قۇددۇس ۋە ئىرۇسالىم
تۇنيۇقۇق
تۈنۆگۈن 6 – دىكابىر تىرامپ قۇددۇسنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى دەپ ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنى قۇددۇسقا يۆتكەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئەمما كۆچۈپ بارىدىغان ئورۇن، ۋاقىت قاتارلىقلارنى بىلدۈرمەي، «تەييارلىق خىزمىتىگە بىر يىل كېتىدۇ» دەپ قويدى. دېمەك بۇ يەردە بىر ئويۇن بار.
ئامېرىكا سابىق پىرىزدىنتى كىلىنتون 1995 – يىلى ئىمزالىغان قانۇنغا ئاساسەن ئامېرىكا ئەلچىخانىسى چوقۇم قۇددۇسقا كۆچۈرۈلىدۇ دېيىلگەن. كۆچۈشنى كېچىكتۈرۈش ئۈچۈن ئامېرىكا پىرىزدىنتى چوقۇم ھەر ئالتە ئايدا بىر قېتىم كېچىكتۈرۈش بۇيرۇقى بېرىش كېرەك. تىرامپنىڭ سايلام مەزگىلىگە كەلگەندە يەھۇدىلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن قۇددۇسنى ئىسرائىلنىڭ پايتەختى قىلىپ، ئەلچىخانىنى كۆچۈرىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. شۇ سايلامدىن بىر يىل ئۆتۈپ بۇ ۋاقىتقا كەلگەندە ئەلچىخانىنى قۇددۇسقا يۆتكەش قارارىنى چىقاردى.
20 يىلدىن بۇيان كېچىكتۈرگەن ئىشنى نېمىشقا ھازىر يۆتكەيدىغان بولۇپ قالدى؟ تىرامپ ئەلچىخانىنى راستىنلا قۇددۇسقا يۆتكەمدۇ – يوق دېگەن مەسىلىدە ئىزدىنىپ يۈرۈپ، مۇنداق تەھلىللەرنى ئۇچراتتىم. ئويلىنىپ بېقىشىڭلارغا سۇنماقچىمەن.
پەلەستىن – ئىسرائىلىيە تېنچلىق خىزمىتىگە رىياسەتچىلىك قىلىۋاتقىنى ھازىر ياۋروپا. بۇ يىل بېشىدا 16 – يانۋار بىر قېتىم پارىژدا ئۆتكۈزۈلدى، ئەمما ئانچە ئۇتۇقلۇق بولمىدى. بۇ يىلنىڭ بېشىدا پارىژدا ئۆتكۈزۈلگەن پەلەستىن – ئىسرائىلىيە تېنچلىق يىغىنىغا نىيانتىياخۇمۇ كەلمىدى، ئابباسمۇ كېلەلمىدى. مۇشۇ ئاينىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزىلىدىغان يەنە بىر قېتىملىق تېنچلىق يىغىنىدىن بۇرۇن ئامېرىكا ئىرۇسالىمنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى دەپ ئېتىراپ قىلدى. پەلەستىننىڭ مالىيەسى ئاساسلىقى ياۋروپادىن كېلىدۇ. ئەگەر پەلەستىن ياۋروپاغا ئاغسا، ئۇنداقتا تىرامپ ئەلچىخانىسىنى يۆتكەيدۇ. پەلەستىن مەسىلىسى ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىنىڭ نىگىزى. پەلەستىن ياۋروپاغا ئاغسا، ئوتتۇرا شەرققە تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ. ئوتتۇرا شەرققە تەسىر كۆرسەتتى دېگەنلىك ئوتتۇرا شەرق نېفىت باھاسىغا تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ دېگەنلىك. نېفىت باھاسىغا تەسىر كۆرسەتسە ئامېرىكا دوللىرىنىڭ قىممىتى ۋە نوپوزىغا تەسىر كۆرسەتتى دېگەنلىك. شۇڭا ئەگەر پەلەستىن ياۋروپاغا مايىل بولسا يۆتكەيدۇ، مايىل بولماي جىم تۇرسا ياكى خوتنى يۆتكىسە، ئامېرىكىمۇ بىر يىلغىچە يەنە بىر گەپ قىلىدۇ.
ھازىر ئامېرىكا پارس قولتۇقىدىكى سەئۇدى باشلىق دۆلەتلەرنى ۋە ئىسرائىلىيەنى چىڭ تۇتۇپ، ئۇلارنىڭ ياۋروپاغا ئېغىپ كەتمەسلىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىۋاتىدۇ. ئەگەر شۇنداق قىلسا ئامېرىكا ئۇلارنى خەتەرگە مۇپتىلا قىلىدۇ. ئەمما خەلقئارا كاپىتالىزىم كۈچلىرى سەئۇدى ۋە ئىسرائىلىيەگە تەھدىد سالماقتا. سەئۇدىغا نىسبەتەن تېنچ ئىنقىلاپ ئېلىپ بېرىش، ئىچكى جەھەتتىن پارچىلاش ۋە سىرتقى جەھەتتىن تەھدىد پەيدا قىلىش ئۇسۇلىنى قوللانماقتا.
تېنچ ئىنقىلاپ قىلىش بولسا قاتاردىكى ئەلجەزىرە قانىلى ئارقىلىق سەئۇدىغا قارشى جامائەت پىكرى توپلاپ، دىموكراتلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىش. بۇنىڭغا قارشى سەئۇدى باشتا قاتاردىن ئەلجەزىرەنى تاقىۋىتىشنى تەلەپ قىلىپ باقتى. ئايىغىدا قاتار بىلەن بارلىق مۇناسىۋەتلەرنى ئۈزۈپ كەسكىن تەدبىر قوللاندى.
