قۇياش ھەيۋەتلىك نۇرىنى ئەتراپقا چېچىپ، كۆپ – كۈك ئاسماندا ھەرقانداق چاغدىكىدىنمۇ بەكرەك پارلاپ تۇراتتى.
ھەرىكەتلىرىدىن ھارغىنلىق چىقىپ تۇرغان ئىككى قېرى قارغا بىرى يەنە بىرىگە ئەگەشكىنىچە پەس ئۇچۇپ ئۆتۈپ كەتتى…
رەببىمنىڭ ئەڭ ئاق، ئەڭ قارا، ئەڭ قىزىل ۋە ئەڭ كۆك سۆيۈملۈك بىر ئەسىرى ھەيۋەتلىك تاغ باغرىدىكى دېڭىز كەنارىدا قۇياش نۇرىغا بولۇشىغا چۈمۈلۈۋاتاتتى.
ئەپتىدىن ئەشەددىي زەھەرخەندىلىكلىگى چىقىپ تۇرىدىغان ئىككى سېرىق ھەرە قەيەردىندۇر چىقىپ كەلدى، ئۇنىڭ ئىككى مۈرىسىگە خاتىرجەملىك بىلەن قوندى.
تەڭرىنىڭ ئىرادىسىدىن ئاپىرىدە بولغان ئەسەر:
-جېنىڭلارغا ئىچىڭلار ئاغرىمىسا چېقىڭلار،- دېدى تەمكىنلىك بىلەن.
ھەرىلەر نېمە قىلىشىنى بىلمەي بىر ھازا تۇرۇپ قالدى، ئاخىرىدا نېمىشقىدۇر كەلگەن تەرەپكە قاراپ ئۇچۇپ كېتىشتى.
ھايال ئۆتمەي ئەپتىدىن ئەشەددىي پاسكىنىچىلىقى چىقىپ تۇرىدىغان ئىككى نەپەر رەڭلىك چىۋىن قاناتلىرىنى تىتىرىتىپ ئۇچقىنىچە ئۆزۈرسىزلا پەيدا بولۇپ قېلىشتى، مەسلىھەتلەشكەندەكلا رەببىمنىڭ ئەزىز ئەسىرىنىڭ ئىككى پاقالچىقىغا ئاچ كۆزلۈك بىلەن قوندى! تەڭرىنىڭ ئىرادىسىدىن ئاپىرىدە بولغان ئەسەر:
-ھەي تۈزۈتسىزلەر، خاتا يەرگە قوندۇڭلار! ئۇچۇپ كېتىڭلار! مەن سىلەرنىڭ گۈزەللىكىڭلارغا قاراپ پاچاقلىرىمغا ئىككى نەپەر رەڭدار كېپىنەك قوندى، دەيدىغانلاردىن ئەمەس…!-دېدى…
چىۋىنلەر بولسا خىيالىدا يوق ئۆزلىرىنى تۈزەشتۈرۈپ، نەشتەرلىرىنى بىلەۋاتاتتى…
ئاللاھنىڭ غەزىۋى كەلدى… قاتتىق چاقماق چېقىپ، ھاۋا گۈلدۈرلەپ قارا يامغۇر يېغىشقا باشلىدى…
ئاچچىقتىن كېسىلگەن قۇتسال بۈركۈتلەرنىڭ قارلىق چوققىلاردىن كېلىۋاتقان ھۇشقۇرتۇش ۋە قىچقىرىقلىرى، ئىلاھىي جەڭلەردە شەھىت بولغان قاناتلىق ئاتلارنىڭ دېڭىز تەرەپتىن كېلىۋاتقان سۈرلۈك كىشنەشلىرى، تاغ قاپتاللىرى ھەمدە ئېدىرلاردىكى ئالتۇنرەڭ يىلانلارنىڭ قۇشقۇرتۇشلىرى قاراڭغۇ بۇلۇتلارنىڭ قوينىنى يورۇتۇپ ئۆتۈپ، قۇم ساھىلىنى يەنە قۇچاقلىدى…
رەڭلىك چىۋىنلەر چاققان يەر ئاۋال كۆكۈرۈپ ئاندىن قارىداپ ئاخىرىدا يىرىڭداپ خۇددى تىكەن پاتقان يارىدەك شىددەت بىلەن شەلۋەرەشكە باشلىدى…
ھېلىقى ئەجەل ھارغىنلىقىغا تالغان بەتبەخت ئىككى قېرى قارغا يەنە قەيەردىندۇر پەيدا بولۇپ، يېقىمسىز قاقىلداپ ۋەقە يۈز بېرىۋاتقان مەيداننىڭ ئاسمىنىدىكى قاراڭغۇلۇقنى بېشىغا كىيگىلى تۇردى!
قارغىلارنىڭ قاناتلىرى قېقىلغاندا چىقىۋاتقان شارت – شۇرت، ۋاش – ۋۇش قىلغان ئاۋازلار ئادەمگە نامەرتلەرنىڭ بەت – بەشىرە چىرايىنى ئەسلىتەتتى! ئۆلۈم دەھشىتىگە تولغان رەڭلىك چىۋىنلەر سەكراتقا چۈشكەن بۇ قاراڭغۇ زۇلمەت خۇددى پۈتۈن دۇنيانى قارغا قاپلاپ كەتكەندەكلا تەسىر بېرەتتى كىشىگە…!
