قارامايدىكى سوتچى تۇرسۇنجان مەسۇم «ئىككى يۈزلىمىچى »كادىرلار قاتارىدا تۇتقۇن قىلىندى
ئۇيغۇر نىداسى تور رادىئوسى خەۋىرى:
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار:
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ نىشانى ئۇيغۇر كادىرلارغا يۈزلىنىپ، جاللات چېن چۈەنگو يېقىندا «ئىككى يۈزلىمىچى كادىرلار»غا زەربە بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
بۇنىڭ تۈرتكىسىدە قاراماي شەھىرىدىمۇ «ئىككى يۈزلىمىچى كادىرلار»غا زەربە بېرىش ھەرىكىتى باشلانغان. بىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردا مەلۈم بولىشىچە، قاراماي رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىدە 25يىل خىزمەت قىلغان تۇرسۇنجان مەسۇم خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن 2017-يىلى 3-ئايدا تۇتقۇن قىلىنغان.
ئىگىلىشىمىزچە، تۇرسۇنجان مەسۇم خىزمەتنى ئاكىتىپ ئىشلەپ كېلىۋاتقان ، ھەتتا 2009-يىلدىكى «5-ئىيۇل»نامايىشىنى سوتلاش خىزمىتىگە قاراماي شەھىرىدىن ئالاھىدە سوتچى سۈپىتىدە ئەۋەتىلگەن ھەمدە شۇ ۋاقىتتىكى سوتلاش خىزمىتىنى باھالاشلاردا تەقدىرلەنگەن.
بىز ئەھۋالنى ئېنىقلاپ بېقىش مەقسىتىدە قاراماي رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە تېلېفۇن قىلدۇق. تېلفۇنىمىزنى ئالغان بىر خادىم سورىغان سوئاللىرىمىزغا ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن جاۋاپ بەردى.
ئىگەللىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولىشىچە، 2015-يىلى كادىرلارنى ئاساسىي قاتلامغا خىزمەتكە چۈشۈرگەندە تۇرسۇنجان مەسۇمنى قاراماي رايونلۇق دىننىي ئىشلار ئىدارىسىگە چۈشۈرگەن بولۇپ،ئەھۋال ئىگەللەپ بېقىش ئۈچۈن مەزكۇر ئىدارىگە تېلېفۇن قىلغان بولساقمۇ، ئەمما تېلفۇنىمىزغا جاۋاپ بېرىلمىدى.
بىز تۇرسۇنجان مەسۇمنى يېقىندىن تونۇيدىغان ،ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان مۇھاجىرەتتىكى بىر ئۇيغۇرنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ ، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ھەممە ئۇيغۇرنى دۇشمەن، دەپ قارا تىزىملىككە ئېلىپ بولغانلىقىنى؛ ھازىر پەقەت ئۇيغۇر كادىرلارنى دەرىجىگە ئايرىپ يۇقۇرقىدەك ناملار بىلەن جازالاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار سىلەر يۇقىردا قارامايدىكى سوتچى تۇرسۇنجان مەسۇم «ئىككى يۈزلىمىچى »كادىرلار قاتارىدا تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە تەييارلىغان پروگراممىنى ئاڭلىدىڭلار .
بۇ پروگراممىنى سىلەر ئۇچۈش ئارتۇچ بۇغرا تەييارلىدى.