇر تەلەپ ھازىرغىچە جاۋابسىز قالدى.
1949 – يىلى خىتتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان كۈندىن ئېتىبارەن شەرقىي تۈركىستاندا 35 مىليۇن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قىرغىن قىلىنغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا. تۈركچىلىك تەتقىقات ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا 1949 – يىلىدىن 1952 – يىلغىچە 2 مىليۇن 800 مىڭ كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، 1952 – يىلى بىلەن 1957 – يىلى ئارىسىدا 3 مىليۇن 509 مىڭ كىشىنىڭ ئۈلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى، 1958 – يىلىدىن 1960 – يىلىغىچە 6 مىليۇن 700 مىڭ كىشىنىڭ ھەرخىل يوللار بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ۋە 1961 – يىلىدىن 1965 – يىلىغىچە 4 يىل جەريانىدا 13 مىليۇن 300 مىڭ كىشىنىڭ خىتتاي قورچاق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرقچىلىق ۋە ئايرىمىچىلىق سىياسەتلىرى نەتىجىسىدە، ئىچكى ئۇرۇش ۋە كامۇنا (كوللىكتىپلەشتۈرۈش سېستىمىسى) سەۋەبىدىن بارلىققا كەلگەن ئاچارچىلىق تۈپەيلى ئۆلۈپ تۈگىگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ. 1965 – يىلىدىن كېيىنكى قىرغىنچىلىقلار ۋە ئۆلۈم جازالىرى نەتىجىسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى بىلەن قوشقاندا ئومۇمىي قەتلىئامغا ئۇچرىغانلار سانىنىڭ ئىنسان ئىشەنگىلى بولمايدىغان دەرىجىدىكى 35 مىليۇن دېگەن سانغا يەتكەنلىكى بىلىنىدۇ. 35 مىليۇن دېگەن ساننى سۆزلەشمۇ ئىنساننىڭ تىلىغا قىيىن كېلىدۇ ۋە ئىنساننىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ. ئەمما بۇ بىر ئاچچىق ھەقىقەت. ھازىر شەرقىي تۈركىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئەڭ ئاز 25 مىليۇن ئەتراپىدا بولۇپ، ئۆتكەن 60 يىللىق ئاسارەت جەريانىدا 35 مىليۇن ئۇيغۇر تۈركلىرى ئۆلتۈرۈلدى دېگەن سۆز، بۇنىڭدىن كېيىنكى 60 يىللىق ئاسارەت نەتىجىسىدە، شەرقىي تۈركىستان زېمىنلىرىدا ئۇيغۇر مۇسۇلمان قالمايدۇ ۋە بۇ رايۇن تولۇق خىتتايلىشىپ خىتاي زېمىنىغا ئايلىنىپ بولىدۇ دېگەن يەنە بىر ھەقىقەتنى چۈشەندۈرىدۇ.
بىۋاستە ۋە ياكى ۋاستىلىق ھالدىكى قىرغىنچىلىق ھەرىكەتلىرى بىلەن بىرلىكتە داۋام قىلىۋاتقان، ئەڭ ئېچىنارلىق ئاسسىمىلاتسىيە سىياسەتلىرىدىن بىرى، مۇسۇلمان ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان زېمىنلىرىدىن مەجبۇرىي ھالدا خىتتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە ئاپىرىلىپ، ئۇ يەردىكى ھەرخىل پاھىشەخانىلارغا سېتىلىشىدۇر. 18 ۋە 24 ياش ئارىسىدىكى ياش قىزلارنىڭ، خىتتاي ئىچىدىكى زاۋۇت فابرىكىلاردا ئىشلەيدۇ ۋە ئىش ئۈگىنىدۇ ، دېگەن باھانىلار بىلەن مەجبۇرىي ھالدا ئائىلىلىرىنىڭ قوللىرىدىن ئېلىنىپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى پاھىشە ئۆيلىرىگە تارقىتىلىش ئارقىلىق پاھىشىۋازلىققا مەجبۇرلىنىشى دۇنيادا ئوخشىشىنى تاپقىلى بولمايدىغان دەرىجىدىكى ۋەھشى ئاسسىمىلاتسىيە سىياسىتى بولسا كېرەك.