ئىچكى جەھەتتىن پارچىلاش بولسا سەئۇدىدىكى كاپىتالىزىمغا مايىل كۈچلەرنى كۈشكۈرتۈپ، ئوردا ئۆزگۈرۈشى كەلتۈرۈپ چىقىرىش. بۇ ئۇسۇلمۇ مۇھەممەد سالمان تەرىپىدىن بىتچىت قىلىندى. مۇھەممەد سالمان سەئۇدىدىكى ئۆزىگە تەھدىت پەيدا قىلىدىغان خان جەمەتى تۇغقانلىرىنى يوقىتىپلا قالماي، يەنە سەئۇدىدىكى ئەڭ چوڭ بايلارنىمۇ بىر يولىلا سۈپۈرۈپ يىغىشتۇرىۋەتتى.
سىرتقى جەھەتتىن بولسا يەمەندىكى ھۇسىيۇنلارنى كۈشكۈرتۈپ، سەئۇدىغا ھەربىي تەھدىت پەيدا قىلىش. ياۋروپا ھۇسىيۇنلاردىن پايدىلىنىپ، سەئۇدىغا بېسىم چۈشۈرمەكچى بولغانلىقىمۇ ئېھتىمالغا يېقىن. ئالدىنقى مەزگىللەردە يەمەندىكى شىئە ھۇسىيۇنلار سەئۇدى پايتەختى رىيازغا، مەككىگە نەچچە قېتىملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى. ھۇسىيۇنلارنىڭ ئۆزى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ياسىيالمايدىغانلىقى ئېنىق. بۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبا بولسا ئۇكرائىنادا ئىشلەنگەن بومبا. ھۇسىيۇنلارنى قوللاۋاتقىنى ئىران ئىكەنلىكى ھەممىگە ئايان بولسىمۇ، ھازىر ئىران بىلەن سەئۇدى ھەر ئىككىسى ئوتتۇرا شەرقتە ئۇرۇش بولۇشىنى خالاپ كەتمەيدۇ. بۇ يىل ئۆكتەبىردە سالمان پادىشاھ پۇتىن بىلەن كۆرۈشۈپ، تېنچلىق توغرىسىدا سۆھبەتلىشىپ، قايتىپ كېلىشىگىلا ئىران دوستانىلىك بىلدۈردى.
كاپىتالىستلار ئىسرائىلىيەنىمۇ ياۋروپاغا ئېغىشقا زورلاۋاتىدۇ. ئۇلار قانۇن كۈچى ئارقىلىق نىيانتىياخۇغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنىڭ تۈرلۈك ” چىرىكلىكلىرىنى” يايما قىلىۋاتىدۇ. يېقىندا تېخى ئىككى تۈمەندىن ئارتۇق ئىسرائىلىيەلىك تىلئابىبتا نىيانتىياخۇنى چۈشۈپ كەتسۇن دەپ نامايىش قىلدى.
خوش، ھازىر ئامېرىكا قۇددۇسنى پۈتۈنلەي ئىرۇسالىم قىلىمىز دەپ جار سېلىۋاتىدۇ. بۇ ئوتتۇرا شەرقتە چوڭ كۆلەملىك داۋالغۇش پەيدا قىلىشى مۇمكىن. بىراق داۋالغۇش پەيدا قىلالماسلىقى ئېھتىمالغا تېخىمۇ يېقىن. چۈنكى ئوتتۇرا شەرقتە زور كۆلەملىك داۋالغۇش ياكى ئۇرۇش پەيدا بولسا نېفىت باھاسى ئۆرلەپ، ياۋروپا قوبۇل قىلالمايدىغان دەرىجىگە يېتىدۇ. ياۋروپانىڭ ئوتتۇرا شەرقتىن ئېنىرگىيە يۆتكەش يوللىرىمۇ تەسىرگە ئۇچرايدۇ. شۇڭا ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرى قۇددۇسنىڭ ئىرۇسالىم ئاتىلىشىغا قارشى بەك بولسا خەلقئارا قارشىلىق كەيپىياتى پەيدا قىلالايدۇ، ئەمما چوڭ ھەرىكەت قوللانمايدۇ.
——————-
تېمىدىن سىرت بىر ئېغىز گەپ.
تارىخقا قايتا نەزەر سالساق، يەھۇدىلار 120 يىل ئاۋالقى ئۆزىمۇ ئىشەنمەيدىغان پەلەستىندە دۆلەت قۇرۇش ئارزۇسى قۇرۇق ئارزۇ قىلدى. بۇ قۇرۇق ئارزۇ نەق 100 يىل بۇرۇنقى 1917 – يىلىدا ئەنگىلىيە بىلەن فىرانسىيە ئوتتۇرىسىدا مەخپى ئىمزالانغان كېلىشىمدە يەھۇدىلارغا پەلەستىندە دۆلەت قۇرۇپ بېرىشكە ئاساس سالدى. 1948 – يىلى مۇسۇلمانلارنىڭ بوغۇزىدا مۇتلەق مەغلۇبىيەتكە قارىماستىن ئىسرائىل دۆلىتىنى جاكارلاش، كېيىنكى بەش قېتىملىق جەڭدە مۆجىزىلەرچە غەلىبە قىلىش، ئاخىرىدا بولسا ئىسرائىلىيەنى قۇدرەتلىك دۆلەتكە ئايلاندۇرۇشلار كۆزىمىزگە كۆرۈنىدۇ. بۇ كارتىنىلاردىن ئۇيغۇرلارغا بەزى ئۈمىدلەر چاقنايدۇ.