ئىمان نۇرى
قەلبىم پىغانلارغا تولدى، كۆز چاناقلىرىم يەنە قايتىدىن نەملەندى، يۈرەكلىرىم ئىزتىراپلىق ئىچىدە ئەنسىز سوقۇشقا مەھكۇم بولدى، كۈلكىلىرىم ساختىغا ئايلاندى، تېخى ئەمدىلا بىخ سۈرىۋاتقان بۇ ناتىۋان قەلبىم يېتىملىك ئاسمىنىدا سەرسانە سەرسان، مۇساپىرلىق كوچىسىدا ۋەيرانە ۋەيران بولدى. مايسىلار كەبى سەبىيلىكىمگە باقماستىن جۇدۇنلۇق بورانلار مېنىڭمۇ ھەم ئاجىز يۈرىكىمنى سىپاپ ئۆتۈپ ئۆتمە تۆشۈك قىلىۋەتتى. ھېجران ئازابىدا پۇچىلاندىم. بۇ ئەسنادا ئەتراپقا سىنچىلاپ باقتىم، كۈزەتتىم، يالغۇز مەن ئەمەس سانسىزلىغان قېرىنداشلىرىمنىڭ كۆزى نەم، يۈرىكى قان، قەدەملىرى جانسىز، جىسىملىرى روھسىز ھالەتتە ئىكەنلىگىنى كۆردۈم. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۆزۈمنىڭ دەرت خالتىسى بولۇپ قالغىنىمغا قارىماستىن ئۆزگىلەرنىڭ دەردىنى ئاڭلاشقا ۋە كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە تەسەللى بېرىشكە تەشنا بولۇپ قالدىم. ھەر بىر ھەمشىرىلىرىم بىلەن پاراڭلىشىش، پىكىرلىشىش جەريانىدا بىر – بىرىگە ئوخشاشمىغان، پەرقلىق ئەمما بىر – بىرىدىن ئېچىنىشلىق، ئازاپلىق ھېكايىلىرىنى ئاڭلاپ ھەيرانلىق ئىچىدە ئۇزۇن ئۇزۇن جىمجىتلىققا چۆكۈپ ئۆز – ئۆزۈم ئارىسىدا سۈكۈتنى ھۆكۈم سۈرگۈزىدىغان بولۇپ قالدىم. ئارقا – ئارقىدىن كېلىۋاتقان يامان خەۋەرلەر بەزى قېرىنداشلىرىمنى ئۈمىدسىزلىك پاتقىقىغا پاتۇرىۋەتكەن بولسا، يەنە بەزى قېرىنداشلىرىمنىڭ مەڭزىدىكى كۈلكە تامغىسى بولغان زىناقلىرىنىڭ سىماسىنى پۈتۈنلەي يوق قىلىۋەتتى. ” ئەجەبا بۇ خارلىقنىڭ خاتىمىسى بولماسمۇ ؟ بۇ يۈرەكنىڭ داۋاسى بولماسمۇ ؟ ” دېگەندەك نۇرغۇنلىغان سوئاللارنى تىترەك باسقان غۇۋا ئاۋازلىرى بىلەن سورىدىيۇ – ئەمما جاۋابسىز ھالەتتە تېما ئاتلاشقا مەجبۇر بولدى …
قەدىردانلىرىدىن ئايرىلغان، ئائىلە كېمىسى سىناق دېڭىزىنىڭ دەھشەتلىك دولقۇنلىرىدا پارە – پارە بولۇپ كەتكەن، ئائىلىدىكى ئالتە جان كىشى ئالتە شەھەردە ياشاشقا مەجبۇر بولغان ۋە ئۇلارنىڭ پۇت قوللىرىنىڭ ياۋلار تەرىپىدىن كىشەنلەنگەنلىكىنى ئۆز قۇلىقى بىلەن ئاڭلىغان، سەبى بىر قېرىندىشىنىڭ يالغۇز قالغانلىقىنى ۋە نە ھالدا تۇرغىنىدىن ھېچ خەۋىرى بولمىغان، ئۇلۇغ رەببىنىڭ ياردىمى بىلەن ئۆز – ئۆزىگە تەسەللى بېرىپ دەريا دەريا ئېقىۋاتقان ياشلىرىنى توختىتىشقا تەمشىلىۋاتقان، داۋاملىق سەبىر كەلىمىسىنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدۇ – يۇ، ئەمما ئەمەل قىلمىقى تولىمۇ بەسى مۈشكۈل ئىشقا ئايلىنىپ قېلىۋاتقان بىر قىز بولغىنىم سەۋەب، بەزىدە قېرىنداشلىرىمنىڭ كۆز ئالدىمدا تۆكىلىۋاتقان ياشلىرىغا دەرھال خاتىمە بېرىشتىن ئاجىز كەلدىم …
