رۇسىيە تۈركىيەنىڭ رۇسىيەدىن «س-400»تىپلىق مۇداپىئە سىستېمىسى سېتىۋېلىشىغا قارشى چىققان ئامېرىكىغا نارازىلىق بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ رۇسىيەدىن «س-400»تىپلىق مۇداپىئە سىستېمىسى سېتىۋېلىشىغا ئىزچىل قارشى تۇرۇپ كېلىۋاتقان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا رۇسىيە دائىرىلىرى نارازىلىق بىلدۈردى.
رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق سارىيى كىرىمېل، ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەگە رۇسىيە بىلەن ھاسىل قىلغان «س-400»تىپلىق مۇداپىئە كېلىشىمىدىن ۋاز كېچىشكە بېسىم ئىشلىتىشى ۋە بۇنىڭ ئورنىغا ئامېرىكا «پاترويىت»ناملىق سىستېمىسىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن تۈركىيەگە ئۇلتىماتۇم بېرىشىنىڭ توغرا بولمىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
كىرىمېل باياناتچىسى دىمتىرىي پېسكوۋ، ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەنىڭ «س-400»تىپلىق ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنى سېتىۋېلىشىغا ئىزچىل نارازىلىق بىلدۈرۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ: ئەنقەرە ھۆكۈمىتى دېگەندەك، <س-400>تىپلىق مۇداپىئە كېلىشىمى ئاللىبۇرۇن ئىمزالىنىپ بولدى، دېدى.
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاكار، بۇرۇنمۇ رۇسىيە بىلەن ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمدىن ۋاز كېچىلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.