ھېيلە – مېكىرلىك يوللار ئارقىلىق مۇشۇنداق پاھىشە يوللىرىغا زورلانغان مۇسۇلمان قىزلار سانىنىڭ نەچچە ئون مىڭدىن ئېشىپ كېتىشى قورقۇنچلۇق بىر ئەھۋالنى بارلىققا كەلتۈرمەكتە. قىزلىرىغا ئىگە چىقالمىغان ئۈممەتنىڭ كىشىلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن شۇنى دېيەلەيمىزكى، بۇ ئېچىنارلىق ۋەقە بىزنىڭ بۇ دۇنيادا خىجالەتچىلىك، ئاخىرەتتە ئازاپتا بولۇپ قېلىشىمىزغا يېتىپ ئاشىدۇ.
ئۈرۈمچى ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ تاملىرىغا خىتتايلار تەرىپىدىن يېزىلغان «ئۇيغۇرلارنىڭ ئەرلىرىنى قۇل قىلايلى، ئاياللىرىنى پاھىشە قىلايلى» دېگەن سۆزلەر ھەققىدە ئىنگلىزچە ئىندىپەندەنت گېزىتىنىڭ رايۇنلۇق مەسئۇلى ئاندىرىۋ ھېنگىس مۇنداق دەيدۇ: «مانا بۇ سۆزلەر پۈتۈنلەي ئىرقچىلىق ئىدىيىسى بىلەن زەھەرلەنگەن بىر مىللەت ئەۋلادىنىڭ دەيدىغان سۆزلىرى بولۇپ، خىتتاي مىللىتى ئىرقچىلىقتا چېكىدىن ئاشقان بىر مىللەت ئىكەن». ئەمىلىيەتتە، خىتتايلارنىڭ بۇ يازمىسى ئۇيغۇرلارغا بولغان قارىشىنى ئېنىق ئىپادىلەپ بەرگەن.
خىتتايلارنىڭ بۇ قاراشلىرى بىزگە، قۇرئانى كەرىم سۇرە قەسەسنىڭ 4 – ئايىتىنى ئەسلىتىدۇ: «شۇبھىسىزكى، پىرئەۋن (مىسىر) زېمىنىدا (زومىگەرلىكتە) ھەددىدىن ئاشتى، ئاھالىسىنى پىرقىلەرگە بۆلۈپ، ئۇلاردىن بىر تائىپە (بەنى ئىسرائىل)نى بۆزەك قىلدى. ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرىنى ئۆلتۈرۈپ، قىزلىرىنى (خىزمەتكە سېلىش ئۈچۈن) تىرىك قالدۇردى، پىرئەۋن ھەقىقەتەن بۇزغۇنچىلاردىن ئىدى».
خىتتاينىڭ چېكىدىن ئاشقان زۇلۇملىرى ئۆز زامانىدىكى زالىم پىرئەۋىننىڭ زۇلۇملىرىدىنمۇ ئېشىپ چۈشكەنلىكى ئۈچۈن، بۇنىڭ ئۈستىگە يەنە سۆزلىگۈدەك بىر سۆز قالمايدۇ ئەلۋەتتە.
يەنە كېلىپ بىز ياشاۋاتقان بۇ ئېچىنىشلىق ۋەزىيەت، پەقەتلا شەرقىي تۈركىستانغىلا خاس بىر ۋەزىيەت بولماستىن بەلكى پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئاشۇنىڭغا ئوخشىغان بىر ۋەزىيەتكە دۇچ كېلىۋاتقان بىر زاماندا ياشاۋاتىمىز.
