شاپتۇل داموللا ھەققىدە قىسسە
ئىزچى خاتىرىسى
بۈزۈرۈكلەر ھۇزۇرىدا كۆرگەنلىرىم (1)
1995- يىلىنىڭ تومۇز كۈنلىرى بولسا كېرەك. مەرھۇم ئۇستازىم نىزامىدىن ئەپەندىنىڭ ھۇزۇرىدا سۆھبەتتە ئولتۇرساق تارىخچى تۇرغۇن ئالماس ئەپەندى ھەم كۈلگۈسى كەلگەندەك ھەم جىددىي ھالەتتە كىرىپ كەلدى.
سالام سائەتتىن كېيىن تۇرغۇن ئالماس نىزامىدىن ھۈسىيىن ئەپەندىمگە (بۇلارنى ھەممەيلەن ئەپەندىم دەپ چاقىراتتى): «ئەپەندىم سىلىنى ھازىر بىرسى ئىزدەپ كېلىشى مۇمكىن، مەن ئۆيۈمدىن ئاران ئۇزاتتىم ھەم سېلىگە يوللىدىم.» دېدى.
ئەپەندىم:
– كىمكەن سىلىنى شۇنداق قورقۇتقان؟
– ئابدۇغۇپۇر شاپتۇلنىڭ قىزى.
– نېمە دېمەكچىكەن؟
– «دادامنى مەمتېلى زۇنۇن دىراما يېزىپ قارىلاپ، خەلقى ئالەم ئالدىدا يۈزىمىز قالمىدى. سىلى تارىخچى بولغاندىن كېيىن ئاقلاپ ماقالا ياكى كىتاب يېزىپ بەرسىلە، مانا پۇل» دەپ بىر سومكا پۇل بىلەن كەپتۇ. شۇ پۇلنى سىلىگە قىسىندىم، يالغۇز خەجلىۋالغۇم كەلمىدى -دېدى چاقچاق قىلىپ.
بۇ ئىككەيلەن تولا چېقىشاتتى، بولۇپمۇ رەھمەتلىك تۇرغۇن ئالماس كۆپرەك نىزامىدىن ئەپەندىنىڭ چىشىغا تېگەتتى. بىراق بۇلارنىڭ شۇنداق ئاددى چاقچاقلىرىمۇ بىزگە بىر دەرس ئىدى.
دەرۋەقە، ئۇزۇن ئۆتمەي بىر ئايال كىرىپ كەلدى. تىنچ ئامانلىق سورىشىپ سافاغا جايلىشىۋالغاندىن كېيىن كېلىشتىكى مۇددىئاسىنى ئېيتتى.
قويۇق قەشقەر تەلەپپۇزى بىلەن:
– مەن ئابدۇغۇپۇر داموللامنىڭ قىزى بولىمەن. كېلىشتىكى مەقسىتىم، دادامنى مەمتېلى زۇنۇن دېگەن قارىلاپ دىرامما يېزىپ، بىزنىڭ قەشقەردە يۈزىمىزنى قويمىدى. دادام تۆھمەت بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇناپىقى دېيىلدى. مەن تۇرغۇن ئالماسنىڭ قېشىغا كەلسەم، سىلىنى «ماقالىنى مەندىن ياخشى يازىدۇ» دېگەن. شۇڭا كېلىشىم. مانا بۇ پۇل ئەپەندىم، قانچىلىك دېسىلە مەن بېرەي، دادامنى ئاقلاپ بىر ماقالە يېزىپ بەرگەن بولسىلا! – دەپ يوغان بىر قارا سومكىنىڭ ئاغزىنى ئاچتى. ئىچىدە باغلام – باغلام يۈز يۈەنلىك، ئەللىك يۈئەنلىك پۇللار بار ئىدى.
مەن ئارىلىقتا ئەپەندىمىنىڭ ئايالى زۇلەيخا ئاچىمىز ۋە تەربىيە قىزى ئايسۇلتان ئۆيدە بولمىغانلىقى ئۈچۈن چاي قۇيغاچ ئەپەندىمدىن نېمە سادا چىقار دەپ قارىدىم .
