تارىختىن بېرى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ قەھرىمانلىق داستانلىرى ئۈزۈلگەن ئەمەس. مانا بۈگۈنمۇ پۈتۈن دۇنيا يەنە بىر قېتىم قەھرىمان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ باتۇرلىقىغا شاھىد بولماقتا. بۈگۈن 2018- يىلى 3- ئاينىڭ 15- كۈنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى قەھرىمان ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۇرۇنلاشتۇرغان «بىر ئاۋاز بىر قەدەم» نامايىشىغا باشقا دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر خانىم – قىزلىرىغا ئوخشاشلا، تۈركىيەدىنمۇ بىر نەچچە مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر خانىم – قىزلىرى ئاۋاز قاتتى.
تېخى يېقىندىلا ئەنقەرە ۋە ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر قانچە قېتىملىق نامايىشقا قاتناشقان، ھەتتا ئىستانبۇلدىن بىرەر مىڭ كىلومېتىر يېراقلىقتىكى سۈرىيە چىگراسى ھاتايغا بارغان «ۋىجدان كارۋىنى» غا قېتىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋە سۈرىيە تۈرمىلىرىدىكى زۇلۇم چېكىۋاتقان ئاياللارنىڭ ئاۋازى بولغان، نەچچە كۈنلۈك سەپەر قىلىپ ھېرىپ – ئېچىپ كەلگەن، تېخى تۈزۈك ھاردۇقىمۇ چىقمىغان قەھرىمان ئاياللىرىمىز بۈگۈنكى نامايىشقىمۇ ھاردىم – تالدىم دېمەستىن قېتىلدى.
شۇنداق بۈگۈنكى ئاياللىرىمىزنىڭ قەھرىمانلىقى تارىختىكى ئىپپىتىنى قوغداش يولىدا قولىغا خەنجەر ئېلىپ زالىمنى خەنجەرلىگەن نۇزۇگۇمنىڭ قەھرىمانلىقىدىن، ۋەتىنىنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن ئاخىرغىچە كۈرەش قىلىپ، زالىمنىڭ قولىغا تىرىك چۈشمەسلىك ئۈچۈن ئۆزىنى چوڭقۇر ھاڭغا ئاتقان يەتتە قىزلىرىمنىڭ پىداكارلىقىدىن تۆۋەن تۇرمايدۇ ئەلۋەتتە. شۇنداق، ئۇيغۇر مىللىتى قەھرىمان مىللەت، ئۇيغۇر خانىم – قىزلىرى تېخىمۇ قەھرىماندۇر. ھازىرقىدەك خىتتاينىڭ زۇلۇمى چېكىدىن ئاشقان، ھەر يەردە خىتتاينىڭ جاسۇسلىرى تىمسىقلاپ يۈرگەن، نامايىشقا چىققىنى سەۋەبلىك ۋەتەندىكى ساق قالغان سۆيگەنلىرىگە ھەر ۋاقىت زەرەر يېتىش خەۋپى بولغان بىر ۋاقىتتا، قەھرىمان ئانىلىرىمىز، باتۇر ھەدە – سىڭىللىرىمىز، قەلبىدە پەقەت ئاللاھ رىزاسىنى كۆزلەپ، ۋەتەن ئىشقىدا قوللىرىدا كۆك بايراق بىلەن «ئاللاھۇ ئەكبەر» دېگەن تەكبىر سادالىرى ئىچىدە نامايىشقا چىققانلىقى، ۋىژىلداپ ئېتىلىۋاتقان ئوقلار ئارىسىدا يۈرۈپ قەھرىمان جەڭچىلەرنىڭ يارىسىنى تېڭىپ شېھىد بولغان رىزۋانگۈلنىڭ«شەپقەت ھەمشىرىسى» قەھرىمانلىقىدىن تۆۋەن تۇرمايدۇ.
بۈگۈن ئىستانبۇلنىڭ ئەڭ ئاۋات كوچىلىرىدا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلار لەپىلدىدى. بۈگۈن نەچچە مىڭ ئۇيغۇر خانىم – قىزلىرى زۇلۇمغا ئەسلا رازى ئەمەسلىكىنى ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن دۇنياغا جاكارلىدى. بۈگۈن قەھرىمان ئۇيغۇر ئاياللىرى زالىم خىتتايغا مەردانىلىق بىلەن ھەي زالىم! زۇلۇمنڭنى توختات دەپ خىتاب قىلدى.
بۈگۈن تۈركىيە خەلقى ياكى زالىم خىتتايلا ئەمەس بەلكى پۈتۈن دۇنيا سېلەردەك قەھرىمانلىرى بولغان بۇ مىللەتنىڭ مەڭگۈ باش ئەگمەيدىغانلىقىنى بىلدى.
بۈگۈن بىز ئەركەكلەر سېلەردەك قەھرىمان ئانىلىرىمىز، باتۇر ھەدە – سىڭىللىرىمىز بىلەن ئىپتىخارلاندۇق. ۋەتەن ئازادلىقى يولىدا كۆرسەتكەن بۇ قەھرىمانلىقلىرىڭلار تارىخ بەتلىرىگە پۈتۈلگۈسى. ۋەتەن ئازادلىقى، ھۆرلۈك ئۈچۈن بېسىلغان بۇ قەدەملەر ۋەتىنىمىز ئازادلىقىنىڭ باشلانغۇچ قەدىمى بولغۇسى.
ۋەتەن ئەڭ ئاۋال ھەممىمىزنىڭ قەلبىدە ئازاد بولغان، ھەممىمىز ئەڭ ئاۋال ئۆزىمىزنى ھەر تۈرلۈك قورقۇنچتىن ئازاد قىلىپ ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن، ۋەتەن ئازادلىقى ئۈچۈن ئۆزىمىزنى بېغىشلىغان ۋاقىتتا ئازاد بولغۇسى.
ئاللاھ ۋەتەندىكى زۇلۇم چېكىۋاتقان، ئۈنسىز نالە قىلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دۇئاسىنى قۇبۇل قىلسۇن! پات يېقىندا ۋەتىنىمىزنىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈشكە، ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىمىزنى شەرقىي تۈركىستان تۇپراقلىرىدا تىكلەشكە نېسىپ
قىلسۇن!

مەنبە: ئەينەك تورى