ئاللاھ تائالا سۈرە بەقەرەنىڭ 205 – ئايىتىدە مۇنداق دەيدۇ: « ئۇ (ھۇزۇرۇڭدىن) قايتقاندىن كېيىن، زېمىندا بۇزۇقچىلىق قىلىش ئۈچۈن ۋە زىرائەتلەرنى، ھايۋانلارنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ (ئۇنىڭ بۇزغۇنچىلىقى ئەمىلىيەتتە ئىنسانلارنى ھالاك قىلىش ئۈچۈندۇر. چۈنكى، زىرائەتسىز ۋە ھايۋانلارسىز ئىنسانلارنىڭ ياشىيالىشى مۇمكىن ئەمەس). ئاللاھ بۇزۇقچىلىقنى ياقتۇرمايدۇ. »
ئەسلىدە بىزنىڭ زىرائەتلىرىمىزنى ۋە نەسلىمىزنى بۇزماقچى بولغانلار بىلەن مۇجادىلە قىلىش ۋە قارشىلىشىش زامانىمىز ئاللىبۇرۇن كېلىپ بولغان، سىزنىڭچىمۇ شۇنداق بولمىدىمۇ؟
شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇملارنىڭ يەنە بىر تۈرى، دىنىي ئەركىنلىكنىڭ بولماسلىقى ۋە دىنىي ئىبادەتلەرنىڭ ھەرخىل چەكلىمىلەرگە ئۇچرىشىشىدىن ئىبارەت. خىتتايلار جىسمانىي ساغلاملىق شوئارى ئاستىدا، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ رامىزاندا روزا تۇتۇشىنى چەكلەش ھەققىدە قانۇن چىقىرىپ، بىر نەچچە يىلدىن بېرى ئۇنى ئىجرا قىلماقتا. بىر تەرەپتىن مەسۇم ۋە گۇناھسىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ قېنىنى ئاققۇزۇش جەريانىدا، ۋەھشىلەرچە لەززەتلىنىپ كېلىۋاتقان قىزىل خىتتايلارنىڭ، بىردىنلا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ تەن سالامەتلىكىگە ئەھمىيەت بېرىش دەۋاسى، يەنە كېلىپ ئۇنى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئەڭ كۆپ ئەھمىيەت بېرىدىغان رامىزان روزىسىنى چەكلەش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولىشى، ھەقىقەتەن ئېچىنارلىق ھەمدە كۈلكىلىك بىر ۋەقە ئەمەسمۇ؟
شەرقىي تۈركىستاندا توي قىلماقچى بولغانلارنىڭ ئىسلام كۆرسەتمىسى ئاساسىدا نىكاھلىنىشى، ئاجراشماقچى بولغانلارنىڭ دىنىي قائىدە – تۈزۈم بويىچە ئاجرىشىشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋە 18 ياشقا توشمىغان ياشلارنىڭ ناماز ئوقۇشى، روزا تۇتۇشى، قۇرئان ئوقۇشنى ئۆگىنىشى، ھەتتا ئۇنى تەشۋىق قىلىشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى چەكلەنگەنلىكى، شەھەر كوچىلىرىنىڭ تەرەپ – تەرەپلىرىگە ئېسىلغان چوڭ خەتلىك ۋىۋىسكىلاردا ئوچۇق – ئاشكارا ئېلان قىلىنىدۇ. قۇرئان كۇرسلىرىنى ئېچىش، دىننى ئۆگىنىش ئۈچۈن بىر يەرگە يىغىلىش، توي، جىنازە نامىزى قاتارلىق سورۇنلاردا دىنىي تەبلىغنىڭ چەكلەنگەنلىكى ئېلان قىلىنغان ۋىۋىسكىلارنىڭ ئاستىغا «شىنجاڭ مەدىنىيلىشىش ئىشخانىسى» دەپ يېزىلىدۇ.
