قويلار
بۇ ھېكايە ناھايىتى يىراق، چەت بىر جايدا يۈز بەرگەن …. تەشۋىقات ۋاستىلىرى بولمىغان چەت بىر جايدا….
بۇ جايدا قاسساپ پىچىقىنى بىلەپ گۆش ئاسىدىغان ئىلغۇلىرىنى تەييارلاۋاتقان ئىدى. بۇ ۋاقىتتا قوتاندىكى قويلار بۇ قوتانغا مەڭگۈ ياشايدىغان بىر كاپالەت بىلەن كەلگەندەك بىغەملەرچە يەپ – ئىچىپ ئويناۋاتاتتى …
قاسساپ بىردىنلا قوتاننىڭ ئوتتۇرىدا پەيدا بولدى . قويلار ئۆزلىرىنىڭ تەبئى تۇيغۇسى بىلەن «مۇھەققەق ئۆلۈم كەپتۇ » دېگەننى بىلىپ يېتىشتى . بىر قوي تاللاپ ئېلىندى . قاسساپ ئۇنىڭ مۈڭگۈزىدىن تۇتۇپ قوتاننىڭ سىرتىغا سۆرەشكە باشلىدى . … ئەمما بۇ قوچقار بولۇپ ياش ، مەزمۇت ، بەدىنى تولغان، كۈچلۈك ئىككى مۈڭگۈزى بار قوچقار ئىدى . بۇ قوچقار ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى، قاراپ تۇرۇشنىڭ قورقۇنچلۇق ئىكەنلىگىنى ئۆزىنىڭ ئۆلۈمگە ئېلىپ مېڭىلىۋاتقانلىقىنى پەملەپ يەتكەن ئىدى ….
ئۇ پادىلارنىڭ بىردىنبىر ، شۇنداقلا بىرىنچى نۇمۇرلۇق دەستۇرى بولغان دەستۇرنى ئۇنتۇلۇپ قالغان ئىدى. بولمىسا ئۇ تېخى بىر نەچچە سائەت ئالدىدا قوتاندىكى ياشتا چوڭراق قويلاردىن بۇ ۋەسىيەتنى ئاڭلىغاندەك قىلغان ئىدى . ۋەسىيەتتە « قاسساپ سېنى تاللىسا سەن ئەسلا قارشىلىق كۆرسىتىشكە ئۇرۇنما . قارشىلىق كۆرسىتىشنىڭ پايدىسى بولمايلا قالماستىن، ئەكسىچە قاسساپنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويساڭ، ئۆزۆڭنى ۋە باشقا قوي پادىلىرىنى بالاغا تىقىسەن، ئىش سەن بىلەنلا كەتمەيدۇ، ھەممىمىزنى بالاغا تىقىسەن » دېيىلىگەن ئىدى.
قوچقار كۆڭلىدە : بۇ بىر خاتا تەۋسىيە، ھاماقەتلەرچە تۈزۈلگەن دەستۇر . بۇ شارائىتتا قارشىلىق كۆرسىتىشنىڭ پايدىسى بولمايدۇ دېگەن تەقدىردىمۇ مېنىڭ قارىشىمچە ماڭا زىيىنى يوق. ئۇلارنىڭ ” قارشىلىق كۆرسىتىش، قاسساپنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرۈپ ھەممە قويلارنى ئۆلتۈرىۋىتىشى مۈمكىن دېگەن گېپىمۇ سېپى ئۆزىدىن ھاماقەتلىك. قاسساپ بۇ قوتانغا بىزنى بىر – بىرلەپ سويۇپ يوقىتىش ھەققىدە پىلاننى تولۇق تۈزۈپ بولۇپ ئەپكەلگەن گەپ . قارشىلىق كۆرسىتىشنىڭ پايدىسى بولۇشى مۇمكىنكى لېكىن ئەسلا زىيىنى يوق” دېگەنلەرنى ئويلىدى .