مەن يىغلىمايمەن ئەمەس يىغلايمەن. قايغۇرماي ھەر دائىم خۇشال ياشاپ كېتەلىشىم ناتايىن، مەنمۇ قايغۇرىمەن. يۈرۈگۈمنىڭ پارچىلىرى بولغان ئاتا – ئانامنى، قېرىنداشلىرىمنى سېغىنمايمەن ئەمەس، ئەلۋەتتە سېغىنىمەن، ئەمما بۇ سىناقلار ئارقىلىق مېنىڭ قەلبىمنى ھەقىقەت نۇرى بىلەن پارلاتقان، ئىمان نۇرى بىلەن ساپلاتقان تەڭداشسىز كۈچ قۇدرەت ساھىبى ئۇلۇغ رەببىمگە چەكسىز چەكسىز شۈكرى ھەمدۇسانالارنى يوللايمەن.
بارلىق ئىشلارنى ئاتا – ئانىسىنىڭ قوللىشى ۋە ياردىمى ئاستىدا قىلىپ كەلگەن، خۇددى ئۇلارسىز ھايات ھايات بولمايدىغاندەك، مەڭگۈ ئۇلارنى ھاسا قىلىپ يۆلىنىپ ماڭىدىغاندەك، مەلۇم بىر كۈنلەردە ئايرىلىشنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمايدىغان بىر تەنتەك قىز ئىدىم. مانا ئەمدى ئايرىلىش ئارقىلىق، بۇ دۇنيانىڭ تارتىشقۇدەك ھېچنىمىسى يوق ئىكەنلىكىنى، ئىنساننىڭ ھەر قانچە جېنىدىن ئەزىز كۆرۈپ ياخشى كۆرگەن نەرسىسىدىنمۇ ھامىنى بىر كۈنى ئايرىلىدىغانلىقىنى ۋە ھاياتلىققا ئېرىشتۈرگۈچى، ئىنساننىڭ بىردىنبىر تايانچى بولغان ئاللاھنى ھەممىدىن ئارتۇق ياخشى كۆرۈشنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى، قالغان ھەممە ئىنسانلارنى پەقەت ئاللاھنى رازى قىلىش يولىدا ياخشى كۆرۈش كېرەك ئىكەنلىكىنى، پۈتۈن ھاياتىدىكى قەدەملىرىنى پەقەت ئاخىرەت ئۈچۈنلا بېسىش كېرەك ئىكەنلىگىنى ھەقىقى تۈپ يىلتىزىدىن تونۇپ يەتتىم. بۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھقا ھەر ۋاقىت شۈكرى ئېيتماي تۇرالمايمەن. ئازاپ بەدىلىگە بۇ ئالتۇنغا تېگىشكۈسىز بىباھا گۆھەر كەبى ھەقىقەتنى تونۇتقان ئۇلۇغ رەببىمگە شۈكرى ئېيتماي تۇرالمايمەن، ھەممە ئىشتا ئاتا – ئانامغىلا تايىنىپ قېلىشنىڭ ئاقىۋىتىدىن ساقلاپ، ئۆزىدەك بىردىنبىر تايانچىمنى تېپىۋىلىشىمغا ياردەمچى بولغان بۈيۈك رەببىمگە شۈكرى ئېيتماي تۇرالمايمەن، دۇنيادا راھەت تۇرمۇشتا بىخۇدلۇققا ئەسىر بولۇپ ياشاپ قېلىشتىن قۇتقۇزۇپ، ئاخىرەت سارايلىرىغا بىنا تىكلەشكە پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن، بۇ سېخىي رەببىمگە شۈكرى ئېيتماي تۇرالمايمەن ……
بۇ ئازاپلىق مۇسىبەتلەرنىڭ پەقەتلا بىر سىناق ئىكەنلىكىگە، نەتىجىنىڭ چوقۇم ئېزىلگۈچىلەرنىڭ غەلىبىسى ۋە زالىملارنىڭ مەغلۇبىيىتى بىلەن تاماملىنىدىغانلىقىغا، باتىلنىڭ ھالاكىتى بىلەن ھەققانىيەتنىڭ نۇسرىتى مۇتلەق ئىكەنلىكىنى، ئاللاھنىڭ ھەر بىر قارارىدا زۇلمەت ئەمەس، ھېكمەتنىڭ مەۋجۇتلىقىغا تولۇق ئىشەندۈرگەن شۇ تەڭداشسىز قۇدرەتلىك رەببىمگە شۈكرى ئېيتماي تۇرالمايمەن …
شۇنداق، بۇ ئىشلارنىڭ سىرتقى قىياپىتىنى ئەمەس، ئىچكى ماھىيىتىنى ھەقىقىي ئويلاپ يېتەلىگەن ئادەم ئۈچۈن ئۆز ھاياتىدىن ئۆكۈنۈش، بۇ سىناقلار تۈپەيلى تۈگىشىپ كېتىش بولمايدۇ.
