قىلىچ ۋە قەلەمنىڭ ئىشقى – مۇھەببەت ھېكايىسى

قىلىچ ۋە قەلەمنىڭ ئىشقى – مۇھەببەت ھېكايىسى

 

يۇلغۇن

 

ئىنسان ئىجتىمائىي مەۋجۇدىيەت بولۇپ، توپلۇشۇپ ياشايدۇ. بۇ سەۋەپتىن مەيلى يېزىق بىلەن پۈتۈپ چىقىلغان ياكى ئاغزاكى شەكىلدە ئەۋلاتتىن ئەۋلاتقا مىراس قالىدىغان قائىدە – مىزانلار ئىچىدە ياشاشقا ئادەتلەنگەن. گەرچە ئىنسان تۇغۇلۇشتىنلا توغرا – خاتانى ئايرىش قابىلىيىتىگە ئىگە بولسىمۇ، ياخشىلىقنى بىلىپ تۇرۇپ قىلمايدىغان، يامان ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ماڭىدىغان ياكى توسىمايدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىدى. مانا بۇ سەۋەپتىن ئىنساننىڭ ئەقلىنى تەربىيلەشتىن زىيادە ئىرادىسىنى تەربىيلەش، مەنىۋى دۇنياسىنى تىزگىنلەش زۆرۈر ئىدى.

دىننىڭ ئوتتۇرىغا چىقىش ياكى ئەۋەتىلىش مەقسىتى ئىنسانلار جەمئىيىتىدە ئادالەت، ئەركىنلىك، ھەق – ھوقۇقتا باراۋەرلىك، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشقا ئوخشاش ئورتاق قىممەت – قاراشلار ئاساسىدا يېڭى بىر جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئىدى. ئىشەنگۈچىلەر ئۈچۈن دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك بەخت – سائادەتنى، ئىشەنمەيدىغانلار ئۈچۈن بۇ دۇنيالىق خۇشاللىقنى قولغا كەلتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىش دىننىڭ غايىسى ئىدى. ئىنسان ھاياتىدا جان، مال، نەسەپ ۋە ئىززەت – ئابرويىنىڭ ھىمايە ئاستىغا ئېلىنىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ ۋە مۇشۇنداق بىر جەمئىيەتتە ئۆزىنىڭ خۇشال ھېس قىلىدۇ. مانا بۇ سەۋەپتىن ئىنسان دىنغا مۇھتاج .

ئىنسانلارنى باشقۇرۇش، ئىدارە قىلىش كۆپىنچە سىياسىي كۈچ، قانۇن – تۈزۈم، يەنى قىلىچ بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، ئۇ ئاجىزلىق قىلغان تەرەپلەردە ئىنساننى مەنىۋى جەھەتتىن تىزگىنلەش لازىم ئىدى. مانا بۇ نوقتىدا يۇمشاق كۈچكە تايىنىش لازىم ئىدى. بۇ يۇمشاق كۈچنىڭ ۋەكىللىرى « دىنىي زاتلار » ئىدى. دىننىڭ ئىجتىمائىي ھاياتنىڭ ھەر ساھەسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ھەقىقەتتۇر. ئۇنىڭ پەرقلىق مىللەتلەرنى بىر بايراق ئاستىغا بىرلەشتۈرۈپ چوڭ ئېمپىرىيەلەرنى قۇرۇپ چىقالايدىغانلىقىغا تارىخ شاھىتتۇر. تارىخ قەلەمنىڭ قىلىچتىن بەكرەك مۇھىم رول ئوينىغانلىقىغا گۇۋاھ بولۇپ، مانا بۇ تەرەپتىن دىنى كۈچ ئاكتىپ پايدىلىنىپ، سىياسىي كۈچنى نوپۇزى ئاستىغا ئالغان، ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرغان.

ئوتتۇرا ئەسىردە ياۋروپا ئەللىرىدىكى پادىشاھلارنىڭ پاپانىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ ئەھلى سەلىپ ئۇرۇشلىرىغا قاتنىشىشى؛ 20 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا مۇسۇلمانلاردا خەلىپىنىڭ جىھاد چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ چاناق قەلئەگە كېلىشى؛ قەشقەرنى مانجۇ ھۆكۈمرانلىرىدىن تازلىغان ئوسمان قىرغىزنىڭ قوقانغا بېرىپ ئاپپاق خوجا ئەۋلادىدىن خىزىرخان خوجىنى قەشقەرگە تەكلىپ قىلىشى؛ ئوتتۇرا شەرقتە ئىراندىكى موللىلار ھاكىمىيىتى بۇنىڭ كۈنىمىزدىكى جانلىق مىسال بولالايدۇ.