قوچقار شىر كەبى قاتتىق بىر يۇلقۇندى . قاسساپ ھاڭ – تاڭ قالدى. ئۇ قاسساپنىڭ قولىدىن قېچىپ چىقىپ قوي پادىسىنىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتتى . قوچقار بۇ يەردە ئۆزىنى كۈتۈپ تۇرغان ئۆلۈمدىن ۋاقىتلىق بولسىمۇ قېچىپ قۇتۇلغان ئىدى . قاسساپ بۇ ئىشلارنى ئۇنچە بەكمۇ پەرۋايىغا ئېلىپ كەتمىدى . چۈنكى قوتاندا قوي دېگەن تولۇپ – تېشىپ تۇرۇپتۇ. ئۇ قاچقۇن قوچقارنى قوغلايمەن دەپ ۋاقىت ئىسراپ قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق – دە ؟! قاسساپ يەنە بىر پاقلاننى تۇتۇپ مۈڭگۈزىدىن سۆرىگەن پېتى قوتاندىن ئېلىپ چىقىپ كەتتى . كېيىنكى قوي تېنچلىقپەرۋەر ، ئامانلىقنى سۆيىدىغان قوي بولغاچقىمىكىن باشقا پادىلار بىلەن ۋىدالىشىپ بوشقىنە مەرەپ قويغاندىن باشقا ھېچقانداق قارشىلىق كۆرسەتمىدى . بۇ قوي قوتاندىكى ھەممە قويلارغا ياراپ كەتكەن ئىدى . ھەممە قويلار بىردەك ئۇنىڭ ئىسمىنى چاقىرىپ يۇقىرى ئاۋازدا ئۇنى ماختايتتى. قويلارنىڭ ماختاشلىرى بېسىقماي تۇرۇپلا قاسساپنىڭ « بىسمىللاھ. ئاللاھۇ ئەكبەر » دېگەن جاراڭلىق ئاۋازى ئاڭلاندى. ھەممەيلەن سۈكۈتكە چۈمگەن ئىدى. بولۇپمۇ قاننىڭ پۇرىقى قوتانغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن قوتاندا بىر مەزگىللىك تىمتاسلىق ھۆكۈم سۈردى. ئەمما قويلار بىردەمدىن كېيىنلا قاسساپقا قارشىلىق كۆرسىتىش ھەققىدىكى ھەر قانداق پىكىرنى رەت قىلىدىغان، بېشىغا كەلگەن قازا -قەدەرگە بوي ئېگىدىغان ئادىتى بويىچە يەپ – ئىچىشكە كىرىشىپ كېتىشتى. شۇنداق قىلىپ قويلار قوتاندا ئارقا – ئارقىدىن كېلىدىغان ئۆلۈمنى كۈتۈپ يېتىۋېرىشتى . ھەر قېتىم قاسساپ ئۇلاردىن بىرىنى تۇتقىلى كەلسە باشقا قويلار ئۇنىڭغا «قارشىلىق كۆرسىتىشكە بولمايدۇ » دەيدىغان پادىلارنىڭ دەستۇرى بويىچە ئۆلۈشنى تەۋسىيە قىلىشنى ئۇنۇتمايتتى.
ۋاقىت ۋە كۈچىنى تىجەشنى ئويلىغان قاسساپ ئىتائەتچان يۇۋاش -يۇمشاق بىر قوينى تاپسا ئۇنىڭغا قوشۇپ يەنە بىر پاقلاننى ئېلىپ ماڭاتتى. يۇۋاش – يۇمشاق پاقلانلارنىڭ سانى كۆپەيگەنسىرى قاسساپنىڭ بىر قېتىمدا تېخىمۇ كۆپ پاقلان سويۇشقا بولغان تەمەسى شۈنچە كۈچىيىپ كېتىپ باراتتى. كېيىنچە ئۇ بىر پاقلاننى تۇتۇپ بىر ئىككى، بەزىدە تۆت بەشكە قەدەر پاقلاننى بۇ پاقلاننىڭ ئارقىدىن قۇشخانىغا مېڭىشقا ئىشارەت قىلىپ ئېلىپ ماڭىدىغان ھالغا كەلدى. ئۇ :
– نېمە دېگەن تېنچلىق سۆيەر پاقلان بۇ ؟! مەن بۇنىڭدىن بۇرۇن ھېچبىر پاقلاننى بۇ پاقلاننى ھۆرمەتلىگەندەك ھۆرمەتلىگەن ئەمەسمەن . بۇ پاقلان راستىنلا ھۆرمەتكە لايىق پاقلان – دەيتتى.