يەنە شۇ ۋىۋىسكىلاردا ھالال ۋە ھارام ئاتالغۇلىرى چېكىدىن ئاشقان دىنىي ئىدىيەنى تارقىتىش ئارقىلىق، خىتتاي ھاكىمىيىتى يولغا قويغان «قانۇنلۇق دىنىي پائالىيەتلەر» گە زىيان يەتكۈزۈش، چەت ئەلدىكى رادىكال دىنىي تەشۋىقاتلارنى ۋەتەن ئىچىگە سۆرەپ كىرىش، ئېغىر جىنايەت دەپ يېزىلىدۇ.
قىزىل كوممۇنىستلارنىڭ ئىسلام دىنىغا قاراتقان يەنە بىر دۈشمەنلىك سىياسىتى، ئىسلامىي ئىسىملارنى چەكلەشتىن ئىبارەت بولۇپ، «مۇھەممەد»، «ئۆمەر» دېگەندەك ئىسىملارنى «رادىكاللىق» ۋە «چېكىدىن ئاشۇرۇش» نىڭ ئالدىنى ئېلىش شوئارى ئاستىدا چەكلىمەكتە.
كوممۇنىست خىتتايلارنىڭ قورقۇتۇش، ۋاز كەچتۈرۈش سىياسىتىنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى خىتتاي ماقال – تەمسىللىرىگە بېرىپ تاقىلىدىغان بولۇپ، ئۇلار مۇنداق دەيدۇ: «مايمۇننى قورقۇتماقچى بولساڭ ئۇنىڭ ئالدىدا توخونى بوغۇزلا». ھازىرقى ۋەزىيەتتە شەرقىي تۈركىستاندا بۇ ماقال – تەمسىلنىڭ تولۇق ئىپادىسى ئەمەلگە ئاشۇرۇلماقتا. دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىدىغان بۇ دۆلەتنىڭ رەسمىي باياناتلىرىدا ئېلان قىلىنىشىچە، ھەر يىلى پەقەتلا ئۇيغۇرلادىن 200 دىن ئارتۇق كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ. ئەمما ئەمىلىيەتتىكى ساننىڭ بۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە كۆپ ئىكەنلىكى رەسمىي بولمىغان ئىشەنچىلىك مەنبەلەردە بايان قىلىنماقتا. ئۆلۈم جازالىرىدىن باشقا ھەر يىلى مىڭلىغان ياشلار تۇتۇپ كېتىلىدۇ ۋە ئۇلاردىن خەۋەرمۇ ئالغىلى بولمايدۇ.
خىتتاينىڭ تۈرمىلىرى ۋە ئاتالمىش «تەربىيىلەش مەركەزلىرى» بولسا، خىتتاينىڭ ئەڭ كۆپ ئۇرۇپ سوقۇش ۋە قىيناپ ئازاپلاش مەركەزلىرى بولۇپ، مەزكۇر ئۇسۇللار خەلقئارادىكى ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتقان. بەزى دوكلاتلاردا ئاشۇ زۇلۇملارنى تىلغا ئېلىش ئارقىلىق خىتتاي ھۆكۈمىتىنى ئاگاھلاندۇرماقتا. مەزكۇر تەشكىلاتلاردىن بىرى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بولۇپ، ئۇنىڭ 1999 – يىلى ئېلان قىلغان شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى ناملىق 34 بەتلىك دوكىلادى ئەنە ئاشۇ خىتتاي تەرەپنى ئاگاھلاندۇرغۇچى دوكلاتلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