بىر قانچە يىللار ئىلگىرى ھەر قېتىم ئاپام ۋە ئۇستازىم بىلەن بىللە ئۆلۈم ياكى توي ۋە ياكى باشقا تەبلىغ سورۇنلىرىغا بىللە باراتتىم، ئۇ ئايال ئۇستازىمىز تەقۋا ھەم ئىلىم دىيانەتتە يېتىشكەن بىر ئالىمە بولغانلىقى ئۈچۈن بارغان يەرلەردە ۋەز نەسىھەت تەبلىغلەرنى ئۆز ئۈستىگە ئالاتتى، ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئۇلۇغ رەببىمىزگە ھەمدۇسانا ۋە يولباشچىمىز مۇھەممەد مۇستافا سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ۋە ساھابىلىرىگە، ئائىلە تاۋاباتلىرىغا دۇرۇت سالاملارنى يوللاپ بولغاندىن كېيىنلا [ لن تنالوا البر حتى تنفقوا مما تحبون ] دېگەن بۇ ئاللاھنىڭ كالامى بىلەن سۆزىنى باشلايتتى ۋە بۇ ھەقتە شۇنچىلىك كۆپ توختىلاتتىكى ھەر قېتىمقى تەبلىغىدە بۇ ئايەتى كەرىمنى تىلغا ئالماي قالمايتتى. ئاپام بولسا بۇ ئايەتنى ھەر ئاڭلىغىنىدا خۇددى يېڭىدىن ئاڭلاۋاتقاندەك تۆكۈلۈپ يىغلاپ كېتەتتى، كىچىك ۋاقىتلىرىم بولغاچقىمۇ بەكلا ھەيران قالاتتىم ۋە ئاپامنىڭ ئارقىغا كىرىۋىلىپ سورايتتىم. باشتا سورىغان ۋاقىتلىرىمدا : ” قىزىم ، مېنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان نەرسەم سىلى ۋە قېرىنداشلىرى، مەن سىلەرنى ئاللاھ يولىغا ئاتىۋەتتىم، بۇ يولدا ھەر قانداق كۈلپەتلەرگە ئۇچراشقا مەن رازى، سىلىمۇ رازىمۇ ؟ ” دېگەن ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە شۇ ئايەتنى ئاڭلىغىنىدا ئۈن تىنسىز يىغلىغان پېتى مارجاندەك ياشلىرىنى سەجدىگاھقا تۆكۈپ ئۇزۇن ئۇزۇن ئاللاھقا دۇئا قىلاتتى. گۆدەكلىكىم سەۋەب بۇنىڭ تېگىگە يېتەلمەي يەنىلا ھەيرانلىق ئىلكىدە ئاپامنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇرۇپ سوئاللارنى تۆكۈشكە باشلايتتىم. ئاپام يەنە يىغا ئارىلاش ئاۋازى بىلەن:” جىنىم قىزىم، كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ بەدەلنىڭ ۋەزنى ئېغىرلاپ، ئىنسانىي ئاجىزلىقىمىز سەۋەبىدىن بۇ بەدەلنىڭ ئاللاھ يولىدىكى بىر خىزمەت ۋە جەننەت قەسىرلىرىدىكى گۈزەل قەسىرلەر قۇرغۇچىسى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قاخشاپ قېلىپ ياكى نارازىلىق بىلدۈرۈپ قالامىزمۇ دەپ ئەنسىرەپ ئاللاھتىن كۆتۈرەلمىگۈدەك سىناقلارنى بەرمەسلىكىنى ۋە ھەر ۋاقىت مۇستەھكەم ئىرادە بىلەن توغرا نىشان ئۈستىدە قايماي ماڭدۇرۇپ بېرىشىنى ئۆتىنىۋاتىمەن” دېگەن ئىدى.
ھەيرانلىق ئىچىدە ئاپامغا تىكىلگەن كۆزلىرىم توساتتىنلا نەملىنىپ، ياشلىرىم ئاپامنىڭ ئېتىكىگە تاراملاپ ئېقىپ كېتەتتى. مانا ئەمدى ئاپامدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ھەر بىر سۆزى تېپىلغۇسىز ھېكمەت دۇردانىلىرىگە ئايلىنىپ قەلبىمگە مۆھۈر بولۇپ بېسىلىپ كېتىۋاتقان ئىدى. ھەر قېتىم كۆڭلۈم يېرىم بولغىنىدا، ئاپامنىڭ شۇ سۆزلىرى ماڭا ئىلھام بولىدۇ ۋە ئۈمىد بېغىشلايدۇ. «ئەڭ ياخشى كۆرگەن نەرسىسىنى قۇربان قىلمىغۇچە ياخشىلىققا ئېرىشەلمەيدۇ» دېگەن شۇ ئايەت، ئاپامنىڭ تالاي قېتىملاپ ئاققان ياشلىرىنىڭ تۈپ مەنبەسى بولغان شۇ ئۇلۇغ سۆز مېنىڭمۇ ھەم يىغامغا سىگنال، قەلبىمگە ئۈمىد، يولۇمغا خەرىتە بولۇپ كېلىۋاتىدۇ …
ئەي ئەزىز قېرىنداشلىرىم، كېلەچەكنىڭ قەھرىمانلىرى، ئەزىز ۋەتەننىڭ كۆز قارىچۇقلىرى، سېغىنىش ئوتى سىزنىڭ قەددى قامىتىڭىزنى ئېگىپ قويمىسۇن ! سەبىر ئارقىلىق ئاللاھ تەرەپتىن بىۋاسىتە ئېرىشىدىغان ئەجىر ئەزىملەردىن مەھرۇم قويمىسۇن! ھەر قېتىم كۆز ياشلىرىڭىز تاراملاشقا باشلىغىنىدا ئاللاھنىڭ: [ أم حسبتم أن تدخل الجنة ولما يأتكم مثل الذين خلوا من قبلكم ] بۇ سۆزىنى ئەسلەڭ -دە، شۇ ھامان چېھرىڭىزدە كۈلكە يۈگۈرسۇن. بۇ پۈتۈن دۇنيا پىتنە – پاساتقا تولۇپ تاشقان بىر ۋەزىيەتتە، شۇلار بىلەن مەشغۇل قىلىپ قويماستىن ھەقىقىي ۋەزىپىمىزنىڭ نېمىلىكىنى تونۇتقان ئەڭ مېھرىبان، ئەڭ رەھىمدىل ئۇلۇغ رەببىمىزگە چەكسىز شۈكرى ھەمدۇسانالارنى يوللاڭ ۋە مېنىڭ يۇقىرىدىكى سۆزلىرىمنى ھەم ئەسلەشنى ئۇنۇتماڭ …
? لن تنالوا البر حتى تنفقوا مما تحبون ?
مەزلۇم قېنى تۆكۈلدى،
تۇپراقلارغا خار بولۇپ.
بىزلەر رابقا يېلىندۇق،
ئۈمىدلەرگە لىق تولۇپ.
كۆز ياشلىرى قۇرىمىدى،
كەلكۈن كەبى تىنماي ئېقىپ.
ياۋلار ئاڭا يايرىدى،
ئۆز نىيىتىگە تېز يېتىپ.
ئەزىز جانلار قىينالدى،
سىغىنچلار جۇش ئۇرۇپ.
نىدا كەلدى ئاسماندىن،
سەبىر قىلىڭ تىك تۇرۇپ.