رىزۋانگۈل باۋۇدۇن خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماققا مەھكۇم قىلىندى
ئۇيغۇر نىداسى تور رادىئوسى خەۋىرى:
ئۇيغۇر نىداسى تور رادىئوسىغا كەلگەن ئۇچۇرلاردا مەلۇم بولۇشىچە، خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى مەزلۇم خەلقنى كەڭ – كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىش داۋامىدا، قاراماي شەھەرلىك 8 – ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ پىنسىيىگە چىققان ئوقۇتقۇچىسى رىزۋانگۈل باۋۇدۇننى تۇتقۇن قىلىپ، «قانۇنسىز دىننى تەشۋىق قىلدى» دېگەن جىنايەت بىلەن قولغا ئېلىپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.
رىزۋانگۈل باۋۇدۇن بۇ يىل 59 ياشقا كىرگەن بولۇپ، قاراماي شەھىرىدە، ئۆزىنىڭ دائىرىسىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر ئايال ئىكەن. خىتتاي دائىرىلىرىنى راھەتسىز قىلغىنى، دەل ئۇنىڭ ئەل – يۇرت ئىچىدىكى ئىززەت – ھۆرمىتى بولۇپ، شۇ سەۋەپتىن، رىزۋانگۈل باۋۇدۇننى تونۇيدىغان، بېرىش – كېلىش قىلىدىغان 200 ئۇيغۇر ئايالنىمۇ « رىزۋانگۈل باۋۇدۇننىڭ دىنىي تەبلىقىنى ئاڭلىغان» دېگەن تۆھمەت بىلەن تۇتقۇن قىلىپ، ئايرىم – ئايرىم مۇددەتلىك 7 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان. بۇ قېتىمقى تۇتقۇن قىلىش ھەركىتىدە، رىزۋانگۈل باۋۇدۇننىڭ 21 ياشلىق قىزىنىڭمۇ مۇددەتلىك 7 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ئاشكارە بولدى.
خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ سانائەت شەھىرى بولغان قارامايدا، ئۇيغۇرلارغا قاتتىق زەربە بېرىش ھەركىتىنى كۈچەيتىپ، تۇتقۇن قىلىش ھەركىتىنى كۈندىن – كۈنگە كېڭەيتىپ داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى، قاراماي خەلقىنىڭ، تۇيۇقسىز تۇتۇپ كېتىلىشتىن ئەنسىرەپ كېچىلىرىمۇ كېيىم – كېچەكلىرىنى سالماي يېتىۋاتقانلىقى، قاراماي شەھەرلىك ئىشچىلار تېخنىك مەكتىۋى ۋە جەرەنبۇلاق رايونلىرىدا ئاتالمىش تەربىيىلەش نامىدا قۇرۇلغان تۈرمىلەردە 5000 ئۇيغۇرنىڭ تەربىيىلىنىۋاتقانلىقى ئاشكارا بولماقتا.
2 ئىنكاس
ئەركئال
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم نەبىجان سىزگە بىر ئەسەر يوللىماقچى ئىدىم
ئارتۇچ بۇغرا
artuqbugra2015@gmail.com