تارىختا كۆپىنچە ۋاقىتتا قەلەم قىلىچنىڭ تىزگىنى ئاستىغا كىرىپ، سىياسىي كۈچ ئۈچۈن خىزمەت قىلغان، جەمئىيەتنى بىرلىكتە باشقۇرۇپ كەلگەن. ئىسلامدا گەرچە خىرىستىيان كاتولىك مەزھىبىگە ئوخشاش مۇستەقىل دىنى مەركەز قۇرۇلۇپ، ۋاتىكاندەك بىر تۇتاش باشقۇرۇلمىغان بولسىمۇ، لېكىن دىنى كۈچ شەيخۇل ئىسلام ئۇنۋانى بىلەن قىلىچنىڭ ئاستىدا تىزگىنلەنگەن. ھاكىمىيەت ھەر ۋاقىت شەيخۇل ئىسلام، مەدرىسە، تەرىقەت مەركەزلىرى ئارقىلىق ئۆزلىرىگە يىقىن دىنى كۈچىنى يۆلەپ، كىشىلەرنى باشقۇرۇپ كەلگەن. ئۇيغۇر تارىخىغا نەزەر تاشلايدىغان بولساق، ھىدايەتۇللاھ ئاپاق خوجىنىڭ تۈركىستانغا كېلىشى؛ دىن، شەرىئەت – تەرىقەت نامىدىن ئەتراپىغا مۇرت يىغىشى دەسلەپ سەئىدىيە خانلىقى تەرىپىدىن قوللاپ – قۇۋەتلەنگەن بولسا، كېيىن ھاكىمىيەتكە كۆز تىكىشى باستۇرلۇشىغا، ئاقىۋەت سەئىدىيە خانلىقىنىڭ تارىخ سەھنىسىدىن چۈشۈشىگە سەۋەپ بولغان.

يىقىن تارىختا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىدە يۈز بەرگەن ئۆزگۈرۈشلەر تارىخنىڭ تەكرارلىنىشىدىن ئىبارەت بولسا كېرەك. ئا ك پ ( ئادالەت ۋە گۈللىنىش پارتىيىسى ) 2002 – يىلى 11 – ئايدا ھۆكۈمەت قۇرۇپ تۈركىيەنى باشقۇرۇشقا باشلىغاندىن تارتىپ، دۆلەت ئىچىدىكى كامالىستلارغا قارشى نۇر جامائىتىنىڭ بىر تارمىقى بولغان، مائارىپ – گۈللىنىش شۇئارى بىلەن مەيدانغا چىققان فەتقۇللاھ گۈلەن تەرىقىتىنى تۈركىيە ئىچى – سىرىتىدا يۆلەپ كەلدى. بۇ تەرىقەتنىڭ 1990 – يىلىدىن تارتىپ تەربىيلەپ كېلىۋاتقان مۇرتلىرى دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ئورگانلىرىغا سېڭىپ كىرىپ تىزگىننى قولىغا ئېلىشى بىلەن باشلانغان ئىچكى ھوقوق تالىشىشى كۆرىشى، فەتقۇللاھ گۈلەن جامائىتىنىڭ دەرسخانىلىرىنى تاقاش مەسىلىسى بىلەن قىلىچ – قەلەم ئوتتۇرىسىدىكى ئىشقى – مۇھەببەت نەپرەتكە ئايلاندى. يىللاردىن بۇيان ئا ك پ ۋە ئا ك پ ھۆكۈمىتىنى ماختاپ كېلىۋاتقان گۈلەن مەتبۇئاتلىرى ئۇنىڭغا قارشى ھۇجۇمغا ئۆتۈشكە باشلىدى. 2013 – يىلى 15 – دېكابىردا باش مىنىستىر ئەردوغان باشچىلىقىدىكى ھۆكۈمەت كابىنت ئەزالىرىنى قولغا ئېلىشقا ئۇرۇنۇش بىلەن يۇقىرى پەللىگە چىققان ھوقۇق تالىشىش كۆرىشى، 2016 – يىلى 15 – ئىيۇلدا ئېلىپ بېرىلغان ئەكسىيەتچىل ھەربىي ئۆزگۈرۈش تەشەببۇسى بىلەن نەتىجىلەندى. بىر زامانلار ھۆكۈمەت تەرىپىدىن يۆلەنگەن، ياخشى خىزمەت ئۈلگىسى بولغان فەتقۇللاھ گۈلەن جامائىتى قانۇنلۇق ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنغا « تېرورچى » تەشكىلاتقا؛ ئالتى يىل بۇرۇن ئۆلگەن بولسا بەلكىم تۈركىيەدە ھەر يىلى خاتىرلەش مۇراسىملىرى ئۆتكۈزۈلىدىغان « بۈيۈك ئۇستاز، دىنى ئالىم » ئەمدىلىكتە « تېروررىست »، « تېرورىستلار ئاتامانى »غا ئايلاندى.  

