قاراماي شەھرىدە ئۆي ئاختۇرۇش داۋام قىلماقتا
ئۇيغۇر نىداسى تور رادىئوسى خەۋىرى:
ئۇيغۇر نىداسى تور رادىئوسىغا ئۇچۇر يوللىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاشكارا قىلىشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى قاراماي شەھرىدە ھەر قايسى ئاھالىلەر كومىتېتنىڭ باشلامچىلىقىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، يېقىندا چەكلەنگەن كىتابلارنىڭ تىزىمىنى تارقاتقاچ شۇنداق كىتابلارنى يىغىۋالغان ھەمدە كىمنىڭ ئۆيىدە ئاي يۇلتۇز سۆرىتى چۈشۈرۈلگەن مايكا ياكى زىننەت بۇيۇملىرى بولسا مۇسادىرە قىلغان. ھەمدە كېيىنكى قېتىملىق تەكشۈرۈشتە شۇنداق چەكلەنگەن بۇيۇم ۋە كىتابلار چىقىپ قالسا ئېغىر جازاغا يولۇقىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
يېقىندىن بۇيان قاراماي شەھرىدىكى ئىدارە-ئورگانلاردا ئىشلەيدىغان خىزمەتچىلەرگە يىغىن ئېچىلىپ، شەخسى ماشىنىسىدا ۋە ئۆيلىرىدە تۈركىيىنىڭ كىنو -فىلىملىرى ۋە ناخشىلىرىنى كۆرمەسلىك، ئاڭلىماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەن. شۇنداق قىلغانلار بايقالسا جىنايى جازاغا تارتىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان.
ئۇنىڭدىن باشقا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەر قايسى شەھەر ناھىيەلىرىدە «ئۈلكەر» ماركىلىق تۈركىيىنىڭ يېمەكلىرىنى ھەمدە «ھالال»دېگەن ماركا چاپلانغان مەھسۇلاتلارنى سېتىش چەكلەنگەن.
قاراماي شەھىرىدە يەنە مەمۇرلار ئۆز-ئارا سۆزلەشكەندە چوقۇم خىتاي تىلدا سۆزلىشىش، ئەگەر ئۇيغۇر تىلدا سۆزلەشكىنى تەكشۈرۈش ئۆمىكى تەرىپىدىن بايقىلىپ قالسا جازا تارتىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان.
دېمەك، شەرقىي تۈركىستاننىڭ سانائەت مەركىزى بولغان قاراماي شەھىرىدىكى زۈلۈمنىڭ بۇ دەرىجىگە يەتكەنلىگىدىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدىكى زۇلۇمنىڭ ئىنسان تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.