شەرقىي تۈركىستان خەلقى شى قانخورنى «قانخور جاللات» دەپ ئېلان قىلدى
ئارتۇچ بۇغرا
خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ 2013-يىلدىن باشلاپ، ئەمەلىي ھوقوقنى قولىغا ئېلىپ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈستىدىن قانلىق ئېرقىي قىرغىنچلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان شى قانخورنى 2018-يىلى 3-ئايدا خىتتاي ئاساسى قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ مەكگۈلۈك دىكتارتۇرلۇق ھوقوقىنى ئېلىش ھازىرلىقىنى قىلماقتا.
شەرقىي تۈركىستان خەلقىغە بولسا، «خەلق دائىيىسى»دەپ تەرىپلىتىش ئۈچۈن مەجبۇر شۇنداق دەپ ئاتاشقا خەلقىمىزنى زورلىۋاتقانلىقى مەلۈم.
مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلار بولسا قانخور شىنى «قانخور جاللات»دەپ ئاتايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە مۇھاجىرەتتە تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ زاكىسىغا شى قانخورنىڭ رەسىمىنى بېسىپ بوۋاقلارنىڭ چوڭ –كىچىك تەرىتىنى رەسىمىگە سۇركەش، ئەقىلى يىتىلگەن ئەۋلاتلارغا بۇ قانخورنى ئېنىق تونۇتۇش، بۇ قانخور ھۆكۈمىتىنى «خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى » دەپ تولۇق ئىپادىلەشنى چاقىرىق قىلدى. شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەممە خىتتايلارنىڭ تاجاۋۇزچى ئىكەنلىكىنى ئۇلارنىڭ ئەسكىرى ۋە ساقچىسىنىڭ ھىمايىسى بولمىسا، خىتتاي كۆچمەنلىرىنىڭ بىر مىنۇتمۇ تۇرمايدىغانلىغىدەك ھەقىقەتنى ئېنىق چۈشىنىشنىڭ مۇھىملىقىنى. خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى مەلۈم مەزگىلىدىن كېيىن يەنىي 100كۈنلۈك قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش ۋە بىر مەزگىللىك زەربە بېرىشدىن كېيىن ۋەزىيەت ياخشى بولۇپ قالىدۇ، شى قانخور ئالمىشىپ قالسا باشقا بىرسى چىقسا ياخشى بولۇپ كېتەر دەپ ئۆزىنى ئالداۋاتقان ياكى خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىدىن شۇنداق ئۈمىت كۈتىۋاتقانلارغا شۇنداق دەيمىزكى، خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ھازىرقى كومىنىستىك پارتىيىسى غۇلاپ چۇشۇش ۋە باشقا شەكىلىدىكى خىتتاي دىمۇكۇراتلىرى چىقسا خىتتاينىڭ ئۆزىنىڭ تەرەققىياتىغا ياخشى بىر ئۆزگىرىش بولسىمۇ، ئەمما شەرقىي تۈركىستانغا ۋە خەلقىغە باشقا چوڭ ئۆزگىرىش بولۇپ كېتىشى ناتايىن. پەقەت شەرقىي تۈركىستان خەلقى شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقىنى قولىغا ئېلىپ، ئۆزىنىڭ مۇستەقىل جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇپ چىقمىغىچە شەرقىي تۈركىستاندا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھەق-ھوقوقى ۋە ئىنساندەك ھايات كەچۇرۇشى كاپالەتكە ئىگە قىلغىلى بولمايدۇ.
2018-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى خىتتاينىڭ ئاساسىي قانۇنىنىڭ خىتتاي رەئىسىنىڭ ئىككى نوۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش دېگەن ماددىسىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۇپ، مەڭگۈلۈك ئۆلگىچە، ۋەزىپە ئۆتەشكە بولىدۇ دەپ تۈزىتىش كىرگۈزدى.
بۇنىڭ بىلەن خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ماۋزېدۇڭ قانخورغا ئوخشاش دىكتارتۇرنىڭ يەنە بىرىسى مەيدانغا كېلىدىغانلىقى ئايان بولماقتا. بۇنىڭغا «دۇنيادا كېسەل كورپىسى» دەپ نان ئالغان بىر مىليارتتىن ئارتۇق نوپۇسقا ئىگە خىتتاي مىللىتى قارشى چىقسىمۇ، شى مانتىنىڭ قانخور دىكتاتۇر بولۇش يولىنى توسۇپ قالالمايدىغانلىقى ئاشكارا بولماقتا.
خىتتاي تاجاۋۇزچچىلىرىنىڭ تاشقى ئىشلار باياناتچىسى 26-فېۋرال كۈنى مۇخبىرلار سورىغان سوئالغا جاۋاپ بېرىپ، قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىتتاينىڭ ئۆزىنى تاللىشى باشقىلارنىڭ نېمە چاتىقى دەپ جاۋاپ بەردى.