2013 – يىلى 3 – ئىيۇلدا مىسىردىكى ھەربىي ئۆزگۈرۈش ۋە 14 ئاۋغۇستتا قاھىرە رابىيە مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلغان قەتلىئامنىڭ ئەزەر شەيخى ئەھمەت ئەت تاييىب تەرىپىدىن قوللاپ قۇۋەتلىنىشى قىلىچ – قەلەم ئىتتىپاقىنىڭ ئىسلام دۇنياسىدىكى يەنە بىر ئۆرنىكىدۇر.

يىقىنقى ۋاقىتلاردا سەئۇدىي ئەرەبىستان مۇپتىسى ۋە ئۆلىمالار ھەيئىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇلئەزىز ئەلى شەيخنىڭ « ئىسرائىل بىلەن ئۇرۇش قىلىش جائىز ئەمەس، خاماسنى تېرورچى تەشكىلات دەپ ئېلان قىلىشى»[1]؛ بىر تۈركۈم دىنى ئالىملارنىڭ قولغا ئېلىنىشى سەئۇدىيدا قىلىچ – قەلەم ئوتتۇرىسىدىكى شىرىن مۇھەببەتنىڭ ئاخىرلىشىپ، قەلەمنىڭ قىلىچ كونتىرولىغا كىرگەنلىكىنىڭ نامايەندىسىدۇر.

خىرىستىيان دۇنياسىدا 1648 – يىلىدىن تارتىپ قىلىچ ۋە قەلەمنىڭ جەمئىيەتتىكى مونوپۇللىقىغا قارشى باشلانغان ھۆرلۈك ھەرىكىتى، 1789 – يىلى 8 – ئايدا فىرانسىيەدە قوبۇل قىلىنغان « ئىنسان ۋە يۇرتداشلىق باياننامىسى » بىلەن نەتىجىلەندى. بۇ باياننامە بىلەن قاتتىق شەرىئەت مەنتىقىسى ئارقىلىق ئىنسانلارنى مەنىۋى جەھەتتىن قۇل قىلىپ، ئىنسان ئەقلىنى دەپسەندە قىلغان چىركاۋنىڭ جەمئىيەتتىكى مونوپۇللىقىغا خاتىمە بېرىلدى؛ ئۆزى ۋە يانتاياقلىرىدىن باشقىلارنى ئىنسان قاتارىدا كۆرمەيدىغان سىياسىي كۈچنىڭ مۇستەبىتلىكى ئاغدۇرۇپ تاشلىنىپ، شەخىسنىڭ قەدىر – قىممىتى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇلدى، ئىنسان ئەقلىگە ھۆرمەت قىلىندى. مانا بۇ تارىختىن باشلاپ غەرپتە بىرلا دىن بار ئىدى، ئۇ بولسىمۇ « ئەقىل دىن »ى ئىدى. ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئىلىم – پەن تەرەققىياتىنىڭ ئالدىغا توسالغۇ بولۇپ تۇرغان پوپلار چىركاۋغا ھەيدەلدى، ھاكىمىيەتكە قول تىقىشى چەكلىنىپ، ئىلىم – پەن تەرەققىياتنىڭ يولى ئېچىلدى.

تور بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى ھويلام تورىغا مەنسۇپ. ھويلام تورى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى ئۈچۈن يېڭى بىر ماكان ھازىرلاپ بېرىش ئۈچۈن تىرىشقۇسى.