قاسساپ باشتا سويىدىغان پاقلاننى – ئۇلارنىڭ غەزىۋىنى كەلتۈرمەسلىك ھەمدە باشقا پاقلانلارنىڭ قوتاننىڭ تېمىدىن ئاتلاپ يىراققا قېچىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن – باشقا پاقلانلارنىڭ ئالدىدا بوغۇزلاشتىن ساقلاندى. لېكىن ئۇ قويلارنىڭ شەرتسىز ئىتائەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىدە ئۆزىنىڭ ئارتۇقچە زورۇقۇپ يۈرگىنىنى، پاقلانلارنىڭ ئاجايىپ ئىتائەتمەن، قانائەتچان ئىكەنلىكىنى، ئارتۇقچە ھوقۇق تەلەپ قىلغۇدەك شۈكرى قانائەتسىز، ئاڭسىز ئەمەسلىكىنى، بەرگەن ئوت سامان ئۈچۈن مىڭلاپ شۈكرى قىلىپ ياتىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ پاقلانلارنى قاتار تىزىپ، پىچاقنى بىرلا قېتىم بىلەپلا ئارقىدىن ياتقۇزۇپ بوغۇزلايدىغان بولدى. تىرىكلىرى قاسساپنىڭ پىچىقى ئاۋۋال تېگىپ بۇرۇن بۇغۇزلانغىنىنىڭ ھالىنى كۆرۈپ تۇراتتى. لېكىن پادىلارنىڭ «قارشىلىشىشقا بولمايدۇ » دەيدىغان دەستۇرى قارشىلىق كۆرسەتمەكچى ياكى قاچماقچى بولغان ھەر قانداق قوينىڭ ئالدىنى چوڭ بىر توساق بولۇپ توسۇپ تۇراتتى .
قاسساپ شۇ كۈنى كەچقۇرۇن بىر ئاز چارچىغانلىقتىن بۈگۈن باشلىغان ئىشلارنى ئەتە سەھەردە تېتىك بىر شەكىلدە داۋاملاشتۇرۇش ئويى بىلەن دەم ئېلىشقا ماڭدى. بىزنىڭ قوچقار ئۆلۈم قوتىنىدىن چىقىش ۋە باشقا پادىلارنىمۇ ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ چىقىپ كېتىش ھەققىدە ئويلىشىپ بولغان ئىدى. باشقا قويلار بۇ قوچقارنىڭ قوتاننىڭ ياغاچ توسمىسىنى ئۈسسىگەن ھالەتتىكى جۈرئىتى ۋە تەلۋىلىكىدىن ھاڭ تاڭ قالغان ھالدا ئۇنىڭغا قارىشىپ تۇراتتى. ياغاچ توسما ئانچە پۇختا ئەمەس ئىدى. قاسساپ پاقلانلارنىڭ قېچىپ چىققۇدەك جۈرئىتىنىڭ يوق ئىكەنلىگىنى ئوبدان بىلەتتى. ياش پاقلان ئۆزىنى قوتاننىڭ تېشىدا كۆردى. ئۇ كۆزلىرىگە ئىشىنەلمەيلا قالغان ئىدى…. ئۇ قوتاندىكى قېرىنداشلىرىغا: “دەرھال چىقىڭلار، تاڭ يورۇپ بولغۇچە بىللە قېچىپ كېتەيلى !” دەپ نىدا قىلدى . قىززىق يېرى، پادىلارنىڭ ھېچقايسىسى بۇ قوچقار بىلەن چىقمىدى. تېخى بۇنىڭ بىلەن قالماي قوتاندىكىلەرنىڭ ھەممىسى بۇ قوچقارنى قارغاپ، تىللاپ، “سىڭگەن نېنىنى يىمەي …” دەپ ئەيىلەشكە باشلىدى . ئۇلار بۇ كېچە قوتاندا يۈز بەرگەن ئىشلارنى قاسساپنىڭ بىلىپ قالغان بولۇشىدىن قورقۇپ دىر – دىر تىترىشەتتى . قوچقار ئۆز پادىسىنىڭ ھايات -ماماتلىق قارارىنى چىقىرىشىنى كۈتۈپ ئۇلارغا قاراپ تۇراتتى . قوي پادىسى ئۆز ئارىلىرىدا قوچقارنىڭ قوتاندىن قېچىپ چىقىپ ئۆزىنى قاسساپنىڭ پىچىقىدىن قۇتۇلدۇرۇش ھەققىدىكى تەلىۋىنى موھاكىمە قىلىشتى . ئاخىرقى قارار باتۇر قوچقارغا قارىتا ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغان ۋە گاڭگىرىتىپ قويىدىغان قارار بولۇپ چىقتى…..
