قۇرئان كەرىم ئايەتلەرنى رەسىملىك تارقاتقان ئۇيغۇر قىز تۇتقۇن قىلىندى
ئۇيغۇر نىداسى تور رادىئوسى خەۋىرى:
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ خىتايچە بۆلۈمىنىڭ تارقاتقان ئۇچۇرلىرىدىن مەلۈم بولىشىچە، 5-ئاينىڭ 7-كۈنى كورلىدا تۇرۇشلۇق 26ياشلىق ئۇيغۇر قىز ئۇچۇر ۋاستىلىرى بولغان چ چ دا قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىنىڭ رەسىملىك ھالىتىنى تارقاتقان سەۋەپلىك كورلا ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان.
بۇ قىزنىڭ تۇتۇلغانلىقى توغرىسىدا يەرلىك ساقچىلارنى زىيارەت قىلغاندا، ئۇ قىزنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى دەلىللىگەن ھەمدە ئۇ قىزنىڭ توردا قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىنى يوللاشنىڭ قانۇنسىز قىلمىش ئىكەنلىكىنى ھەمدە ئىسلام دىننىڭ تەسىرىدە زەھەرلىنىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تەربىيلەيدىغانلىقىنى بايان قىلغان.
مۇخبىر كورلا پۇقرالاردىن ئەھۋال ئىگەللەش ئۈچۈن تېلېفۇن قىلغاندا، ئاممىنىڭ ھازىر بازارلاردا قۇرئان كەرىم سېتىۋالايمايدىغانلىقىنى ، خىتاي تاجاۋۇزچىلارنىڭ قايتا نەشىر قىلىمىز دېگەن سەۋەپ بىلەن تېخى بازارغا سالمىغانلىقىنى ئاشكارا قىلدى.
خىتاي تاجاۋۇزچىلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلام دىنىنى يوق قىلىش، ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇش قەدىمىنى تېيىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن ھەركەت قىلىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا چىقماقتا.