بىزگە بېرىلگەن تەربىيەدە ئۆيگە مېھمان كەلسە گەپ ئارىلاشقا سوئال سوراشقا بولمايتتى، ئەمما شۇنداق ئۆزەمنى تۇتالمىغاچقا؛
– مەن قانچە پۇل – بۇ دەپ سورۇدۇم .
ئايال بىراز ئۈمىتلەندى بولغاي:
– قايلىسلا بالام ئىستىگەنلىرى سىلىنىڭ بولسۇن قانچىلىك ئالىدىكى ئەپەندىم -دېدى.
ئەپەندىم ساداسىز ئىپادىسىز ماڭا قارىدى، «ھە نېمە دەيسەن، جاۋاب بەر» دېگەندەك قارىدى.
– ئاچا، خاتا كەپقاللىمۇ، بۇ ئۆيدە پۇلغا سېتىۋالىدىغان ئادەم يوق – دېدىم. رەھمەتلىك نىزامىدىن ئەپەندىم ماڭا قارىدى ۋە ئاز سۈكۈتتىن كېيىن ئېغىز ئاچتى(بۇ ئارىدا يان ئارىلىقتا ئولتۇرۇپ تۇرغان تۇرغۇن ئالماس ئىشىك تەرەپكە قۇلىقىنى تىكىپ ئولتۇراتتى ۋە پىخىلداپ كۈلەتتى).
نىزامىدىن ئەپەندىم سورىدى.
– نېمىش قىلىلا؟
– ئوقۇتقۇچى.
-ھە، نېمە دەرس بېرىلا؟
– ئۇيغۇر تىلى.
– ئاللاھقا شۈكرى.
ئايال ئەپەندىمدىن كۈتكەن جاۋاب چىقمىغاندەك تەلمۈرۈپ قارىدى.
-ھەنىم بولسا تارىخ بەرمەيدىكەنلا! بولمىسا تارىخنى بالىلارغا ئاستىن – ئۈستۈن قىلىۋېتەكەنلا!
– بۇ نېمە دېگەنلىرى؟
– خانىم مېنى ئوبدان ئاڭلىسىلا، دادىلىرىنى بىر مەمتېلى زۇنۇن مۇناپىق قىلىۋېتەلمەيدۇ. بۇ دېگەن تارىخنىڭ ھۆكۈمى! ھېچبىر مۇسۇلمان مۇسۇلماننى قىرغان، ئەزگەن زالىمنى كۆككە كۆتۈرگەن ئەمەس. بىراق سېلىنىڭ ئۇ ئېسىل دادىلىرى، بىر دىن دۈشمىنىنى پەيغەمبەرنىڭ ئورنىغا قويدى. مىليونلىغان خەلقنىڭ ئىسسىق قېنى بەدىلىگە كەلگەن ئىنقىلاب مېۋىسىنى پىتنە – پاسات بىلەن پارچىلىۋەتتى. قانچىلىغان ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتى، ئابدۇقادىر ھاجى، مەۋلانوپلارغا قانچىلىغان ئادەمنى ساتتى، بۇ دەرىجىدىكى مەلئۇن ئىنساننى مەن نېمە دەپ ياخشى ئادەم دەپ تەرىپلەيمەن؟ سىلى مەمتېلى زۇنۇننىڭ دىرامىسىنى ئوقۇلىمۇ ئۆزلىرى، “ئويغانغان زېمىن” دېگەن كىتابنى ئوقۇغانمۇ؟ شۇنىڭدا ئۆتكۈر ئەپەندى تەسۋىرلىگەن غىلدىرەك مەخسۇم دېگەنمۇ دەل سىلىنىڭ ئېسىل دادىلىرى. يەنە نېمىسىنى ياخشى ئادەم دەپ بېرىمەن؟ سىلى مۇشۇ پۇللىرىغا مېنى سېتىۋالىمەن دەپ كەللىما؟ پۇلغا ھەر نەرسىنى سېتىۋالىلا، ئەمما مېنى سېتىۋالالمايلا، ھەم پۇلغا يازىدىغان ماقالە دەپ بىر نەرسە يوق، سىلىنىڭ دادىلىرىنى جاللاتلار پۇلغا سېتىۋالغان. مەن ۋە مېنىڭ ئۆيۈمدە پۇلغا سېتۋالىدىغان، تارىخنىڭ يۈزىگە قارا سۈرۈدىغان ئادەم يوق .مەن بۇنداق ماقالە يېزىپ باقمىغان ۋە يازالمايمەن . تارىخنىڭ ھۆكۈمىنى مېنىڭ ئاغدۇرۇش ھوقۇقۇم يوق. سىلى بېرىپ باشقىلارنى ئىزدەپ باقسىلا ! بولسا سىلى تەرىپلىگەن شۇ ئېسىل ھۆكۈمەتتىن سورىسىلا، شۇلا قىلىپ بېرە. مەن سىلى ۋە سىلىنىڭ دادىلىرى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئالدىغا قارا كەتكۈم يوق!.
