روھىنگا مۇسۇلمانلىرىغا يۈرگۈزۈۋاتقان ھەربىي ھەرىكەت كەينىدە خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ بارلىقى ئاشكارىلاندى
ئۇيغۇر نىداسى تور رادىئوسى خەۋىرى:
خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى بېرما دائىرىلىرىنىڭ، روھىنگا مۇسۇلمانلىرىغا يۈرگۈزۈۋاتقان ھەربىي باستۇرۇشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
رويتېر ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بېرمىنىڭ دۆلەت ئاخبارات ئورگىنى بۈگۈن خەۋەر بېرىپ، خىتتاينىڭ بېرمىدىكى باش ئەلچىسى خوڭ لياڭنىڭ «بۇ دېگەن دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشى،» دەپ ئىپادە بىلدۈرگەنلىكىنى ئالاھىدە قەيت قىلغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خوڭ لىياڭ يەنە «بىز بېرما ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ تېررورچىلارغا قىلغان قايتۇرما ھۇجۇمىنى قارشى ئالىمىز» دېگەن.
خىتتاي بىلەن چېگرىلىنىدىغان بۇ دۆلەتنىڭ، روھىنگا مۇسۇلمانلىرى تۇرۇشلۇق رايونى، دەل خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ « بىر بەلباغ، بىر يول» پىلانىدىكى نېفىت لىنيىسى ئۆتىشىدىغان رايون بولغانلىقى ئۈچۈن، كېلەچەكتە بۇ لىنيىسىنىڭ، مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن زىيانغا ئۇچرىشىدىن ئەنسىرىگەن خىتتاي، شۇ يەردىكى بۇددىستلارنى كۈشكۈرتۈپ قورال ۋە ئىقتىساد بىلەن تەمىنلەپ، شۇ رايوندىكى 10000 دىن ئارتۇق مۇسۇلماننىڭ ئۆلۈشىگە 400 مىڭدىن ئارتۇق مۇسۇلماننىڭ ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىلىشىغا سەۋەپ بولغان.
خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ، «بىر بەلباغ، بىر يول»ئىستىراتىگىيەسىنىڭ ئەڭ مۇھىم رادىئولۇق مەركىزى بولغان، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى يوق قىلىش قىلىش ئۈچۈن، «شەرقىي تۈركىستان ئاسمىنىدا بىر قۇش ئۇچالماسلىق»، «ئاسماندا تور، يەردە قاپقان» قۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان – قىلمايدىغان پۈتۈن ئۇيغۇر باشلىق قازاق، قىرغىز، تۇڭگان، ئۆزبېك، تاتار، تاجىك، مۇڭغۇل، شىۋەلەرنى ئورتاق دۈشمەن دەپ قاراپ تۈرمىلەرگە قاماش، تۇتقۇن قىلىش، تۈرمىلەردە ئىز – دېرەكسىز يوق قىلىش، تارقاقلاشتۇرۇپ يوق قىلىش، خىتتايلاشتۇرۇش مائارىپى ئارقىلىق يوق قىلىش، سۈرگۈن قىلىپ يوق قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستاندىمۇ روھىنگادىكى مۇسۇلمانلاردەك، كوللىكتىپ قىرغىن قىلىپ يوق قىلىشنى پىلان قىلىۋاتقانلىقى ئاشكارا بولماقتا.