قايدىممىكىنتاڭ
مۇھەممەتجان راشىدىن
دۇنيا ماڭا بەردىم دەپتۇ ئالدىممىكىنتاڭ؟
بەرگىنىنى ياكى ئۇنتۇپ قالدىممىكىنتاڭ.
ئىلكىمدە يوق، ئۆشنەمدە يوق يادىمدا ئاندىن،
كىملەرنىڭدۇر يانچۇقىغا سالدىممىكىنتاڭ.
بەخت دېسە يىللار ماڭا ئۆمۈر بەردى راست،
شۇنچە ياشاپ شۇ ئۆمۈرگە قاندىممىكىنتاڭ.
ھايات يولى قالتىس دېگەن يالغان گەپ ئىكەن،
كىم بىلىدۇ يا مەن خاتا ماڭدىممىكىنتاڭ.
ئايرالمىدىم بۇ ھاياتنى ئوڭۇممۇ چۈشۈم،
دەرتمەنلىكتە ئىچىپ قويۇپ قايدىممىكىنتاڭ.
ئەسكىلەرگە ئارىلاشتىڭ دەپ ئۇرغانلىرى راست،
ئۇرماس ئىدى مەن ئۇلاردىن تاندىممىكىنتاڭ.
تەغدىرىمدە يەرگە چۈشكەن بىر تال ئۇرۇقمەن،
ئۈنگىنىم راست ئەمما پىلەك يايدىممىكىنتاڭ.
شېئىرلىرىم بۇلۇتلارغا چىققاندەك قىلغان،
ئېتىزلارغا يامغۇر بولۇپ ياغدىممىكىنتاڭ.
شائىرلىقنىڭ ئاسمىنىدا ياكى شام بولۇپ،
قاراڭغۇنى يورۇتقىدەك ياندىممىكىنتاڭ.
ئارزۇ دېگەن باشقا ئىكەن، ئارزۇگۈل باشقا،
ياقتۇرمىسا مەن ئۆزۈمنى تاڭدىممىكىنتاڭ.
ئۆمرۈم بويى چال دېگەنگە چالدىم چاۋاكلار،
ئەمدى چالماس بوپقاپتىمەن ھاردىممىكىنتاڭ.
چاتقاللاردىن ساق چىققىنىم غەنىمەت ماڭا،
جىمىپ قالدىم ئەتىمالىم چاندىممىكىنتاڭ.