ئەپەندىم سۆزلىگەچ شېڭ شىسەي دەۋرىدە نەشر قىلىنغان ئابدۇغۇپۇر شاپتۇلنىڭ شېڭ شىسەينى تەرىپلەپ يازغان ماقالىسى بېسىلغان گېزىتنى ئالدىغا تاشلاپ بەردى.
– ئىشەنمىسىلە كۆرۈپ باقسىلا. سىلىنىڭ شۇ ئېسىل دادىلىرى يازغان، ئاللاھنىڭ ھۆكۈمىگە قارشى چىققان ئىقرارنامىسى. كۆرسىلە، ھە، يەنە بار، بۇنى يېزىشقا جۈرئەت قىلغان دادىلىرى بەلكى ھازىر بولسا ماۋزېدۇڭنى، جاڭ زېمىننى خۇدا دەپ ئېلان قىلىشتىنمۇ باش تارتماستى بەلكى! رەھمەتلىك ئابدۇلئەزىز مەخسۇم «سېرىق ئىت، قارا ئىت ھەممىسى ئىت» دېگەن سىلى شۇ ئىتلارنى ئاللاھنىڭ ئورنىغا قويغان مەلئۇن دادىلىرى ئۈچۈن زېھنىلىرىنى ئۇپرىتىپ، پۇللىرىنى ئىسراپ قىلماي، دادىلىرىنىڭ يولىدىن ماڭماي، مىللەت ۋەتەن ئۈچۈن ياخشى خىزمەت قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ يۈزىنى يورۇق قىلسىلا! بۇ مىللەتنىڭ مۇجادىلىسى ھازىرغىچە توختاپ قالغىنى يوق، شۇنىڭغا كۈچ چىقارسىلا، ھېچ بولمىسا تارىختا ئۆتكۈزگەن خاتالىقنىڭ كەينىدىن ئۇنى ئاغدۇرىمەن دېگەن ئۈمىددە بولمىسىلا خانىم !
ئەپەندىم ئالدىرىماي تەمكىنلىك بىلەن ناھايىتى جايىغا كەلتۈرۈپ سۆزلەيتتى .
ئايال ئۇ گېزىتنى قولىغىمۇ ئالماي ئاستا خوشلىشىپ ئۇزىدى.
مەن بۇ جەرياندا بۇ مۇناپىقنىڭ جاللات شېڭ شىسەينى «ئاللاھ تائالا مۇھەممەت پەيغەمبەرنى ئاخىرقى پەيغەمبە قىلپ تاللىغان شۇڭا پەيغەمبەر كەلمەيدۇ، ناۋادا ئۇنداق بولماي يەنە پەيغەمبەر كېلىدىغان ئىش بولسا، چوقۇم شېڭ دۇبەن جانابلىرىنى تاللىغان بولاتتى.» دېگەن ماقالىسىنى ئوقۇپ، مۆھتىرەم ماھمۇت سىجاڭنىڭ پەتىۋانى بۇ مۇناپىقنىڭ ئۆزىگە پىچقۇزۇپ، تىلىنى كېسىپ، كۆزىنى ئويۇپ ئۆلتۈرگەن جازاسىنىڭمۇ ئازلىق قىلىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم.
شۇ كۈنكى ئىشلار ئۇنتۇلغۇسىز بىر دەرس بولدى.