ئەتىسى سەھەردە قاسساپ كۈنلۈك مەشغۇلاتىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن قوتانغا كەلدى. ئو قوتانغا كېلىپ قاراپ ھاڭ – تاڭ قالدى … قوتاننىڭ ياغاچ تېمى سۇنغان، لېكىن پادا قوتاننىڭ ئىچىدە ساپ – ساق، بىرىمۇ قاچمىغان ئىدى. تېخىمۇ ھەيران قالارلىقى قوتاننىڭ ئوتتۇرىدا بىر ئۆلۈك قوچقار ياتاتتى. قوچقارنىڭ پۈتۈن بەدىنى جاراھەتلەنگەن بولۇپ، باشقا قويلار تەرىپىدىن قاتتىق ئۈسسىۋىتىلگەنلىكى مانا مەن دەپلا بىلىنىپ تۇراتتى. قاسساپ نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلىپ باقاي دېگەندەك سىنچىلاپ قاراپ ۋارقىرىۋەتتى:
– ۋاي خۇدايىم ، بۇ تۈنۈگۈن مېنىڭ قولۇمدىن قېچىپ تۇتۇق بەرمىگەن ھېلىقى كۈچلۈك قوچقار شۇ ئەمەسمۇ ؟!…
قوي پادىسى قاسساپقا، قويلار بىلەن قاسساپنىڭ «ياغ بىلەن گۆش»تەك ، «قېرىنداش»لارچە مۇناسىۋىتىنى بۇزماقچى، پادىنى خەتەرگە دۇچار قىلماقچى بولغان رادىكال قوچقارغا قىلغانلىرى بىلەن مەمنۇن بولغان، پەخىرلەنگەن نەزەردە ئۈمىد بىلەن باقاتتى. قاسساپ بولسا تەسۋىرلىگۈسىز دەرىجىدە قاتتىق خۇشال ئىدى. ئۇ پادىلارنىڭ قىلغانلىرىنى ماختاپ تەقدىرلەپ سۆزلەشكە باشلىدى : - پادىلار، مەن سىلەردىن قاتتىق پەخىرلىنىمەن. مەن سىلەر بىلەن موئامىلە قىلغانسىرى مېنىڭ سىلەرگە بولغان ھۆرمىتىم شۇنچە ئېشىپ بارماقتا. چىرايلىق پاقلانلىرىم، مېنىڭ ھەممىڭلارغا دەيدىغان، ھەممىڭلارنى خۇشال قىلىدىغان بىر خۇشخەۋىرىم بار . بۇ سىلەرنىڭ مەن بىلەن مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ھەمكارلاشقانلىقىڭلار ئۈچۈن بەرگەن ئېتىۋار سىياسىتىم …. مەن ئەمدى ، بۇ ئەتىگەندىن باشلاپ سىلەرنىڭ ھېچقايسىڭلارنى بۇرۇنقىدەك قۇشخانىغا مېڭىشقا مەجبۇرلىمايمەن . بايقىدىمكى مەن سىلەرگە سەل قاتتىق قوللۇق قىلىپ قويۇپتىمەن . بۇ سىلەرنىڭ غۇرۇرۇڭلارغا تېگىدىكەن. قەدىرلىك پاقلانلىرىم، سىلەر پەقەت قۇشخانىنىڭ ئىشىكى بېشىغا ئېسىلغان مۇنۇ پىچاققا قارىساڭلارلا بولىدۇ. ئەگەر پىچاق قۇشخانىنىڭ ئىشىك بېشىدا كۆرۈنمىسە بۇ مېنىڭ سىلەرنى قۇشخانىنىڭ ئىچىدە ساقلاۋاتقانلىقىمنى بىلدۈرىدۇ. قۇشخانىغا بىر – بىرلەپ، قىستاشماي كەلگەيسىلەر. ئاخىرىدا مەن سىلەرنىڭ « قارشىلىشىشقا بولمايدۇ » دېگەن بۈيۈك دەستۇرىڭلارنى قوللاپ – قۈۋۋەتلەيدىغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن !!
قوي پادىسى كىم ؟ دەپ سورىشىڭىز مۈمكىن . بۇ تەرىپى ماڭا قاراڭغۇ، لېكىن كىم قوي پادىسىغا ئوخشايدىغاندۇ ؟!
( قويلار ئەسلى ئەرەپمۇ ؟ دېگەن ھېكايىدىن ئازراق ئۆزگەرتىپ تەرجىمە قىلىندى )