مەزكۇر دوكىلاتتا ئورۇن ئالغان كۆپ ۋەقەلىك ئىچىدىكى بىر ۋەقە، شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈرمىلەردىن بىرىدە يېتىۋاتقان 17 ياشلىق بىر ئوقوغۇچىنىڭ ئائىلىسىگە تۈرمىنىڭ ئىچىدىكى قىيىنچىلىقلار ھەققىدە بەرگەن بەزى مەلۇماتلىرىدىن ئىبارەت ئىدى: تۈرمىنىڭ كامىرلىرى ناھايىتى كىچىك بولۇپ، بىر كىشى ئۈچۈن ياسالغان كىچىك بىر كامىرغا 5،6 كىشى سولاپ قويۇلغانلىقى ئۈچۈن، مەزكۇر كامىر ھەممەيلەننىڭ بىرلا ۋاقىتتا يېتىپ ئۇخلىشىغا يەتمەيدۇ، ئۇخلاش ۋاقتىدا نۆۋەت بويىچە يېتىشقا توغرا كېلىدۇ، ساقچىلار ھەر كامىرغا كىرگەن ۋاقتىدا سولاقتىكىلەرنى بىكاردىن – بىكارغا ئۇرۇپ، دەسسەپ قويۇپ چىقىپ كېتىدۇ، سوراققا تارتىلىدىغانلار ئۈچۈن ئايرىم قىيناش ئۆيلىرى بولۇپ، بىر تەرەپتىن تاياق، يەنە بىر تەرەپتىن توك ئارقىلىق قىيناش ئۇسۇللىرى، ئىشخانا تاملىرىغا بىكىتىۋېتىلگەن چاقلىق ۋە يۈرۈشۈپ تۇرغۇچى زەنجىرلىك قاماقلارغا بىر قولى ياكى بىر پۇتىغا كىشەن سېلىنغان ھالەتتە ئېسىپ قويۇلىدۇ، بۇ ئەھۋال بەزى 24 سائەتقىچە داۋام قىلىدۇ، كىشەنلەر ئېلىۋىتىلگەندە مەھبۇسلارنىڭ ئۆرە تۇرغىدەك ھالى قالمايدۇ. بەزىلىرىنىڭ تىرناقلىرى ئامبۇر بىلەن سوغۇرۇلۇپ ئېلىنىدۇ، يەنە بەزىلىرىنىڭ تىرناقلىرىنىڭ ئاستىغا توك ئارقىلىق قىيناش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
سۆزلەش ۋە يېزىش ئارقىلىق تولۇق ئىزاھلاپ تۈگىتىش مۇمكىن بولمايدىغان شۇنچە كۆپ زۇلۇملارنىڭ بىردىن – بىر سەۋەبچىسى بولغان خىتتاي دۆلىتى، دۇنيا مۇسۇلمانلىرىغا 3 مايمۇن ئويۇنىنى ئويناپ كېلىۋاتقان غەرب دۇنياسى نەزىرىدە، يەنىلا مۆتىۋەر بىر دۆلەت بولۇپ كەلمەكتە.
بۇ زۇلۇملارنىڭ ھەممىسىنى نەزەرگە ئالغىنىمىزدا مۇنداق بىر ھەقىقەت ئوتتۇرىغا چىقىدۇ، شەرقىي تۈركىستان، ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى» بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىدا ئەركىن – ئازادە ۋە تولۇق ھۇقۇققا ئىگە بولىشى كېرەك ئىدى، يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇللارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىدىن بولۇپ، ئۆز خەلقىنىڭ بۇنچە كۆپ زۇلۇمغا ئۇچرىشىغا قاراپ تۇرماسلىقى ۋە ئۇنىڭغا رۇخسەت قىلماسلىقى لازىم ئىدى، ئەمما ئاتالمىش ئاپتۇنۇم رايۇندىكى كۈتۈلگەن قانۇنلۇق ۋەزىيەت بىلەن ئەمىلى ئەھۋال ئارىسىدا ناھايىتى كۆپ پەرق بار ئىكەن.
گەرچە، بەزى يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇللار ئىچىدە ئۇيغۇر تۈركلىرىدىن چىققان مەسئۇللار بار بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئۆز خەلقىنىڭ ئىستەكلىرىگە ۋە ئېھتىياجلىرىغا ۋەكىللىك قىلالىشى مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى، ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتە سۆز قىلىش ۋە ياكى ئېتىراز بىلدۈرۈش ھەققى بولمايدۇ. ئۇيغۇرلار ھەرخىل مەنسەپلەرگە ئىگە بولالىسىمۇ ھەقىقىي ھوقۇق ۋە يا كەسكىن قارار چىقىرش ھەققىگە ئىگە بولالماي كەلمەكتە.
شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئېھتىياجلىرى ۋە پايدا – مەنپەئەتىنى كۆزلىگەن ھەرقانداق بىر ئۇيغۇر مەسئۇل، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مەنسىۋىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ ياكى ھەرخىل جازالارغا ئۇچرايدۇ. تۆۋەن دەرىجىلىك خىتتاي مەسئۇل بىلەن يوقىرى دەرىجىلىك ئۇيغۇر مەسئۇل ئوتتۇرىدا چىققان ھەر قانداق بىر كېلىشمەسلىكتە جازالىنىدىغان تەرەپ ھەر ۋاقىت چوقۇم شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇر مەسئۇل بولىدۇ.
تولۇق ھوقۇقلۇق ئاپتۇنۇمىيە قانۇن – تۈزۈملىرى، ئاپتونۇم رايوننىڭ يوقىرى دەرىجىلىك مەسئۇللىرىنىڭ سالاھىيەتلىرى، مىللەتلەرنىڭ قانۇن ئالدىدىكى تەڭ – باراۋەرلىكى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قانۇن ئالدىدىكى قوغدىلىشقا تېگىشلىك ھەق – ھوقوقلىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى يەنە شۇ قانۇنلارنى چىقارغان ۋە ئېلان قىلغان بېيجىڭ مەسئۇللىرى تەرىپىدىن دەپسەندە قىلىنماقتا. پۈتۈن ھاكىمىيەتنى خىتتاي مەسئۇللىرى دىكتاتورلۇق بىلەن ئۆز چاڭگىلىدا چىڭ سىقىمداپ تۇرماقتا.
ئاپتونۇم رايۇندىكى قورچاق مەسئۇللارنىڭ مەيلى سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئەسكىرىي قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا قارار چىقىرىش، مەيلى ئۇلارنى تەپتىش قىلىش خىزمەتلىرى بولسۇن، ھەممىسى خىتتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ كۆرسەتمىسى ۋە نازارىتى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ.
گېرمانىيەلىك يازغۇچى ئۇلرىچ سېچمىد «بېيجىڭ مەسئۇللىرىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوقىتىش ھەرىكىتى» ناملىق ماقالىسىدە بۇ مەسىلە ھەققىدە توختۇلۇپ مۇنۇلارنى يازىدۇ:
«خىتتاينىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان ئۇيغۇر دىيارىدا ھەقىقىي كۈچ ۋە زوراۋانلىق سىياسىتى ئىنسانىيەتكە ئۈمىد بېغىشلىغۇچى مەنزىللەردىن تولىمۇ يىراقتا ۋە تولىمۇ پەرقلىق ھالدا ھۈكۈم سۈرمەكتە ئىكەن. خىتتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ھەقىقىي كۈچى دۆلەت ئورگانلىرى قولىدىمۇ ئەمەس بەلكى خىتتاي كوممۇنىست پارتىيىسى مەسئۇللىرىنىڭ قولىدا بولغاچقا، ھەقىقىي كۈچنىڭ ۋە ھاكىمىيەتنىڭ خىتتايلارغىلا خاس ئىكەنلىكى ئوچۇق – ئاشكارا كۆرىنىپ تۇرىدىكەن.»