رەڭلىك چىۋىنلەرنىڭ ئۆلۈكلىرى … قاپقارا بۇلۇتلارنىڭ سايىسىدە تۆۋەن تەرەپكە قاراپ ئېقىپ چۈشۈۋاتاتتى، باياتىنقى گۈزەللىكىدىن ھېچقانداق ئەسەر قالمىغانىدى…
رەببىمنىڭ بۈيۈك ئەسىرى:
-ھەي ئىستەنمىگەن چىۋىنلەر، ھەي تەڭرىنىڭ لەنەتتەككۇر ياراتىلىقلىرى! سىلەرگە ئېچىنىمەن!-دېدى چوڭقۇر ئۇلۇغ كىچىك تىنىپ!
ھاۋا گۈلدۈرلەيتتى، چاقماقلار چاقاتتى، بۈركۈتلەر قىچقىراتتى ۋە ئەنسىز ھۇشقۇرتاتتى، ئىلاھىي جەڭلەردە شەھىت بولغان قاناتلىق ئاتلارنىڭ سۈرلۈك كىشنەشلىرى، ئالتۇن رەڭ يىلانلارنىڭ قۇشقۇرۇقلىرى ئەۋجىگە چىققانىدى…
رەببىمنىڭ بۈيۈك ئەسىرى سۆزىنى داۋام قىلدى:
– ھەي يۈرىكى ئۆزىدەك قارا قارغىلار، ھەي رەزىللىك ئاشىقى چىۋىنلەر، ھەي زەھەرلىك ئۆرمۈچۈكلەر، ھەي ئىچى تار چايانلار سىلەرنىڭ ھالىڭلارغا ۋاي! سىلەر رەببىمنىڭ ئەڭ ئەزىز كەشپىياتىدىن خەۋەرسىز ياشاپ ئۆلۈپ كېتىسىلەر!
رەببىمنىڭ بۈيۈك ئەسىرى يەنە نىدا قىلىپ:
سىلەر ئۇلارنى ئەمەس ئۆزەڭلارنى نابۇت قىلغۇچىلاردىن بولۇپ قالدىڭلار! ھەي لەنەتتەككۈرلەر سىلەر ئۇلارنى ئەمەس توختىماي ئۆزەڭلارنى چېقىپ كەلدىڭلار! سىلەر چاققۇچى، ئۇلار چېقىلغۇچى بولۇپ كەلدى!
چېقىلغۇچىلارنىڭ ياراتقۇچىسىنىڭ نەزىرىدىكى مەرتىۋىسىنى بىلگەن بولساڭلار كاشكى…
رەببىمنىڭ بۈيۈك ئەسىرى يەنە خىتاپ قىلدى:
ھەي تەڭرىنىڭ گۈزەللىك ئىچىگە بەنت قىلىۋەتكەن لەنەتتەككۈرلەر، ئىلگىرىكىلەرنى سىلەر چاققىچە زەھەرلىك سېرىق ھەرىلەر چاققان بولسىچۇ كاشكى…!
سېرىق ھەرىلەر ئەدەپنى، ئەخلاقنى، ئادالەتنى، مۇھەببەتنى ۋە نەپرەتنى بىلىپ چاقىدۇ!
سىلەر بولساڭلار ھەسەت ۋە كۆرەلمەسلىكتىن ئىچىڭلەرگە توشۇپ كەتكەن زەھىرىڭلارنى قۇسۇش ئۈچۈن چاقىسىلەر!
سىلەرنى تىللادەك سېرىق ھەرىلەرگە ھەرگىز ئوخشاتقىلى بولمايدۇ! سېرىق ھەرىلەر چاققان يەر قىزىل گۈلدەك پۇرەكلەپ ئېچىلىدۇ،- دېدى مەيۈسلۈك بىلەن…!
ئاللاھنىڭ غەزىپى بېسىقىغا چۈشىدىغاندەك قىلمايتتى… قاتتىق چاقماق چېقىپ، ھاۋا گۈلدۈرلەپ قارا يامغۇر رەزىللىكلەرنىڭ ھەممىنى بىر يولىدىلا يۇيۇپ تاشلىماقچى بولغاندەك توختىماي يېغىۋاتاتتى…
ئاچچىقتىن كېسىلگەن قۇتسال بۈركۈتلەرنىڭ قارلىق چوقىلاردىن كېلىۋاتقان ھۇشقۇرتۇش ۋە قىچقىرىقلىرى، ئىلاھىي جەڭلەردە شەھىت بولغان قاناتلىق ئاتلارنىڭ سۈرلۈك كىشنەشلىرى، تاغ قاپتاللىرى ھەمدە ئېدىرلاردىكى ئالتۇن رەڭ يىلانلارنىڭ قۇشقۇرتۇشلىرى قاراڭغۇ بۇلۇتلارنىڭ قوينىنى يورۇتۇپ ئۆتۈپ، قۇم ساھىلىنى ۋە ئۇلۇغ ئوكياننىڭ سۇلىرىنى يەنە قۇچاقلىدى…(ك.ئاتاخان)
06.08.2017 گېرمانىيە/فرانكفۇرت
https://tengritagh.org/