قاراماي شەھىرىدىكى تەربىيەلەش مەركىزىدە 10مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ تەربىيەلىنىۋاتقانلىغى ئاشكارا بولماقتا
ئۇيغۇر نىداسى تور رادىئوسى خەۋىرى:
ئۇيغۇر نىداسى تور رادىئوسىغا كەلگەن ئېلخەتلەردە مەلۇم بولىشىچە، خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەر قايسى شەھەر، ناھىيە، يېزىلىرىدىن يىغىۋېلىپ، تەربىيەلەش نۇقتىلىرىدا تەربىيەلەش نامىدا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنىڭ مىليون كىشىدىن ئاشقانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.
يېقىندا يوللانغان ئۇچۇرلاردا مەلۈم بولىشىچە، قاراماي شەھىرىدە تەربىيەلەش نامىدا قۇرۇلغان ئورۇنلاردىن قاراماي شەھەر ئىچىدە ئېچىلغان ئەرلەر ئۈچۈن مەخسۇس تەربىيەلەش مەركىزى، قاراماي ئىشچىلار تېخنىكوم مەكتىۋى، پارتىيە مەكتەپلىرىدە ئېچىلغان تەربىيەلەش ئورۇنلىرى، قاراماي شەھەرلىك نېفىت ئېلىش 2 – زاۋۇتىدا ئاياللار ئۈچۈن ئېچىلغان تەربىيەلەش مەركەزلىرىگە ھەر كۈن ساناقسىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئېلىپ كېلىنىپ، مېڭە يۇيۇش ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۈزىتىش تەشكىلاتى دوكلاتىدا، خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى 12 ياشتىن 65 ياشقىچە بولغانلارنىڭ DNA ئەۋرىشكىسى، بارماق ئىزى، قان تىپى ۋە ئۇلارنىڭ كۆز قارىچۇقىنى پەرقلەندۈرىدىغان ئۇچۇرلارنى يىغىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى بۇ ھەرىكەت ئىلگىرىكى پەقەت پاسپورت ئىلتىماس قىلغانلارنىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئۇچۇرلىرىنى ئېلىشتىن ھازىر كېڭىيىپ بارلىق كىشىلەرگە ئومۇملاشتۇرۇلغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە، خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى «نىشانلىق كىشىلەر» دەپ ئاتايدىغان ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىغا تەھدىت دەپ قارىلىۋاتقان كىشىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ يېشى قانچە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇلارنىڭ بىئولوگىيىلىك ئۇچۇرلىرى ئېلىنىدىكەن.
قارامايدىكى بۇ تەربىيەلەش مەركىزىگە يىغىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 10مىڭدىن ئاشىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. بۇ مەركەزدىكى تەربىيىلىنىش ئوبېكىتلىرىنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردە خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئىكەنلىگى مەلۇم. قاراماي شەھەرلىك 2 – ئوتتۇرا مەكتەپتىكى بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇيغۇرچە دەرس ئۆتۈلمىگەن سەۋەبلىك ئىش ئورنىدىن قالدۇرۇپ ئاھالىلار كومىتېتلىرىغا چۈشۈرۈلگەنلىكى، بارلىق ئاھالىلار كومىتېتلىرى خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئالدىنقى سەپ بولۇپ، تەربىيەلەشكە يوللاش، سىياسىي ئدىيىۋى تەربىيە كۇرسلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇش، نۇقتىلىق ئاھالىلارنى نازارەت قىلىش، كامىرا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە كۈزىتىش، ھەر ھەپتىدە تانسا كېچىلىگى ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۇيغۇرلارنىڭ DNA ئەۋرىشكىسى، بارماق ئىزى، قان تىپى ۋە ئۇلارنىڭ كۆز قارىچۇقىنى پەرقلەندۈرىدىغان ئۇچۇرلارنى يىغىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، قوشماق تۇققانلارنىڭ ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرگە مەسئۇل ئىكەن.
قاراماي شەھىرىدە ئىشچى – خىزمەتچى، كادىر – مەمۇر، جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەن جىنايەتچىلەردىن تارتىپ، ئەركىن نەپەس ئېلىۋاتقان ھەر بىر ئۇيغۇر، سەۋەبسىز تەربىيەلەش ئورۇنلىرىغا ئېلىپ كېتىلىۋاتقان. كۆپىنچە ياش ئاتا – ئانىلار بېكىنمە ھالەتتىكى تەربىيەلەش ئورۇنلىرىغا ئېلىپ كېتىلگەنلىك تۈپەيلى، پەرزەنتلىرى ياشقا چوڭ ئاتا – ئانىلىرى، ئۇرۇق – تۇققان، خوشنا – خۇلۇم، دوست – بۇرادەرلىرىنىڭ ھالىدىىن خەۋەر ئېلىشىغا قالغان. تەربىيەلەشكە ئېلىپ كېتىلگەن ئۇيغۇرلار خىزمەت، تىجارەتلىرىدىن كۆپ زىيانغا ئۇچرىغان.
خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ بۇ خىلدىكى تەربىيەلەش ئورۇنلىرى ئارقىلىق يەتمەكچى بولغان نىشانى توۋەندىكىچە:
1. ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىپ، ئۇلارنىڭ يۈرۈگىنى مۇجۇش ئارقىلىق، ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ ھۆكۈمران ئىكەنلىكىنى ئېنىق تونۇتۇش.
2. خىتتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئەركىن ئازادە، خاتىرجەم يەرلىشىشى ئۈچۈن شارائىت ھازىرلاش.
3. ئۇيغۇرلارنىڭ قان ئەۋرىشكىلىرىنى توپلاش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنىڭ ئارخىپىنى ئېلىپ ساقلاش.
4. ئۇيغۇرلارنى روھى جەھەتتىن تۈپتىن ئۈمۈدسىز ھالەتكە چۈشۈرۈپ، بېسىمدىن كېلىپ چىقىدىغان تۈرلۈك كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇشىغا شارائىت ھازىرلاش ۋە بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆلۈمىنى تېزلەشتۈرۈش.
5. پىسخىكىسىنى بۇزۇش، دىنسىزلاشتۇرۇشنى تېزلەشتۇرۇش ئارقىلىق بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى، ھالال – ھارامنى پەرقلەندۈرمەي يەپ ماڭقۇرۇتلاشقان، ئۆزىنىڭ كىملىكىنى بىلمەيدىغان ئىنسانلاردىن قىلىش.
6. ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى مىھرى – شەپقەتنى كۆتۈرۋېتىش، گۇمانخورلۇق، بىر – بىرىگە ئىشەنچ قىلالمايدىغان ھەتتا گەپ قىلمايدىغان قىلىۋېتىش.
7. ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملاندۇرۇش، قىمار ئويناش، ئەيشى – ئىشرەتكە بېرىلىش قاتارلىق ئادەتلەرنى مىللەت ئىچىدە ئومۇملاشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى خاراپلاشتۇرۇش، مىللەتنىڭ نەسلىنى قۇرۇتۇش، تۈرمىلەردە ئۆلتۈرۈپ يوق قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئۇيغۇر نوپۇسىنى ئازايتىش.
8. مائارىپ جەھەتتىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلىنى يوق قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مىللەتنى نادان، ساۋاتسىز، ئىلىمسىز قالدۇرۇشنى ئومۇمىيۇزلۈك ئىشقا ئاشۈرۈش.
9. ئىقتىسادىي جەھەتتە ئۇيغۇرنىڭ بايلىرىنى تۇتقۇن قىلىپ يوق قىلىش، مال – مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىپ يوق قىلىش، مىللىي سانائەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پۇرسىتى بەرمەي يوق قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى.
10. شەرقىي تۈركىستان بىلەن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئالاقىسىنى ئۈزۈش، ئېنتىرنىت تورلارنى قامال قىلىش ئارقىلىق خەلقئارا بىلەن ئالاقىسىنى ئۈزۈش ئارقىلىق ئاۋازىنى چىقارماي ئۆلتۈرۈپ تۈگىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت.
دېمەك، خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ماسلىشىشى ھەمدە، « بىر بەلۋاغ بىر يول » پىلانىدا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلىرى، جۇغراپىيەلىك ئورنىنىڭ مۇھىم بولۇشى خىتتاينىڭ دۇنياغا خوجا بولۇشتىكى ئەڭ مۇھىم بۇسۇغۇلۇق ئورۇن بولغانلىقى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى تۈپ يىلتىزىدىن يوق قىلىش ئۈچۈن نىجىس قولىنى ئۇزۇتۇشىغا سەۋەب بولۇۋاتماقتا.
يەنە شۇنى چۈشۈنۈپ يېتىش كېرەككى، بۇ خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ بىر مەزگىللىك قىلىدىغان مۇددەتلىك سىياسىي ھەرىكىتى بولماستىن، بەلكى بىر مىللەتنى يىلتىزىدىن يوق قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىي پىلانى.
شۇڭا خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىي ھەرىكىتىنى توغرا تونۇپ ۋە تەتقىق قىلىپ ئالدىنى ئېلىش، مۇداپىئە قىلىپ قارشى تۇرۇش ئىنتايىن مۇھىمدۇر.