بۇ زۇلۇملارنى توختۇتۇش ۋە ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئەڭ ياخشى خىزمەت مۇشۇ زۇلۇملارنى پۈتۈن دۇنياغا ئاڭلىتىشقا تىرىشىشتىن ئىبارەت بولىشى كېرەك. «بىزنىڭ ئىگىمىز ئاللاھ» دېگەنلىكى ئۈچۈنلا ئىنساننىڭ ئەقلىگە سىغمايدىغان ئازاپ – ئوقۇبەت، ھەرخىل بېسىملار، قىرغىنچىلىقلارغا ئۇچراۋاتقان، ئىمانىدىن، مىللىي كىملىكىدىن، قىممەت قاراشلىرىدىن ۋاز كەچتۈرۈش سىياسىتىگە دۇچ كەلگەن بۇ بىچارە ئۇيغۇر مۇسۇلمان خەلقىنىڭ چېكىۋاتقان زۇلۇملىرىنى پۈتۈن دۇنيا خەلقىگە ئاڭلىتىش ئارقىلىق، خىتتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئىنسانىيەتكە خىلاپ ھەرىكەت مەيدانلىرىنى ئازايتىشقا تىرىشىش، بېسىم ئارقىلىق يەنىمۇ كۆپ ئىنسانلارنىڭ قىرغىن قىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشىش، بىزنىڭ ئاساسلىق غايىمىز بولىشى كېرەك. ئەينى ۋاقىتتا بىز بۇ بىچارە مىللەتكە، ماددىي ياكى مەنىۋىي ياردەملىرىمىزنى سونۇش ئارقىلىق، بۇلارنىڭ ئارقىسىدا ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلدۇرۇپ ۋە خاتىرىلىتىپ، يوقاپ كېتىش ئالدىدا تۇرغان بۇ مىللەتنىڭ ئۆزلىرىگە بولغان ئىشەنچىلىرىنى قايتۇرۇپ كېلىشكە تىرىشىشىمىز لازىم.
پۈتۈن ئىسلام جۇغراپىيىسىدىكى ھەرخىل زۇلۇملارنىڭ ئۇزۇن مۇددەت داۋام قىلىشى نەتىجىسىدە، دۇنيا مۇسۇلمانلىرى ئىچىدىكى ئۈمىدسىزلىك، زۇلۇمغا قارىتا سۈكۈت قىلىش تۇيغۇسىنىڭ ئۇمۇملىشىشىغا سەۋەبچى بولغان مۇھىم ئامىللاردىن بىرى، مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى ئىسلامىي قېرىنداشلىق چۈشەنچىسىنىڭ ئاجىزلىشىشى بولۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز ئارا ئىشەنچ، ھېس – تۇيغۇلىرىنىڭمۇ يوقۇلىشغا سەۋەب بولماقتا. زامانىمىزدىكى مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىنى ئەنە شۇنداق پاناھچىلار ھالىتىگە چۈشۈرۈپ قويغان غەرب ئەللىرىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ياردەم تەلەپ قىلىشقا مەجبۇر بولماقتا. ئاتىكاچا غەرب ئەللىرى مۇسۇلمانلارنى ئۆز چېگرا رايۇنلىرىدا تىلەمچىلىك قىلدۇرۇش ئارقىلىق ھۇزۇرلانماقتا. ئىسلامنىڭ ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئىلگىرىكى ھەشەمەتلىك كۈنلىرىگە قايتىشى، پەقەتلا قۇرئانى كېرىم تەلىماتلىرىغا قايتىش ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈملىرىنى تولۇق ئەمىلىلەشتۈرۈش بىلەنلا مۇمكىن بولىدۇ.
ئاپتورى: دېلەك ئاكىن
تەرجىمە قىلغۇچى: ئابدۇلئەھەت ئۇچقۇن
“BİR DIRAM, KIRK KELAM, DOĞU TÜRKİSTAN” «بىر پاجىئە، 40 سۆز: شەرقىي تۈركىستان» ناملىق ماقالىلەر توپلىمىدىن تاللانما