دېمەكچى، بىز قانداق قىلىشنى خالىساق شۇنداق قىلىمىز، سەنلەرنىڭ نېمە چاتىقىڭ دېمەكچى.
ئامېرىكىمۇ بۇ خىتتاينىڭ ئىچكى ئىشى دەپ ئىنكاس قايتۇردى. بۇنىڭغا پەقەت دۇنيادىكى كىشلىك ھوقوق تەشكىلاتلىرى ۋە ئىنسان ھەقىلىرى تەشكىلاتلىرى، خىتتاينىڭ دىمكۇراتىيەنى ئىلگىرى سۈردىغان ئاممىۋى تەشكىلاتلار قارشىلىقىنى ئىپادىلىدى.
دېمەك، خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئېلىپ باردىغان ھەر قەدەم ، ھەر باسقۇچ دۇنيانىڭ تىنىچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە تەھدىت بولسىمۇ، ئەمما دۇنيا خەلقى يىتەرلىك ھالدا بۇ تەھدىتىنىڭ ئۆزلىرىگە قاراپ كېلىۋاتقانلىقىنى سەزمەيۋاتىدۇ. بەلكى تىجارەت ۋە ياكى خىتتايدىن كېلىدىغان ئەرزان باھالىق تاۋارلار بۇلارنى پايدا مەنپەت ئالدىدا بىخۇتلاشتۇرۇپ قويىۋاتىدۇ.
ئەمما بىزدەك بۇ خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا ئۇچراپ، ئېرىقىي قىرغىنچلىققا دۇچار بولىۋاتقان 68يىلدىن بۇيان خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئەپتى بەشىرىسىنى ياخشى بىلگەن بىر مىللەت ۋە شاھىد بولۇشىمىز بىلەن دۇنياغا شۇنى جاكارلايمىزكى بۇ خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ بۈگۈنكى كۈنىنى ئەتە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەرمۇ كۆرىدۇ ۋە بەزىلىرى كۆرۈشكە باشلىدى. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى دۆلەتلەرمۇ كۆرىدۇ، ياۋروپا ، ئامرىكىمۇ خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنى كۇچەيتىپ قويغاننىڭ ۋە ئىقتىسادى كۈچەيسە، دىمكۇراتىيەدە ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ دەپ خام خىيال قىلغانلارنىڭ ئارزۇسىمۇ كۆپۈككە ئايلانلغانلىقىنى پات يېقىندا كۆرۈشكە باشلايدۇ.
خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى بىرىنچى دۇشمەننى ئامېرىكا دەپ ئېلان قىلدى. ئەمما ئامېرىكا خىتتاينى تېخى دۇشمەن قاتارىدا كۆرگۈنى يوق.
خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى 6ئاۋياماتكىسى پۈتكەندە، تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلماقچى ۋە قوراللىق تەيۋەننى كونتۇرۇل ئاستىغا ئالماقچى. جەنۇبىي دېڭىزدا كېڭەيمىچىلىكىنى داۋاملاشتۇرۇپ، سۇنئى ئارالنى قۇرۇپ بولغاندىن سىرىت 7نوقتىدا ئېغىر تىپتىكى قوراللارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ئۈلگۈردى. لېكىن ئامېرىكا باشلىق دۆلەتلەرنىڭ بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش پىلانى تېخى يوق دىيەرلىك.
خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى قانخور شى قانخورنىڭ ئارزۈسى بويىنچە 2049-يىلى دۇنياغا غوجا بولۇش چۇشىنى كورمەكتە. شى مانتا 96ياشقا كىرگەندە ئۆزىنى دۇنياغا پادىشاھ دەپ ئېلان قىلماقچى.
دېمەك، بۇ قانخورنى دەۋىر سۈرۈشكە سۈكۈت قىلىش، دۇنيادىكى نەچچە مىليون ئىنسانلارنىڭ قىرغىن بولىشىغا سۈكۈت قىلغان بولىمىز. ۋە مۇشۇ سۈكۈت قىلغانلار ئىچىدە ھەمدە شۇ بىگۇناھ ئۆلگەنلەرنىڭ ئىچىدە بىزمۇ، ئۇرۇق –ئەۋلاتلىرىمىزمۇ بولىشى مۇمكىن.
شۇڭا دۇنياغا شۇنداق جاكارلايمىزكى بۇ شى قانخورنى قانچە بالدۇر جەھەننەمگە ئۇزاتسا شۇنچە دۇنيانىڭ بىخەتەرلىكى ۋە خاتىرجەملىكىگە ھەسسە قوشقان ھەمدە نەچچە مىليون ئىنساننى قۇتۇلدۇرۇپ قالدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئاگاھلاندۇرىمىز.